ئۇيغۇردىكى ھەدىس تەكشۈرگۈچى مكتشف الحديث باللغة الإنجليزية
 
Hadith   885   الحديث
الأهمية: أنا بريء من كل مسلم يقيم بين أظهر المشركين


باشتېما:

مەن مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەرقانداق مۇسۇلماندىن ئادا-جۇدادۇرمەن

عن جرير بن عبد الله قال: بعث رسول الله -صلى الله عليه وسلم- سَرِيَّةً إلى خَثْعَمٍ فاعٍتَصَمَ نَاسٌ منهم بالسجود، فَأَسْرَعَ فيهم القَتْلُ قال: فَبَلَغَ ذلك النبيَّ -صلى الله عليه وسلم- فَأَمَرَ لهم بنصف العَقْلِ وقال: «أنا بريء من كل مسلم يُقيم بين أَظْهُرِ المشركين». قالوا: يا رسول الله لم؟ قال: «لا تَرَاءَى نَارَاهُما».

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەسئەم قەبىلىسىگە بىر قوشۇن ئەۋەتتى، ئۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سەجدە قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلاردىن جانلىرىنى ساقلاپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى مۇشرىك دەپ ئويلاپ قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا يېرىم دىيەتتىن بېرىشكە بۇيرىدى ۋە: «مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەرقانداق مۇسۇلماندىن ئادا-جۇدادۇرمەن» دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلار بىر-بىرىنىڭ مورىسىدىن چىققان تۈتۈننى كۆرمىگەي» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أرسل النبي -صلى الله عليه وسلم- قطعة من الجيش لجماعة من قبيلة خثعم لأنهم كانوا كفاراً، فجعل بعضهم يسجد ليدل على أنه مسلم، إلا إن المسلمين سارعوا إلى قتلهم لظنهم أنهم مشركون، ولبقائهم بين أظهر المشركين، فلما تيقن إسلامهم جعل النبي -عليه الصلاة والسلام- ديتهم على النصف من دية المسلمين، ولم يجعلها كاملة؛ لأنهم كانوا السبب في حصول هذا القتل، وحرم الشرع الإقامة في بلاد الكفار فلا يلتقي المسلم بالكافر ولا تتقابل نارهما، بمعنى لا يكون قريبًا منه بحيث لو أوقد أحدهما نارًا لرآه الآخر، للبراءة من الكفر وأهله.
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر بۆلۈك قوشۇننى خەسئەم قەبىلىسىدىن بولغان بىر جامائەتكە ئەۋەتتى چۈنكى ئۇلار كاپىر ئىدى، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ سەجدە قىلغان ھالەتتە تۇردى، لېكىن مۇسۇلمانلار ئۇلارنى مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن مۇشرىك دەپ ئويلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، ئۇلارنىڭ ھەقىقى مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلار ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا بېرىلىدىغان دىيەتنىڭ يېرىمىنى بەردى، چۈنكى ئۇلار كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆلۈمگە سەۋەپ بولدى، ئىسلام شەرىئىتى مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلارنىڭ شەھرىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قىلىشىنى چەكلىدى، مۇسۇلمان كاپىر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشتىن ۋە ئۇلارنىڭ تۈتۈنلىرى ئۇچرىشىشتىن چەكلىدى يەنى كاپىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەھلىدىن ئادا-جۇدا بولۇش ئۈچۈن ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تۈتۈنلىرىنى كۆرىدىغان دەرىجىدە يېقىن تۇرۇشتىن چەكلىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64600

 
Hadith   886   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- فدى رجلين من المسلمين برجل من المشركين


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ئادەمنى مۇشرىكلاردىن بىر ئادەم بىلەن ئالماشتۇردى

عن عمران بن حصين «أنّ النبي -صلى الله عليه وسلم- فَدَى رَجُلَيْنِ مِن المسلمين برَجُلٍ مِن المشركين».

ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ئادەمنى مۇشرىكلاردىن بىر ئادەم بىلەن ئالماشتۇرغانلىقى رىۋايەت قىلغان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يخبر عمران بن حصين -رضي الله عنهما- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- أعطى المشركين رجلًا منهم وأخذ مكانه رجلين من المسلمين.
وقد ذكر الفقهاء أن المسلمين إذا أسروا أحداً من أهل الحرب فإن الإمام يخير فيهم بين أربعة أمور, تخيير مصلحة واجتهاد في الأصلح لا تخيير شهوة: إما القتل, وإما استرقاقهم, وإما المنُّ عليهم بدون شيء, وإما الفداء بمال أو أسير مسلم بأن يُطلق الأسير الكافر مقابل إطلاق رجل مسلم مأسور عند الكفار.
576;ۇ ھەدىستە ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىكلارغا ئۇلارنىڭ بىر ئادىمىنى بېرىپ، ئورنىغا مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ئادەمنى ئالغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ، فىقھى ئالىملىرى: مۇسۇلمانلار دۈشمەندىن ئەسىرگە ئالغان بولسا، قوماندانغا ئەسىرلەردە خاھىشىغا ئەگەشمەي، ئەڭ مەنپەئەتلىك بولغىنىنى ئىزدىنىپ، تۆت تۈرلۈك ئىشتىن بىرنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ: ئۆلتۈرۈش ياكى ئۇلارنى قۇل قىلىش ياكى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ ھېچنىمە ئالماي قويىۋىتىش ياكى مەلۇم مىقداردا مالغا ياكى كاپىرلار تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانغا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64614

 
Hadith   887   الحديث
الأهمية: شهدتُ النبي -صلى الله عليه وسلم- نفل الربع في البدأة، والثلث في الرجعة


باشتېما:

مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ جەڭگە ئاتلانغاندا غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى، جەڭدىن قايتقاندا غەنىمەتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى (بۇ غەنىمەتلەرنى ئالغانلارغا) تارتۇق قىلىپ بەرگەنلىكىنى كۆردۈم

عن حبيب بن مسلمة الفِهْري قال: «شَهِدت النبيَّ -صلى الله عليه وسلم- نَفَّلَ الرُّبْعَ في البَدْأَةِ، والثُّلُثَ في الرَّجْعَة».

