ئۇيغۇردىكى ھەدىس تەكشۈرگۈچى مكتشف الحديث باللغة الإنجليزية
 
Hadith   726   الحديث
الأهمية: هذا شيء كتبه الله على بنات آدم، افعلي ما يفعل الحاج غير أن لا تطوفي بالبيت حتى تطهري


باشتېما:

بۇ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئادەم بالىلىرىنىڭ قىزلىرىغا پۈتىۋەتكەن ئىشتۇر، سىز ھەج قىلغۇچىلار ئادا قىلىدىغان بارلىق ئىشلارنى ئادا قىلىڭ، پەقەت پاكلانغانغا قەدەر بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماڭ

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: خرجنا مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لا نَذْكُرُ إلا الحج، حتى جِئْنَا سَرِف فَطَمِثْتُ، فدخل عليَّ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وأنا أبْكِي، فقال: «ما يُبْكِيك؟» فقلت: والله، لوَدِدْتُ أنَّي لم أكُن خرجت العَام، قال: «ما لك؟ لَعَلَّكِ نَفِسْتِ؟» قلت: نعم، قال: «هذا شيء كَتَبه الله على بنات آدم، افعلي ما يفعل الحاج غير أن لا تَطُوفي بالبيت حتى تَطْهُري» قالت: فلمَّا قدمت مكة، قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لأصحابه «اجْعَلُوها عُمرة» فأحَلَّ الناس إلا من كان معه الهَدْي، قالت: فكان الهَدْي مع النبي -صلى الله عليه وسلم- وأبي بكر وعمر وذَوِي اليَسَارَة، ثم أهَلُّوا حين راحُوا، قالت: فلمَّا كان يوم النَّحر طَهَرْت، فأمَرَني رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فَأَفَضْتُ، قالت: فَأُتِيَنَا بِلَحم بَقَر، فقلت: ما هذا؟ فقالوا: أَهْدَى رسول الله -صلى الله    عليه وسلم- عن نِسَائه البقر، فلمَّا كانت ليلة الحَصْبَةِ، قلت: يا رسول الله، يرجع الناس بحجة وعُمرة وأرجع بِحَجَّة؟ قالت: فأمر عبد الرحمن بن أبي بكر، فَأَرْدَفَنِي على جَمَلِه، قالت: فإني لأذْكُر، وأنا جَارية حَدِيثَةُ السِّن، أَنْعَسُ فيُصِيب وجْهِي مُؤْخِرَة الرَّحْل، حتى جِئْنَا إلى التَّنْعِيم، فَأَهْلَلْتُ منها بِعُمْرة؛ جزاء بِعُمْرَة الناس التي اعْتَمَرُوا.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىقتۇق، مەن "سەرىپ" دېگەن جايغا كەلگىنىمىزدە، ھەيز كۆرۈپ قالدىم، مەن يىغلاپ ئولتۇرسام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قېشىمغا كېرىپ: نېمىشقا يىغلايسىز؟ دېدى، مەن: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بۇ يىل ھەج قىلمىغان بولسامكەن، دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەيز كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسىز؟دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئادەم بالىلىرىنىڭ قىزلىرىغا پۈتىۋەتكەن ئىشتۇر، سىز ھەج قىلغۇچىلار ئادا قىلىدىغان بارلىق ئىشلارنى ئادا قىلىڭ، پەقەت پاكلانغانغا قەدەر بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماڭ» دېدى. مەككىگە كەلگەن ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «ئۆمرە قىلىڭلار» دېدى، قۇربانلىق ھەدىيە ھەيدەپ كەلمىگەن كىشىلەر ئىھرامدىن چىقتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە باشقا بىر قىسىم ساھابىلار بىلەن ھەدىيە ئۇلاغلىرى بار ئىدى، تەمەتتۇئ قىلغانلار مىناغا چىقىدىغان كۈنى ھەجگە ئىھرام كەيدى، قۇربان ھېيت كۈنى(نەھرى كۈنى)مەن ھەيزدىن پاك بولدۇم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى پەرز تاۋاپنى قىلىشقا بۇيرىدى، مەن پەرز تاۋاپنى قىلدىم، كەچتە بىزگە كالا گۆشى ئېلىپ كېلىندى، مەن: نېمە گۆش؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئۈچۈن كالا قۇربانلىق قىلغان، شۇنىڭ گۆشى دېدى، قايتىدىغان كۈنى كېچىدە، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر ھەج-ئۆمرە قىلىپ قايتىدۇ، مەن پەقەت ھەج قىلىپ قايتىمەنمۇ؟دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرىنى بۇيرىدى، ئۇ مېنى تۆگىگە مىنگەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى، مېنىڭ يىشىم كېچىك بولغاچقا ئېسىمدە قىلىشچە مۈگۈدەپ قالدىم، يۈزۈم تۆگىنىڭ چۈلۋۈرىغا تىگەتتى، ھەتتا بىز تەنئىمغا كەلدۇق، ئۇ يەردىن ئۆمرە نىيىتى ئۈچۈن ئىھرامغا كىردىم، بىرگە كەلگەن كىشىلەر قىلغان ئۆمرىگە ئوخشاش ئۆمرە قىلدىم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى حديث عائشة -رضي الله عنها-: "خرجنا مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لا نَذْكُرُ إلا الحج".
أي: من المدينة وكان خروجه -صلى الله عليه وسلم- يوم السَبت لخمس ليالٍ بَقَيْنَ من ذي القِعدة بعد أن صلى بها الظهر أربع ركعات، ثم سَار إلى ذي الحليفة فَصَلى بها العصر ركعتين.
"لا نَذْكُرُ إلا الحج".
وفي رواية :"لا نَرَى إلا الحج". لكن جاء عنها في حديث آخر صحيح: "فمنَّا من أهَلَّ بِعمرة، ومنَّا من أهَلَّ بحج، وكنت ممن أَهَلَّ بِعمرة"، وعلى هذا يكون قولها -رضي الله عنها-: "لا نَذْكر إلا الحج"، وقولها: "لا نَرى إلا الحج" لا يخلو من الأحوال التالية:
الحال الأولى: تريد بذلك فريضة الحج من حيث الأصل، لا بيان نوع النُّسك الذي أحرموا به.
الحال الثانية: تريد بذلك عند خروجهم وقبل وصولهم إلى الميقات، والدخول في الإحرام.
   الحال الثالثة : تريد بذلك حال غيرها من الصحابة، ولم تقصد نفسها.
"حتى جِئْنَا سَرِف".
يعني: حتى وصلوا موضِعا يُقال له: "سَرِفُ"، وهو مَوضع قريب من مكة.
"فَطَمِثْتُ" يعني: حاضت -رضي الله عنها-.
"فدخل عليَّ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وأنا أبْكِي، فقال: «ما يُبْكِيك؟» فقلت: والله، لوَدِدْتُ أنَّي لم أكُن خرجت العَام".
لما حصل معها ما حصل بَكَت -رضي الله عنها- وتَمَنَّت أنها لم تحج معهم هذه السَّنة؛ ظنا منها أنها لما حاضت قد تنقطع عن أعمال الحج، ويفوتها بذلك الخير.
" قال: «ما لك؟ لَعَلَّكِ نَفِسْتِ؟»".
أي: حِضْت .
" قلت: نعم، قال: «هذا شيء كَتَبه الله على بَنَات آدم»".
أي: أن الحيض أمْر مُقَدَّر ومكتوب على بنات آدم، فليس خاصًا بك وليس بيدك؛ فلا داعي للبكاء.
"افعلي ما يفعل الحاج غير أن لا تَطُوفي بالبيت حتى تَطْهُري".
فأخبرها النبي -صلى الله عليه وسلم- بأن الحيض لا يمنعها من المضي في نسكها، ولا يُخِلُّ بإحرامها، وأنها تفعل ما يفعله الحاج: من الوقوف بعرفة ومنى ومزدلفة ورمي الجماروسائر أفعال الحج غير الطواف، فإنها تمتنع منه حتى تَطْهر من حيضها وتغتسل.    
"قالت: فلمَّا قَدمت مكة، قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لأصحابه «اجْعَلُوها عُمرة»".
تعني لما قَدِم النبي -صلى الله عليه وسلم- مكة أمَر من لم يسوقوا الهدي أن يجعلوا إحرامهم عمرة، فمن أحرم بالحج ولم يكن ساق الهدي فإنه يَقْلب إحرامه بالحج عمرة، فيطوف ويسعى ويقصر، ثم هو قد حَلَّ من إحرامه، وفي رواية أخرى لمسلم: "فأمرنا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أن يَحِلَّ منَّا من لم يكن معه هدى، قال: فقلنا: حِلُّ ماذا؟ قال: "الحِلُّ كُلُّه".
   "قالت: فأحَلَّ الناس إلا من كان معه الهَدْي، قالت: فكان الهَدْي مع النبي -صلى الله عليه وسلم- وأبي بكر وعمر وذَوِي اليَسَارَة".
تعني أن من لم يكن معه الهدي حلُّوا من إحرامهم بعد أن طافوا وسعوا وقصروا، وبقي النبي -صلى الله عليه وسلم- وأبو بكر وعمر -رضي الله عنهما- ومن ساق الهدي ممن وسَّعَ الله عليهم بقوا على إحرامهم؛ لأنهم ساقوا الهدي ومن ساق الهدي لم يَجز له فسخ إحرامه إلى عمرة؛ لقوله -صلى الله عليه وسلم-: "لولا أني سُقْتُ الهَدْي، لفعلت مثل الذي أمَرْتُكم به".
"قالت: ثم أهَلُّوا حين راحُوا".
تعني أن الذين طافوا وسعوا وقصروا، أهلوا بالحج حين راحُوا إلى منى وذلك يوم التروية، وهو اليوم الثامن من ذي الحِجة.   
"قالت: فلمَّا كان يوم النَّحر طَهَرْت".
أي: أنها طَهَرت من حيضها يوم النحر، وهو يوم العاشر من ذِي الحِجَّة، سُمي بذلك؛ لنَحر الأضاحي فيه.
"فأمَرَني رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فَأَفَضْتُ".   
أي: بعد أن طَهَرت من حيضها -رضي الله عنها- يوم النَّحر أمَرَها النبي -صلى الله عليه وسلم- بأداء طواف الإفاضة فَفَعَلت.
"قالت: فَأُتِيَنَا بِلَحم بَقَر، فقلت: ما هذا؟".
يعني: أُرسل لها ولمن معها من النساء لحم بقر، ثم إنها سَألت عنه.
"فقالوا: أَهْدَى رسول الله -صلى الله    عليه وسلم- عن نِسَائه البَقر".
أي: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- نَحَر عن كل واحدة من نسائه بقرة.
"فلمَّا كانت ليلة الحَصْبَةِ".
يعني لمَّا كانت ليلة النزول من منى، وهي الليلة التي بعد أيام التشريق وسميت بذلك؛ لأنهم نَفَروا من منى فنزلوا في المُحَصَّب وباتوا به، وفي البخاري : "أن النبي -صلى الله عليه وسلم- رقَد رقْدَةً في المُحصَّب، ثم ركِبَ إلى البيت فطاف به".
"قلت: يا رسول الله، يرجع الناس بِحَجَّة وعُمرة وأرجع بِحَجَّة؟".
أي يرجعون بحج منفرد وعمرة منفردة؛ لأنهم كانوا متمتعين، وأرجع أنا وليس لي عمرة منفردة؛ لأنها كانت قارنة، والعمرة في القران داخلة في الحج بالنية، وفي رواية لمسلم "أيرجع الناس بأجرين وأرجع بأجر؟"، فهي أرادت أن يكون لها عمرة منفردة عن الحج، كما حصل لسائر أمهات المؤمنين وغيرهن من الصحابة الذين فسخوا الحج إلى العمرة، وأتموا العمرة وتحللوا منها قبل يوم التروية، ثم أحرموا بالحج من مكة يوم التروية، فحصل لهم عمرة منفردة وحجة منفردة، وأما عائشة فإنما حصل لها عمرة مندرجة في حجة بالقران، فقال لها النبي -صلى الله عليه وسلم- يوم النفر يسعك طوافك لحجك وعمرتك، أي: وقد تما وحسبا لك جميعا، فأبت وأرادت عمرة منفردة كما حصل لباقي الناس.
"قالت: فأمر عبد الرحمن بن أبي بكر، فَأَرْدَفَنِي على جَمَلِه".
أي : أن النبي -صلى الله عليه وسلم- أمر أخاها عبد الرحمن بن أبي بكر -رضي الله عنهما- بأن يخرج بها إلى التَّنْعِيم؛ لتأتي منه بعمرة، حتى تكون مثل بقية الناس، فأردفَها -رضي الله عنه- خَلفه كما في رواية مسلم الأخرى.   
"قالت: فإني لأذْكُر، وأنا جَارية حَدِيثَةُ السِّن، أَنْعَسُ فيُصِيب وجْهِي مُؤْخِرَة الرَّحْل".
أي: عندما أردفها عبد الرحمن بن أبي بكر -رضي الله عنه- خلفه، وسار بها إلى التنعيم كانت تَنْعَس حتى أنها رأسها يسقط من شِدَّة النُّعاس، فيضرب في مؤخرة الرَّحْل.       
"حتى جِئْنَا إلى التَّنْعِيم، فَأَهْلَلْتُ منها بِعُمْرة؛ جزاء بِعُمْرَة الناس التي اعْتَمَرُوا".
أي لما وصلا إلى التنعيم، أهلت -رضي الله عنها- بعمرة مستقلة بأعمالها مقام عمرة الناس التي اعتمروها أولا.
وفي رواية في الصحيحين أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال لها بعد أن أدَّت العمرة : "هذه مكان عمرتك" أي: هذه العمرة مكان العمرة التي كنت تريدين حصولها منفردة غير مندرجة مع الحج، فمنعك الحيض من القيام بها.
574;ائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنىڭ مەنىسى: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن پەقەت ھەجنى مەقسەت قىلىپ چىققان ئىدۇق، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىدىن زۇلقەئدە ئېيى ئاخىرلىشىشقا بەش كۈن قالغاندا پېشىن نامىزىنى تۆت رەكەت ئوقۇپ يولغا چىققان، زۇلھۇلەيپىگە كېلىپ ئەسىر نامىزىنى ئىككى رەكەت قەسىر ئوقۇغان. ھەدىستە: «بىز پەقەت ھەجنىلا مەقسەت قىلغان» دېيىلگەن. لېكىن يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە: «بىزدىن ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرامغا كىرگەن ۋە ھەجنى مەقسەت قېلىپ ئېھرامغا كىرگەنلەرمۇ بار ئېدى، مەن ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىرگەنلەرنىڭ جۈملىسىدىن ئىدىم» دېيىلگەن. بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: بىز ھەجدىن باشقىنى مەقسەت قىلمايتتۇق، ھەجدىن باشقىنى ئويلىمايتتۇق دېگەن سۆزى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن خالى بولالمايدۇ: بىرىنچى ھالەت: ھەدىستە ھەجنىڭ تۈرىنى بايان قىلماستىن ئەسلى بولغان پەرز ھەجنى مەقسەت قىلغان. ئىككىنچى ھالەت: بۇنىڭدىن مىيقاتقا يېتىپ كېلىپ ئېھرامغا كىرىشتىن بۇرۇن مەدىنىدىن چىققان ۋاقتىنى مەقسەت قىلغان. ئۈچىنچى ھالەت: ئۆزىنى مەقسەت قىلماستىن باشقا ساھابىلارنى مەقسەت قىلغان.«ھەتتا بىز "سەرىپ" قا كەلدۇق» يەنى مەككىگە يېقىن بولغان جايدىكى سەرپ دېگەن جايغا يېتىپ كەلدۇق، بۇ جايغا كەلگەندە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئادەت كۆرۈپ قالغان، مەن يىغلاپ ئولتۇرسام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قېشىمغا كىرىپ: «نېمىگە يىغلايسىز؟»دېدى، مەن: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ يىل ھەجگە كەلمىسەم بولۇپتىكەن دېدىم، يەنى ئادەت كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن يىغلاپ بۇ يىل ئۇلار بىلەن بىرگە ھەج قىلماسلىقنى ئارزۇ قىلغان ۋە ئۆز قارىشىدا ئادەت كۆرۈپ قىلىش بىلەن ھەج ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ، ھەجدىن ھاسىل بولىدىغان ياخشىلىقنى يوقىتىپ قويىمەن دەپ ئويلىغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «نېمە بولدى؟ ھەيز كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ؟» دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەيز كۆرۈش دېگەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئادەم قىزلىرىغا پۈتۈلگەن، تەقدىر قىلىنغان ئىش بولۇپ، يالغۇز سىزگە خاس ئەمەس ۋە ئىش سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە ئەمەس، يىغلاشنىڭ زۆرۈرىتى يوق، ھەج قىلغۇچىلار قىلىدىغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، پەقەت ھەيزدىن پاك بولغاندىلا كەبىنى تاۋاپ قىلىڭ»دېدى، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: ھەيزنىڭ ھەج ئەمەللىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى چەكلەپ قويمايدىغانلىقى، ئېھرامغا تەسرى بولمايدىغانلىقى، ئەرەپاتتا تۇرۇش، مۇزتەلىپىدە قونۇش، مىنادا تۇرۇش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىق ھاجىلار قىلىدىغان تاۋاپتىن باشقا ئەمەللەرنى قىلىش، ھەيزدىن پاك بولغاندا يۇيۇنۇپ كەبىنى تاۋاپ قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. مەككىگە كەلگەن ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «نىيىتىڭلارنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىڭلار» دېدى، يەنى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەن ۋاقتىدا ھەدىيە ئىلىپ كەلمىگەن ساھابىلارنى ئېھرامىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى، ھەجگە ئېھرام باغلاپ ھەدىيە ئىلىپ كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەجگە باغلىغان ئېھرامىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى، ئۇلار كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ، چاچنى ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىقىدۇ، مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزلەردىن ھەدىيە ئېلىپ كەلمىگەنلەرنى ئېھرامدىن چىقىپ ھالال بولۇشقا بۇيرىدى، بىز: قانداق ھالال بولىمىز؟دېسەك، تولۇق ھالال بولىسىلەر دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ھەدىيە ئېلىپ كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ چېچىنى ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىقتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە باشقا ئىقتىسادى بار ھەدىيە ئىلىپ كەلگەن كىشىلەر ئېھراملىق ھالىتىدە قالدى، چۈنكى ئۇلار ھەدىيە ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ھەدىيە ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ ھەجنى مەقسەت قىلىپ باغلىغان ئېھرامنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن ھەدىيە ئېلىپ كەلمىگەن بولسام، ئەلۋەتتە سىلەرنى بۇيرىغان ئىشنىڭ ئوخشىشىنى قىلاتتىم». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ، چېچىنى ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىققان كىشىلەر زۇلھەججە ئېيىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى يەنى تەرۋىيە كۈنى مىناغا ماڭىدىغان ۋاقتىدا ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئېھرامغا كىردى. يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈنى يەنى قۇربان ھېيت كۈنى ھەيزدىن پاك بولدۇم، مەن ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى يۇيۇنۇپ كەبىگە بېرىپ پەرز تاۋاپنى قىلىشقا بۇيرىدى، مەن شۇنداق قىلدىم. بىزگە يەنى ئاياللارغا كالا گۆشى كەلتۈرۈلگەن ئىدى، مەن: نېمە گۆش بۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئۈچۈن كالا قۇربانلىق قىلغان ئىدى بۇ شۇنىڭ گۆشىدىن دېدى، مىنادىن قايتىپ چۈشىدىغان كېچىسى يەنى تەشرىق كۈنلىرىدىن كېيىنكى كېچە بولۇپ، ئۇلار مىنادىن چۈشۈپ "مۇھەسسەپ" دېگەن جايغا چۈشۈپ كېچىدە شۇ يەردە ئارام ئالدى، بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ جايدا ئازراق ئارام ئېلىپ ئۇخلىدى، ئاندىن ئۇلىغىغا مېنىپ بەيتۇللاھقا كېلىپ كەبىنى تاۋاپ قىلدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر ھەج-ئۆمرە قىلىپ قايتسا، مەن پەقەت ھەج قىلىپ قايتىمەنمۇ؟ يەنى ئۇلار تەمەتتۇ قىلىپ ئايرىم ئۆمرە ۋە ئايرىم ھەج قىلىپ قايتسا، مەن ئايرىم ئۆمرە قىلماي قايتىمەنمۇ؟ دېدىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قىران ھەج قىلغان بولۇپ، ھەجنىڭ نىيىتى بىلەن ئۆمرە ھەجگە كىرىپ كەتكەن ئىدى. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: كىشىلەر قوش ئەجىر بىلەن قايتسا، مەن يالغۇز بىر ئەجىر بىلەن قايتىمەنمۇ؟دېگەن. يەنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قالغان ئاياللىرى ۋە ساھابى ئاياللارغا ئوخشاش ھەجدىن باشقا ئايرىم ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغان، ئۇلار ھەجنىڭ ئېھرامىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىپ، ئۆمرە پائالىيتىنى تاماملاپ تەرۋىيە كۈنىدىن بۇرۇن ھالال بولۇپ ئېھرامدىن چىققان، تەرۋىيە كۈنى مەككىدىن ھەجگە ئېھرام باغلىغان، ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم ئۆمرە ۋە ئايرىم ھەج ھاسىل بولغان. ئەمما ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۈچۈن ھەجگە كىرىپ كەتكەن ئۆمرە ھاسىل بولغان(يەنى قىران ھەججى)، ئايرىم ئۆمرە ھاسىل بولمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا، قايتىدىغان كۈنىدە: «سىزنىڭ قىلغان سەئىيىڭىز ۋە تاۋاپىڭىز ھەججىڭىز ۋە ئۆمرىڭىز ئۈچۈن ھەر ئىككىسىگە كۇپايە قىلىدۇ» دېگەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىماي باشقا كىشىلەرگە ھاسىل بولغاندەك ئايرىم ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرىنى بۇيرۇپ مېنى ئۇنىڭ تۆگىسىنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈردى، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاكىسى بولغان ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى تەنئىمغا ئېلىپ چېقىپ ئۇيەردىن ئېھرامنى نىيەت قىلدۇرۇپ ئۆمرە قىلدۇرۇشقا شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭمۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش بولىشىنى بۇيرىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇ: مەن كىچىك قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن ئىسىمدە تۇتىمەن، مەن قاتتىق مۈگۈدەپ يۈزۈم تۆگىنىڭ توقۇمىغا تىگىپ تۇراتتى. يەنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۆگىسىنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ تەنئىمغا ماڭدى، ئۇ قاتتىق مۈگىدەپ ھەتتا قاتتىق مۈگۈدىگەنلىكتىن بېشى تۆگىنىڭ توقۇمىغا تىگىپ تۇراتتى. بىز تەنئىمغا كەلدۇق، مەن ئۇ يەردىن كىشىلەر قىلغان ئۆمرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۆمرىگە ئېھرام باغلىدىم، يەنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا تەنئىمغا كەلگەن ۋاقتىدا، كىشىلەر ئەۋۋەلدە قىلغان ئۆمرىگە ئوخشاش ئايرىم ئۆمرىگە نىيەت قىلىپ ئېھرامغا كىردى. بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مۇشۇ ئۆمرە سىز ئادەت كۆرۈپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى چەكلەپ قويغان ۋە ھەج بىلەن بىرگە بولماستىن ئايرىم ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئۆمرىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ» دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10010

 
Hadith   727   الحديث
الأهمية: كنا لا نعد الكدرة والصفرة بعد الطهر شيئًا


باشتېما:

بىز ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىنكى دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق

عن أم عطية، نُسيبة بنت الحارث الأنصارية -رضي الله عنها- قالت: «كنا لا نعد الْكُدْرَة وَالصُّفْرَة بعد الطهر شيئًا».

ئۇممۇ ئەتىيە نۇسەيبە بىنتى ھارىس ئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىز ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىنكى دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نقلت أم عطية -رضي الله عنهما- سنة نبوية تقريرية فيما يخرج من أرحام النساء من دماء فقالت -رضي الله عنها-:
"كنا لا نعد الكدرة" أي: ما هو بلون الماء الوسخ الكدر.
و"الصفرة" هو: الماء الذي تراه المرأة كالصديد يعلوه اصفرار.
"بعد الطهر" أي بعد رؤية القصة البيضاء والجُفُوف.
"شيئا" أي لا نعده حيضا، وقولها: " كنا:" أشهر الأقوال فيها أنها تأخذ حكم الرفع إلى النبي -صلى الله عليه وسلم-؛ لأن المراد كنا في زمانه -صلى الله عليه وسلم- مع علمه، فيكون تقريرا منه، وهو دليل على أنه لا حكم لما ليس بدم غليظ أسود يعرف، فلا يعد حيضا، بعد الطهر، وللطهر علامتان:
الأولى: القَصَّة، قيل: إنه شيء كالخيط الأبيض، يخرج من الرحم بعد انقطاع الدم.
الثانية: الجفوف، وهو أن يخرج ما يحشى به الرحم جافا.
ومفهوم قولها: "بعد الطهر" أن الصفرة والكدرة في أيام الحيض تعتبر حيضا.
574;ۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللارنىڭ بالياتقۇسىدىن چىققان قان توغرىسىدا بېكىتكەن سۈننەتلىرىدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن كەلگەن دۇغ سۇدەك ۋە سېرىق يېرىڭدەك كەلگەن نەرسىلەرنى ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئالمايتتۇق، تېكستتە بىز دەپ بايان قىلدى، مەشھۇر قاراشلاردا بىز دېگەن سۆزدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھۆكۈم مەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىز دەپ تېكىست بايان قىلىنسا بۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلگەن ۋە بېكىتكەن ئىش مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ ھەدىس ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن كەلگەن نەرسە قاپقارا قويۇق قان بولمىسا ئۇنىڭغا ھەيزنىڭ ھۆكمى بېرىلمەيدۇ، پاكلىقنىڭ ئىككى ئالامىتى بولىدۇ: بىرىنچىسى: ھەيزنىڭ قېنى ئۈزۈلگەندىن كېيىن بالياتقۇدىن چىقىدىغان ئاق نەرسىلەر(يەنى بۇ قەسسە) دېيىلىدۇ، ئىككىنچىسى: قۇرۇغانلىق، بالىياتقۇنىڭ ئەتراپىنى قۇرۇتۇپ چىقىدىغان نەرسە، تېكستتە ھەيزدىن كېيىن دېدى بۇنىڭغا ئاساسەن ھەيز كۈنلىرىدە كەلگەن دۇغ ۋە سېرىق نەرسىلەر ھەيزنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى بۇنىڭ ئوخشىشىنى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10014

 
Hadith   728   الحديث
الأهمية: يا رسول الله، إني امرأة أستحاض حيضة كثيرة شديدة، فما ترى فيها قد منعتني الصلاة والصوم، فقال: أنعت لك الكرسف، فإنه يذهب الدم، قالت: هو أكثر من ذلك


باشتېما:

ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، ھەيز مېنى ناماز، روزىدىن چەكلەپ قويىدۇ، سىلىچە قانداق قىلىمەن؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاختا قويىۋىلىڭ، پاختا قاننى يوق قىلىدۇ» دېدى، ئۇ ئايال: قان ئىنتايىن كۆپ كېلىدۇ، پاختا كار قىلمايدۇ، دېدى

عن حَمْنَة بنت جَحش -رضي الله عنها- قالت: كنت أُسْتَحَاض حَيْضَة كثيرة شَدِيدة، فأتيت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أَسْتَفْتِيه وأُخْبِرُه، فَوجدْتُه في بيت أختي زينب بنت جَحش فقلت: يا رسول الله، إني امرأة أُسْتَحَاض حَيْضَة كثيرة شديدة، فما تَرى فيها، قد مَنَعَتْنِي الصلاة والصوم، فقال: «أَنْعَتُ لك الكُرْسُف، فإنه يُذهِبُ الدَّم». قالت: هو أكثر من ذلك، قال: «فاتَّخِذِي ثوبا». فقالت: هو أكثر من ذلك إنما أَثُجُّ ثَجًّا، قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «سَآمُرُك بأمْرَين أيهما فَعَلْتِ أجْزَأَ عَنْكِ من الآخر، وإن قَوِيتِ عليهما فأنتِ أعْلَم». قال لها: «إنما هذه رَكْضَةٌ من رَكَضَات الشيطان فَتَحَيَّضِي ستَّة أيام أو سبعة أيَّام في عِلْم الله، ثم اغْتَسِلِي حتى إذا رأيت أنك قد طَهُرْتِ، واسْتَنْقَأْتِ فصلِّي ثلاثا وعشرين ليلة أو أربعا وعشرين ليلة وأيامها وصومي، فإن ذلك يُجْزِيكِ، وكذلك فافْعَلي في كل شهر كما تحيض النساء، وكما يَطْهُرْن مِيقَاتُ حَيْضِهِنَّ وَطُهْرِهِنَّ، وإن قَوِيت على أن تُؤَخِّري الظهر وتُعَجَلِّي العصر فَتَغْتَسِلِينَ وَتَجْمَعِينَ بين الصلاتين الظهر والعصر، وتُؤَخِّرِين المغرب وتُعَجِّلين العشاء، ثم تَغْتَسِلِينَ وَتَجْمَعِينَ بين الصلاتين فافْعَلي، وَتَغْتَسِلِينَ مع الفجر فافْعَلي، وصُومي إن قَدِرت على ذلك»، قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «وهذا أَعْجَبُ الْأَمْرَيْنِ إليَّ».

ھەمنە بىنتى جەھىش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان بولغاچقا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بۇ توغرىدا خەۋەر بېرىپ پەتىۋا سوراي دەپ باردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەمشىرەم زەينەپ بىنتى جەھىشنىڭ ئۆيىدىن تاپتىم، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، ھەيز مېنى ناماز ۋە روزىدىن چەكلەپ قويىدۇ، سىلىچە قانداق قىلسام بولىدۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاختا قويىۋىلىڭ، پاختا قاننى يوق قىلىدۇ» دېدى، مەن: ھەيز ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، پاختا كار قىلمايدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «لاتا قويىۋىلىڭ» دېدى، مەن: بەك كۆپ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىزنى ئىككى تۈرلۈك ئىشقا بۇيرىيمەن، ئۇنىڭ قايسىسىنى قىلسىڭىز يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر ئىككىلىسھەمنە بىنتى جەھىش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان بولغاچقا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بۇ توغرىدا خەۋەر بېرىپ پەتىۋا سوراي دەپ باردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەمشىرەم زەينەپ بىنتى جەھىشنىڭ ئۆيىدىن تاپتىم، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، ھەيز مېنى ناماز ۋە روزىدىن چەكلەپ قويىدۇ، سىلىچە قانداق قىلسام بولىدۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاختا قويىۋىلىڭ، پاختا قاننى يوق قىلىدۇ» دېدى، مەن: ھەيز ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، پاختا كار قىلمايدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «لاتا قويىۋىلىڭ» دېدى، مەن: بەك كۆپ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىزنى ئىككى تۈرلۈك ئىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇنىڭ قايسىسىنى قىلسىڭىز يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر ئىككىلىسىنى قىلالىسىڭىز بۇنى ئۆزىڭىز بىلىسىز» دەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش، سىز ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۆرىسىز، ھەيز قېنىدىن پاك بولغانلىقىڭىزنى بىلگەن ۋاختىڭىزدا يۇيۇنۇپ، پاكىزلىنىڭ، بىر ئايدا يىگىرمە ئۈچ ياكى يىگىرمە تۆت كۈن روزا تۇتۇڭ، ناماز ئوقۇڭ، ئاشۇ سىزگە كۇپايە قىلىدۇ، باشقا ھەيز كۆرگەن ئاياللار ھەيزدىن پاك بولسا پاكىزلانغاندەك سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ، ئەگەر قۇدىرتىڭىز يەتسە پېشىننى كېچىكتۈرۈپ ئەسىرنى ئالدىغا تارتىپ يۇيۇنۇپ پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇڭ، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەننى ئالدىغا تارتىپ يۇيۇنۇپ ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇڭ، بامدات نامىزىنىمۇ يۇيۇنۇپ ئوقۇڭ، ئەگەر قادىر بولالىسىڭىز شۇنداق قىلىڭ ۋە روزا تۇتۇڭ» دەپ: «بۇ ئىككىسى ماڭا ياخشى كۆرىلىدىغان ئىش» دېدىىنى قىلالىسىڭىز بۇنى ئۆزىڭىز بىلىسىز» دەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش، سىز ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۆرىسىز، ھەيز قېنىدىن پاك بولغانلىقىڭىزنى بىلگەن ۋاختىڭىزدا يۇيۇنۇپ، پاكىزلىنىڭ، بىر ئايدا يىگىرمە ئۈچ ياكى يىگىرمە تۆت كۈن روزا تۇتۇڭ، ناماز ئوقۇڭ، ئاشۇ سىزگە كۇپايە قىلىدۇ، باشقا ھەيز كۆرگەن ئاياللار ھەيزدىن پاك بولسا پاكىزلانغاندەك سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ، ئەگەر قۇدىرتىڭىز يەتسە پېشىننى كىچىكتۈرۈپ ئەسىرنى ئالدىغا تارتىپ يۇيۇنۇپ پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇڭ، شام نامىزىنى كىچىكتۈرۈپ خۇپتەننى ئالدىغا تارتىپ يۇيۇنۇپ ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇڭ، بامدات نامىزىنىمۇ يۇيۇنۇپ ئوقۇڭ، ئەگەر قادىر بولالىسىڭىز شۇنداق قىلىڭ ۋە روزا تۇتۇڭ» دەپ: «بۇ ئىككىسى ماڭا ياخشى كۆرىلىدىغان ئىش» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى حديث حَمنة -رضي الله عنها- "كُنت أُسْتَحَاض حَيْضَة كثيرة شَدِيدة" أي أن الدم كان ينزل منها ويستمر لمدة طويلة بشِّدة وقوة عند خروجه.
"فأتيت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أَسْتَفْتِيه وأُخْبِرُه"
ثم إنها جاءت إلى النبي -صلى الله عليه وسلم-تسأله عن الحكم الشَّرعي، وما الذي يجب عليها.
"فقلت: يا رسول الله، إني امرأة أُسْتَحَاض حَيْضَة كثيرة شديدة، فما تَرى فيها قد مَنَعَتْنِي الصلاة والصوم"
يعني: أن الدم النازل منها جعلها تتوقف عن الصلاة والصوم بناء على أنه دمُ حيض، وهذا هو المتبادر لها في أول الأمر، ثم بَيَّنَ لها النبي -صلى الله عليه وسلم- أن الدم النازل منها بهذه الصفة إنما هو ركَضة من الشيطان وليس بِدَم حيض.
فقال: «أَنْعَتُ لك الكُرْسُف، فإنه يُذهب الدَّم».
أي: استخدمي القُطن؛ وذلك بأن تجعله على فَرجها وتَشُّده عليه حتى يُمسك الدم.
"قالت: هو أكثر من ذلك"
أي: أن الدم النازل كثير وشديد والقطن لا يمكن أن يؤدى به الغَرَضُ.
قال: «فاتَّخِذِي ثوبا».
أي: أضيفي إلى القطن ثوبا حتى يكون كثيفا يمسك به الدم.
"فقالت: هو أكثر من ذلك إنما أَثُجُّ ثَجًّا"
أي: أن الدم يَصُّب منها بكثرة وقوة، فلا يَسْتَمْسك بالقُطن ولا بالثياب؛ لأنه ينزل بغزارة وبكثرة.
"قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «سَآمُرُك بأمْرَين»"
يعنى: أحد حكمين، وهما كما سيأتي :
الأول: الاغتسال لكل صلاة.
   والثاني: أن تجمع بين الظهر والعصر والمغرب والعشاء وتغتسل ثلاث مرات للظهر والعصر غسلا واحدا، وللمغرب والعشاء غسلا واحدا، وللفجر غسلا واحدا.
"أيهما فعلت أجزأ عَنكِ من الآخر"
يعني: أنتِ بالخيار بين هذين الأمرين.
"وإن قَوِيتِ عليهما فأنتِ أعْلَم "أي: قَدِرتِ عليهما، أي الأول والثاني فأنت أعلم بحالك، فاختاري أيهما شئت منهما.
"ثم قال لها: «إنما هذه رَكْضَةٌ من رَكَضَات الشيطان »"
والمعنى: أن الشيطان قد وجد سبيلا إلى التَّلبيس عليها في أمْرِ دينها وطهرها وصلاتها؛ حتى أنْسَاها عادتها، وصارت في التقدير كأنها ركْضَة منه، ولا ينافي أن يكون عِرْق يقال له العَاذِل كما جاء في حديث فاطمة بنت أبي حُبيش -رضي الله عنها- في قولها :" إني امرأة استحاض فلا أطهر أفأدع الصلاة؟ قال: لا إنما ذلك عِرْق، وليس بحيض " فَيُحمل على أن الشيطان رَكَضَه حتى انْفَجَر، والأظهر أنها ركضة منه حقيقة؛ إذ لا مانع من حملها عليه.   
"فَتَحَيَّضِي ستَّة أيام أو سبعة أيَّام"
أي: دَعِي الصلاة والصوم واعتبري نفسك حائضا مدة ستة أيام أو سبعة أيام، فتجلسها وتترك الصلاة فيها، وهذا باعتبار أن غالب عادة النساء ستة أيام أو سبعة أيام.
"في عِلْم الله" أي: في حكم الله وشرعه، وقوله :"ستة أيام أو سبعة أيام"        
"فأو" هنا ليست للشك إنما هي للتنويع والدلالة على أن بعض النساء يحِضْن ستة أيام، وبعضهن يحِضْن سبعة أيام فترجع إلى قريباتها من النساء من هي في سِنْها، وأقرب إلى مِزَاجِها.
"ثم اغْتَسِلِي حتى إذا رأيتِ أنك قد طَهُرْتِ، واسْتَنْقَأْتِ فصلِّي ثلاثا وعشرين ليلة أو أربعا وعشرين ليلة وأيامها وصومي فإن ذلك يُجْزِيكِ"
يعني: إذا مضت ستة أو سبعة أيام وجب عليك الاغتسال من الحيض، ثم ما زاد على ستة أيام أو سبعة أيام وهي: إما ثلاثة وعشرون يوما أو أربعة وعشرون يوما، فهي أيام طُهر افعلي فيها كل ما تفعله الطاهرات من الصوم والصلاة، فإن هذا يكفي عنكِ.      
"وكذلك فافْعَلي في كل شَهر كما تحيض النساء، وكما يَطْهُرْن مِيقَاتُ حَيْضِهِنَّ وَطُهْرِهِنَّ"
يعني: تحيضي كل شهر ستة أيام أو سبعة أيام كعادة النساء، ثم اغتسلي وصلي، وهكذا وقت طهرك يكون بقدر ما يكون عادة غالب النساء من ثلاث وعشرين أو أربع وعشرين.
"وإن قَوِيت على أن تُؤَخِّري الظهر وتُعَجلي العصر فَتَغْتَسِلِينَ وَتَجْمَعِينَ بين الصلاتين الظهر والعصر، وتُؤَخِّرِين المغرب وتُعَجِّلين العشاء، ثم تَغْتَسِلِينَ وَتَجْمَعِينَ بين الصلاتين فافْعَلي، وَتَغْتَسِلِينَ مع الفجر فافْعَلي، وصُومي إن قَدِرتِ على ذلك».
والمعنى: إذا قَوِيت على أن تؤخري الظهر إلى آخر وقتها وتصلي العصر في أول وقتها وكذا تؤخري المغرب إلى آخر وقتها وتصلي العشاء في أول وقتها -وهذا ما يسمَّى عند العلماء بالجمع الصُّورِيَّ- وأمَّا الفجر: فتغتسل للصلاة غسلا واحدا، فإن قَدِرت    على ذلك فافعلي، وعلى هذا : تغتسل المستحاضة ثلاث مرات للظهر والعصر غسلا واحدا وللمغرب والعشاء غسلا واحدا وللفجر غسلا واحدا وتجمع بين الصلاتين جمعا صوريا.
"وهذا أَعْجَبُ الْأَمْرَيْنِ إليَّ"
يعني أن هذا الأمر أحبُّ إليَّ، وهو : كونها تجمع بين الظهر والعصر والمغرب والعشاء وتغتسل ثلاث مرات للظهر والعصرغسلا واحدا، وللمغرب والعشاء غسلا واحدا، وللفجر غسلا واحدا.
وأما الأمر الأول، فهو الغسل لكل صلاة، لكن ليس في هذا الحديث ذكر الاغتسال لكل صلاة، إلا أنه قد جاء في رواية أخرى عند أبي داود أنها تغتسل لكل صلاة، وهي قوله: "إن قَوِيت فاغتسلي لكل صلاة وإلا فاجْمَعي بين الصلاتين بغسل واحد"
ولا شك أن الاغتسال لكل صلاة مشَقَّة ظاهرة ولهذا قال -صلى الله عليه وسلم- في الأمر الثاني: "وهذا أعجب الأمرين إليَّ"
يعني: أحبهما إليَّ؛ لأنه أسهل وأخَف من الأول.
726;ەمنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنىڭ مەنسى: مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال ئىدىم، قان كۆپ كېلەتتى ھەر كەلگەندە كۈچلۈك ھەم ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىپ كېلەتتى، مەن بۇ ئىشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خەۋەر قىلىپ، قانداق قىلىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدا پەتىۋا سوراش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدىم، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، قان كۈچلۈك ۋە كۆپ كېلىپ ھەم ئۇ قاننى ھەيز قېنىمىكى دەپ ناماز بىلەن روزىدىن چەكلىنىپ قالىمەن، (دەسلەپتە بۇنى ھەيز قېنىمىكى دەپ ئويلاپ قالغان) دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بۇ سۈپەتتىكى قاننىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ، بۇ ھەيزنىڭ قېنى ئەمەس بەلكى شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش دەپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن سىزنى پاختا ئىشلىتىشكە بۇيرۇيمەن، چۈنكى پاختا قاننى سۈمۈرىدۇ» دېدى، مەن: قان ئۇنىڭدىن بەك كۆپ، يەنى پاختا كار قىلمايدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاختىنى لاتىغا ئوراپ ئىشلىتىڭ، ئۇ قىلىن بولغاندىن كېيىن قاننى تۇتۇپ تۇرىدۇ»دېدى، مەن: قان سۈ تۆكۈلگەندەك قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ كۆپلىكىدىن پاختا بىلەن لاتىمۇ كار قىلمايدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەن سىزنى ئىككى تۈرلۈك ئىشقا بۇيرۇيمەن يەنى ئىككى ھۆكۈمنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇيمەن»دەپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى: ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش، ئىككىنچى: پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش ۋە بىر كۈندە ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇش، پېشىن بىلەن ئەسىرگە بىر، شام بىلەن خۇپتەنگە بىر ۋە بامداتقا بىر قېتىم يۇيۇنۇش، «ئۇ ئىككى ئىشنىڭ قايسىسىنى قىلسىڭىز، ئۇ يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلىدۇ» يەنى بۇ ئىككى ھۆكۈمنىڭ بىرىنى تاللاش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىز، «ئەگەر ھەر ئىككىسىنى قىلالىسىڭىز، سىز ئىشىڭىزنى ياخشى بىلىسىز، ئىككى ئىشنىڭ قايسىسىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ»، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «بۇ شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش» يەنى شەيتان ئۇ ئايالنىڭ دىنى ئىشىنى، پاكلىقىنى ۋە نامىزىنى ۋەسۋەسە قىلىدىغانغا يول تاپتى، ئايلىق ئادىتىنى ئۇنتۇلدۇردى، گوياكى بۇ شەيتاندىن بولغان بىر سانجىشقا ئۆزگەردى. بۇ پاتىمە بىنتى ئەبۇ ھۈبەيش رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان تومۇردىن كەلگەن قان دېگەن سۆزگە زىت كەلمەيدۇ. پاتىمە بىنتى ئەبۇ ھۈبەيش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: مەن كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، پاك بولمايمەن، نامازنى تەرك قىلايمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياق، ئۇ ھەيز ئەمەس بەلكى تومۇردىن كەلگەن قان» دېگەن، يەنى شەيتان بىرنى سانجىغان شۇنىڭ بىلەن ئېتىلىپ چىققان، ھەقىقەتتە شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش ئىكەنلىكىگە ھېچ چەكلىمە يوق.«سىز ھەر ئايدا ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۆرىسىز» يەنى سىز ھەر ئايدا ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى ھەيز كۆرگەن ھېسابلاپ، شۇ جەرياندا ناماز ئوقۇمايسىز ۋە روزا تۇتمايسىز، كۆپچىلىك ئاياللارنىڭ ئادەت ۋاقتى ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە شەرىئىتىدە شۇنداق بولىدۇ، ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن دېگەندىكى ياكى دېگەن سۆز شەك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تۈرنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن، چۈنكى بەزى ئاياللار ئالتە كۈن ئادەت كۆرىدۇ، يەنە بەزى ئاياللار يەتتە كۈن ئادەت كۆرىدۇ، بۇنى بىلىش شۇ ئايال بىلەن يېشى تەڭ ۋە مىجەزى يېقىن كىلىدىغان ئاياللارغا قاراپ ئايرىلىدۇ، «ئۆزىڭىزنىڭ ھەيزدىن پاكلىنىپ پاكىزە بولغانلىقىڭىزنى بىلگەن ۋاختىڭىزدا يۇيۇنۇپ، ھەر ئايدا يىگىرمە ئۈچ ياكى يىگىرمە تۆت كۈن ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتۇڭ بۇ سىزگە بىر ئايغا كۇپايە قىلىدۇ»، يەنى سىزنىڭ ئالتە ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۈنىڭىز ئاخىرلاشسا، سىزنىڭ يۇيۇنىشىڭىز زۆرۈر بولىدۇ، ئالتە ياكى يەتتە كۈندىن ئارتۇق بولغىنى ئۇ يىگىرمە ئۈچ ياكى يىگىرمە تۆت سىزنىڭ پاكلىق كۈنىڭىز بولىدۇ، ئۈ كۈنلەردە پاك ئاياللار قىلىدىغان ناماز ۋە روزا قاتارلىق ئەمەللەرنى قىلسىڭىز ئۇ سىزگە كۇپايە قىلىدۇ، باشقا ئايلاردىمۇ نورمال ھەيز كۆرىدىغان ئاياللار بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ھەيز كۆرۈپ، پاكىزلانغاندەك سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ، يەنى ھەر ئايدا باشقا ئاياللارغا ئوخشاش ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۆرىسىز، ئاندىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز، مۇشۇ ۋاقىت سىزنىڭ پاكلىق ۋاقتىڭىز بولىدۇ، خۇددى كۆپچىلىك ئاياللارنىڭ ئادەت كۆرۈش ۋە پاكلىنىش ۋاقتىغا ئوخشاش، «ئەگەر پېشىننى كېچىكتۈرۈپ ئەسىرنى ئالدىغا سۈرۈپ يۇيۇنۇپ پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىرگە ئوقۇشقا، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەننى ئالدىغا سۈرۈپ يۇيۇنۇپ شام بىلەن خۇپتەننى بىرگە ئوقۇشقا،-بۇ شامنى ئاخىرقى ۋاقتىدا، خۇپتەننى ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇش بولۇپ، بۇنى ئۆلىمالار شەكلەن جۇغلاش دەپ ئاتايدۇ-بامداتنى يۇيۇنۇپ ئوقۇشقا قادىر بولالىسىڭىز، شۇنداق قىلىڭ» يەنى مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئىستىھازە بولۇپ قالغان ئايال پېشىن بىلەن ئەسىرگە بىر، شام بىلەن خۇپتەنگە بىر، بامداتقا بىر جەمى ئۈچ قېتىم يۇيۇنىدۇ، ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى شەكلەن جۇغلاپ ئوقۇيدۇ، «بۇ ئىككى ئىش ماڭا ياخشى كۆرەلگۈچى»دېدى، يەنى پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ ھەر ئىككى ناماز ئۈچۈن بىر قېتىمدىن ۋە بامدات ئۈچۈن بىر قېتىم جەمى ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇش ماڭا ياخشى كۆرىلىدۇ، بىرىنچى ئىش: ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش بولۇپ، لېكىن بۇ ھەدىستە ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش زىكىر قىلىنمىغان، ئەمما ئەبۇ داۋۇدتا بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش زىكىر قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئەگەر قادىر بولالىسىڭىز ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇڭ، قادىر بولالمىسىڭىز يۇيۇنۇپ ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇڭ»دېگەن، ھەقىقەتتە ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش قېيىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككىنچى ئىشتا: «بۇ ئىككى ئىش ماڭا ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر»دېگەن. ئۇ بىرىنچىسىدىن ئىككىنچىسى ئاسان ۋە يەڭگىل بولىدۇ   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10016

 
Hadith   729   الحديث
الأهمية: نصرت بالرعب، وأعطيت مفاتيح الأرض، وسميت أحمد، وجعل التراب لي طهورا، وجعلت أمتى خير الأمم


باشتېما:

قورقۇنچ بىلەن نۇسرەت بېرىلدىم، زېمىن خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى ماڭا بېرىلدى، ئەھمەد دەپ ئاتالدىم، زېمىن ماڭا پاكلۇغۇچى قىلىپ بېرىلدى، ئۈممىتىم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قىلىندى

عن علي بن أبي طالب -رضي الله عنه- مرفوعاً: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: "أُعطِيتُ ما لم يُعطَ أحدٌ من الأنبياءِ". فقلنا: يارسول الله، ما هو؟ قال: "نُصِرتُ بالرُّعبِ، وأُعطِيتُ مَفَاتِيحَ الأرضِ، وسُمِّيتُ أحمدَ، وجُعِلَ التُّرابُ لي طَهُوراً، وجُعِلَتْ أمَّتي خيرَ الأممِ".