ھەبىب ئىبنى مەسلەمە فىھرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جەڭگە ئاتلانغاندا غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى، جەڭدىن قايتقاندا غەنىمەتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى (بۇ غەنىمەتلەرنى ئالغانلارغا) تارتۇق قىلىپ بەرگەنلىكىنى كۆردۈم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث جواز تنفيل السرية التي تُقطع من الجيش، فَتَغِير على العدو، وتغنم منه، فيُعطى أفرادُها زيادةً على سُهْمانِهم، تقديرًا لأعمالهم، وما قاموا به من بلاءٍ في الجهاد على بقية الغُزاة، لكن إن كانت غارة السرية في ابتداء سفر المجاهدين للغزو، فتعطى رُبع ما غَنِمت، وإن كانت غارةُ السرية بعد عودة المجاهدين، فتُعطى ثلث ما غنمت، وتشارك بقية الجيش فيما بقي، وهو ثلاثة الأرباع أو الثلثين، ووجه زيادة أفراد السرية في حالة القُفُول على حالة البدء، أنَّها في حالة القُفول يكون الجيش قد ضعف بسبب الغزو وتكون السرية قد فقدت السند الذي تتقوى به، والجيش الذي تأوي إليه، والفئة التي تَنحاز إليها، بخلاف حال البدء، فإنَّ الجيش يسندها، ويقويها ويؤمها، كما أنَّ الغزو في حالة القفول في حال شوق ورغبة إلى أهله ووطنه، ومتشوف لسرعة الأوبة، لهذا -والله أعلم- استحقت السرية زيادة التنفيل في حالة الرجعة.
576;ۇ ھەدىستە، چوڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ، دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىپ غەنىمەت ئالىدىغان ئەترەتنىڭ ئەزالىرىغا باشقا غازىيلارغا قارىغاندا كۆپ كۈچ چىقارغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىشىنى تەقدىرلەپ، ئۆز ئۈلۈشىدىن سىرت تارتۇق قىلىنسا بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن ئۇلار مۇجاھىدلار غازاتقا ئاتلىنىپ ماڭغاندا دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلغان بولسا ئالغان غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرى بېرىلىدۇ، جەڭدىن قايتىۋاتقاندا ھۇجۇم قىلغان بولسا ئالغان غەنىمەتنىڭ ئۈچتىن بىرى بېرىلىدۇ، قالغان تۆتتىن ئۈچ قىسمى ياكى ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى قوشۇندىكىلەر بىلەن ئورتاق ئالىدۇ. ئەترەت ئەزالىرىنىڭ جەڭدىن قايتقاندا جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتىكىدىن كۆپ ئېلىشىنىڭ سەۋەبى: قايتىش ۋاقتىدا قوشۇن جەڭ قىلغان سەۋەپلىك چارچاپ ئاجىزلايدۇ، ئەترەت تايىنىدىغان كۈچ، ياردەمچى قوشۇن ھەم بىرلىشىدىغان جامائەتتىن ئايرىلغان بولىدۇ، جەڭگە ئاتلانغاندا ئىش ئەكسىچە بولۇپ، قوشۇن ئۇلارنى ھىمايە قىلىدۇ، ياردەم بېرىدۇ، يېتەكلەيدۇ، شۇنىڭدەك، ئۇرۇشتىن قايتقاندا جەڭچىلەر ئائىلىسىنى، يۇرتىنى سېغىنىپ، قايتىشقا ئالدىرايدۇ. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قايتىش ھالىتىدە ئەترەت كۆپرەك تارتۇققا ھەقلىق   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64620

 
Hadith   888   الحديث
الأهمية: كنا نصيب في مغازينا العسل والعنب، فنأكله ولا نرفعه


باشتېما:

بىز غازاتلىرىمىزدا ھەسەل ۋە ئۈزۈملەرنى ئولجا ئالاتتۇق، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارماي، ئۇنىڭدىن يەۋىرەتتۇق

عن ابن عمر رضي الله عنهما، قال: «كُنَّا نُصِيب في مَغازينا العَسَل والعِنَب، فَنَأكُلُه ولا نَرْفَعُهُ»

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز غازاتلىرىمىزدا ھەسەل ۋە ئۈزۈملەرنى ئولجا ئالاتتۇق، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارماي، ئۇنىڭدىن يەۋىرەتتۇق

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث جواز الأكل من الفاكهة والطعام الذي يصيبه المجاهدون في أرض الحرب, وأن ذلك لا حرج فيه, ولا يحتاج إلى إذن الإمام, لأن المجاهد بحاجة إلى الطعام الذي يغذي بدنه, وفي المنع منه مضرة بالجيش وبدوابهم, لأنه يعسر عليهم نقل الطعام والعلف من دار الإسلام, فهذا الشيء اليسير الزهيد من المأكولات مستثنى من الغلول في الغلول.
576;ۇ ھەدىستە مۇجاھىدلار جەڭ مەيدانىدا ئولجا ئالغان مېۋە ۋە يېمەكلىكلەردىن يېيىشىگە چەكلىمە يوق ئىكەنلىكى، قومانداننىڭ رۇخسىتىنى ئالمىسىمۇ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، چۈنكى مۇجاھىد بەدىنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن غىزاغا مۇھتاج، ئۇنىڭدىن چەكلەش قوشۇنغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلاغلىرىغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى ئاشلىق ۋە ھەلەپنى ئىسلام دىيارىدىن يۆتكەپ كېلىش قېيىن، بۇ ئازغىنە يېمەكلىك غەنىمەتكە خىيانەت قىلىشقا كىرمەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64621