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ماڭا ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرگە بېرىلمىگەن خىسلەتلەر بېرىلدى، دېدى، بىز: ئۇلار قايسى؟ دېدۇق، رەسۇلۇللاھ: قورقۇنچ بىلەن نۇسرەت بېرىلدىم، زىمىن خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى ماڭا بېرىلدى، ئەھمەد دەپ ئاتالدىم، زىمىن ماڭا پاكلۇغۇچى قىلىپ بېرىلدى، ئۈممىتىم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قوله: "أعطيت ما لم يعط أحد من الأنبياء قبلي" ظاهره أن كل واحدة مما ذكر لم تكن لأحد قبله، قوله: "نصرت بالرعب" أي: بخوف العدو مني، وهو الذي قطع قلوب أعدائه وأخمد شوكتهم وبدد جموعهم، قوله: "وأعطيت مفاتيح" جمع مفتاح اسم للآلة التي يفتح بها، وهو في الأصل كل ما يتوصل به إلى استخراج المغلقات التي يتعذر الوصول إليها بها، قوله: "الأرض" استعارة لوعد الله له بفتح البلاد، قوله: "وسميت أحمد" فلم يسم به أحد قبله حماية من الله؛ لئلا يدخل لبس على ضعيف القلب أو شك في كونه هو المنعوت بأحمد في الكتب السابقة، قوله: "وجعل لي التراب طهوراً" أي: مطهراً عند تعذر الماء.
585;ەسۇلۇللاھنىڭ «ماڭا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە بېرىلمىگەن خىسلەتلەر بېرىلدى» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى شۇ ئىشلارنىڭ ھىچبىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەردە يۈز بەرمىگەن. «قورقۇنچ بىلەن نۇسرەت بېرىلدىم» دېگىنى، دۈشمەن مەندىن قورقۇپ، دېگەن مەنىدە. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سالغان، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان، توپىنى پارچىلىۋەتكەن. «زىمىن خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى ماڭا بېرىلدى» ئاچقۇچ بولسا ئېتىك نەرسىلەرنى ئاچىدىغان بىر سايمان بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە ئۇلۇشۇش تەس بولغان، توسالغۇلارنى تىپىپ چىقىشقا ۋاستە بولىدىغان نەرسىدۇر. «زېمىن» ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا دەۋلەت ۋە شەھەرلەرنى پەتھى قىلىپ بېرىش ۋەدىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۆچمە سۆز. «مەن ئەھمەد دەپ ئاتالدىم» ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نام شەرىپىنى ساقلىغانلىقتىن، ساماۋى كىتابلاردا سۈپەتلەنگەن شۇ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇماندار كىشىلەرگە، شەكلەنگۈچىلەرگە ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھېچبىر كىشى ئۇ ئىسىم بىلەن ئاتالمىغان. «زىمىن ماڭا پاكلۇغۇچى قىلىپ بېرىلدى» دېگىنى، سۇ تېپىلمىغاندا سۇ ئورنىدا ئىشلىتىپ تەيەممۇم قىلىش دۇرۇس قىلىندى، دېگەن مەنىدە   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10025

 
Hadith   730   الحديث
الأهمية: صببت للنبي -صلى الله عليه وسلم- غسلا


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غۇسلى قىلىشى ئۈچۈن سۇ تەييارلاپ بەردىم

عن ميمونة -رضي الله عنها- قالت: «صَبَبْتُ للنبي -صلى الله عليه وسلم- غُسْلا، فَأَفْرَغ بيمينه على يساره فغَسَلَهُما، ثم غَسل فَرْجَه، ثم قال بِيَدِه الأرض فَمَسَحَها بالتُّراب، ثم غَسلها، ثم تَمَضْمَضَ واسْتَنْشَقَ، ثم غَسَل وجْهَه، وأفَاضَ على رأسِه، ثم تَنَحَّى، فغسل قَدَمَيه، ثم أُتِيَ بمنْدِيل فلم يَنْفُضْ بها».

مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غۇسلى قىلىشى ئۈچۈن سۇ تەييارلاپ بەردىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا سۇ قۇيۇپ ئىككى قولىنى يۇدى، ئاندىن ئەۋرىتىنى يۇدى، ئاندىن قولىنى يەردىكى توپىغا سۈرتتى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن يۇدى، ئېغىزىنى چايقىدى، بۇرنىغا سۇ ئالدى، يۈزىنى يۇدى، ئاندىن بېشىدىن سۇ قۇيدى، ئاندىن يۇيۇنغان جايدىن چېقىپ ئىككى پۇتىنى يۇدى، بەدىنىنى سۈرتۈش ئۈچۈن لۆڭگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى لېكىن لۆڭگە بىلەن سۈرتمىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: تخبر ميمونة أنها هيَّأت له الماء لأجل أن يَغتسل به رسول الله -صلى الله عليه وسلم- من الجَنَابة، فتناول الإناء بيمينه، فصبَّه على يساره، ثم غسل كلتا يديه معاً؛ لأن اليدين آلة لنقل الماء، فاستحب غسلهما تحقيقا لطهارتهما، وتنظيفا لهما.        
فَغَسَلهُما، وفي رواية أخرى عن ميمونة -رضي الله عنها- عند البخاري: "فغسل يديه مرتين أو ثلاثا".    
وبعد أن غَسل يديه غَسل فَرْجَه بشماله لإزالة ما لوثه من آثار المَني وغيره، والمراد بالفَرْجِ هُنا: القُبل، يوضحه رواية البخاري: " ثم أفرغ على شِماله، فغسل مَذَاكِيرَه ".
ثم قال بِيَدِه الأرض والمراد ضرب بها الأرض واليد هنا: " اليَد اليُسرى، يوضحه رواية البخاري: " ثم ضَرب بِشِمَاله الأرض، فدَلَكَها دَلْكَا شديدا ".
فَمَسَحَها بالتُّراب لِيُزِيل ما قد يعَلق بها من آثار مُسْتَقْذَرة أو روائح كَرِيهة، ثم غَسل يَده اليُسرى بالماء لإزالة ما عَلَق بها من تُراب وغيره مما يُسْتَقْذَر، وبعد أن غسل يديه ونَظَّفَها مما قد يعَلق بها تمضمض وستنشق، ثم غَسَل وجْهَه. وليس فيه أنه توضأ -عليه الصلاة والسلام- ، لكن في حديثها الآخر عند البخاري ومسلم :" ثم توضأ وضوءه للصلاة "وهكذا جاء عن عائشة -رضي الله عنها-.
ثم صَبَّ الماء على رأسه، وفي روايتها الأخرى: " ثم أَفْرَغ على رأسه ثلاث حَفَنَات مِلءَ كَفِّه، ثم غَسَل سَائر جَسَده ".
ويُكتفى بالمرة الواحدة، إذا عَمَّت جميع البَدن.
ثم تحول إلى جهة أخرى بعيدا عن موضع الاغتسال فغسل قَدَمَيه بعد أن فَرَغ من وضوءه واغتساله، غسل قَدَميه مرة ثانية.
ثم أُتِيَ بمنْدِيل فلم يَنْفُضْ بها ولم يَتَمَسَّح بالمِنْدِيل من بَلَلِ الماء، وفي رواية أخرى عنها -رضي الله عنها-: " ثم أَتَيْتُه بالمِندِيل فَرَدَّه " وفي رواية أخرى : " أُتِيَ بِمِنْدِيلٍ فلم يَمَسَّه وجعل يقول: بالماء هكذا " يعني يَنْفُضُه.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جۇنابەتتىن يۇيۇنىشى ئۈچۈن سۇ تەييارلاپ بەرگەنلىك ۋەقەلىكىنى بايان قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ تولدۇرۇلغان قاچىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ سول قولىغا سۇ قۇيۇپ ئىككى قولىنى يۇيىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى قول باشقا ئەزالارغا سۇنى يەتكۈزىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىككى قولنى تازىلاپ پاكىزە بولغانغا قەدەر يۇيۇش كېرەك بولىدۇ. مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: ئىككى قولىنى ئىككى قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم يۇدى دېيىلگەن، ئىككى قولىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىدىكى مەنىنىڭ قالدۇقى ۋە باشقا تازىلاشقا تېگىشلىك بولغان نەرسىلەرنى سول قولى بىلەن يۇدى، ئەۋرەتتىن: ئالدى ئەزاسى مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ بۇخارىدا رىۋايەت قىلىنغان: «سول قولىغا سۇ قۇيۇپ ئالدى ئەزاسىنى يۇدى» دېگەن ھەدىس ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاندىن قولىنى يەردىكى توپىغا سۈرتتى، بۇنىڭدىن سول قول مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ بۇخارىدا رىۋايەت قىلىنغان: «سول قولىنى يەرگە ئۇرۇپ توپىغا قاتتىق سۈردى»دېگەن ھەدىس ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، قولىنى توپىغا سۈركەش بىلەن قولىغا يۇقۇپ قالغان پاكىزە بولمىغان نەرسىلەر ۋە ناچار پۇراقلار يوقايدۇ، ئاندىن سول قولىغا يۇقۇپ قالغان توپا ۋە باشقا نەرسىلەرنى يۇدى، ئىككى قولىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، ئېغىزىنى چايقاپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ، يۈزىنى يۇيۇشنى باشلىدى، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالدى دېيىلمىگەن، لېكىن بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: «نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالدى» دېيىلگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان. ئاندىن بېشىدىن سۇ قۇيدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «بېشىغا ئۈچ ئۇۋۇچ سۇ قۇيدى، ئاندىن بەدىنىنىڭ قالغان جايلىرىنى يۇدى» دېيىلگەن، بەدەننىڭ ھەممە يىرى يۇيۇلسا بىر قېتىم يۇيۇش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ، ئاندىن يۇيۇنغان جايدىن چېقىپ ئىككى پۇتىنى يۇدى، تەرەت ئىلىپ، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن پۇتىنى ئىككىنچى قېتىم يۇدى، بەدىنىنى سۈرتۈش ئۈچۈن لۆڭگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى، بەدىنىدىكى نەملىكنى لۆڭگە بىلەن سۈرمىدى. مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: «لۆڭگە ئىلىپ كەلسەم رەت قىلدى» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «لۆڭگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى، لۆڭگە بىلەن سۈرتمەي، مۇنداق قىلىمىز دەپ قولىدىكى سۇنىڭ قالدۇقلىرىنى سىيرىۋەتتى»

 

Grade And Record التعديل والتخريج
 
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10031

 
Hadith   731   الحديث
الأهمية: لقد نهانا أن نستقبل القبلة لغائط، أو بول، أو أن نستنجي باليمين، أو أن نستنجي بأقل من ثلاثة أحجار، أو أن نستنجي برجيع أو بعظم


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى چوڭ-كېچىك تەرەت سۇندۇرغاندا قىبلىگە يۈزلىنىشتىن ياكى ئوڭ قولىمىز بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن، ياكى ئۈچ تالدىن ئاز تاش-چالما بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن ياكى تېزەك ياكى سۆڭەك بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن چەكلىدى

عن سلمان -رضي الله عنه-، قال: قيل له: قد عَلَّمَكُمْ نَبِيُّكُم -صلى الله عليه وسلم- كل شيء حتى الخِرَاءَةَ، قال: فقال: أجَل «لقد نَهَانا أن نَستقبل القِبْلَة لِغَائِطٍ، أو بَول، أو أن نَسْتَنْجِيَ باليمين، أو أن نَسْتَنْجِيَ بِأَقَلَّ من ثلاثة أحْجَار، أو أن نَسْتَنْجِيَ بِرَجِيعٍ أَو بِعَظْمٍ».

سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىرسى: سىلەرگە پەيغەمبىرىڭلار ھەممە نەرسىنى ھەتتا ھاجەتخانىغا كېرىشنىمۇ تەلىم بەردىمۇ؟ دېگەندە، ئۇ: ھەئە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى چوڭ-كېچىك تەرەت سۇندۇرغاندا قىبلىگە يۈزلىنىشتىن ياكى ئوڭ قولىمىز بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن، ياكى ئۈچ تالدىن ئاز تاش-چالما بىلەن ياكى تېزەك ۋە سۆڭەك بىلەن تازىلاشتىن چەكلىدى» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "عن سلمان، قال: قيل له: قد عَلَّمَكُمْ نَبِيُّكُم -صلى الله عليه وسلم- كل شيء حتى الخِرَاءَةَ" يعني: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- علَّم أصحابه آداب قضاء الحاجة من أول ما يَدخل محل قضاء الحاجة إلى أن يخرج منه، ومن ذلك: استقبال القبلة واستدبارها حال قضاء الحاجة، والنهي عن الاستنجاء باليمين، وبالرَّجِيع والعَظام.
"قال: أجَل: لقد نَهَانا أن نَستقبل القِبْلَة لِغَائِطٍ، أو بَول" يعني: نعم، نهانا النبي -صلى الله عليه وسلم- أن نستقبل القبلة حال التَّغَوط أو التَّبول، فما دام أنه يقضي حاجته ببول أو غائط، فإنه لا يستقبل القبلة ولا يستدبرها؛ لأنَّها قِبْلة المسلمين في صلاتهم وغيرها من العبادات، وهي أشرف الجهات، فلا بد من تكريمها وتعظيمها قال -تعالى-: (وَمَنْ يُعَظِّمْ حُرُمَاتِ اللَّهِ فَهُوَ خَيْرٌ لَهُ عِنْدَ رَبِّهِ) [الحج: 30].
"أو أن نَسْتَنْجِيَ باليَمِين" أيضا: مما نهاهم عنه الاستنجاء باليمين؛ لأن اليَد اليُمنى تستعمل في الأمور الطيبة المحترمة المحمودة، وأما الأمور التي فيها امتهان كإزالة الخارج من السَّبيلين، فإنه يكون باليَد اليُسرى لا اليَد اليُمنى. وفي الحديث الآخر: (ولا يَتَمَسح من الخلاء بيمنيه).
"أو أن نَسْتَنْجِيَ بِأَقَلَّ من ثلاثة أحْجَار" أيضا: مما نهاهم عنه الاستنجاء بأقل من ثلاثة أحْجَار ولو حصل الإنقاء بأقل منها؛ لأن الغالب أن دون الثلاث لا يحصل بها الإنقاء، ويقيَّد هذا النَّهي إذا لم يَرد إتباع الحجارة الماء، أما إذا أراد إتباعها بالماء، فلا بأس من الاقتصار على أقلَّ من ثلاثة أحجار؛ لأنَّ القَصد هُنا هو تخفيف النَّجاسة عن المكان فقط، لا التطهُّرُ الكامل.
"أو أن نَسْتَنْجِيَ بِرَجِيعٍ" أيضا: مما نهاهم عنه الاستنجاء بالرَّجيع؛ لأنه عَلف دَوَاب الجِن، كما جاء مصرحا به في صحيح مسلم أن وفداً من الجِن جاءوا إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- فسألوه الزاد فقال: (لكم كل عَظْم ذُكِر اسم الله عليه، يقع في أيديكم أوفَر ما يكون لحْمَا، وكل بَعَرة علف لِدَوابِّكم).   
"أَو بِعَظْمٍ" أيضا: مما نهاهم عنه الاستنجاء بالعظام؛ لأنها طعام الجن، للحديث السابق حيث قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: (فلا تستنجوا بهما فإنهما طعام إخوانكم).
فإذا: السنة جاءت مبينة أن الحِكمة في ذلك عدم تقذيرها وإفسادها على من هي طعام لهم؛ لأنها إذا استعملت فيها النجاسة، فقد أفسد عليهم طعامهم.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: سەلمانغا بىرسى: سىلەرگە پەيغەمبىرىڭلار ھەممە نەرسىنى ھەتتا ھاجەتخانىغا كېرىشنىمۇ تەلىم بەردىمۇ؟ دېدى، يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ھاجەتخانىغا كىرگەندىن تاكى قايتىپ چېقىپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھاجەت ئادا قىلغاندا قىبلىگە يۈزلەنمەسلىك ياكى كەينىنى قىلماسلىق، ئوڭ قولى ياكى تېزەك بىلەن، سۆڭەك بىلەن تازىلىق قىلماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى تەلىم بەرگەنلىكىنى سورىدى. سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھە-ئە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى چوڭ-كېچىك تەرەت سۇندۇرغاندا قىبلىگە يۈزلىنىشتىن چەكلىدى، دېدى»، يەنى: چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەردە يۈزلىنىدىغان قىبلىسى، تەرەپلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى، شۇڭا ئۇنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا (يەنى ھەج جەريانىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلەنسە)، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى) ئۈچۈن ياخشىدۇر». ھەج سۈرىسى: 30-ئايەت. «ياكى ئوك قول بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن چەكلىدى» چۈنكى ئوڭ قول دېگەن ماختىلىدىغان، ھۆرمەتلىك، پاكىزە ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما ئىككى يولدىن چىققان نەرسىلەرنى تازىلاش قاتارلىق تازىلىق ئىشلىرىدا سول قول ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: «ئوڭ قول بىلەن نىجاسەتلەر تازىلانمايدۇ» دېيىلگەن. «ئۈچ تالدىن ئاز تاش-چالما بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن چەكلىدى» گەرچە بۇنىڭدىن ئاز بىلەن پاكىزلىق ھاسىل بولسىمۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۈچ تالدىن ئاز نەرسە بىلەن پاكىزلىق ھاسىل بولمايدۇ، بۇ تاش-چالما ئىشلەتكەندىن كېيىن سۇ ئىشلەتمىگەندە شۇنداق بولىدۇ، ئەمما ئاخىرىدا سۇ ئىشلىتىدىغان ئەھۋالدا تاش-چالمانى ئۈچ تالدىن ئاز ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە نىجاسەت ئورنىنى تولۇق پاكىزلەش ئەمەس، نىجاسەتنى ئازلىتىش مەقسەت قىلىنىدۇ. «ياكى تېزەك بىلەن تازىلىق قىلىشتىن چەكلىدى» چۈنكى تېزەك جىنلارنىڭ چارۋىلىرىنىڭ ئوزۇقىدۇر. مۇسلىمدا ئوچۇق بايان قىلىنغان ھەدىستە، جىننىڭ ئەلچىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغان ھەر قانداق سۆڭەك سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشكەندە بەك گۆشلۈك ھالەتتە بولىدۇ، ھەر قانداق تېزەك سىلەرنىڭ چارۋىلىرىڭلارنىڭ ھەلىپىدۇر» دېدى. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆڭەك بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن چەكلىدى» چۈنكى ئۇ جىنلارنىڭ يېمەكلىكى، ئىلگىرى بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سۆڭەك ۋە تېزەك بىلەن ئىستىنجا قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ ئىككىسى سىلەرنىڭ قېرىنداشىلىرىڭلارنىڭ يېمەكلىكىدۇر» دېگەن. سۈننەت بۇنىڭدىكى ھېكمەتنىڭ ئۇلارنىڭ يېمەكلىكى بولغان نەرسىلەرنى بۇزۇۋەتمەسلىك ۋە پاسكىنا قىلىۋەتمەسلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ نەرسىلەرنى نىجاسەتنى تازىلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەندە، ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىنى بۇزۇپ قويغان بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10048

 
Hadith   732   الحديث
الأهمية: اذهبْ بِنَعْلَيَّ هاتين، فمن لقيت من وراء هذا الحائط يشهد أن لا إله إلا الله مُسْتَيْقِنًا بها قلبه، فَبَشِّرْهُ بالجنّة


باشتېما:

بۇ ئىككى كەشنى ئېلىپ، بۇ باغنىڭ ئەتراپىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر مەئبۇد بەرھەقنىڭ يوقلۇقىغا چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن ھەر بىر كىشىگە جەننەت بىلەن بېشارەت بەرگىن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: كنَّا قعودا حول رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ومعنا أبو بكر وعمر -رضي الله عنهما- في نَفَرٍ، فقام رسول الله -صلى الله عليه وسلم- من بين أَظْهُرِنَا فأبطأ علينا، وَخَشِينَا أَنْ يُقْتَطَعَ دوننا وفزعنا فقمنا، فكنت أول من فزع، فخرجت أبتغي رسول الله -صلى الله عليه وسلم- حتى أتيت حائطا للأنصار لبني النجار، فدُرْتُ به هل أجد له بابا؟ فلم أجدْ! فإذا رَبِيعٌ يدخل في جوف حائط من بئر خارجه - والربيع: الجدول الصغير - فَاحْتَفَرْتُ، فدخلت على رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقال: «أبو هريرة؟» فقلت: نعم، يا رسول الله، قال: «ما شأنك؟» قلت: كنت بين أَظْهُرِنَا فقمت فأبطأت علينا، فَخَشِينَا أَنْ تُقْتَطَعَ دوننا، ففَزِعْنَا، فكنت أول من فزع، فأتيت هذا الحائط، فَاحْتَفَزْتُ كما يَحْتَفِزُ الثعلب، وهؤلاء الناس ورائي. فقال: «يا أبا هريرة» وأعطاني نعليهِ، فقال: «اذهبْ بِنَعْلَيَّ هاتين، فمن لقيت من وراء هذا الحائط يشهد أن لا إله إلا الله مُسْتَيْقِنًا بها قلبه، فَبَشِّرْهُ بالجنّة... » وذكر الحديث بطوله.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى، بىز ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق بىر قانچە كىشى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتۇق، رەسۇلۇللاھ ئارىمىزدىن قوپۇپ كېتىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە قايتىپ كەلمىدى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىرى بۇلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئالاقزادە بولدۇق-دە، ئورنىمىزدىن تۇردۇق. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىرىنچى بولۇپ ئىزدەپ چىقتىم، ئەنسارىلاردىن بەنى نەججار قەبىلىسىنىڭ بېغىغا كېلىپ، باغنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، كىرىدىغان ئىشىك تاپالمىدىم. توساتتىن باغنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقتىن باغنىڭ ئىچىگە ئېقىپ كىرىدىغان بىر ئېرىقنى كۆرۈپ قالدىم، دە، تۈگۈلۈپ باغنىڭ ئىچىگە كىرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم. رەسۇلۇللاھ: ئەبۇ ھۇرەيرىمۇ سەن، نېمە ئىش بولدى؟ دەپ سورىدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! سىلە بىزنىڭ ئارىمىزدىن كېتىپ قېلىپ، قايتىپ كەلمىدىلە، شۇڭا سىلىگە زىيان يىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدۇق، مەن ئالاقزادە بولۇپ، بۇ باققا ھەممىدىن بۇرۇن يېتىپ كىلىپ ۋە تۈلكىدەك تۈگۈلۈپ باغقا كىردىم، قالغان كىشىلەر كەينىمدىن كېلىۋاتىدۇ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا ئىككى پاي كەشىنى بېرىپ: ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! سەن بۇ ئىككى كەشنى ئېلىپ، بۇ باغنىڭ ئەتراپىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن ھەر بىر كىشىگە جەننەت بىلەن بېشارەت بەرگىن! دېدى. ئاندىن بۇ ھەدىسنىڭ ئاخىرغىچە بايان قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- جالسًا في أصحابه في نفرٍ منهم، ومعه أبو بكر وعمر، فقام النبي -صلى الله عليه وسلم- ثم أبطأ عليهم، فخشوا أن يكون أحد من الناس اقتطعه دونهم أي أصابه بضرر؛ لأن النبي -صلى الله عليه وسلم- مطلوب من جهة المنافقين، ومن جهة غيرهم من أعداء الدين، فقام الصحابة -رضي الله عنهم- فزعين، فكان أول من فزع أبو هريرة -رضي الله عنه- حتى أتى حائطًا لبني النجار، فجعل يطوف به لعله يجد بابًا مفتوحًا فلم يجد، ولكنه وجد فتحة صغيرة في الجدار يدخل منها الماء، فضم جسمه حتى دخل فوجد النبي -صلى الله عليه وسلم-، فقال له: "أبو هريرة؟" قال: نعم. فأعطاه نعليه -عليه الصلاة والسلام- أمارةً وعلامةً أنه صادق، وقال له: "اذهب بنعلي هاتين، فمن لقيت من وراء هذا الحائط يشهد أن لا إله إلا الله مستيقنًا به قلبه، فبشره بالجنة" لأن الذي يقول هذه الكلمة مستيقنا بها قلبه لابد أن يقوم بأوامر الله، ويجتنب نواهي الله؛ لأن معناها: لا معبود بحق إلا الله، وإذا كان هذا معنى هذه الكلمة العظيمة فإنه لابد أن يعبد الله -عز وجل- وحده لا شريك له؛ أما من قالها بلسانه ولم يوقن بها قلبه فإنها لا تنفعه.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق بىر قانچە كىشى بىلەن ئولتۇراتتى، رەسۇلۇللاھ ئارىدىن قوپۇپ كېتىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە قايتىپ كەلمىدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا باشقىلار تەرىپىدىن زىيان يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالاقزادە بولدى، چۈنكى رەسۇلۇللاھقا مۇناپىقلار، دىن دۈشمەنلىرى زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇناتتى. ساھابىلار ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى، بىرىنچى بولۇپ ئەنسىرىگەن كىشى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولدى، ئۇ ئەنسارىلاردىن بەنى نەججار قەبىلىسىنىڭ بېغىغا كېلىپ، باغنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، كىرىدىغان ئىشىك تاپالماي تۇرغاندا، باغقا سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈچنى بايقاپ قېلىپ شۇ يەردىن تۈگۈلۈپ باغقا كىردى، ئۇ رەسۇلۇللاھنى باغدا ئۇچراتتى، رەسۇلۇللاھ: ئەبۇ ھۇرەيرەمۇ؟ دېگەندە. ئەبۇ ھۇرەيرە: ھەئە، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا راستچىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر جۇپ ئايىقىنى بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: سەن بۇ ئىككى كەشنى ئېلىپ، بۇ باغنىڭ ئەتراپىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى چىن قەلبىدىن ئىقرار ۋە ئېتىراپ قىلغان ھالەتتە ئۇچرىغان ھەر بىر كىشىگە جەننەت بىلەن خۇش-بېشارەت بەرگىن! دېدى. بۇ سۆزلەرنى چىن قەلبىدىن ئېيتقان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىشى ئېنىق، چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، بۇ بۈيۈك سۆزنىڭ مەنىسى يۇقارقىدەك بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ شېرىكى يوق بىر ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشىدا شەك يوق. ئەمما بۇ سۆزلەرنى تىلى بىلەن دەپ قويۇپ قەلبىدە ئىشەنمىگەن بولسا ئۇ كىشىگە پايدىسى بولمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10094

 
Hadith   733   الحديث
الأهمية: كِخْ كِخْ ارْمِ بها، أَمَا عَلِمْتَ أَنَّا لا نَأْكُلُ الصَّدَقَةَ


باشتېما:

چىقىرە، چىقىرە بىز سەدىقە يىمەيدىغانلىقىمىزنى بىلمىدىڭمۇ؟

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: أخذ الحسن بن علي -رضي الله عنهما- تمرة من تمر الصدقة فجعلها في فيه، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «كَخْ كَخْ ارْمِ بها، أما علمت أنَّا لا نأكل الصدقة!؟».
وفي رواية: «أنَّا لا تَحِلُّ لنا الصدقة».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەدىقە خورمىلىرىدىن بىرىنى ئېلىپ ئاغزىغا سېلىۋالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: چىقىرە، چىقىرە بىز سەدىقە يىمەيدىغانلىقىمىزنى بىلمىدىڭمۇ؟ يەنە بىر ئىبارىدە: بىزگە سەدىقە ھالال بولمايدۇ، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخذ الحسن بن علي -رضي الله عنهما- تمرة مما جمع من زكاة التمر فوضعها في فمه، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: "كخ كخ" يعني أنها لا تصلح لك، ثم أمره أن يخرجها من فمه، وقال: "إننا لا تحل لنا الصدقة".
فالصدقة لا تحل لآل محمد؛ وذلك لأنهم أشرف الناس، والصدقات والزكوات أوساخ الناس، ولا يناسب لأشراف الناس أن يأخذوا أوساخ الناس، كما قال النبي -صلى الله عليه وسلم- لعمه العباس بن عبد المطلب -رضي الله عنه-: "إنا آل محمد لا تحل لنا الصدقة؛ إنما هي أوساخ الناس".
726;ەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زاكاتتىن يىغىلغان خورمىلاردىن بىر تال ئاغزىغا سېلىۋېدى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەرھال ئۇنى چىقىرىۋېتىشكە بۇيرىدى ۋە خېھ خېھ -دە، دېدى. يەنى ئۇ خورمىلارنىڭ ھەسەنگە دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: بىزگە سەدىقە دۇرۇس بولمايدۇ، دېدى. سەدىقە ئال-مۇھەممەدكە«رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىگە» ھالال بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار شەرەپلىك كىشىلەر، زاكات بولسا پۇل-ماللارنىڭ كىرى، شەرەپلىك ئىنسانلارغا كىشىلەرنىڭ مال-مۇلىكىنىڭ كىرى مۇناسىب كەلمەيدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: بىز مۇھەممەد ئائىلىسىگە سەدىقە ھالال بولمايدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ كىرى، دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10102

 
Hadith   734   الحديث
الأهمية: أنَّ رسولَ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- أَمَرَ بَلَعْقِ الأَصَابِعِ والصَّحْفَةِ، وقال: إِنَّكُمْ لَا تَدْرُونَ فِي أَيِّهَا البرَكَةُ


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى بارماقلىرىمىزنى ۋە تاماق قاچىمىزنى يالىۋېتىشكە بۇيرۇيتتى ۋە: «بەرىكەتنىڭ تامىقىڭلارنىڭ قايسىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر»دەيتتى

عن جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما-، أنَّ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أمر بَلَعْقِ الأصابع والصَّحْفَةِ، وقال: «إنَّكم لا تدرون في أَيِّهَا البركة».
وفي رواية: «إذا وقعت لُقْمَةُ أحدكم فليأخذها، فَلْيُمِطْ ما كان بها من أذى، وليأكلها ولا يدعها للشيطان، ولا يمسح يده بالمِنْدِيلِ حتى يَلْعَقَ أصابعه فإنه لا يدري في أَيِّ طعامه البركة».
وفي رواية: «إن الشيطان يحضر أحدكم عند كل شيء من شأنه، حتى يحضره عند طعامه، فإذا سقطت من أحدكم اللُّقْمَةُ فَلْيُمِطْ ما كان بها من أذى، فليأكلها ولا يدعها للشيطان».

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى بارماقلىرىمىزنى ۋە تاماق قاچىمىزنى يالىۋېتىشكە بۇيرۇيتتى ۋە: «بەرىكەتنىڭ تامىقىڭلارنىڭ قايسىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر» دەيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە:«سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېگەن تامىقىدىن بىر لوقما چۈشۈپ كەتسە، تازىلىۋېتىپ يېسۇن، شەيتانغا قالدۇرۇپ قويمىسۇن، بارماقلىرىنى يالىۋەتمىگۈچە قولىنى لۆڭگە بىلەن سۈرتىۋەتمىسۇن، چۈنكى ئۇ ئادەم بەرىكەتنىڭ قايسى تامىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەيلى نېمە ئىش قىلمىسۇن شەيتان ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىدۇ، ھەتتا تاماققىمۇ بىللە كېلىدۇ، ئەگەر يىمەكلىك يەرگە چۈشۈپ كەتسە، تېرىپ پاكىزلىغاندىن كېيىن يېۋەتسۇن، ئۇنى شەيتانغا قالدۇرۇپ قويمىسۇن»دېيىلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نقل جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- آدابًا من آداب الأكل، منها: أن الإنسان إذا فرغ من أكله فإنه يلعق أصابعه ويلعق الصفحة، يعني يلحسها حتى لا يبقى فيها أثر الطعام، فإنكم لا تدرون في أي طعامكم البركة.
كذلك أيضًا من آداب الأكل: أن الإنسان إذا سقطت لقمه على الأرض فإنه لا يتركها؛ فالشيطان يحضر للإنسان في جميع شؤونه، فيأخذ اللقمة؛ ولكن لا يأخذها ونحن ننظر، لأن هذا شيء غيبي لا نشاهده، ولكننا علمناه بخبر الصادق المصدوق عليه الصلاة والسلام يأخذها الشيطان فيأكلها، وإن بقيت أمامنا حِسيًّا، لكنه يأكلها غيبًا، هذه من الأمور الغيبية التي يجب أن نصدق بها.
580;ابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاماق يېيىش ئەدەبلىرىدىن نەقىل قىلىدۇ، ئىنسان يېمەك يېگەندىن كېيىن بارماقلىرىنى ۋە تاماق يېگەن قاچىسىنى تاماق يۇقى تۈگىگىچە يالىۋىتېشى كېرەك، چۈنكى سىلەر قايسى تامىقىڭلاردا بەرىكەت بارلىقىنى بىلمەيسىلەر، شۇنىڭدەك يەنە تاماق يېيىشنىڭ ئەدەبلىرىدىن: ئىنسان تاماق يەۋېتىپ بىرەر لوقما تاماق يەرگە چۈشۈپ كەتسە ئۇنى تاشلىۋەتمىسۇن، چۈنكى شەيتان ئىنساننىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ھازىر بولىدۇ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن لوقمىنى ئالىدۇ، بۇنى بىز كۆرۈپ تۇرغاندا ئالمايدۇ چۈنكى بۇ غەيبى ئىشلاردىن بولۇپ بىز كۆرمەيمىز لېكىن ئۇنى راست سۆزلىگۈچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋەر قىلىشى ئارقىلىق بىلىمىز، شەيتان ئۇنى ئېلىپ يەيدۇ، گەرچە ئۇ بىر لوقما تاماق بىزگە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ لېكىن ئۇنى شەيتان بىزگە كۆرسەتمەي يەيدۇ، بۇ بىز ئىشىنىش زۆرۈر بولغان غەيبى ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10103

 
Hadith   735   الحديث
الأهمية: إن الزمانَ قَدِ اسْتَدَارَ كَهَيْئَتِهِ يَوْمَ خَلَقَ اللهُ السَّمَاوَاتِ والأَرْضَ: السنةُ اثنا عَشَرَ شَهْرًا، منها أربعةٌ حُرُمٌ: ثلاثٌ مُتَوَالِيَاتٌ: ذُو القَعْدَةِ، وذُو الحَجَّةِ، والمحرمُ، ورَجَبُ مُضَرَ


باشتېما:

ھەقىقەتەن زامان، ئاللاھ تائالا ئاسمان زىمىننى يارتقان كۈنىدىكىدەك ئەسلى ھالىتىگە ئايلاندى. بىر يىل ئون ئىككى ئايدۇر، بۇلاردىن تۆرتى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار بولۇپ، ئۈچى ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدۇ، زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم، تورتىنچىسى جۇمادا بىلەن شەئبان ئارسىدىكى مۇزەر قەبىلىسى بەك ئۇلۇغلايدىغان رەجەب ئېيىدۇر

عن أبي بكرة -ضي الله عنه- مرفوعاً: «إِنَّ الزمانَ قَدِ اسْتَدَارَ كَهَيْئَتِهِ يَوْمَ خَلَقَ اللهُ السَّمَاوَاتِ والأَرْضَ: السنةُ اثنا عَشَرَ شَهْرًا، منها أربعةٌ حُرُمٌ: ثلاثٌ مُتَوَالِيَاتٌ: ذُو القَعْدَةِ، وذُو الحَجَّةِ، والمحرمُ، ورَجَبُ مُضَرَ الذي بين جُمَادَى وشَعْبَانَ، أَيُّ شَهْرٍ هَذَا؟» قلنا: اللهُ ورسولُهُ أَعْلَمُ، فسكتَ حتى ظننا أنه سَيُسَمِّيهِ بغير اسمه، قال: «أَلَيْسَ ذَا الحَجَّةِ؟» قُلْنَا: بَلَى. قال: «فأَيُّ بَلَدٍ هَذَا؟» قلنا: اللهُ ورسولُهُ أَعْلَمُ، فسكتَ حتى ظننا أنه سُيَسَمِّيهِ بغير اسمه. قال: «أَلَيْسَ البَلْدَةَ؟» قلنا: بلى. قال: «فأَيُّ يَوْمٍ هَذَا؟» قُلْنَا: اللهُ ورسولُهُ أَعْلَمُ، فسكتَ حتى ظَنَنَّا أنه سيسميه بغير اسمه. قال: «أَلَيْسَ يَوْمَ النَّحْرِ؟» قلنا: بَلَى. قال: «فَإِّنَّ دِمَاءَكُمْ وأَمْوَالَكُمْ وأَعْرَاضَكُمْ عَلَيْكُمْ حَرَامٌ، كَحُرْمَةِ يَوْمِكُمْ هَذَا في بَلَدِكُمْ هَذَا فِي شَهْرِكُمْ هَذَا، وَسَتَلْقَونَ رَبَّكُمْ فَيَسْأَلُكُمْ عَنْ أَعْمَالِكُمْ، أَلَا فَلَا تَرْجِعُوا بَعْدِي كُفَّارًا يَضْرِبُ بَعْضُكُم رِقَابَ بَعْضٍ، أَلَا لِيُبَلِّغِ الشَّاهِدُ الغَائِبَ، فَلَعَلَّ بَعْضَ مَنْ يَبْلُغُهُ أَنْ يكونَ أَوْعَى لَهُ مِنْ بَعْضِ مَنْ سَمِعَهُ»، ثُمَّ قال: «أَلَا هَلْ بَلَّغْتُ، أَلَا هَلْ بَلَّغْتُ؟» قلنا: نعم. قال: «اللَّهُمَّ اشْهَدْ».

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن زامان، ئاللاھ تائالا ئاسمان زېمىننى يارتقان كۈنىدىكىدەك ئەسلى ھالىتىگە ئايلاندى. بىر يىل ئون ئىككى ئايدۇر، بۇلاردىن تۆرتى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار بولۇپ، ئۈچى ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدۇ، زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم، تورتىنچىسى جۇمادا بىلەن شەئبان ئارسىدىكى مۇزەر قەبىلىسى بەك ئۇلۇغلايدىغان رەجەب ئېيىدۇر، دېدى. رەسۇلۇللاھ: بۇ ئاي قايسى ئاي؟ دەپ سورىدى. بىز: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق. بىر ئاز شۇك تۇرغان ئىدى، بىز ئۇ ئاينى باشقا ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ زۇلھەججە ئېيى ئەمەسمۇ دېۋىدى. بىز شۇنداق دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ قايسى شەھەر؟ دېدى. بىز ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق. بىر ئاز شۇك تۇرغان ئىدى، بىز ئۇنى باشقا ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ مەككە ئەمەسمۇ؟ دېدى. بىز شۇنداق دېدۇق. رەسۇلۇللاھ بۇ قايسى كۈن؟ دېدى. بىز: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق. بىر ئاز شۇك تۇرغان ئىدى، بىز ئۇنى باشقا ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ ھېيىت كۈنى ئەمەسمۇ؟ دېگەندە بىز شۇنداق دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: بىر-بىرىڭلارنىڭ جېنىغا ۋە مېلىغا چېقىلىش، خۇددى مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ ئاينىڭ ۋە مۇشۇ يۇرتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغانغا ئوخشاشلا ھارام قىلىندى، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولىسلەر، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن سورايدۇ، مەندىن كېيىن بىرىڭلار بىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدىغان كاپىرلاردىن بولماڭلار، سورۇندىكىلەر باشقىلارغا يەتكۈزسۇن، بەزى يەتكۈزۈلگەنلەر ئاڭلىغانلاردىن زىرەكرەك، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ دەپ قايتا-قايتا سورىغان ئىدى. بىز: شۇنداق، يەتكۈزلە، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! سەن گۇۋاھ بولغىن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
خطب النبي صلى الله عليه وسلم يوم النحر، وذلك في حجة الوداع، فأخبر أن الزمان صادف في تلك السنة أن النسيء صار موافقًا لما شرعه الله عزّ وجلّ في الأشهر الحرم؛ لأنه كان قد غير وبدل في الجاهلية، حين كانوا يفعلون النسيء فيحلون الشهر الحرام، ويحرمون الشهر الحلال، ولكن لما بيّن عليه الصلاة والسلام أن عدة الشهور اثنا عشر شهرًا هي: المحرم، وصفر، وربيع الأول، وربيع الثاني، وجمادى الأولى، وجمادى الثانية، ورجب، وشعبان، ورمضان، وشوال، وذو القعدة، وذو الحجة، هذه هي الأشهر الاثنا عشر شهرًا، التي جعلها الله أشهرًا لعباده منذ خلق السموات والأرض.
وبين عليه الصلاة والسلام، أن هذه الاثنا عشر شهرًا منها أربعة حرم ثلاثة متوالية وواحد منفرد، الثلاثة المتوالية هي: ذو القعدة وذو الحجة والمحرم، جعلها الله تعالى أشهرا محرمة، يحرم فيها القتال، ولا يعتدي فيها أحد على أحد، لأن هذه الأشهر هي أشهر سير الناس إلى حج بيت الله الحرام، فجعلها الله عزّ وجلّ محرمة لئلا يقع القتال في هذه الأشهر والناس سائرون إلى بيت الله الحرام، وهذه من حكمة الله عزّ وجلّ.
ثم قال عليه الصلاة والسلام: "ورجب مضر الذي بين جمادى وشعبان" وهو الشهر الرابع، وكانوا في الجاهلية يؤدون العمرة فيه فيجعلون شهر رجب للعمرة، والأشهر الثلاثة للحج، فصار هذا الشهر محرمًا يحرم فيه القتال، كما يحرم في ذي القعدة وذي الحجة والمحرم.
ثم سألهم النبي عليه الصلاة والسلام: أي شهر هذا؟ وأي بلد هذا؟ وأي يوم هذا؟ سألهم عن ذلك من أجل استحضار هممهم، وانتباههم؛ لأن الأمر أمرٌ عظيمٌ فسألهم: "أي شهر هذا؟" قالوا: الله ورسوله أعلم؛ فإنهم استبعدوا أن يسأل النبي صلى الله عليه وسلم عن الشهر وهو معروف أنه ذو الحجة، ولكن من أدبهم رضي الله عنهم أنهم لم يقولوا: هذا شهر ذي الحجة؛ لأن الأمر معلوم، بل من أدبهم أنهم قالوا: الله ورسوله أعلم.
ثم سكت لأجل أن الإنسان إذا تكلم ثم سكت انتبه الناس، فسكت النبي عليه الصلاة والسلام، يقول أبو بكرة: حتى ظننا أنه سيسميه بغير اسمه، ثم قال: أليس ذا الحجة؟ " قالوا: بلى، ثم قال عليه الصلاة والسلام: "أي بلد هذا؟" قالوا: الله ورسوله أعلم، هم يعلمون أنه مكة، لكن لأدبهم واحترامهم لرسول الله صلى الله عليه وسلم لم يقولوا: هذا شيء معلوم يا رسول الله. كيف تسأل عنه؟ بل قالوا: الله ورسوله أعلم.
ثم سكت حتى ظنوا أنه سيسميه بغير اسمه، فقال: "أليس البلدة؟" والبلدة اسم من أسماء مكة. قالوا: بلى. ثم قال: "أي يوم هذا؟" قالوا: الله ورسوله أعلم، مثل ما قالوا في الأول، قال: "أليس يوم النحر؟" قالوا: بلى يا رسول الله، وهم يعلمون أن مكة حرام، وأن شهر ذي الحجة حرام، وأن يوم النحر حرامٌ، يعني كلها حرم محترمة.
فقال عليه الصلاة والسلام: "إن دماءكم وأموالكم وأعراضكم عليكم حرام، كحرمة يومكم هذا، في بلدكم هذا، في شهركم هذا" فأكد عليه الصلاة والسلام تحريم هذه الثلاثة: الدماء والأموال والأعراض، فكلها محرمة، والدماء تشمل النفوس وما دونها، والأموال تشمل القليل والكثير، والأعراض تشمل الزنا واللواط والقذف، وربما تشمل الغيبة والسب والشتم. فهذه الأشياء الثلاثة حرامٌ على المسلم أن ينتهكها من أخيه المسلم.
ثم قال: "ألا لا ترجعوا بعدي كفارًا يضرب بعضكم رقاب بعض". لأن المسلمين لو صاروا يضرب بعضهم رقاب بعض صاروا كفارًا؛ لأنه لا يستحل دم المسلم إلا الكافر.
ثم أمر عليه الصلاة والسلام أن يبلغ الشاهد الغائب، يعني يبلغ من شهده وسمع خطبته باقي الأمة، وأخبر عليه الصلاة والسلام أنه ربما يكون مبلغ أوعى للحديث من سامع، وهذه الوصية من الرسول عليه الصلاة والسلام، وصية لمن حضر في ذلك اليوم، ووصية لمن سمع حديثه إلى يوم القيامة.
ثم قال عليه الصلاة والسلام: "ألا هل بلغت؟ ألا هل بلغت؟". يسأل الصحابة رضي الله عنهم. قالوا: نعم، أي: بلغت.
فقال عليه الصلاة والسلام: "اللهم اشهد".
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربان ھېيىت كۈنى (ۋىدالىشىش ھەجىنى قىلغاندا) خۇتبە سۆزلەپ شۇنداق بايان قىلدى، ئۇرۇش ھارام قىلغان ئايلارنى كىچىكتۈرۈش داۋاملىشىپ ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا ياراتقان ئەسلى ۋاقتىغا قايتا ئۇدۇل كەلدى. چۈنكى مۇشرىكلار جاھىلىيەتتە «ئۆز زامانىسىدا» ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۇرۇش قىلماقچى بولسا، ئۇ ئايلارنى ئارقىغا سۈردۇق، ئۆزگەرتتۇق دەپ ئۇرۇش قىلىۋىرەتتى. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى ھالال، ھالال قىلىنغان ئايلارنى ھارام قىلىۋالاتتى. بۇ كۈندە رەسۇلۇللاھ بۇنداق بايان قىلدى، ئاللاھ تائالا ياراتقان ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى بولۇپ ئۇلار: مۇھەررەم، سەپەر، رەبىئۇل ئەۋۋەل، رەبىئۇس سانى، جۇمادەل ئۇلا، جۇمادا ئەسسانىيە، رەجەب، شەئبان، رامىزان، شەۋۋال، زۇلقىئدە، زۇلھەججەلەردىن ئىبارەت. مانا بۇ ئون ئىككى ئاينى ئاللاھ تائالا ئاسمان زىمىنلارنى ياراتقاندا بەندىلىرىگە بەلگىلەپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھمۇ ئۇنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇ ئايلارنىڭ تورتى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، ئۈچى ئارقا-ئارقىدىن كېلىدۇ، بىرى يەككە كېلىدۇ. ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدىغان ئۈچ ئاي زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەملەر، بۇ ئايلارنى ئاللاھ تائالا ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار قىلدى، بۇ ئايلاردا كىشىلەر بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئايلاردا ھاجىلار كەئبىگە قاراپ يول ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەپىرى ئۇرۇش سەۋەبلىك توسالغۇغا ئوچرىماسلىق ئۈچۈن ھارام قىلىنغان. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىقى ئۈچ ئاينى ھارام قىلىشتىكى ھىكمىتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: يەنە بىرى شەئبان بىلەن جۇمادا ئەسسانىيە ئارسىدىكى مۇزەر قەبىلىسى ئۇلۇغلايدىغان رەجەب ئېيىدۇر، دېدى. بۇ ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ تورتىنچىسى. جاھىلىيەتتە ئەرەبلەر بۇ ئاينى ئۆمرىگە خاس قىلىپ ئۇ ئايدا ئۆمرىنى كۆپ قىلاتتى. يۇقىرىقى ئۈچ ئايدا ئۇرۇش قىلىش ھەج سەۋەبىدىن ھارام قىلىنغان بولسا، بۇ ئايدا ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ھارام قىلىنغان. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەردىن بۇ قايسى ئاي؟ بۇ قايسى شەھەر؟ بۇ قايسى كۈن دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋاب بېرىشى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ دېققەت ئىتىبارىنى تارتىش ۋە ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن سورىدى. چۈنكى ئوتتۇرغا قويۇلۇدىغان بۇ ئىش بۈيۈك ئىش ئىدى. ئۇلاردىن بۇ قايسى ئاي؟ دەپ سوىغاندا، ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمىنڭ ئېنىق بولغان زۇلھەججەدىن ئىبارەت بۇ ئاينىڭ ئىسمىنى سورىغانلىقىنى يىراق سانىدى. ساھابىلەر بۈيۈك ئەدەپ-ئەخلاق ئىگىلىرى بولغانلىقتىن، ئۇلار: بۇ زۇلھەججە ئېيى، دېمىدى. چۈنكى ئۇ ئېنىق بىر مەسىلە ئىدى. رەسۇلۇللاھقا ناھايىتى يۇقىرى ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقتىن، ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىر ئاز جىمجىت تۇردى. چۈنكى ئىنسان بىر ئاز سۆز قىلغاندىن كېيىن جىم تۇرسا كىشىلەر ئۇنىڭغا دېققەت قىلىدۇ. ئەبۇ بەكرە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى باشقا بىر ئىسمى بىلەن ئاتايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق، دېگەن. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: بۇ زۇلھەججە ئېيى ئەمەسمۇ؟ دېگەندە. ساھابىلەر: شۇنداق دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: بۇ قايسى شەھەر؟ دېگەندە ساھابىلەر مەككە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچى، دېدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئالاھىدە بەك ھۆرمەتلىگەنلىكتىن: ئى رەسۇلۇللاھ بۇ بىر ئېنىق ئىش تۇرسا ئۇنى قانداقمۇ سورايلا؟ دېمىگەن. بەلكى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچى، دېگەن. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىر ئاز جىمجىت تۇرغان ئىدى، ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ ئۇنى باشقا بىر ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ گۇمان قىلىشتى. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ: بۇ ھارام قىلىنغان شەھەر ئەمەسمۇ؟ دېدى. «البلدة» دېگەن، مەككىنىڭ ئىسىمىلىرىدىن بىرى. ساھابىلەر شۇ ۋاقىتتا: شۇنداق، دېيىشتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: بۇ قايسى كۈن؟ دېگەن ئىدى. ساھابىلەر: ئىلگىرى جاۋاب بەرگەندەكلا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچى، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: قۇربان ھېيىت كۈنى ئەمەسمۇ؟ دېگەن ئىدى. ئۇلار: شۇنداق، ئى رەسۇلۇللاھ، دېدى. ئۇلار مەككە شەھرىنىڭ ھارام قىلىنغان شەھەر، زۇلھەججە ئېينىڭ ھارام قىلىنغان ئاي، قۇربان ھېيىت كۈنىنىڭ ھارام قىلىنغان كۈن ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. يەنى بارلىق زامان ۋە ماكان ھەممىسى ھارام قىلىنغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: سىلەرگە بىر-بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا ۋە يۈز-ئابرۇيىغا چېقىلىش، خۇددى مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ ئاينىڭ ۋە مۇشۇ يۇرتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغانغا ئوخشاشلا ھارام قىلىندى، دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئۈچ جۈملىنى قاتتىق تەكىتلىدى، جان، مال، يۈز-ئابرۇي، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. جان بولسا ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋىنىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مال مەيلى ئۇ ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۈز-ئابرۇي زىنانى، بەچچىغەرلىكنى، بۆھتاننى، بەلكى غەيۋەت، ھاقارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ ئۈچ ئىشلاردا مۇسۇلمان كىشى قېرىندىشىنىڭ ھەققىنى دەپسەندە قىلىشى ھارامدۇر. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: سىلەر مەندىن كېيىن بىرىڭلار بىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدىغان كاپىرلاردىن بولماڭلار، دېدى. چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى ھالال ساناش بىلەن كاپىر بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى ئۆلتۈرسە كاپىر بولىدۇ. كاپىرلارلا مۇسۇلماننىڭ قېنىنى ھالال ساناپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سورۇندىكىلەرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى. يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ خۇتبىسىگە ھازىر بولۇپ ئۇنى ئاڭلىغانلار بۇ سورۇنغا قاتنىشالمىغانلارغا يەتكۈزۈشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ شۇنداق بايان قىلدىكى، گاھى يەتكۈزۈلگەنلەر سورۇنغا كېلىپ ئاڭلىغانلاردىن زىرەك، چىچەن بولىشى مۈمكىن. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بولغان ۋەسىيەت شۇ سورۇنغا قاتناشقان ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭ ھەدىسىنى ئاڭلىغانلارغا قارىتىلىدۇ. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ دەپ قايتا-قايتا ساھابىلەردىن سورىدى. ساھابىلەر: شۇنداق، يەتكۈزلە، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: ئى ئۇلۇغ ئاللاھ سەن گۇۋاھ بولغىن، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10104