 
Hadith   889   الحديث
الأهمية: لا سَبَق إلا في خف أو في حافر أو نصل


باشتېما:

ئات، تۆگە ۋە ياكى يا ئوقى بىلەن مۇسابىقە قىلسا بولىدۇ

عن أبي هريرة قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لا سَبَقَ إلا في خُفٍّ أو في حَافِرٍ أو نَصْلٍ».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئات، تۆگە ۋە ياكى يا ئوقى بىلەن مۇسابىقە قىلسا بولىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أفاد الحديث أن الجعل وهو العوض من مال ونحو ذلك لا يُستحقّ إلا في سباق الخيل والإبل وما في معناهما، وفي النصل، وهو الرمي، وذلك لأن هذه الامور عُدّة في قتال العدوّ، وفي بذل الْجُعْل عليها ترغيبٌ في الجهاد، وتحريض عليه، ويدخل في معنى الخيل البغال والحمير؛ لأنها كلها ذوات حوافر، وقد يُحتاج إلى سُرعة سيرها؛ لأنها تحمل أثقال العساكر، وتكون معها في المغازي، ويدخل في الحديث كل ما في معنى ما ذُكر من آلات حربية ونحو ذلك.
576;ۇ ھەدىس تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرىدۇ: ماددى مۇكاپات بەلگىلەپ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىش تۆۋەندىكى ئىشلاردا دۇرۇس بولىدۇ. ئات، تۆگە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا، يەنە ئوقيا ئېتىش ئىشلىرىدا مۇكاپات بەلگىلەش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلار جەڭ ۋە جىھادلارغا تەييارلىق بولىدۇ. بۇ مەيداندا مۇكاپات بەلگىلەش ئۇلارنى جىھادقا قىزىقتۇرىدۇ ۋە ئۈندەيدۇ. ئاتقا خېچىر ۋە ئىشەكلەرمۇ قىياس قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇيىقى بار ھايۋانلار، گاھى بۇلارنىڭ تىز يۈگىرىشىگە ئىھتىياج چۈشىدۇ. ئىشەك خېچىرلار جەڭ مەيدانىغا قۇرال-ياراغ ئېلىپ بېرىشقا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا جەڭلەردە ئاتقا ياندىشىپ ئىشلىتىلىدۇ. ھەدىستە تىلغا ئېلىنمىغان تۈرلۈك قۇراللارمۇ تىلغا ئېلىنغان قۇراللار قاتارىغا كىرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64640

 
Hadith   890   الحديث
الأهمية: إذا رميت بسهمك، فغاب عنك، فأدركته فكله، ما لم ينتن


باشتېما:

ئەگەر سەن ئوۋغا يا ئوقۇڭنى ئاتقاندىن كېيىن، ئۇنى تاپالماي بىر مۇددەتتىن كېيىن تاپقىنىڭدا، ئوۋ بۇزۇلۇپ قالمىغان بولسا يىگىن، بۇزۇلغان بولسا ئۇنى يىمىگىن

عن أبي ثعلبة -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «إذا رَمَيْتَ بِسَهْمِكَ، فغابَ عنْك، فَأَدْرَكْتَهُ فَكُلْهُ، ما لَمْ يُنْتِنْ».

ئەبۇ سەئلەبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر سەن ئوۋغا يا ئوقۇڭنى ئاتقاندىن كېيىن، ئۇنى تاپالماي بىر مۇددەتتىن كېيىن تاپقىنىڭدا، ئوۋ بۇزۇلۇپ قالمىغان بولسا يىگىن، بۇزۇلغان بولسا ئۇنى يىمىگىن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أفاد الحديث أن الصائد إذا رمى الصيد بسهم ونحو ذلك مما هو في حكم السهم, فأصاب الصيد ثم غاب عن عين الصياد، ووجده بعد ذلك, ولم يجد فيه أثرًا قاتلاً إلاَّ سهمه جاز أكله ما لم يصل إلى مرحلة التغير والنتن؛ لأنه يصير حينئذ من الخبائث, ويضر بصحة الإنسان إذا أكله.
610;ۇقىرىدىكى ھەدىس توۋەندىكىكلەرنى ئۇقتۇرغان: ئوۋچى يا ئوقى بىلەن ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر بىلەن ئوۋنى ئېتىپ چۈشۈرگەندە ئۇنى تاپالماي قالسا، بىر مۇددەتتىن كېيىن ئىزدەپ تاپقاندا قاراش كېرەك، ئوۋدا ئۆزىنىڭ يا ئوقىنى كۆرسە يىسە بولىدۇ. ئەمما ئوۋ بۇزۇلۇپ گۆشلىرى ئېچىپ قالغان بولسا ئۇنى يېيىش دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئوۋ گۆشى مەينەت نەرسىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ، ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت بۇنى چەكلەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64652

 
Hadith   891   الحديث
الأهمية: أن قومًا قالوا: يا رسول الله إن قومًا يأتوننا باللحم لا ندري أذكروا اسم الله عليه أم لا، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «سموا الله عليه وكلوه»


باشتېما:

بىر جامائەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ:ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر بىزگە گۆش ئىلىپ كىلىدۇ، بىز مالنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ئۆلتۈردىمۇ ياكى زىكىر قىلمىدىمۇ؟ بۇنى بىلمەيمىز دىگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يەڭلار» دىدى