 
Hadith   736   الحديث
الأهمية: إذا نودي بالصلاة أدبر الشيطان وله ضُرَاطٌ حتى لا يسمعَ التَّأذِينَ


باشتېما:

نامازغا ئەزان ئوقۇلغاندا شەيتان كەينىگە بۇرۇلۇپ يەل قويىۋىتىپ ئەزان ئاڭلانمايدىغان جايغىچە قاچىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إِذَا نُودِيَ بالصَّلاَةِ، أدْبَرَ الشَّيْطَانُ، وَلَهُ ضُرَاطٌ حَتَّى لاَ يَسْمَعَ التَّأذِينَ، فَإذَا قُضِيَ النِّدَاءُ أقْبَلَ، حَتَّى إِذَا ثُوِّبَ للصَّلاةِ أدْبَرَ، حَتَّى إِذَا قُضِيَ التَّثْوِيبُ أقْبَلَ، حَتَّى يَخْطِرَ بَيْنَ المَرْءِ وَنَفْسِهِ، يَقُولُ: اذْكُرْ كَذَا واذكر كَذَا - لِمَا لَمْ يَذْكُر مِنْ قَبْلُ - حَتَّى يَظَلَّ الرَّجُلُ مَا يَدْرِي كَمْ صَلَّى».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: نامازغا ئەزان ئوقۇلغاندا شەيتان كەينىگە بۇرۇلۇپ يەل قويۇۋېتىپ ئەزان ئاڭلانمايدىغان جايغىچە قاچىدۇ. ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندا قايتىپ كېلىدۇ، نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاچىدۇ، تەكبىر ئېيتىلىپ بولغاندا قايتىپ كېلىپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سالىدۇ، ئۇ ئىشنى ئەسلە، بۇ ئىشنى ئەسلە دەپ ئىلگىرى يادىغا يەتمىگەن ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قانچە رەكەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى بىلمەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا أذن المؤذن ولى الشيطان وأبعد عن مكان الأذان حتى يخرج بعيدًا لئلا يسمع الأذان، وله ضراط، ظاهره أنه يتعمد إخراج ذلك الضراط، وهي الريح، ليشتغل بسماع الصوت الذي يخرجه عن سماع المؤذن أو يصنع ذلك استخفافًا كما يصنعه السفهاء، ويحتمل أنه يتعمد ذلك ليقابل ما يناسب الصلاة من الطهارة بالحدث، ويحتمل أنه لا يتعمد ذلك بل يحصل له عند سماع الأذان شدةُ خوفٍ فيحدث له ذلك الصوت بسببها، "فإذا قضي النداء أقبل، حتى إذا ثوب بالصلاة أدبر" عند الإقامة "حتى إذا قضى"، أي: فرغ وانتهى، "التثويب أقبل حتى يخطر"، معناه:يوسوس، وأصله من خطر البعير بذنبه إذا حركه فضرب به فخذيه، أقبل حتى يغوي بني آدم، وإنما هرب الشيطان عند الأذان لما يرى من الاتفاق على إعلان كلمة التوحيد وغيرها من العقائد وإقامة الشعائر، وكراهة أن يسمع ذكر الله -عز وجل- وهذا هو معنى قوله -تعالى-: "من شر الوسواس الخناس" ، الذي يخنس عند ذكر الله -عز وجل- ويختفي ويبعد؛ قوله: "بين المرء ونفسه" أقبل حتى يحول بين المرء وقلبه في صلاته يقول له: اذكر كذا اذكر كذا اذكر كذا،"لما لم يكن يذكر من قبل"، أي: قبل شروعه في الصلاة، "حتى يظل الرجل"، أي: ينسى ويذهب وهمه، "ما يدري كم صلى"، وإنما جاء عند الصلاة مع أن فيها قراءة القرآن؛ لأن غالبها سر ومناجاة فله تطرّق إلى إفسادها على فاعلها أو إفساد خشوعه، وقيل: هربه عند الأذان حتى لا يضطر إلى الشهادة لابن آدم يوم القيامة؛ كما جاء في حديث أبي سعيد.
605;ۇئەززىن نامازغا ئەزان ئوقۇغاندا شەيتان كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئەزان ئوقۇلغان جايدىن ئايرىلىپ ئەزاننى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن يىراققا قېچىپ كېتىدۇ، ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن قەستەن يەل قويۇۋېتىپ ئوسۇرۇق ئاۋازى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ ياكى نادان كىشىلەردەك ئەزاننى كۆزگە ئىلماي يەل قويۇۋېتىدۇ. ناماز تاھارەت بىلەن ئوقۇلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قارشىسىدا قەستەن يەل قويۇۋېتىشى مۇمكىن ياكى قەستەن يەل قويۇۋەتمىگەندىمۇ بەلكى ئەزاننى ئاڭلىغاندا بەك قورقۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن يەل قويۇۋېتىشى مۇمكىن. ئەزان ئاخىرلاشقاندا قايتىپ كېلىدۇ ھەتتا نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، تەكبىر ئېيتىلىپ نامازغا تۇرغاندا قايتىپ كېلىپ نامازغا تۇرغان كىشىلەرنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ۋەسۋەسە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: تۆگىنىڭ قۇيرىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ يوتىسىغا ئۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر، شەيتاننىڭ ئەزان ئوقۇلغاندا قېچىپ كېتىشى بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى شۇئارلارنى تۇرغۇزۇش، ئەقىدىنى ساپلاشتۇرۇش قاتارلىق تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېلان قىلىشقا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ۋاقىتتا، ئۇ ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرمىغانلىقتىن قېچىپ كېتىدۇ. مانا بۇ سۈرە ناس 4-ئايەتنىڭ مەنىسىدۇر: «كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ۋەسۋەسىگە سالغۇچى شەيتانلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» ئاللاھنىڭ زىكرىدىن باش تارتقان كىشى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ۋە يىراق بولىدۇ، تەكبىر ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ نامازغا تۇرغان كىشىگە ۋەسۋەسە قىلىپ: ئۇ ئىشنى ئەسلە، بۇ ئىشنى ئەسلە دەپ نامازنى باشلاشتىن بۇرۇن ئېسىگە كەلمىگەن ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ نامازدىن بولغان مەقسەت-نىشانىنى ئۇنتۇپ، قانچىلىك ناماز ئوقۇغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شەيتاننىڭ نامازغا تۇرغاندا كېلىشى: نامازدا قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىدۇ، بەندە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ شەيتاننىڭ ئۇ كىشىنىڭ نامازدىكى خۇشۇسىنى بۇزۇش ۋە دىققىتىنى چېچىش ئۈچۈندۇر. بەزى رىۋايەتلەردە: شەيتاننىڭ ئەزان ئوقۇلغاندا قېچىپ كېتىشى بولسا ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك، قىيامەت كۈنىدە ئادەم ئەۋلاتلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ زىكرىگە ھازىر بولغانلىقىغا گۇۋاھلىققا تارتىلماسلىقى ئۈچۈندۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10109

 
Hadith   737   الحديث
الأهمية: قال الله -تعالى-: أعددت لعبادي الصالحين ما لا عين رأت، ولا أذن سمعت، ولا خطر على قلب بشر، واقرؤوا إن شئتم: فلا تعلم نفس ما أخفي لهم من قرة أعين جزاء بما كانوا يعملون


باشتېما:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «مەن سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدىم، ئەگەر خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ»

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «قال الله -تعالى-: أَعْدَدْتُ لعِبَادي الصَّالحين ما لا عَيْنٌ رأَت، ولا أُذُنٌ سَمِعَت، ولا خَطَر على قَلب بَشَر، واقْرَؤُوا إن شِئْتُمْ: (فلا تَعلم نفس ما أُخْفِي لهم من قُرَّة أَعْيُنِ جَزَاء بما كانوا يعملون).
عن سهل بن سعد -رضي الله عنه- قال: شَهدت من النبي -صلى الله عليه وسلم- مَجْلِسَا وَصَفَ فيه الجَنَّة حتى انتهى، ثم قال في آخر حديثه: «فيها ما لا عَيْنٌ رأَت، ولا أُذُنٌ سَمِعَت، ولا خَطَر على قَلب بَشَر» ثم قرأ:(تتجافى جُنُوبهم عن المَضَاجِع) إلى قوله -تعالى-:(فلا تعلم نفس ما أُخْفِي لهم من قُرَّة أَعْيُنِ).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «مەن سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدىم، ئەگەر خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» سەجدە سۈرىسى: 17-ئايەت. سەھل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بار بىر سورۇنغا ھازىر بولدۇم، ئۇ سورۇندا جەننەت سۈپەتلەندى، ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: «جەننەتتە كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەر بار» دەپ، بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن ـ كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» سەجدە سۈرىسى 16-17-ئايەت

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أعد الله -تعالى- لعِبَاده الصالحين، وهم من امتثل الأوامر واجتنب النواهي: "ما لا عَيْنٌ رأَت" من المَحاسن والجمال البَاهر، "ولا أُذُنٌ سَمِعَت" من الأصوات المُطربة، والأوصَاف المعجبة، وخص الرؤية، والسَّمع بالذِّكر؛ لأنه يُدرك بهما أكثر المَحْسُوسَات، والإدْرَاك بالذَّوق والشَّم، وأما اللَّمس فأقل من ذلك. "ولا خَطر على قَلب بَشر" يعني: ما أُعِدَّ لهم في الجَنَّة من النَّعيم المُقيم لا يخطر على قلب أحد، وكل ما جاء على بالهم، فإن ما في الجَنَّة أفضل مما خَطر على قلوبهم؛ لأن البَشَر لا يخطر على بالهم إلا ما يعرفونه ويقرب إلى خَيالهم من الأشياء التي عرفوها، ونعيم الجَنَّة فوق ذلك، وهذا من إكرام الله لهم على امتثالهم لأوامر الله، واجتنابهم نواهيه، وتحمل المشقة في سبيل الله، فكان الجزاء من جِنس العمل.
"واقْرَؤُوا إن شِئْتُمْ" وفي رواية: "ثم اقترأ هذه الآية (فَلَا تَعْلَمُ نَفْسٌ مَا أُخْفِيَ لَهُمْ مِنْ قُرَّةِ أَعْيُنٍ جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ) ومعنى قوله: (فَلا تَعْلَمُ نَفْسٌ) يدخل فيه جميع نفوس الخلق؛ لكونها نكرة في سياق النفي. أي: فلا يعلم أحد (مَا أُخْفِيَ لَهُمْ مِنْ قُرَّةِ أَعْيُنٍ) من الخير الكثير، والنعيم الغزير، والفرح والسرور، واللذة والحبور، فكما أنهم صلوا في الليل، ودعوا، وأخفوا العمل، جازاهم من جنس عملهم، فأخفى أجرهم، ولهذا قال: (جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ).
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغان، چەكلىمىلىرىدىن يېراق بولغان سالىھ بەندىلىرى ئۈچۈن كۆز كۆرمىگەن گۈزەل ۋە ياخشى نەرسىلەرنى، ئاجايىپ سۈپەتلەر ۋە يېقىملىق ئاۋازلاردىن قۇلاق ئاڭلىمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدى، بۇ يەردە كۆرۈش بىلەن ئاڭلاشنى تىلغا ئېلىشتىكى مەقسەت: ھېسسى نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئىككى ئەزا بىلەن بىلىنىدۇ، ئەمما پۇراش ۋە تېتىش، سېلاش بىلەن بۇنىڭدىن ئازراق نەرسە بىلىنىدۇ. «ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان» يەنى: ئۇلارغا جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەچمەيدۇ، جەننەتتە تەييارلانغان نەرسە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەچكەن نەرسىدىن ئەۋزەلدۇر، چۈنكى ئىنساننىڭ كۆڭلىگە ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان خىيالىغا يېقىن نەرسىلەر كېلىدۇ، جەننەتنىڭ نېمەتلىرى بۇنىڭدىن يۇقىرى، بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغان، چەكلىمىلىرىدىن يېراق بولغان، ئاللاھ يولىدا جاپا-مۇشەققەتلەرگە سەۋىر قىلغان كىشىلەرگە قىلغان ئىززەت-ئىكرامىدۇر، مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار!، يەنە بىر رىۋايەتتە: بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» سەجدە سۈرىسى 17-ئايەت. ئايەتنىڭ مەنىسى: ھېچ كىم بىلمەيدۇ دېگەن ئايەت تونۇشسىز شەكىلدە بايان قىلىنغاچغا بارلىق جانلىقلار بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە كېرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان مول نېمەت، كۆپ ياخشىلىق، خۇرسەنلىك، لەززەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، خۇددى ئۇلارنىڭ كېچىدە ناماز ئوقۇغان، دۇئا قىلغان ۋە مەخپى قىلغان ئەمەللىرىنى ھېچ كىشى بىلمىگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ تۈرىدىن مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىمۇ مەخپى قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساقلانغان نېمەتلەرنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ» دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10404

 
Hadith   738   الحديث
الأهمية: لما خلق اللهُ آدمَ مسح ظهره فسقط من ظهره كل نَسَمة هو خالقها من ذُرِّيته إلى يوم القيامة


باشتېما:

ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندا دۈمبىسىنى سىيلىغان ئىدى، دۈمبىسىدىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تاكى قىيامەتكىچە يارىتىدىغان پۈتۈن نەسلىنىڭ روھلىرى چۈشتى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-، قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لما خلق اللهُ آدمَ مسح ظهره، فسقط من ظهره كل نَسَمة هو خالقها من ذُرِّيته إلى يوم القيامة، وجعل بين عيني كل إنسان منهم وَبِيصًا من نور، ثم عرضهم على آدم فقال: أي رب، مَن هؤلاء؟ قال: هؤلاء ذريتك، فرأى رجلا منهم فأعجبه وَبِيصُ ما بين عينيه، فقال: أي رب مَن هذا؟ فقال: هذا رجل من آخر الأمم من ذُرِّيتك يقال له: داود. فقال: رب كم جعلتَ عُمُرَه؟ قال: ستين سنة، قال: أي رب، زِده من عُمُري أربعين سنة. فلما قضي عمر آدم جاءه مَلَكُ الموت، فقال: أوَلَم يبقَ من عمري أربعون سنة؟ قال: أوَلَم تُعْطِها ابنَك داود قال: فجَحَدَ آدمُ فجحدت ذُرِّيتُه، ونسي آدمُ فنسيت ذُرِّيتُه، وخَطِئ آدم فخَطِئت ذُرِّيتُه».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندا دۈمبىسىنى سىيلىغان ئىدى، دۈمبىسىدىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تاكى قىيامەتكىچە يارىتىدىغان پۈتۈن نەسلىنىڭ روھلىرى چۈشتى، ئاللاھ ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقىغا پارقىراپ تۇرىدىغان نۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇلارنى ئادەمگە كۆرسەتتى، ئادەم: ئى پەرۋەردىگارىم! بۇلار كىملەر؟ دەپ سورىۋىدى، ئاللاھ تائالا: ئۇلار سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ،-دېدى، ئادەم ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنى كۆردى، ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى پارقىراق نۇر ئۇنى قىزىقتۇردى، ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! بۇ كىم؟ دەپ سورىدى، ئاللاھ: بۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئاخىرقى ئۈممەتلەر ئىچىدە كېلىدىغان داۋۇد ئىسىملىك كىشى بولىدۇ،-دېدى، ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭ ئۆمرىنى قانچىلىك قىلدىڭ؟ دەپ سورىدى، ئاللاھ: 60 يىل،-دېدى، ئادەم: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭغا مېنىڭ ئۆمرۈمدىن 40 يىل قېتىپ بەرگىن،-دېدى. ئادەمنىڭ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىپ، ئۆلۈم پەرىشتىسى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ: مېنىڭ ئۆمرۈمدىن يەنە 40 يىل قالمىدىمۇ؟-دەپ سورىدى، پەرىشتە: سەن ئۇنى پەرزەنتىڭ داۋۇتقا بېرىۋەتمىدىڭمۇ؟ دېگەندە، ئادەم ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن تىنىۋالدى، شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ ئەۋلادىمۇ تاندى، ئادەم ئۇنۇتقان ئىدى، ئەۋلادىمۇ ئۇنۇتتى، ئادەم خاتالاشقان ئىدى، ئەۋلادىمۇ خاتالاشتى» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما خلق الله -تعالى- آدم -عليه السلام- مسح ظهره، فخرج من ظهره كل إنسان هو خالقه من ذريته إلى يوم القيامة، وهذا المسح والإخراج على حقيقته، ولا يجوز تأويله بما يخرجه عن ظاهره كما هو مذهب أهل السنة. فلما أخرجهم من ظهره جعل بين عيني كل إنسان منهم بريقًا ولمعانًا من نور، ثم عرضهم على آدم، فقال آدم: يا رب، من هؤلاء؟ قال -تعالى-: هم ذريتك. فرأى رجلا منهم فأعجبه البريق الذي بين عينيه، فقال: يا رب، من هذا؟ قال -تعالى-: هو داود. فقال آدم: رب كم جعلتَ عمره؟ قال: ستين سنة. قال: رب زده من عمري أربعين سنة.
فلما انقضى عمر آدم إلا أربعين سنة، جاءه ملك الموت ليقبض روحه، فقال آدم: لقد بقي من عمري أربعون سنة. فقال له: لقد أعطيتها ابنك داود. وقد أنكر آدم ذلك لأنه كان في عالم الذر فلم يستحضره حالة مجيء ملك الموت له، فأنكرت ذريته، ونسي آدم فنسيت ذريته، وعصى آدم بأكله من الشجرة فعصت ذريته، لأن الولد يشبه أباه.
فهذا داود كان عمره المكتوب ستين سنة ثم زاده الله أربعين سنة، والله -سبحانه- عالم بما كان وما يكون وما لم يكن لو كان كيف كان يكون؛ فهو يعلم ما كتبه له وما يزيده إياه بعد ذلك، والملائكة لا علم لهم إلا ما علمهم الله، والله يعلم الأشياء قبل كونها وبعد كونها؛ فلهذا قال العلماء: إن المحو والإثبات في صحف الملائكة، وأما علم الله -سبحانه- فلا يختلف ولا يبدو له ما لم يكن عالمًا به فلا محو فيه ولا إثبات.
574;اللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندا دۈمبىسىنى سىيلىۋىدى، ئۇنىڭدىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تاكى قىيامەتكىچە يارىتىدىغان پۈتۈن نەسلىنىڭ روھلىرى چىقتى، بۇ ئىبارىدىكى سىيلاش ۋە چىقىش ھەقىقى مەنىدە بولۇپ، ئۇ ئەھلى سۈننەت چۈشەنچىسىدۇر، ئۇنى ئاشكارا مەنىسىدىن باشقا مەنىلەرگە قارىتىش توغرا ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنى ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن چىقارغاندا، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقىغا پارقىراپ تۇرىدىغان نۇرنى قىلىپ، ئاندىن ئۇلارنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا كۆرسەتتى، ئادەم ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! بۇلار كىملەر؟ دەپ سورىۋىدى، ئاللاھ تائالا: ئۇلار سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ،-دېدى، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر كىشىنى كۆردى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئارىسىدىكى پارقىراق نۇر ئۇنى قىزىقتۇردى، ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! بۇ كىم؟ دەپ سورىدى، ئاللاھ تائالا: بۇ داۋۇد،-دېدى، ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭ ئۆمرىنى قانچىلىك قىلدىڭ؟ دەپ سورىدى، ئاللاھ تائالا: 60 يىل،-دېدى، ئادەم ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭغا ئۆمرۈمدىن 40 يىل قېتىپ بەرگىن،-دېدى. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمرى توشۇپ، پەقەت 40 يىل قالغاندا، ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۇنى ۋاپات تاپقۇزۇش ئۈچۈن يېتىپ كەلدى، ئۇ: مېنىڭ ئۆمرۈمدىن يەنە 40 يىل قالمىدىمۇ؟ دەپ سورىدى، پەرىشتە: سەن ئۇنى پەرزەنتىڭ داۋۇتقا بېرىۋەتمىدىڭمۇ؟ دېگەندە، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا تىنىۋالدى، چۈنكى ئۇ ئاتوم ئالەمىدە يۈز بەرگەن بولغاچقا، ئۇنى ئۆلۈم پەرىشتىسى كەلگەندە ئەسلىيەلمىدى، شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ ئەۋلادىمۇ تاندى، ئادەم ئۇنۇتقان ئىدى، ئەۋلادىمۇ ئۇنۇتتى، ئادەم دەرەختىن يېيىش ئارقىلىق خاتالاشقان ئىدى، ئەۋلادىمۇ خاتالاشتى، چۈنكى بالا دادىسىغا ئوخشايدۇ. داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېزىلغان ئۆمرى 60 يىل بولۇپ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆمرىگە 40 يىل قوشۇپ بەردى، ئاللاھ تائالا ئىلگىرى بولغان، كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى، يۈز بەرمىگەن ۋە يۈز بەرسە قانداق شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا بەلگىلەپ بەرگەن ۋە قوشۇپ بېرىدىغان ئۆمۈرنى بىلىدۇ، پەرىشتىلەر بولسا پەقەت ئاللاھ بىلدۈرگەننى بىلىدۇ، ئاللاھ ئىشلارنى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە يۈز بەرگەندىن كېيىن بىلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار: ئۆمۈردىن ئېلىۋېتىش ۋە قوشۇش ئىشلىرى پەرىشتىلەرنىڭ كىتابلىرىدا بولىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىدە ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى بىلمىگەن نەرسە ئاشكار بولىدىغان ئىش يوق، شۇڭا ئۇنىڭدا ئۆچۈرۈش ۋە بېكىتىش مەۋجۇت ئەمەس،- دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10408

 
Hadith   739   الحديث
الأهمية: رب أعني ولا تعن علي، وانصرني ولا تنصر علي، وامكر لي ولا تمكر علي، واهدني ويسر هداي إلي، وانصرني على من بغى علي


باشتېما:

پەرۋەردىگارىم!، ماڭا ياردەم بەرگىن، زىيىنىمغا ياردەم بەرمىگىن، ماڭا مەدەت بەرگىن، زىيىنىمغا مەدەت بەرمىگىن، ماڭا تەدبىر بەرگىن، زىيىنىمغا تەدبىر بەرمىگىن، ماڭا ھىدايەت بەرگىن، ماڭا ھىدايەتنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن، ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىغا قارشى ياردەم بەرگىن

عن ابن عباس -رضي الله عنهما-، قال:    كان النبيُّ -صلى الله عليه وسلم- يدعو: «ربِّ أَعِنِّي ولا تُعِن عليَّ، وانصرني ولا تنصر عليَّ، وامكر لي ولا تمكر عليَّ، واهدني ويسِّر هُدايَ إليَّ، وانصرني على مَن بغى عليَّ، اللهم اجعلني لك شاكرًا، لك ذاكرًا، لك راهبًا، لك مِطواعًا، إليك مُخْبِتًا، أو مُنِيبا، رب تقبَّل توبتي، واغسل حَوْبتي، وأجب دعوتي، وثبِّت حُجَّتي، واهدِ قلبي، وسدِّد لساني، واسْلُلْ سَخِيمةَ قلبي».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلىپ: «پەرۋەردىگارىم!، ماڭا ياردەم بەرگىن، زىيىنىمغا ياردەم بەرمىگىن، ماڭا مەدەت بەرگىن، زىيىنىمغا مەدەت بەرمىگىن، ماڭا تەدبىر بەرگىن، زىيىنىمغا تەدبىر بەرمىگىن، ماڭا ھىدايەت بەرگىن، ماڭا ھىدايەتنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن، ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىغا قارشى ياردەم بەرگىن، ئى ئاللاھ! مېنى ساڭا شۈكۈر قىلغۇچى، زىكىر ئېيتقۇچى، سەندىن قورۇققۇچى، ساڭا بويسۇنغۇچى، ساڭا باش ئەگكۈچى، ساڭا قايتقۇچى قىلغىن، پەرۋەردىگارىم!، تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن، گۇناھىمنى يۇيغىن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن، ھۆججىتىمنى مۇستەھكەم قىلغىن، دىلىمنى ھىدايەت قىلغىن، تىلىمنى توغرىلىغىن، دىلىمنىڭ قارىسىنى چېقىرىۋەتكىن» دەيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يدعو فيقول: «ربِّ أَعِنِّي» أي: وفقني لذكرك وشكرك وحسن عبادتك، «ولا تُعِن عليَّ» أي: لا تُغَلِّب عليَّ مَن يمنعني من طاعتك من شياطين الإنس والجن، «وانصرني ولا تنصر عليَّ» أي: انصرني على الكفار ولا تجعلهم ينتصرون عليَّ، أو انصرني على نفسي فإنها أعدى أعدائي ولا تنصر النفس الأمارة بالسوء عليَّ بأن أتبع الهوى وأترك الهدى، «وامكر لي ولا تمكر عليَّ»
أي: امكر بأعدائي الماكرين وأوقع بهم من حيث لا يشعرون، ولا تفعل ذلك بي، والمكر من صفات الله تعالى الفعلية، ولكنه لا يوصف بها على سبيل الإطلاق، إنما يوصف بها حين تكون مدحا، مثل مكره بالكافرين وبمن يمكر بالمؤمنين ونحو ذلك، ولا يصح نفي صفة المكر عن الله تعالى؛ لأنه سبحانه أثبتها لنفسه، فنثبتها له تعالى على الوجه اللائق به سبحانه.
«واهدني ويسِّر هُدايَ إليَّ» أي: دلني على الخيرات وسهل اتباع الهداية أو طرق الدلالة لي حتى لا أستثقل الطاعة ولا أنشغل عن العبادة، «وانصرني على مَن بغى عليَّ» أي: وانصرني على من ظلمني وتعدى عليَّ.
«اللهم اجعلني لك شاكرًا»أي: على النعماء «لك ذاكرا» في جميع الأوقات «لك راهبا» أي خائفا في السراء والضراء «لك مِطواعا» أي: كثير الطوع وهو الانقياد والطاعة «إليك مخبتا» أي: خاضعا خاشعا. متواضعا «منيبا» أي: راجعًا إليك تائبًا، فالتوبة رجوع من المعصية إلى الطاعة.
«رب تقبل توبتي» أي: اجعلها صحيحة بشرائطها واستجماع آدابها فإنها لا تتخلف عن القبول «واغسل حَوبتي» أي: امحُ ذنبي «وأجب دعوتي» أي: دعائي، «وثبِّت حُجَّتي» أي: على أعدائك في الدنيا، أو ثبِّت قولي وتصديقي في الدنيا وعند جواب الملكين، «واهد قلبي وسدِّد لساني» أي: صوِّب وقوِّم لساني حتى لا ينطق إلا بالصدق ولا يتكلم إلا بالحق، «واسلُل سَخِيمةَ قلبي» أي: أخرج غشه وغله وحقده وحسده ونحوها، مما ينشأ من الصدر ويسكن في القلب من مساوئ الأخلاق.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلىپ مۇنداق دەيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ياردەم بەرگىن، يەنى: مېنى ساڭا زىكىر ئېيتىشقا، شۈكۈر قىلىشقا ۋە ئىبادەتلىرىنى ياخشى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، «مېنىڭ زىيىنىمغا ياردەم بەرمىگىن»، يەنى: ئىنسان، جىن ۋە شەيتانلاردىن مېنى ساڭا ئىتائەت قىلىشتىن چەكلەيدىغانلارنى ماڭا غەلىبە قىلدۇرمىغىن. «ماڭا مەدەت بەرگىن، مېنىڭ زىيىنىمغا مەدەت بەرمىگىن»، يەنى: كاپىرلارغا قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلارنى ماڭا غالىپ قىلمىغىن ياكى: نەپسىمگە غەلىبە قىلىشىمغا ياردەم بەرگىن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىم، مەن خاھىشىمغا ئەگىشىپ، ھىدايەتنى تاشلىماسلىقىم ئۈچۈن، مىنى يامانلىققا بۇيرىيدىغان نەپىسنىڭ ماڭا غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بەرمىگىن. «ماڭا تەدبىر بەرگىن، مېنىڭ زىيىنىمغا تەدبىر بەرمىگىن»، يەنى: ماڭا مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنى ئۇلار تۇيمىغان ھالەتتە مەغلۇب قىلىدىغان تەدبىر ئاتا قىلغىن، ماڭا ئۇنداق قىلمىغىن. تەدبىر قىلىش دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەرىكەت سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، ئاللاھ بۇ سۈپەت بىلەن كاپىرلارغا ۋە مۆمىنلەرگە ھىلە ئىشلىتىدىغانلارغا تەدبىر قىلغىنىغا ئوخشاش پەقەت مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇندىلا سۈپەتلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ سۈپەتنى ئۆزىگە ئىسپاتلىغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ ئۇنى ئاللاھقە لايىق ھالەتتە ئىسپاتلايمىز، ئۇنىڭدىن بۇ سۈپەتنى ئىنكار قىلىش توغرا ئەمەس. «ماڭا ھىدايەت بەرگىن، ماڭا ھىدايەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن»، يەنى: مېنى ياخشىلىققا باشلىغىن، تائەت قېيىن تۇيۇلۇپ، ئىبادەتتىن قالماسلىقىم ئۈچۈن ھىدايەتكە ئەگىشىشنى ياكى ھىدايەتنىڭ يوللىرىنى ماڭا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن، «ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىغا قارشى ياردەم بەرگىن»، يەنى: «ماڭا تاجاۋۇز قىلغان ۋە زۇلۇم قىلغان كىشىلەرگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن»، ئى ئاللاھ! مېنى نېمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلغۇچى، ھەممە ۋاقىت ساڭا زىكىر ئېيتقۇچى، قېيىنچىلىق-خۇرسەنلىكتە سەندىن قۇرۇققۇچى، تائەت-ئىبادەت بىلەن ساڭا بەك بويسۇنغۇچى، سەندىن ئەيمەنگۈچى، گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن ئىتائەت قىلىشقا قايتىپ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن قىلغىن، ئى پەرۋەردىگارىم! تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن، تەۋبىنىڭ ھەممە شەرتلىرى تولۇقلانغان، ئەدەپلىرى جۇغلانغان قىلغىن، چۈنكى ئۇنداق تەۋبە رەت قىلىنمايدۇ، گۇناھىمنى ئۆچۈرگىن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن، ھۆججىتىمنى دۇنيادا دۈشمەنلىرىڭ ئۈستىدىن مۇستەھكەم قىلغىن ياكى دۇنيادا ۋە ئىككى پەرىشتىگە جاۋاپ بېرىدىغان ۋاقىتتا سۆزۈم ۋە تەسدىقىمنى مۇستەھكەم قىلغىن، دىلىمنى ھىدايەت قىلغىن، تىلىمنى توغرىلىغىن، يەنى: تىلىمنى راست سۆزلەيدىغانغا ۋە ھەقنى سۆزلەيدىغانغا توغرىلىغىن. «دىلىمنىڭ قارىسىنى چىقىرىۋەتكىن» يەنى: ئالداش، خىيانەت، ئۆچمەنلىك ۋە ھەسەتخورلۇق دېگەندەك ئىنساننىڭ كۆڭلىدە پەيدا بولۇپ، دىلىغا ئورناپ قالىدىغان نەرسىلەرنى چىقىرىۋەتكىن»دەيتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10410

 
Hadith   740   الحديث
الأهمية: خذوا من العمل ما تطيقون، فوالله لا يسأم الله حتى تسأموا


باشتېما:

تاقىتىڭلار يېتىدىغان ئەمەلنى تۇتۇڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر زېرىكىپ قالمىغۇچە ئاللاھ زېرىكىپ قالمايدۇ

عن عائشة زوجِ النبي -صلى الله عليه وسلم-، أخبرته أنَّ الحَوْلاء بنت تُوَيت بن حبيب بن أسد بن عبد العُزَّى مرَّت بها وعندها رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فقلتُ: هذه الحَوْلاء بنت تُوَيت، وزعموا أنها لا تنام الليلَ، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لا تنامُ الليلَ! خذوا مِن العمل ما تُطِيقون، فواللهِ لا يسأمُ اللهُ حتى تسأموا».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىندى: ھەۋلا بىنتى تۇۋەيت ئىبنى ھەبىيب ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئابدۇلئۇززا يېنىدىن ئۆتكەندە، يېنىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بار ئىدى، مەن: بۇ تۇۋەيتنىڭ قىزى ھەۋلا، كىشىلەر ئۇنى كىچىدە ئۇخلىمايدۇ، دېيىشىۋاتىدۇ،- دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كېچىدە ئۇخلىمايدۇ! تاقىتىڭلار يېتىدىغان ئەمەلنى تۇتۇڭلار! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر زېرىكىپ قالمىغۇچە ئاللاھ زېرىكىپ قالمايدۇ» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
مرَّت الحَوْلاء بنت تُوَيت بعائشة، فقالت عائشة للنبي -صلى الله عليه وسلم-: هذه الحَوْلاء بنت تُوَيت، وهي تصلي الليل كله ولا تنام. فأنكر رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عليها قيامها الليل كله، وقال: «خذوا مِن العمل ما تُطِيقون» فأمر النبي -عليه الصلاة والسلام- هذه المرأة أن تكف عن عملها الكثير، الذي قد يشق عليها وتعجز عنه في المستقبل فلا تديمه، ثم أمر النبي - عليه الصلاة والسلام- أن نأخذ من العمل بما نطيق، «فواللهِ لا يسأمُ اللهُ حتى تسأموا» يعني: أن الله عز وجل يعطيكم من الثواب بقدر عملكم، مهما داومتم من العمل فإن الله تعالى يثيبكم عليه، فإذا سئم العبد من العمل وملَّه قطعه وتركه فقطع الله عنه ثواب ذلك العمل؛ فإن العبد إنما يجازى بعمله، فمن ترك عمله انقطع عنه ثوابه وأجره إذا كان قطعه لغير عذر من مرض أو سفر، وهذا هو الراجح في معنى الملل الذي يُفهم من ظاهر الحديث أن الله يتصف به، وملل الله ليس كمللنا نحن، لأن مللنا نحن ملل تعب وكسل، وأما ملل الله عز وجل فإنه صفة يختص به جل وعلا تليق بجلاله، والله سبحانه وتعالى لا يلحقه تعب ولا يلحقه كسل.
578;ۇۋەيتنىڭ قىزى ھەۋلا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: بۇ تۇۋەيتنىڭ قىزى ھەۋلا، ئۇ پۈتۈن كېچە ئۇخلىماي، ناماز ئوقۇيدىكەن،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ پۈتۈن كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلغانلىقىنى توغرا تاپماي: «تاقىتىڭلار يېتىدىغان ئەمەلنى قىلىڭلار» دەپ، بۇ ئايالنى كەلگۈسىدە ئادا قىلىشتىن ئاجىز كېلىپ، داۋاملاشتۇرالمايدىغان، ئۆزىگە قېيىن بولىدىغان كۆپ ئەمەللەردىن توختاشقا بۇيرۇدى، ئاندىن تاقىتىمىز يىتىدىغان ئەمەلنى تۇتىشىمىزغا بۇيرۇپ: «سىلەر زېرىكىپ قالمىغۇچە ئاللاھ زېرىكىپ قالمايدۇ» دېدى، يەنى: ئاللاھ تائالا ئەمىلىڭلارنىڭ مىقدارىچە سىلەرگە ساۋاپ بېرىدۇ، ئەمىلىڭلارنى قانچىلىك داۋاملاشتۇرساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ساۋاپ بېرىدۇ، ئەگەر ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن زېرىكىپ، ئېچى پۇشۇپ ئۇنى ئۈزۈپ، قىلمىسا، ئاللاھمۇ ئاشۇ ئەمەلنىڭ ساۋابىنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويىدۇ، ھەقىقەتەن ئىنسانغا ئەمىلىگە قارىتا مۇكاپات-جازا بېرىلىدۇ. كىم ئەمىلىنى كېسەللىك ياكى سەپەر ئۆزرىسىسىز ئۈزۈپ قويۇپ، قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭدىن ساۋابى ۋە ئەجرى ئۈزىلىدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ ئاشكارا مەنىسىدىن "ئاللاھ زىرىكىش بىلەن سۈپەتلىنىدۇ" دەپ چۈشىنىلىدىغان زېرىكىشنىڭ مەنىسىدىكى كۈچلۈك قاراش بولۇپ، ئاللاھنىڭ زېرىكىشى بىزنىڭ زېرىكىشىمىزگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى بىزنىڭ چارچاش ۋە ھورۇنلۇقتىن ئېچىمىز پۇشىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ زېرىكىشى ئۆزىگە خاس، ئۇلۇغلىقىغا لايىق بولغان سۈپەت بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا چارچاش ۋە ھورۇنلۇق يەتمەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10411

 
Hadith   741   الحديث
الأهمية: هل تضارون في رؤية الشمس في الظهيرة، ليست في سحابة؟ قالوا: لا. قال: فهل تضارون في رؤية القمر ليلة البدر، ليس في سحابة؟


باشتېما:

بۇلۇتسىز چۈش ۋاختىدا قۇياشنى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، بۇلۇتسىز تولۇن ئاي كېچىسىدە ئاينى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قالوا: يا رسول الله هل نَرى ربَّنا يوم القيامة؟ قال: «هل تُضارُّون في رؤية الشمس في الظَّهِيرة، ليست في سحابة؟» قالوا: لا، قال: «فهل تُضارُّون في رؤية القمر ليلة البدر، ليس في سحابة؟» قالوا: لا، قال: " فوالذي نفسي بيده لا تُضارُّون في رؤية ربكم، إلا كما تُضارُّون في رؤية أحدهما، قال: فيَلْقى العبد، فيقول: أي فُل أَلَم أُكْرِمْك، وأُسَوِّدْك، وأُزَوِّجك، وأُسَخِّر لك الخيل والإبل، وأَذَرْك تَرْأَس، وتَرْبَع؟ فيقول: بلى، قال: فيقول: أفظننتَ أنك مُلاقِي؟ فيقول: لا، فيقول: فإني أنساك كما نَسِيتَني، ثم يلقى الثاني فيقول: أيْ فُل أَلَم أُكْرِمْك، وأُسَوِّدْك، وأُزَوِّجك، وأُسَخِّر لك الخيل والإبل، وأَذَرْك تَرْأَس، وتَرْبَع؟ فيقول: بلى، أيْ ربِّ فيقول: أفظننتَ أنك مُلاقِي؟ فيقول: لا، فيقول: فإني أنساك كما نَسِيتَني، ثم يلقى الثالث، فيقول له مثل ذلك، فيقول: يا ربِّ آمنتُ بك، وبكتابك، وبرسلك، وصليتُ، وصمتُ، وتصدَّقتُ، ويُثني بخير ما استطاع، فيقول: هاهنا إذًا، قال: ثم يقال له: الآن نبعث شاهدَنا عليك، ويتفكَّر في نفسه: مَن ذا الذي يَشهد عليَّ؟ فيُختَم على فيه، ويقال لفَخِذه ولحمه وعظامه: انطِقي، فِتِنْطِق فخِذه ولحمه وعظامه بعمله، وذلك ليُعْذِرَ من نفسه، وذلك المنافق وذلك الذي يسخط الله عليه.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغانغان ھەدىستە: ساھابىلار: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرەمدۇق؟» دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇلۇتسىز چۈش ۋاختىدا قۇياشنى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟ دېدى، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، «بۇلۇتسىز تولۇن ئاي كېچىسىدە ئاينى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟» دېدى، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم!، سىلەر ئاي بىلەن كۈننى كۆرۈشتە قېينالمىغاندەك قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنى كۆرۈشتىمۇ قېينالمايسىلەر» دېدى، ئاللاھ بەندە بىلەن ئۇچرىشىپ: ئى پۇلان! سېنى ئىززەتلىدىم، خوجايىن قىلدىم، ئۆيلەپ قويدۇم، ئات-تۆگىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردىم، سىنى باشلىق قىلىپ غەنىمەتنىڭ تۆرتتىن بىرىنى ئالىدىغان قىلمىدىممۇ؟» دەيدۇ، ئۇ: «شۇنداق» دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: «مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى ئويلىغانمىدىڭ؟» دەيدۇ، ئۇ ئادەم: «ياق» دەيدۇ، ئاللاھ: «سەن مېنى ئۇنتىغاندەك مەنمۇ سېنى ئۇنتىمەن» دەيدۇ، ئاندىن ئىككىنچى ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا: «ئى پۇلان! سېنى ئىززەتلىدىم، خوجايىن قىلدىم، ئۆيلەپ قويدۇم، ئات-تۆگىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردىم، سېنى باشلىق قىلىپ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغان قىلمىدىممۇ؟» دەيدۇ، ئۇ: «شۇنداق» دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: «مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى ئويلىغانمىدىڭ؟» دەيدۇ، ئۇ: «ياق» دەيدۇ، ئاللاھ: «سەن مېنى ئۇنتىغاندەك مەنمۇ سېنى ئۇنتىمەن» دەيدۇ، ئاندىن ئۈچىنچى ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغىمۇ يۇقىردا دېيىلگەن سۆزلەرنى دەيدۇ، ئۇ: «ئى رەببىم!، مەن ساڭا، سېنىڭ كىتابلىرىڭغا، پەيغەمبەرلىرىڭگە ئىشەندىم، ناماز ئوقۇدۇم، روزا تۇتتۇم، زاكات بەردىم» دەپ، كۈچىنىڭ يىتىشىچە تەرىپلەيدۇ، ئۇ ئادەمگە: «بۇ يەردە ئاشكارا بولىدۇ، ھازىر ساڭا گۇۋاھ بولىدىغان گۇۋاھچىلارنى ئەۋەتىمىز» دەيدۇ، ئۇ ئادەم كۆڭلىدە: «ماڭا كىم گۇۋاھچى بولىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايدۇ، ئۇنىڭ ئېغىزى پىچەتلىنىدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرىغا: «سۆزلەڭلار» دېيىلىدۇ، يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرى ئۇ ئادەمنىڭ قىلمىشلىرىنى سۆزلەيدۇ، ئۇ ئۆزىدىن ئۆزۈر ئېيىتماسلىقى ئۈچۈندۇر، بۇ ئۈچىنچى ئىنسان بولسا ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغان مۇناپىقتۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال بعض الصحابة: يا رسول الله! هل نرى ربنا يوم القيامة؟ فقال لهم -صلى الله عليه وسلم-: «هل تُضارُّون في رؤية الشمس في الظَّهِيرة، ليست في سحابة؟» أي: هل يحصل لكم تزاحم وتنازع يتضرر به بعضكم من بعض لأجل رؤية الشمس في وقت ارتفاعها وظهورها وانتشار ضوئها في العالم كله، لا يوجد سحاب يحجبها عنكم؟ فقالوا: لا. قال: «فهل تُضارُّون في رؤية القمر ليلة البدر، ليس في سحابة؟» أي: هل يحصل لكم تزاحم وتنازع يتضرر به بعضكم من بعض لأجل رؤية القمر ليلة اكتماله وظهوره في السماء، لا يوجد سحاب يحجبه عنكم؟ قالوا: لا، قال: «فوالذي نفسي بيده لا تُضارُّون في رؤية ربكم، إلا كما تُضارُّون في رؤية أحدهما» أي: تكون رؤيته جلية بينة، لا تقبل مراء ولا مرية، حتى يخالفَ فيها بعضكم بعضا ويكذبه، كما لا يشك في رؤية الشمس والقمر، ولا ينازع فيها، فالتشبيه إنما وقع في الرؤية باعتبار جلائها وظهورها; بحيث لا يُرتاب فيها، لا في سائر كيفياتها، ولا في المرئي; فإنه -سبحانه- منزَّه عن مشابهة المخلوقات.
ثم أخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- عن مشهد من مشاهد اليوم الآخر، وهو أن الرب -سبحانه- يلقى عبدًا من عباده، فيقرره بنعمه فيقول له: يا فلان ألم أُفضلك وأجعلك سيدًا في قومك، وأعطك زوجًا من جنسك ومكَّنتك منها، وجعلتُ بينك وبينها مودة ورحمة ومؤانسة وأُلفة، وأُذَلِّل لك الخيل والإبل، وأجعلك رئيسا على قومك، تأخذ ربع الغنيمة; وكان ملوك الجاهلية يأخذونه لأنفسهم. فيُقر العبد بهذه النعم كلها. فيقول الرب: أفعلمت أنك سوف تلاقيني؟ فيقول: لا. فيقول الله -تعالى-: «فإني أنساك كما نسيتني» أي: أتركك اليوم من رحمتي كما تركتَ طاعتي في الدنيا، فالنسيان هنا الترك عن علم، كما قال -تعالى-: (إنا نسيناكم فذوقوا عذاب الخلد).
ثم يلقى الرب عبدًا ثانيا، فذكر النبي -صلى الله عليه وسلم- فيه مثل ما ذكر في الأول من سؤال الله تعالى له وجوابه.
ثم يلقى الثالث فيقول له مثل ذلك، فيقول: يا رب آمنت بك، وبكتابك وبرسلك، وصليتُ وصمت، وتصدقت، ويمدح نفسه بكل ما يستطيع، فيقول الرب: «هاهنا إذًا» أي: إذا أثنيت على نفسك بما أثنيت إذًا فقف هنا; كي نريك أعمالك بإقامة الشاهد عليها، ثم يقال له: الآن نأتي بشاهد عليك، ويتفكر العبد في نفسه: من هذا الذي يشهد عليَّ؟! فيختم الله على فمه ويقال لفخذه ولحمه وعظامه: انطقي، فتنطق فخذه ولحمه وعظامه بعمله، «وذلك ليعذر من نفسه» أي: إنطاق أعضائه ليزيل الله عذره مِن قِبل نفسه بكثرة ذنوبه وشهادة أعضائه عليه; بحيث لم يبق له عذر يتمسك به، وهذا العبد الثالث هو المنافق، الذي غضب الله عليه.
587;اھابىلارنىڭ بەزىسى: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، بىز قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرەمدۇق؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇلۇتسىز چۈش ۋاقتىدا قۇياشنى كۆرۈشتىن قىينىلامسىلەر؟»، يەنى: قۇياش كۆتۈرۈلۈپ پۈتۈن ئالەمگە نۇر چىچىپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئاسماندا سىلەرنى قۇياشنى كۆرۈشتىن چەكلەپ قويىدىغان بۇلۇت بولمىسا، سىلەرگە شۇ قۇياشنى كۆرۈش ئۈچۈن قېيىنچىلىق ھاسىل بولامدۇ؟» دېدى، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇلۇتسىز ئاسماندا ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئاينى كۆرۈشتىن قىينىلامسىلەر؟»، يەنى: ئاي تولۇق توشۇپ ئاسماندا ئاشكارا بولسا، سىلەرنى ئاينى كۆرۈشتىن چەكلەپ قويىدىغان بۇلۇت بولمىسا، ئاشۇ ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن سىلەر بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىتتىرىشىپ، قىستىلىشىپ قېيىنچىلىق ھاسىل بولامدۇ؟» دېۋىدى، ساھابىلار: «ياق» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم!، سىلەر قۇياش بىلەن ئاينى كۆرۈشتە قېينالمىغاندەك پەرۋەردىگارىڭلارنى كۆرۈشتىمۇ قىينالمايسىلەر»، يەنى: قۇياش بىلەن ئاينى كۆرۈشتە شەك ۋە تالاش-تارتىش قىلمىغاندەك، ئاللاھنى كۆرۈش ئوچۇق-ئاشكارا بولىدۇ، ھېچ قانداق شەك-شۈبھە بولمايدۇ، بىر-بىرىڭلارنى ئىنكار قىلمايسىلەر، ئىختىلاپمۇ قىلمايسىلەر، ئوخشۇتۇش ئوچۇق-ئاشكارىلىقى شەك قىلمىغۇدەك دەرىجىدە دەپ قاراپ پەقەت كۆرۈشتىلا بولدى، كۆرۈشنىڭ باشقا كەيپىياتىدا، كۆرۈلگۈچىدە بولمىدى، چۈنكى ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن پاكتۇر. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەندىلىرىدىن بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئىقرار قىلدۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى پۇلان! مەن سېنى ئۆز قەۋمىڭدە ئالاھىدە گىپى ئۆتىدىغان قىلمىدىممۇ؟، ئۆز جىنسىڭدىن جۈپ ئاتا قىلىپ تۇرمۇشلۇق قىلمىدىممۇ؟، جۈپتىڭ بىلەن سىنىڭ ئاراڭدا ئۈنسى-ئۈلپەت، مېھرى-مۇھەببەت قىلمىدىممۇ؟، ساڭا ئات-تۆگىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەرمىدىممۇ؟، سېنى قەۋمىڭگە باشلىق قىلىپ، غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغان قىلمىدىممۇ؟ (جاھىلىيەتتە قەبىلە باشلىقلىرى غەنىمەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئالاتتى)» دەيدۇ، بەندە بۇ نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىقرار قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا: «ماڭا ئۇچرىشىشنى بىلەمتىڭ؟» دەيدۇ، ئۇ: «ياق» دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: «سەن مىنى ئۇنتۇغاندەك مەنمۇ سىنى ئۇنتۇيمەن» دەيدۇ، يەنى سەن دۇنيادا ماڭا ئىتائەت قىلىشنى تاشلىغاندەك، بۈگۈن سېنى رەھمىتىمدىن يىراق قىلىمەن. ئۇنتۇش بۇ يەردە بىلىشنى خالىماسلىقتۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا: «سىلەر بىزنى ئۇنۇتقاندەك بىزمۇ سىلەرنى ئۇنتۇيمىز، مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئىككىنچى بىر بەندە بىلەن ئۇچرىشىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بىرىنچى ئىنسان بىلەن ئۇچراشقاندىكى سوئالى ۋە ئۇ ئادەمنىڭ جاۋابىنى زىكىر قىلدى، ئاندىن ئاللاھ ئۈچىنچى ئىنسان بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇ ئادەمگىمۇ يۇقىرقى سوئالنى دەيدۇ، ئۇ ئادەم: «ئى رەببىم!، مەن ساڭا، سىنىڭ كىتابلىرىڭغا، پەيغەمبەرلىرىڭگە ئىشەندىم، ناماز ئوقۇدۇم، روزا تۇتتۇم، زاكات بەردىم» دەپ، ئۆزىنى كۈچى يىتىدىغان ھەممە نەرسە بىلەن ماختايدۇ، ئاللاھ تائالا: «ئۇنداقتا بۇ يەردە»، يەنى: سەن ئۆزۈڭنى بىر مۇنچە ماختىغان بولساڭ، ساڭا ئەمەللىرىڭنى گۇۋاھچى تۇرغۇزۇپ كۆرسىتىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە توختاپ تۇر» دەيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ھازىر ساڭا گۇۋاھچى ئېلىپ كىلىمىز» دېيىلىدۇ، ئۇ كۆڭلىدە: «ماڭا كىم گۇۋاھچى بولىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايدۇ، ئۇنىڭ ئېغىزى پىچەتلىنىپ، ئۇ ئادەمنىڭ يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرىغا: «سۆزلەڭلار» دېيىلىدۇ، يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرى ئۇ ئادەمنىڭ قىلمىشلىرىنى سۆزلەيدۇ، بۇ ئۇ ئادەمنىڭ ئۈزۈر ئېيىتماسلىقى ئۈچۈندۇر، يەنى: ئۇ ئادەمنىڭ گۇناھى كۆپ بولغاچقا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى ئىسىلغىدەك ئۆزرە قالمىغۇدەك دەرىجىدە يوق قىلىش ئۈچۈن ئەزالىرىنى سۆزلىتىدۇ، بۇ ئۈچىنچى بەندە ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچرىغان مۇناپىقتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10413

 
Hadith   742   الحديث
الأهمية: الإيمان يمان والحكمة يمانية


باشتېما:

ئىيمان ۋە ھىكمەت يەمەندىدۇر

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «الإيمانُ يمانٍ والحِكمةُ يمانِيَة، وأَجد نَفَسَ الرحمن من قِبَل اليمن, أَلَا إنَّ الكفرَ والفسوقَ وقسوةَ القلب في الفَدَّادين أصحاب المَعِز والوَبَر».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىيمان، ھىكمەت يەمەندىدۇر، راھمان تائالانىڭ نەفىسىنى يەمەن تەرەپتىن پۇرايمەن، ئاگاھ بولۇڭلاركى كۇپۇرلۇق، پاسىقلىق، قەلبى قاتتىقلىق ئۆچكە ۋە يۇڭ ئىگىلىرى بولغان يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىدىغانلاردا

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قوله: «الإيمان يمان والحكمة يمانية» اختلف في المراد به، فقيل: معناه نسبة الإيمان إلى مكة لأن مبدأ اليمن منها، ومكة يمانية بالنسبة إلى المدينة. وقيل: المراد نسبة الإيمان إلى مكة والمدينة، وهما يمانيتان بالنسبة للشام، بناء على أن هذه المقالة صدرت من النبي -صلى الله عليه وسلم- وهو حينئذ بتبوك. وقيل: المراد بذلك الأنصار لأن أصلهم من اليمن، ونُسب الإيمان إليهم لأنهم كانوا الأصل في نصر النبي -صلى الله عليه وسلم-، ولا مانع من إجراء الكلام على ظاهره، وأن المراد تفضيل أهل اليمن على غيرهم من أهل المشرق، والسبب في ذلك إذعانهم إلى الإيمان من غير كبير مشقة على المسلمين بخلاف أهل المشرق وغيرهم، ومن اتصف بشيء وقوي قيامه به نُسب إليه إشعارا بكمال حاله فيه، ولا يلزم من ذلك نفي الإيمان عن غيرهم، ثم المراد بذلك الموجود منهم حينئذ لا كل أهل اليمن في كل زمان؛ فإن اللفظ لا يقتضيه، والمراد بالحكمة العلم المشتمل على المعرفة بالله.
وقوله: «وأَجِدُ نَفَسَ الرحمن من قِبَل اليمن» معناه: كنت في شدة وكرب وغم من أهل مكة، ففرج الله عني بالأنصار. يعني: أنه يجد الفرج من قبل الأنصار، وهم من اليمن. وعلى هذا فليس هذا الحديث من أحاديث الصفات.
وقوله: «أَلَا إنَّ الكفرَ والفسوقَ وقسوةَ القلب في الفَدَّادين أصحابِ المَعِز والوَبَر» أي: أن الكفر والفسوق وغلظ القلب وقسوته في المكثرين من الإبل والأموال الذين تعلو أصواتهم في حروثهم ومواشيهم، وهم أهل جفاء وكبر، ولكن ذكر المعز هنا مخالف لما في الصحيحين من أن هذه صفة أهل الإبل والخيل، وأن السكينة في أهل الغنم، وهذا يشمل الشياه والمعز، وما في الصحيحين أصح.
585;ەسۇلۇللاھنىڭ «ئىيمان، ھىكمەت يەمەندىدۇر» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدە ئالىملار ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردا بولغان، بەزىلەر: بۇ ئىيماننى مەككىگە مەككىگە مەنسۇپ قىلغانلىق، دېگەن، چۈنكى يەمەن مەككىدىن باشلىنىدۇ ۋە مەككە مەدىنىگە نىسبەتەن يەمەن تەرەپتە. يەنە بەزىلەر: بۇ ئىيماننى مەككە ۋە مەدىنىگە مەنسۇپ قىلغانلىق، چۈنكى مەككە، مەدىنە شامغا نىسبەتەن يەمەن تەرەپكە جايلاشقان، دېگەن. دەرۋەقە بۇ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەبۇك غازىتىدا بايان قىلغان. يەنە بەزىلەر: بۇ ھەدىستىن مەقسەت ئەنسارىلار دېگەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەسلى يەمەندىن، ئىماننى ئۇلارغا نىسبەت بېرىشى ئۇلار رەسۇلۇللاھقا كۆپ ياردەم بەرگەن، دېگەن. يەنە بەزىلەر مۇنداق دېگەن: ھەدىسنى ئەسلى مەنىسىدە چۈشىنىشكە ھېچبىر چەكلىمە يوق، ھەدىس يەمەن خەلقىنىڭ شەرىق تەرەپتىكى باشقا كىشىلەردىن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، ئۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن شەرىقلىقلار ۋە باشقىلار قارشىلاشقاندەك قارشىلاشمايلا تىز ئىيمان ئېيىتقانلىقىدۇر. كىم بىر سۈپەتتە ئارتۇق بولسا، ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇكەممەللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، گەرچە باشقىلاردا شۇ سۈپەت تېپىلسىمۇ شۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىنىدۇ، بۇ باشقىلاردا ئىيمان يوق دىگەنلىك ئەمەس. بۇ ھەدىس يەمەن خەلقىنىڭ شۇ دەۋرىدىكى كىشىلەرگە قارىتىلغان، ھەر زاماندىكى ھەممە يەمەنلىككە ئەمەس، چۈنكى ھەدىس ئىبارىلىرىدىن شۇ مەنىلەر چىقىدۇ. ھىكمەتتىن ئاللاھنى تونۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىم كۆزدە تۇتۇلغان. «راھمان تائالانىڭ نەپەسىنى يەمەن تەرەپتىن پۇرايمەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: مەن مەككە ئەھلىدىن ئېغىر قېيىنچىلىقتا قالغان كۈنلەردە ئەنسارىلار ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ماڭا ياردەم بەرگەن، يەنى رەسۇلۇللاھ يەمەنلىك بولغان ئەنسارىلار ئارقىلىق ئېغىرچىلىقتىن قۇتۇلغان، بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە كەلگەن ئەمەس. «ئاگاھ بولۇڭلاركى كۇپۇرلۇق، پاسىقلىق، قەلىبنىڭ قاتتىقلىقى ئۆچكە يۇڭ ئىگىلىرى بولغان، ئاۋازى يۇقىرى چىقىدىغان كىشىلەردە، كۇپۇرلۇق، پاسىقلىق، باغرى تاشلىق تۆگىلەرنى كۆپ باقىدىغان، ئىتىزلىرىدا ۋە پادىلىرىنى بېقىشتا يۇقىرى ئاۋاز چىقىرىدىغان، توڭ، قوپال، چوڭچى كىشىلەرنى دېمەكچى. بۇخارى ۋە مۇسلىمدا «ئۆچكە» ئەمەس بەلكى ئات ۋە تۆگە ئىگىلىرىدا، تەمكىنلىك قوي باقىدىغان پادىىچىلاردا دەپ كەلگەن، بۇ ئىبارە قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇخارى ۋە مۇسلىمدا كەلگىنى ئەڭ توغرا   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تەبرانىي"مۆجەم كۇبرا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10414

 
Hadith   743   الحديث
الأهمية: يا أبا عائشة، ثلاث من تكلم بواحدة منهن فقد أعظم على الله الفرية


باشتېما:

ئەي ئائىشەنىڭ دادىسى!، ئۈچ ئىش بار، كىم ئۇنىڭدىن بىرنى سۆزلىسە ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ

عن مسروق، قال: كنتُ مُتَّكئًا عند عائشة، فقالت: يا أبا عائشة، ثلاثٌ مَن تكلَّم بواحدةٍ منهن فقد أَعظَمَ على اللهِ الفِرْيةَ، قلتُ: ما هن؟ قالت: مَن زعم أنَّ محمدًا -صلى الله عليه وسلم- رأى ربَّه فقد أعظم على الله الفِرْيةَ، قال: وكنتُ مُتَّكئًا فجلستُ، فقلتُ: يا أمَّ المؤمنين، أَنْظِريني، ولا تَعْجَليني، أَلَم يقل اللهُ -عز وجل-: {ولقد رآه بالأُفُق المُبين} [التكوير: 23]، {ولقد رآه نَزْلَةً أخرى} [النجم: 13]؟ فقالت: أنا أولُ هذه الأمَّة سأل عن ذلك رسولَ الله -صلى الله عليه وسلم-، فقال: «إنما هو جبريلُ، لم أَرَه على صُورتِه التي خُلق عليها غير هاتين المرَّتين، رأيتُه مُنهبِطًا من السماء سادًّا عِظَمُ خَلقِه ما بيْن السماء إلى الأرض»، فقالت: أَوَلَم تسمع أنَّ الله يقول: {لا تُدْرِكه الأبصارُ وهو يُدْرِكُ الأبصارَ وهو اللطيفُ الخبيرُ} [الأنعام: 103]، أَوَلَم تسمع أنَّ الله يقول: {وما كان لبشرٍ أن يُكلِّمه اللهُ إلا وحيًا أو من وراء حِجاب أو يُرسلُ رسولا فيوحيَ بإذنه ما يشاء إنَّه عَلِيٌّ حَكِيمٌ} [الشورى: 51]، قالت: ومَن زعم أنَّ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كَتَم شيئا مِن كتاب الله، فقد أعْظَم على الله الفِرْيةَ، واللهُ يقول: {يا أيها الرسول بَلِّغْ ما أُنزِل إليك من ربك وإن لم تفعلْ فما بلَّغتَ رسالتَه} [المائدة: 67]، قالت: ومَن زعم أنه يُخبر بما يكون في غدٍ، فقد أعْظَم على الله الفِرْيةَ، والله يقول: {قل لا يعلمُ مَنْ في السماوات والأرضَ الغيبَ إلَّا الله} [النمل: 65].

مەسرۇق مۇنداق دېدى: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىنىڭ تىمىغا يۆلۈنۈپ ئولتۇراتتىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ماڭا: «ئەي ئائىشەنىڭ دادىسى! (مەسرۇقنىڭ كۈنىيىتى ئەبۇ ئائىشە ئىدى) ئۈچ ئىش بار، كىم ئۇنىڭدىن بىرنى سۆزلىسە ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ» دېدى، مەن: «ئۇ ئۈچ ئىش قايسى؟» دېدىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «كىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆز پەرۋەردىگارىنى كۆردى دەپ قارىسا ئاللاھقا زور بۆھتاب قىلغان بولدى» دېدى، مەن تامغا يۆلەنمەي تىك ئولتۇرۇپ: «ئەي مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى!، تۇرۇپ تۇرسىلا، ئالدىرىمىسىلا، ئاللاھ قۇرئاندا: «ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى» ۋە «ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى» دېمىدىمۇ؟» دېسەم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ سوئالنى تۇنجى سورىغان كىشى مەن بولىمەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئۇ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام، مەن ئۇنى ئەسلى سۈرىتىدە پەقەت ئىككى قېتىم كۆردۈم، بىرى گەۋدىسىنىڭ چوڭلىقى ئاسمان-زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توسۇپ ئاسماندىن چۈشىۋاتقاندا كۆردۈم» دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: سەن ئاللاھنىڭ: «كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر» ۋە: «ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟» دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: «كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر نەرسىنى يوشۇردى دەپ قارىسا، ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ»، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[67]». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: «كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەتە بولىدىغان ئىشتىن خەۋەر بېرىدۇ دەپ قارايدىكەن ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ»، بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ كىشى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ[65].»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان التابعي الجليل مسروقٌ متكئًا عند أم المؤمنين عائشة -رضي الله عنها-، فقالت له: ثلاثة أشياء من تكلم بواحدة منها فقد كذب على الله كذبًا عظيمًا. فقال لها: ما هذه الأشياء؟ فأجابته بها:
الأول: من ادَّعى أن محمدًا -صلى الله عليه وسلم- رأى ربَّه فقد كذب على الله كذبًا عظيمًا. وكان مسروق متكئا فاعتدل، فقال لها: كيف تقولين: إن محمدًا -صلى الله عليه وسلم- لم ير ربه، وقد قال الله -تعالى-: {ولقد رآه بالأُفُق المبين} [التكوير: 23]، {ولقد رآه نَزْلَةً أخرى} [النجم: 13]؟ فأخبرته أنها أولُ مَن سأل رسولَ الله -صلى الله عليه وسلم- عن هاتين الآيتين، فأخبرها -صلى الله عليه وسلم- أنه إنما رأى جبريلَ -عليه السلام-، ولم يره على صورتِه التي خلقه الله -تعالى- عليها غير هاتين المرتين، مرة في الأرض بناحية مطلع الشمس حيث تبدو الأشياء واضحة ظاهرة، ومرة أخرى في أعلى الجنة، رآه مُنهبِطًا من السماء يملأ خَلقُه العظيم ما بين السماء إلى الأرض، ثم استدلت لعدم رؤية النبي -صلى الله عليه وسلم- ربه بقوله -تعالى-: {لا تُدْرِكه الأبصارُ وهو يُدْرِكُ الأبصارَ وهو اللطيفُ الخبيرُ} [الأنعام: 103]، وقوله -تعالى-: {وما كان لبشرٍ أن يُكلِّمه اللهُ إلا وحيًا أو من وراء حِجاب أو يُرسل رسولا فيوحيَ بإذنه ما يشاء إنَّه عَلِيٌّ حَكِيمٌ} [الشورى: 51]
الثاني: أن مَن ادَّعى أنَّ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كتم شيئا مِن كتاب الله، فقد كذب على الله كذبًا عظيمًا، واللهُ يقول: {يا أيها الرسول بَلِّغْ ما أُنزِل إليك من ربك وإن لم تفعل فما بلَّغتَ رسالتَه} [المائدة: 67].
الثالث: أن مَن ادَّعى أنَّ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يُخبر بالذي سيحدث في المستقبل من تلقاء نفسه دون وحيٍ من الله -تعالى- فقد كذب على الله كذبًا عظيمًا، والله يقول: {قل لا يعلمُ مِن في السماوات والأرض الغيبَ إلَّا الله} [النمل: 65].
578;ابىئىنلاردىن بولغان مەشھۇر ئالىم مەسرۇق مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا تامغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: «ئۈچ ئىش بار، كىم بۇنىڭ بىرىنى سۆزلىسە ئاللاھقا زور يالغاننى دېگەن بولىدۇ» دېدى، مەسرۇق: «ئۇ قايسى ئىشلار؟» دەپ سورىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: بىرىنچىسى: «كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز پەرۋەردىگارىنى كۆردى دەپ قارايدىكەن ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ»، مەسرۇق يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئىدى، تۈز ئولتۇرۇپ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «قانداقمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز پەرۋەردىگارىنى كۆرمىدى دەيلا؟، ئاللاھ: { ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى} ۋە { ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم كۆردى} دېگەن تۇرسا» دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى ئايەت توغرۇلۇق سۇئال سورىغان تۈنجى كىشى ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە جىبرىئىلنى ئاللاھ ياراتقان ئەسلى شەكلىدە پەقەت ئىككىلا قېتىم كۆرگەنلىكىنى، بىر قېتىم كۈن چىقىش تەرەپتىكى زېمىندا، نەرسىلەر ئوچۇق كۆرىنىدىغان يەردە، يەنە بىر قېتىم جەننەتنىڭ ئۈستىدە، شەكلىنىڭ چوڭلىقى ئاسمان-زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توسۇپ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقاندا كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆرمىگەنلىكىگە دەلىل قىلىپ بۇ ئايەتنى كەلتۈردى: {كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر } ۋە { ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر }. ئىككىنچىسى: «كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر نەرسىنى يوشۇردى دەپ قارىسا ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ»، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: {ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ}. ئۈچىنچىسى: «كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋەھىي بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز ئالدىغا ئەتە بولىدىغان ئىشتىن خەۋەر بېرىدۇ دەپ قارايدىكەن ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ»، بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: {ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ كىشى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ}

 

Grade And Record التعديل والتخريج
 
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10420

 
Hadith   744   الحديث
الأهمية: نزل جبريل فأمني، فصليت معه، ثم صليت معه، ثم صليت معه، ثم صليت معه، ثم صليت معه


باشتېما:

جىبرائىل چۈشۈپ ماڭا ئىمام بولدى، ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم

عن ابن شِهاب أنَّ عُمر بن عبد العزيز أخَّرَ العصرَ شيئًا، فقال له عُروة: أمَا إنَّ جبريلَ قد نزل فصلَّى إمامَ رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فقال عمرُ: اعلمْ ما تقولُ يا عُروة قال: سمعتُ بَشِير بن أبي مسعود يقول: سمعتُ أبا مسعود يقول: سمعتُ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «نَزَل جبريلُ فأمَّني، فصلَّيتُ معه، ثم صَلَّيتُ معه، ثم صَلَّيتُ معه، ثم صَلَّيتُ معه، ثم صَلَّيتُ معه» يحسِبُ بأصابعِه خمسَ صَلَواتٍ.