عن عائشة -رضي الله عنها-: أنّ قومًا قالوا: يا رسول الله إنّ قومًا يأتوننا باللحم لا نَدري أَذَكروا اسمَ الله عليه أم لا، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «سَمُّوا الله عليه وكُلُوه».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر جامائەت    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر بىزگە گۆش ئىلىپ كىلىدۇ، بىز مالنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ئۆلتۈردىمۇ ياكى زىكىر قىلمىدىمۇ؟ بۇنى بىلمەيمىز دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يەڭلار» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث تخبر عائشة -رضي الله عنها- أن أُناساً جاءوا إلى النَّبي -صلى الله عليه وسلم- فسألوه عن هذه اللحوم القادمة من قوم مسلمين، إلاَّ أنَّ عهدهم بالكفر قريب، فيغلب عليهم الجهل، فلا يُعلم هل ذكروا اسم الله عليه عند ذبحه أو لا؟ فأمر النَّبي -صلى الله عليه وسلم- السَّائلين أنْ يذكروا اسم الله عند أكلها وأن يأكلوا تلك اللحوم، ويظهر من قوله -صلى الله عليه وسلم- في بعض ألفاظ الحديث: "سَمُّوْا الله أَنْتُمْ وَكُلُوا" أن في هذا نوعاً من اللوم عليهم، كأنه -عليه الصلاة والسلام- يقول: ليس لكم شأن فيما يفعله غيركم، إن كان الظاهر الحل، بل الشأن فيما تفعلونه أنتم، فسمّوا أنتم وكلوا. ومن هذا ما لو قدّم إليك يهودي أو نصراني ذبيحة ذبحها، فلا تسأل أذبحتها على طريقة إسلامية أو لا، لأن هذا السؤال لا وجه له، وهو من التعمّق، وهذا لا يحل الذبائح التي علم وتيقن أنها لم يُذكر عليها اسم الله -تعالى-.
576;ۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن: يىڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا ئىلىپ كەلگەن گۆشى توغرىسىدا سوراپ، ئۇلار بىلمەسلىكتىن مالنى ئۆلتۈرگەن ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلدىمۇ ياكى قىلمىدىمۇ؟ بىلمەيمىز، دەپ سورىغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى ئاشۇ گۆشنى يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىشقا بۇيرىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بىرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ھەدىسدە: «ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يەڭلار» دىگەن سۆزىدىن مۇشۇ تۈردىكى گۆشلەردىن بولۇپ قالسا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يەڭلار دېگەنلىكى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: بۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ نېمە ئىشىڭلار؟ كۆرنىشىدىن ھالاللىقى ئاشكارا بولىدىكەن، باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، بەلكى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىغا پۇختا بولۇڭلار، سىلەر مال ئۆلتۈرگەندە بىسمىللاھ دەپ ئۆلتۈرۈپ يەڭلار دېدى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: سىزگە بىرەر يەھۇدى ياكى خىرىستىئان بىرەر مالنىڭ گۆشۈنى ئىلىپ كەلسە، سىز ئۇنىڭدىن:بۇ مالنى شەرئى يولغا مۇۋاپىق ئۆلتۈرگەنمۇ؟ دەپ سوراپ يۇرمەڭ، بۇنداق سوراشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق، بۇ دىندا بەك زىغىرلاپ كېتىش ھېساپلىنىدۇ، مۇشۇ قائىدە بويىچە:بىر ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلماي مال ئۆلتۈرگەنلىكىگە تولۇق ئىشەنچ قىلسا، بۇ مالنىڭ گۆشىنى يىيىش توغرا بولمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64653

 
Hadith   892   الحديث
الأهمية: أن امرأة ذبحت شاة بحجر، فسئل النبي -صلى الله عليه وسلم- عن ذلك فأمر بأكلها


باشتېما:

بىر ئايال تاش بىلەن بىر قوينى بوغۇزلىدى، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورالغاندا، ئۇنى يېيىشكە بۇيرىدى

عن كعب بن مالك، أنّ امرأةً ذَبحَت شاةً بِحَجَر، «فسُئل النبيُّ -صلى الله عليه وسلم- عن ذلك فأمَرَ بِأكلها».

كەئب ئىبنى مالىك (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن: بىر ئايالنىڭ تاش بىلەن بىر قوينى بوغۇزلىغانلىقى، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورالغاندا، ئۇنى يىيىشكە بۇيرىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يُخبر كعب بن مالك -رضي الله عنه- أنّ امرأة ذبحت شاة بحجر, وكان سبب ذلك أنها كانت ترعى غنمًا عند أُحُد, فعدى الذئب على واحدة منها, فطردت الذئبَ, وأخذت حصاةً محدَّدة فذكَّتِ الشاة, فسألوا النبي -صلى الله عليه وسلم- عن صنيعها, فأمر -صلى الله عليه وسلم- بأكلها.
576;ۇ ھەدىستە كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بىر ئايالنىڭ تاش بىلەن بىر قوينى بوغۇزلىغانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ ئايال ئوھۇد تىغىنىڭ يېنىدا قوي باقاتتى، تۇيۇقسىز بىر بۆرە قويغا ھۇجۇم قىلدى، ئايال بۆرىنى قوغلىۋىتىپ، قىرلىق تاشتىن بىرنى ئېلىپ، قوينى بوغۇزلىدى، كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ ئايالنىڭ قىلغان ئېشىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يېيىشكە بۇيرىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64655

 
Hadith   893   الحديث
الأهمية: نحرنا مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عام الحديبية البدنة عن سبعة، والبقرة عن سبعة


باشتېما:

بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھۈدەيبىيە يىلى بىر تۆگىنى يەتتە كىشىگە ۋە بىر كالىنى يەتتە كىشىگە قۇربانلىق قىلدۇق

عن جابر بن عبد الله، قال: «نَحَرْنَا مع رسول الله صلى الله عليه وسلم عَامَ الحُدَيْبِيَة البَدَنَةَ عن سَبْعَة، والبَقَرَةَ عن سَبْعَة»

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دېگەن: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھۈدەيبىيە يىلى بىر تۆگىنى يەتتە كىشىگە ۋە بىر كالىنى يەتتە كىشىگە قۇربانلىق قىلدۇق»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يخبر جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- أنهم عام الحديبية نحروا مع النبي -صلى الله عليه وسلم- ما كان معهم من الهدي، فأمرهم النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يشترك السبعة في بدنة أو في بقرة فاشتركوا، فكان السبعة من الرجال يشتركون في بدنة، وكان السبعة يشتركون في بقرة.
576;ۇ ھەدىستە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزلىرىنىڭ ھۈدەيبىيە يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىلىپ كەلگەن ئۇلاغلىرىنى قۇربانلىق قىلغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى تۆگە ياكى كالىدا يەتتە كىشىنىڭ شېرىك بولىشىنى بۇيرىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن يەتتە كىشى بىر تۆگىگە، يەتتە كىشى بىر كالىغا شېرىك بولغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64665

 
Hadith   894   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عَقَّ عن الحسن والحسين كبشًا كبشًا


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن ۋە ھۈسەين (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) لارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ئىككىدىن قوچقار سويۇپ ئەقىقە قىلغان

عن ابن عباس «أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عَقَّ عن الحسن والحسين كَبْشًا كَبْشًا».

ئىبنى ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن ۋە ھۈسەين (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) لارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئىككىدىن قوچقار سويۇپ ئەقىقە قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يخبر ابن عباس -رضي الله عنهما- أنَّ النبي -صلى الله عليه وسلم- ذبح عن الحسن والحسين لكل واحد منهما كبشاً كبشًا، أي كبشين، فدلَّ هذا على مشروعية العقيقة عن المولود.
576;ۇ ھەدىستە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەسەن ۋە ھۈسەين (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) لارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئىككىدىن قوچقار سويۇپ ئەقىقە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەدىس تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن ئەقىقە قىلىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64666

 
Hadith   895   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أمرهم عن الغلام شاتان مكافئتان، وعن الجارية شاة


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئوغۇل تۇغۇلسا ئىككى قوي، قىز تۇغۇلسا بىر قوي سويۇپ ئەقىقە قىلىشقا بۇيرىدى

عن عائشة «أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أمرهم أن يُعَقَّ عن الغُلَامِ شَاتَانِ مُكَافِئَتَانِ، وعن الْجَارِيَةِ شَاةٌ».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئوغۇل تۇغۇلسا ئىككى قوي، قىز تۇغۇلسا بىر قوي سويۇپ ئەقىقە قىلىشقا بۇيرىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث تخبر عائشة -رضي الله عنها- أنَّ النبي -صلى الله عليه وسلم- أمرهم أن يعقوا -أي يذبحوا عند الولادة- عن المولود الذكر شاتان متشابهتان في السِّن والكِبَر والسِّمن والجودة، وكذلك أمرهم أن يعقوا عن المولودة الأنثى شاة واحدة.
576;ۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرنى بوۋاق تۇغۇلغاندا ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئوخشاش ياشتىكى سىمىز قويدىن ئىككىنى، قىز تۇغۇلغاندا شۇنداق قويدىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ ئەقىقە قىلىشقا بۇيرىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64667

 
Hadith   896   الحديث
الأهمية: الغلام مرتهن بعقيقته يذبح عنه يوم السابع، ويسمى، ويحلق رأسه


باشتېما:

بالا ئۆزىنىڭ ئەقىقىسىگە گۆرۆگە قويۇلغان، يەتتىنچى كۈنى ئۇنىڭغا ئاتالغان ئەقىقىسى (قويى) بوغۇزلىنىدۇ، ئىسىم قويىلىدۇ ۋە چېچى ئالدۇرىلىدۇ

عن سمرة قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «الغلام مُرْتَهَنٌ بِعَقِيقَتِهِ يُذْبَحُ عنه يوم السابع، ويُسَمَّى، ويُحْلَق رأسه».

سەمۇرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «تۇغۇلغان بوۋاق ئۆزىنىڭ ئەقىقىسگە گۆرەگە قويۇلغان، يەتتىنچى كۈنى ئۇنىڭغا ئاتاپ ئەقىقىسى بوغۇزلىنىدۇ، ئىسىم قويىلىدۇ ۋە چېچى ئالدۇرىلىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- أن المولود يكون محبوساً بعقيقته تذبح عنه في اليوم السابع من ولادته، ويُستحب في نفس اليوم    تسمية المولود، وحلق شعر رأسه، والحلق خاص بالمولود الذكر.
576;ۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەقىقىسى سەۋەپلىك توختىتىپ قويۇلىدىغانلىقى، تۇغۇلۇپ يەتتىنجى كۈنىدە ئەقىقىسى بوغۇزلىنىدىغانلىقىنى، شۇ كۈندە ئىسىم قويۇش ۋە چېچىنى ئالدۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، چېچىنى ئالدۇرۇش ئوغۇل بالىغا خاس ئىكەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64668

 
Hadith   897   الحديث
الأهمية: أنزلت هذه الآية: {لا يؤاخذكم الله باللغو في أيمانكم} [البقرة: 225] في قول الرجل: لا والله وبلى والله


باشتېما:

ئاللاھ تائالانىڭ: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن بۇ ئايىتى بىر ئىنساننىڭ: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم» دېگەن سۆزلىرى توغرىسىدا نازىل بولغان

عن عائشة -رضي الله عنها-: "أُنْزِلَتْ هذه الآية: {لا يؤاخذكم الله باللغو في أيمانكم} [البقرة: 225] في قول الرجل: لا والله وبَلَى والله".

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن بۇ ئايىتى بىر ئىنساننىڭ: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم» دېگەن سۆزلىرى توغرىسىدا نازىل بولغان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال -تعالى-: {لَا يُؤَاخِذُكُمُ الله بِاللَّغْوِ في أَيْمَانِكُمْ} [المائدة: 89] فسَّرت عائشة -رضي الله عنها- لغو اليمين هنا: بأنَّه ما يتردَّد على ألسنة النّاس أثناء المحادثة عن قولهم: لا والله، وبلى والله، ممَّا يجري على اللسان، ولا يقصده القلب؛ وكذلك من لغو اليمين المذكور في الآية حلف الإنسان على أمرٍ ماضٍ يظنه كما قال، فبان بخلاف ما ظن.
وكذا يمين عقدها يظن صدق نفسه، فبان خلافه، فلغو غير منعقدة، ولا كفَّارة فيها لقوله -تعالى-: {لَا يُؤَاخِذُكُمُ الله بِاللَّغْوِ في أَيْمَانِكُمْ} أي: لا يعاقبكم، ولا يلزمكم كفَّارة بما صدر منكم من الأيمان التي لا يقصدها الحالف.
وكذا لو عقدها ظانًّا صدقه، فلم يكن، كمن حلف على غيره يظن أنَّه يطيعه، فلم يفعل، وأولى ما يدخل في الآية تفسير عائشة -رضي الله عنها-؛ لأنها شاهدت التنزيل وهي عارفة بلغة العرب.
574;اللاھ تائالانىڭ: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن ئايىتىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: بۇ سۆزلىشىش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ تىلىدا تەكرارلىنىدىغان: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم» دېگەندەك قەلبىدە مەقسەت قىلماستىن، تىلدا ئېيتىلىۋاتقان «مەقسەتسىز قىلىنغان قەسەم» دەپ ئىزاھلىدى، شۇنىڭدەك بىر ئىنساننىڭ ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئىشنى ئۆزى دېگەندەك بولدى دەپ ئويلاپ قەسەم قىلىپ، كېيىن ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان قەسەممۇ «مەقسەدسىز قىلىنغان قەسەم» قاتارىدىندۇر. يەنە، ئۆزىنىڭ راس دەپ قەسەم قىلغاندىن كىيىن ئۇنداق ئەمەسلىكى ئىنىقلانسا، بۇمۇ چېگىلمەيدىغان ۋە كاپارەت كەتمەيدىغان قەسەم بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئايەتتە: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن، يەنى: سىلەردىن قەسەم قىلغۇچى مەقسەتسىز قىلغان قەسىمى ئۈچۈن جازالانمايدۇ ۋە كاپارەتمۇ كەلمەيدۇ. بىر ئىشنى راست دەپ قەسەم قىلغان بولسا ئۇ ئىش راست بولمىسا بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر، خۇددى بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئۆزىگە بويسۇنىدۇ دەپ قەسەم قىلسا، ئۇ ئادەم قەسەم قىلغۇچىغا بويسۇنمىغانغا ئوخشاش، ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئەڭ چۈشىنىدىغىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىزاھاتىدۇر، چۈنكى ئۇ ئايەت نازىل بولغاندا بار ۋە ئەرەب تىلىنى چۈشىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64672

 
Hadith   898   الحديث
الأهمية: لعن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- الراشي والمرتشي في الحكم


باشتېما:

ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ھۆكۈمدە پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىغا لەنەت قىلدى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: «لَعَن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- الرَّاشِي والمُرْتَشِي في الحُكْم».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ھۆكۈمدە پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىغا لەنەت قىلدى»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما كانت حقيقة الرشوة بذل المال ليتوصل به إلى باطل, دعا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- بالطرد والإبعاد من رحمة الله على معطيها وآخذها؛ لما فيها من أضرار جسيمة على الفرد والمجتمع, والرشوة محرمة مطلقًا, وجاء تخصيصها بالحكم في الحديث؛ لأن الرشوة لأجل الحكم أعظم لما في ذلك من تبديل حكم الشرع, بأن يعطى القاضي ما يكون له أثر في تغيير الحكم أو تخفيفه واعتباره في صالح الراشي.
662;ارا بېرىش ئەمىلىيەتتە باتىلغا يېتىش ئۈچۈن پۇل-مال بېرىش بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىشى ۋە يىراق قېلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى، چۈنكى بۇنىڭدا جەمئىيەت ۋە شەخىسلەرگە زور زېيان ۋە ناھەقچىلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك، پارا بېرىش ۋە ئېلىش مۇتلەق ھارام قىلىنىپ، بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى بىلەن خاس ھۆكۈم بايان قىلىنغان بولۇپ، چۈنكى ھۆكۈم ئۈچۈن پارا بېرىش: ھۆكۈم قىلغۇچىغا ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىش ياكى يەڭگىللىتىش ياكى پارا بەرگۈچىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتا تەسىر كۆرسەتكۈدەك نەرسىلەرنى بېرىش بىلەن شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ گۇناھى ئەڭ چوڭدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64689

 
Hadith   899   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- عرض على قوم اليمين، فأسرعوا فأمر أن يسهم بينهم في اليمين أيهم يحلف


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىغا تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەن بىر توپ كىشىلەرنى قەسەم ئىچىشكە تەكلىپ قىلغان، ئۇلاردىن ھەر ئىككى تەرەپ قەسەم ئىچىشكە ئالدىرغاندا قايسى بۇرۇن قەسەم قىلىش ئۈچۈن ئارسىدا چەك تاشلاشقا بۇيرىغان

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- «أن النبي -صلى الله عليه وسلم- عَرَضَ على قوم اليَمِين، فَأَسْرَعُوا فَأَمَرَ أن يُسْهَمَ بينهم في اليمين أَيُّهُم يَحْلِفُ».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىغا تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەن بىر توپ كىشىلەرنى قەسەم ئىچىشكە تەكلىپ قىلغان، ئۇلاردىن ھەر ئىككى تەرەپ قەسەم ئىچىشكە ئالدىرغاندا قايسى بۇرۇن قەسەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئارسىدا چەك تاشلاشقا بۇيرىغان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أفاد    الحديث: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- تخاصم إليه اثنان تنازعا عيناً ليست في يد واحدٍ منهما، ولا بينة لواحد منهما، وكانت تلك العين في يد شخص ثالث غيرهما، فعرض عليهما النبي -صلى الله عليه وسلم- اليمين، فتسارعا إليه وبادر كل منهما للحلف قبل الآخر، فأمر أن يسهم بينهم في اليمين أيهم يحلف، أي فأجرى -صلى الله عليه وسلم- بينهما قرعة، فأيهم خرج سهمه وَجَّه إليه اليمين.
فدل هذا الحديث على أنه إذا تداعى رجلان متاعاً في يد ثالث، ولم يكن لهما بينة، أو لكل منهما بينة، وقال الثالث: لا أعلم إن كان هذا المتاع لهذا أو ذاك، فالحكم أن يقرع بين المتداعيين، فأيهما خرجت له القرعة يحلف ويعطى له.
574;ەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىغا تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەن بىر توپ كىشىلەرنى قەسەم ئىچىشكە تەكلىپ قىلغان، ئۇلاردىن ھەر ئىككى تەرەپ قەسەم ئىچىشكە ئالدىرىغاندا قايسى بۇرۇن قەسەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئارىسىدا چەك تاشلاشقا بۇيرىغان، بۇ ھەدىستىن شۇ ئىپادىلىنىدۇكى، ئىككى كىشى ئۈچىنچى بىر كىشىنىڭ قولىدىكى نەرسىنى دەۋا قىلىپ كەلسە، ئۇلارنىڭ قولىدا ئىسپاتى بولمىسا، ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ قولىدا ئىسپات بولسىمۇ ئەمما ئۈچىنچى كىشى: مەن بۇ نەرسىنىڭ بۇ كىشىنىڭمۇ ياكى ئاۋۇ كىشىنىڭمۇ بۇنى بىلمەيمەن دېگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئىككى داۋاگەرنىڭ ئارىسىدا چەك تاشلاش بىلەن ھۆكۈم قىلىنىدۇ، چەك قايسىسىغا چىقسا شۇ كىشى قەسەم قىلىپ بېرىپ دەۋا قىلغان نەرسىسىنى ئالىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64696

 
Hadith   900   الحديث
الأهمية: لا يحلف أحد عند منبري هذا على يمين آثمة، ولو على سواك أخضر، إلا تبوأ مقعده من النار


باشتېما:

بىرەر كىشى مېنىڭ مۇشۇ مۇنبىرىمنىڭ يېنىدا ھۆل مىسۋاكچىلىك نەرسە ئۈچۈن بولسىمۇ، گۇناھ بولىدىغان قەسەم قىلسا دوزاختىن ئۆزىگە ئورۇن تەييارلىغان بولىدۇ

عن جابر بن عبد الله قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لا يحْلِفُ أحدٌ عند مِنْبَرِي هذا على يَمينٍ آثِمَة، ولو على سِواكٍ أَخْضَرَ، إلا تَبَوَّأَ مَقْعَدَه مِن النار -أو وَجَبَتْ له النار-».

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «بىرەر كىشى مېنىڭ مۇشۇ مۇنبىرىمنىڭ يېنىدا ھۆل مىسۋاكچىلىك نەرسە ئۈچۈن بولسىمۇ، يالغان قەسەم قىلسا دوزاختىن ئۆزىگە ئورۇن تەييارلىغان بولىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يخبر جابر -رضي الله عنه- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- بيّن عظيم إثم من حلف عند منبره -صلى الله عليه وسلم- الذي بمسجده كاذبًا في يمينه, ولو كان المحلوف عليه شيئًا حقيراً, لأن هذا المكان محل تعظيم له -صلى الله عليه وسلم-, ومحل تذكر لما كان يقوله -صلى الله عليه وسلم- على هذا المنبر, فجاء هذا الحالف بأضداد هذه الأوصاف, فاستحق هذا الوعيد, واليمين الآثمة موجبة للسخط حيث وقعت، لكنها في الموضع الشريف أكثر إثمًا.
576;ۇ ھەدىستە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدىكى مۇنبىرىنىڭ يېنىدا كۆزگە ئېلىنمايدىغان ئاددى نەرسە ئۈچۈن بولسىمۇ يالغان قەسەم قىلغۇچىنىڭ گۇناھى چوڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ، چۈنكى بۇ ئورۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلايدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇ مۇنبەردە تۇرۇپ دېگەن ۋەز-نەسىھەتلىرى ئەسلىنىدىغان جاي بولۇپ، يالغان قەسەم قىلغۇچى مۇشۇ سۈپەتلەرنىڭ ئەكسىنى قىلىپ، مۇشۇ جازاغا لايىق بولدى، گۇناھكار قىلىدىغان قەسەم قەيەردە يۈز بەرسە غەزەپكە دۇچار قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلۇغ ئورۇندا قىلىنغاننىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64698

 
Hadith   901   الحديث
الأهمية: من ملك ذا رحم محرم فهو حر


باشتېما:

كىمكى ئۆزىنىڭ نىكاھ چۈشمەيدىغان يېقىن تۇققانلىرىغا ئىگە بولىدىكەن، ئۇ تۇققىنى ھۆر بولىدۇ

عن سمرة قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «من مَلَكَ ذا رَحِمٍ مَحْرَمٍ فهو حُرٌّ».

سەمرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆزىنىڭ نىكاھ چۈشمەيدىغان يېقىن تۇققانلىرىغا ئىگە بولىدىكەن، ئۇ تۇققىنى ھۆر بولىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان أن من ملك شخصاً بينه وبينه رحم محرمة للنكاح فإنه يعتق عليه بمجرد ملكه له، ويكون حرا، فإذا ملك أباه أو أمه أو أخته أو عمه أو عمته أو نحوهم بشراء أو بهبة أو غنيمة أو إرث عتق عليه.
576;ۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى ئۆزىنىڭ نىكاھ چۈشمەيدىغان يېقىن تۇغقانلىرىغا ئىگە بولىدىكەن، ئۇ تۇغقىنى شۇ كىشىنىڭ ئىگە بولىشى بىلەنلا ھۆر بولىدۇ. بىر كىشى ئۆزىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ياكى ھەمشىرىسى ياكى تاغىسى ياكى ھاممىسى ياكى باشقا يېقىن تۇغقانلىرىغا ئۇلارنى سېتىۋېلىش ياكى ھەدىيە ئېلىش ياكى غەنىمەت ئېلىش ياكى مىراس ئېلىش بىلەن ئىگە بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئۇلارنى دەرھال ئازاد قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ دېگەننى بايان قىلىپ بېرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64706

 
Hadith   902   الحديث
الأهمية: قول سفينة: كنت مملوكا لأم سلمة فقالت: أعتقك وأشترط    عليك أن تخدم رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ما عشت


باشتېما:

سەفىينە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇممۇ سەلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ قۇلى ئىدىم، ئۇممۇ سەلەمە ماڭا: «سەن دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىڭنى شەرت قىلىپ، سېنى ئازات قىلىمەن» دېدى

عن سفينة، قال: كنت مَمْلُوكًا لأم سلمة فقالت: أُعْتِقُكَ وأشترط عليك أن تخدم رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ما عِشْتَ فقلت: «وإن لم تَشْتَرِطِي عَلَيَّ، ما فَارَقْتُ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ما عِشْتُ فَأَعْتَقَتْنِي، واشْتَرَطَتْ عَلَيَّ».

سەفىينە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇممۇ سەلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ قۇلى ئىدىم، ئۇممۇ سەلەمە ماڭا:«سەن دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىڭنى شەرت قىلىپ، سېنى ئازات قىلىمەن» دېدى، مەن: «ماڭا شەرت قىلمىسىلىمۇ دۇنيادا ياشىغان مۇددىتىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلمايمەن» دېدىم، ئۇ شەرت قىلىپ، مېنى ئازات قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يخبر سفينة -رضي الله عنه- أنه كان مملوكاً لأم سلمة -رضي الله عنها- فأعتقته بشرط أن يخدم رسول الله -صلى الله عليه وسلم- مدة حياته، فأخبرها أنه وإن لم تشترط ذلك فإنه لن يفارق النبي -صلى الله عليه وسلم- ما عاش، فأعتقته واشترطت عليه، فهذا فيه دليل على صحة الشرط في العتق.
576;ۇ ھەدىستە سەفىينە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ھاياتلىقىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىش شەرتى بىلەن ئۇنى ئازات قىلغانلىقىنى، ئۇ: شەرت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ھاياتلا بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەرگىز ئايرىلمايدىغانلىقىنى، بېلدۈرگەندە، ئۇممۇ سەلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) شەرت قىلىپ، ئازات قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، ھەدىستە قۇل ئازات قىلىشتا شەرت قىلىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64708

 
Hadith   903;mso-yfti-lastrow:yes   الحديث
الأهمية: المكاتب عبد ما بقي عليه من مكاتبته درهم


باشتېما:

قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن مەلۇم نەرسىگە توختام تۈزۈشكەن كىشىنىڭ زىممىسىدە بىر دەرھەم چاغلىق مال قالسىمۇ ئۇ يەنىلا قۇل ھېسابلىنىدۇ

عن عمرو بن شعيب، عن أبيه، عن جده، عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «المُكَاتَبُ عَبْدٌ ما بَقِيَ عليه من مُكَاتَبَتِهِ دِرْهَمٌ».

ئەمىر ئىبنى شۈئەيب دادىسىدىن، دادىسى چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن مەلۇم نەرسىگە توختام تۈزۈشكەن كىشىنىڭ زىممىسىدە بىر دەرھەم قالسىمۇ ئۇ يەنىلا قۇل ھېسابلىنىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان أنَّ المكاتب لا يعتق ويكون له حكم الأحرار حتى يؤدي ما عليه من مال الكتابة كاملًا، فإن بقي عليه شيء فهو عبد تجري عليه أحكام الرقيق.
576;ۇ ھەدىستە قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن مەلۇم نەرسىگە توختام تۈزۈشكەن كىشى زېممىسىدىكى توختامنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئادا قىلمىغۇچە ئۇ كىشى تولۇق ئازاد بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ھۆر ئادەمنىڭ ھۆكمى بېرىلمەيدۇ، ئەگەر زېممىسىدە بىر دەرھەم قالسىمۇ ئۇ قۇل بولۇپ ئۇنىڭغا قۇلنىڭ ھۆكمى ئېجرا قېلىنىدۇ   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 64709






© EsinIslam.Com Designed & produced by The Awqaf London. Please pray for us