ئىبنى شىھابدىن بايان قىلىندى: ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەسىر نامىزىنى كېچىكتۇرۇپ ئوقۇدى، ئۇرۋە ئۇنىڭغا: جىبرائىل چۈشۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغان دېدى، ئۆمەر: ئى ئۇرۋە!، دېگەن سۆزۈڭنى بىلەمسەن؟ دېدى، ئۇرۋە: مەن بەشىر ئىبنى ئەبۇ مەسئۇدتىن ئاڭلىغان، ئۇ ئەبۇ مەسئۇدتىن ئاڭلىغان، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ: «جىبرائىل چۈشۈپ ماڭا ئىمام بولدى، ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم» بارماقلىرى بىلەن بەش ۋاقىت نامازنى ھېسابلىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان جبريل -عليه السلام- ينزل على النبي -صلى الله عليه وسلم- بالوحي, وكان يأتيه على صور وهيئات مختلفة, وفي هذا الحديث نزل وأمه في الصلوات الخمس ليبين له أوقاتها, والقصة التي ورد في سياقها الحديث: أن عُمر بن عبد العزيز أخَّر صلاة العصر عن وقتها شيئًا قليلًا، فأنكر عليه عُروة بن الزبير، وأخبره أن جبريلَ نزل فصلَّى إمامًا برسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فتعجَّب عمر من ذلك، وأمر عروة أن يتأمل فيما يقول ويتثبت ولا يقول ما لا دليل له عليه, فأخبره عروة أنه سمع بَشِير بن أبي مسعود يخبر عن أبي مسعود البدري أنه سمع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يخبر أن جبريل نزل فصلى إمامًا به -صلى الله عليه وسلم- في وقت كل صلاة من الصلوات الخمس, وأنه سمع    هذا الحديث فعرف كيفية الصلاة وأوقاتها وأركانها.
580;ىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى ئېلىپ چۈشەتتى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك شەكىل ۋە سۈرەتلەردە كىلەتتى، بۇ ھەدىستە، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ، نامازنىڭ ۋاقتىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەش ۋاقىت نامازدا ئىمام بولغان. ھەدىس بايان قىلىنغان ۋەقەلىك مۇنداق: بىر كۈنى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ئەسىر نامىزىنى ئادەتتىكى ۋاقتىدىن ئازراق كېچىكتۈردى، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير خەلىپىنىڭ بۇ ئىشنى تەنقىت قىلىپ، جىبرائىلنىڭ چۈشۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغانلىق ۋەقەلىكىنى يەتكۈزدى، ئۆمەر بۇ سۆزدىن ھەيران قىلىپ ئۇرۋىنى ئويلىنىپ سۆزلەشكە، ئېنىقلاشقا ۋە دەلىلسىز گەپ قىلماسلىققا بۇيرىدى، ئۇرۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇ ھەدىسنى بەشىير ئىبنى ئەبۇ مەسئۇدتىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇ ئەبۇ مەسئۇد بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرائىلنىڭ چۈشۈپ، ئۆزىگە ئىمام بولۇپ بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى، بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نامازنىڭ ۋاقتى، ئەركانلىرى ۋە قانداق ئوقۇشنى بىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10421

 
Hadith   745   الحديث
الأهمية: ليلة أسري بي مررت على جبريل في الملأ الأعلى كالحلس البالي من خشية الله -عَزَّ وجَلَّ-


باشتېما:

مەن ئاسمانغا چىققان ۋاقتىمدا جىبرىئىلنىڭ يېنىدىن ئۆتتۈم، ئۇ پەرىشتىلەر ئىچىدە ئاللاھتىن قورققانلىقتىن كونا كىيىمدەك ھالدا تۇراتتى

عن جابر -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «ليلةَ أُسْرِيَ بي مررتُ على جبريل في المَلَأ الأعلى كالحِلْسِ البالي مِن خَشيةِ الله -عز وجل-».

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن ئاسمانغا چىققان ۋاقتىمدا جىبرىئىلنىڭ يېنىدىن ئۆتتۈم، ئۇ پەرىشتىلەر ئىچىدە ئاللاھتىن قورققانلىقتىن كونا كىيىمدەك ھالدا تۇراتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث ذكر النبي -صلى الله عليه وسلم- أنه لما عُرج به ليلة الإسراء والمعراج مَرَّ على جبريل وهو مع الملائكة المقربين، فرأى جبريل كالثوب القديم الرقيق من شدة خوفه من الله -عز وجل-, وهذا يدل على فضل علم جبريل -عليه السلام- بالله -تعالى-, لأن من كان بالله أعلم    كان أكثر خشية له.
576;ۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئىسرا ۋە مىئراجقا چىققان كۈنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئۇ ئاللاھتىن قاتتىق قورققانلىقتىن كونا كىيىمدەك نازۇك ھالدا تۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن، بۇ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، چۈنكى كىم ئاللاھنى ياخشى تونۇسا، ئاللاھتىن بەكرەك قورقىدۇ   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ئەبى ئاسىم"سۈننە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10422

 
Hadith   746   الحديث
الأهمية: إن صاحبكم حنظلة تغسله الملائكة، فسلوا صاحبته


باشتېما:

ھەمراھىڭلار ھەنزەلەنى مالائىكىلەر يۇيۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئايالىدىن سوراپ بىقىڭلار

عن عبد الله بن الزبير -رضي الله عنهما- قال: سمعتُ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: وقد كان الناسُ انهزموا عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- حتى انتهى بعضُهم إلى دُون الأَعْراض على جبلٍ بناحيةِ المدينة، ثم رجعوا إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وقد كان حَنْظَلة بن أبي عامر الْتَقَى هو وأبو سفيان بن حرْب، فلمَّا اسْتَعْلاه حَنْظَلة رآه شَدَّاد بن الأسْود، فعَلَاه شَدَّاد بالسيْف حتى قتله، وقد كاد يَقْتل أبا سفيان، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إنَّ صاحبَكم حَنْظَلةُ تُغَسِّلُه الملائكةُ، فسَلُوا صاحبتَه»، فقالت: خرج وهو جُنُبٌ لما سمِع الهائِعَة، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «فذاك قد غَسَّلَتْه الملائكةُ».

ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى: مۇسۇلمانلار ئوھۇد كۈنى مەغلۇپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قويۇپ قېچىپ، مەدىنە يېنىدىكى تاغقا جايلاشقان يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ توختىدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى، شۇ ۋاقىتتا ھەنزەلە ئىبنى ئەبى ئامىر بىلەن ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب ئۇچرىشىپ قالدى، ھەنزەلە ئەبۇ سۇفياننى بېسىۋالغاندا شەدداد ئىبنى ئەسۋەد ئۇنى كۆرۈپ، ھەنزەلەگە قىلىچ ئۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈردى، ھەنزەلە ئەبۇ سۇفياننى ئۆلتۈرۈشكە ئاز قالغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەمراھىڭلار ھەنزەلەنى مالائىكىلەر يۇيىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئايالىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى، ئايالى: جەڭگە چاقىرىلغاندا، ئۇ ئۆيدىن جۇنۇپ ھالدا چىقىپ كەتكەن،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇ سەۋەبتىن ئۇنى مالائىكىلەر يۇدى» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما كان يوم أحد كانت الغلبة للمسلمين، ثم إن الرماة عصوا أمر الرسول -صلى الله عليه وسلم- فحدثت الهزيمة، وفر بعض الناس عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- حتى وصل بعضُهم إلى بعض القرى على مشارف جبل بناحية المدينة، ثم رجعوا إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- مرة أخرى.
وقد كان حَنْظَلة بن أبي عامر قد التقى في المعركة هو وأبو سفيان بن حرب زعيم المشركين، فلما تمكن حنظلة منه وكاد يقتله رآه رجل من المشركين وهو شَدَّاد بن الأسود، فضرب حنظلةَ بالسيف فقتله، فلما انتهت المعركة أخبرهم رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أن الملائكة تغسل حنظلة، وأمرهم أن يسألوا زوجته عن شأنه، فسألوها فأخبرتهم أنه لما سمع النداء للجهاد خرج وهو جُنُبٌ، فأخبرهم رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أن الملائكة غَسَّلَتْه لأجل كونه استشهد وهو جُنُبٌ.
605;ۇسۇلمانلار ئۇھۇد كۈنى غەلبە قىلغان ئىدى، ئوقچىلار رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن مەغلۇپ بولدى، بەزى كىشىلەر رەسۇلۇللاھنى قويۇپ قېچىپ، مەدىنە ئەتراپىدىكى يىزا-قىشلاقلارغا بېرىپ توختىغاندىن كىيىن، يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى، شۇ ۋاقىتتا ھەنزەلە ئىبنى ئەبى ئامىر بىلەن مۇشرىكلارنىڭ كاتتىۋېشى ئەبۇ سۇفيان جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشىپ قالدى، ھەنزەلە ئەبۇ سۇفياننى بېسىۋىلىپ، ئۆلتۈرۈشكە ئاز قالغاندا شەدداد ئىبنى ئەسۋەد كۆرۈپ، ھەنزەلەگە قىلىچ ئۇرۇپ ئۇنى شېھىت قىلدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلارغا: ھەنزەلەنى مالائىكىلەر يۇيۇۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر قىلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئايالىدىن سوراپ بېقىشقا بۇيرىدى، ئايالى ئۇلارغا: جەڭگە چاقىرىلغاندا، ئۇ ئۆيدىن جۇنۇپ ھالدا چىقىپ كەتكەن،- دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ئۇ جۇنۇپ ھالەتتە شەھىد قىلىنغانلىقى ئۈچۈن پەرىشتىلەر ئۇنى يۇيغانلىقىنى خەۋەر بەردى   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10549

 
Hadith   747   الحديث
الأهمية: لما توفي آدم غسلته الملائكة بالماء وترا وألحدوا له وقالوا: هذه سنة آدم في ولده


باشتېما:

ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن لەھەد كولاپ: بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى،- دېيىشتى

عن أبي بن كعب، عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «لما تُوُفِّيَ آدمُ غَسَّلَتْه الملائكةُ بالماء وِتْرًا، وأَلْحَدُوا له، وقالوا: هذه سُنَّةُ آدَمَ في وَلَدِه».

ئۇبەي ئىبنى كەئىب بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن لەھەد كولاپ: بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى،- دېيىشتى»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما مات آدم -عليه السلام- غسلته الملائكة بالماء وترًا، مرة واحدة، أو ثلاثة، أو خمسة، وشقوا له في جانب حفرة القبر شقًّا ودفنوه فيه، وقالوا: «هذه سُنَّةُ آدَمَ في وَلَدِه» أي: يُفعل بولد آدم ما فُعل بأبيهم من الغسل والدفن على الكيفية المذكورة، وإنما يلتزم بذلك المهديون من ولده.
574;ادەم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا پەرىشتىلەر ئۇنى سۇ بىلەن تاق يۇدى، يەنى: بىر قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم يۇدى، قەبرە ئورىكىنىڭ يان تەرىپىنى كولاپ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى شۇ يەرگە دەپنە قىلىپ: «بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئىچىدىكى سۈننىتى» دېيىشتى، يەنى: ئادەم ئەۋلادى دادىسىغا ئوخشاش يۇقارقى شەكىلدە يۇيۇپ دەپنە قىلىنىدۇ، بۇنى ئادەم ئەۋلادىدىن پەقەت توغرا يول تۇتقانلارلا داۋاملاشتۇرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10550

 
Hadith   748   الحديث
الأهمية: أن أسيد بن حضير بينما هو ليلة يقرأ في مربده، إذ جالت فرسه، فقرأ، ثم جالت أخرى، فقرأ، ثم جالت أيضا، قال أسيد: فخشيت أن تطأ يحيى، فقمت إليها، فإذا مثل الظلة فوق رأسي فيها أمثال السرج، عرجت في الجو حتى ما أراها


باشتېما:

ئۇسەيد ئىبنى ھۇدەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىسى خورما قۇرىتىدىغان جايدا قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئېتى ئۈركۈپ كەتتى، يەنە ئۇقۇسا ئېتى يەنە ئۈركىدى، يەنە ئوقۇسا يەنە ئۈركىدى، ئۇ: «ئاتنىڭ ئوغلۇم يەھيانى دەسسىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاتنىڭ يېنىغا باردىم، قارىسام بېشىمنىڭ ئۈستىدە چېراققا ئوخشاش بۇلۇتلار تۇرۇپتۇ، ئۇ بۇلۇتلار يۇقىرىغا ئۆرلەپ كەتتى، كىيىن كۆرەلمىدىم» دېدى

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه-: أنَّ أُسَيْد بن حُضَيْر بينما هو ليلةً يَقْرأ في مَرْبَدِه، إذ جالَتْ فَرَسُه، فقرأ، ثم جالَتْ أخرى، فقرأ، ثم جالَتْ أيضا، قال أُسَيْد: فخشيتُ أن تَطَأَ يحيى، فقمتُ إليها، فإذا مِثلُ الظُّلَّة فوق رأسي فيها أَمْثال السُّرُج، عَرَجَتْ في الجَوِّ حتى ما أراها، قال: فغدوتُ على رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فقلت: يا رسول الله بينما أنا البارِحَةَ من جَوْف الليل أقرأ في مِرْبَدي، إذ جالَتْ فَرَسي، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «اقرأ ابنَ حُضَيْر» قال: فقرأتُ، ثم جالَتْ أيضًا، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «اقرأ ابنَ حُضَيْر» قال: فقرأتُ، ثم جالَتْ أيضًا، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «اقرأ ابنَ حُضَيْر» قال: فانصرفتُ، وكان يحيى قريبًا منها، خشيتُ أن تَطَأَه، فرأيتُ مثل الظُّلَّة فيها أمْثال السُّرُج، عَرَجَتْ في الجَوِّ حتى ما أراها، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «تلك الملائكةُ كانت تستمِعُ لك، ولو قرأتَ لأصبحَتْ يراها الناسُ ما تَسْتَتِرُ منهم».

ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۇسەيد ئىبنى ھۇدەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىسى خورما قۇرىتىدىغان جايدا قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئېتى ئۈركۈپ كەتتى، يەنە ئۇقۇسا ئېتى يەنە ئۈركىدى، يەنە ئوقۇسا يەنە ئۈركىدى، ئۇ: «ئاتنىڭ ئوغلۇم يەھيانى دەسسىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاتنىڭ يېنىغا باردىم، قارىسام بېشىمنىڭ ئۈستىدە چىراققا ئوخشاش بۇلۇتلار تۇرۇپتۇ، ئۇ بۇلۇتلار يۇقىرىغا ئۆرلەپ كەتتى، كىيىن كۆرەلمىدىم، ئەتتىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ: >ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن تۈنۈگۈن كېچە خورمۇلۇقتا قۇرئان ئوقۇۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئېتىم ئۈركۈپ كەتتى» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىبنى ھۇدەير! ئوقۇ» دېدى، مەن «ئوقۇدۇم، ئېتىم ئۈركۈپ كەتتى» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىبنى ھۇدەير! ئوقۇ» دېدى، مەن «ئوقۇدۇم، ئېتىم ئۈركۈپ كەتتى» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىبنى ھۇدەير! ئوقۇ» دېدى، ئۇ: «مەن ئاتنىڭ ئوغلۇم يەھيانى دەسسىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاتنىڭ يېنىغا باردىم، قارىسام بېشىمنىڭ ئۈستىدە چىراققا ئوخشاش بۇلۇتلار تۇرۇپتۇ، ئۇ بۇلۇتلار يۇقىرىغا ئۆرلەپ كەتتى، كىيىن كۆرەلمىدىم» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاشۇ پەرىشتىلەر سېنى تىڭشاۋاتقان ئىدى، ئەگەر سەن ئوقىۋەرگەن بولساڭ تاڭ يورىغاندا ئۇلارنى كىشىلەر ئوچۇق كۆرەتتى» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان أُسيد بن حُضير -رضي الله عنه- في ليلة من الليالي يقرأ القرآن في المكان الذي يخزن فيه التمر، وفرسه مربوطة بجانبه، وولده يحيى نائم بجواره، فلما قرأ تحركت فرسه واضطربت، فلما سكت سكنت، ثم قرأ مرة أخرى فتحركت فرسه واضطربت، وهكذا حدث ثلاث مرات، فخاف أسيد أن تدوس ابنه يحيى، فقطع القراءة وقام إلى فرسه لينظر ما السبب في حركتها واضطرابها، فرأى فوقه مثل السحابة فيها أشياء تشبه المصابيح، وإذا بها تصعد في السماء حتى لم يستطع رؤيتها، فذهب أسيد في الصباح إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- فحكى له ما حدث له فقال له النبي -صلى الله عليه وسلم- مزيلًا لفزعه ومُعْلِمًا له بعلو مرتبته ومؤكدًا له فيما يزيد في طمأنينته: «اقرأ يا ابن حضير» ثلاث مرات للتأكيد، أي: ردِّد وداوم على القراءة التي سببت هذه الحالة العجيبة إشعارًا بأنه لا يتركها إن وقع له ذلك بعد في المستقبل، بل يستمر عليها لعظيم فضيلتها، ثم أخبره رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أن هذه الملائكة كانت تستمِعُ لقراءة القرآن، ولو أنه قرأ إلى الصباح لأصبحت الملائكة يراها الناسُ ما تستترُ منهم.
574;ۇسەيد ئىبنى ھۇدەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىسى خورما قۇرۇتۇپ ساقلايدىغان جايدا قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى، ئېتى يېنىغا باغلاقلىق بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئوغلى يەھيا ئۇخلاۋاتاتتى، ئۇ قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا ئېتى تۇيۇقسىز ئۈركۈپ كەتتى، قۇرئان ئوقۇشتىن توختىسا ئېتىمۇ جىم تۇردى، قۇرئان ئوقۇشنى يەنە داۋاملاشتۇرىۋىدى، ئېتى يەنە ئۈركۈپ تۇرالمىدى، بۇ ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى، ئۇسەيد ئېتىنىڭ ئوغلىنى دەسسىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ قۇرئان ئوقۇشنى توختاتتى ۋە ئاتنىڭ ئۈركۈپ تۇرالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن ئاتنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئۈستى تەرەپتە ئارىسىدا چىراقلاردەك نەرسىلەر بولغان بۇلۇتتەك نەرسىنى كۆردى، ئۇ نەرسە ئاسمانغا ئۆرلەپ چېقىپ كېتىپ، كىيىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى، ئۇسەيد ئەتتىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ كىچىدە بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بىئاراملىقىنى تۈگىتىپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى بىلدۈرۈپ، كۆڭلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى كۈچەيتىپ: «ئىبنى ھۇدەير!ئوقۇغىن» دەپ ئۈچ قېتىم تەكىتلىدى، يەنى: مۇشۇنداق ئاجايىپ ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغىن، بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە ھەرگىزمۇ ئوقۇشنى توختاتمىغىن، بەلكى بۇنىڭ پەزىلىتىنىڭ كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغىن دېدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئىشنىڭ سەۋەبىدىن خەۋەر بېرىپ: «ئاشۇ كۆرۈنگەن چىراقتەك نۇرلار قۇرئان تىڭشاۋاتقان پەرىشتىلەر، ئەگەر سەن قۇرئان ئوقۇشنى تاڭ يورىغۇچە داۋاملاشتۇرغان بولساڭ ئەتتىگەندە كىشىلەر پەرىشتىلەرنى ئوچۇق كۆرەتتى» دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10552

 
Hadith   749   الحديث
الأهمية: قول النبي -صلى الله عليه وسلم- يوم بدر: «هذا جبريل، آخذ برأس فرسه، عليه أداة الحرب»


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىر كۈنىدە: «بۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇرۇش كىيىمىنى كېيىپ، ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ جەڭگە ھازىر بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن

عن ابن عباس -رضي الله عنهما- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال يوم بدر: «هذا جبريلُ، آخذٌ برأس فَرَسِه، عليه أَدَاةُ الحَرْب».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەدىر كۈنىدە: «بۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇرۇش كىيىمىنى كېيىپ، ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ جەڭگە ھازىر بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
موضوع الحديث شهود الملائكة غزوة بدر، وعلى رأسهم جبريل عليه السلام, حيث أخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- أنه رأى جبريل -عليه السلام- في غزوة بدر راكبًا على فرسه، عليه آلة الحرب من السلاح، ليقاتل مع المؤمنين, ويكون عوناً للنبي -صلى الله عليه وسلم- ومدداً له، ومؤيداً لأصحابه.
726;ەدىسنىڭ تېمىسى: پەرىشتىلەرنىڭ بەدىر ئۇرۇشىدا جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇرۇشقا ھازىر بولغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ، ئۆزىنىڭ بەدىر كۈنىدە، جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنى مۆمىنلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش كىيىمى كىيىپ، ئاتقا مېنىپ ھازىر بولغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن مەدەت ۋە ياردەم شۇنداقلا ساھابىلارنى كۈچلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10554

 
Hadith   750   الحديث
الأهمية: لما كان يوم بدر نظر رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إلى المشركين وهم ألفٌ، وأصحابه ثلاثمائة وتسعة عشر رجلًا


باشتېما:

بەدىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا قارىدى، ئۇلار مىڭ ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۈچ يۈز ئون توققۇز كىشى ئىدى

عن ابن عباس -رضي الله عنه- قال: لمَّا كان يومُ بدْر نظر رسولُ الله -صلى الله عليه وسلم- إلى المشركين وهم ألف، وأصحابه ثلاثُمائة وتسعة عشر رجلا، فاستقبل نبيُّ الله -صلى الله عليه وسلم- القبلةَ، ثم مدَّ يديْه، فجعل يَهْتِف بربِّه: «اللهمَّ أَنْجِزْ لي ما وعدْتَني، اللهم آتِ ما وعدْتَني، اللهمَّ إنْ تَهْلِك هذه العِصابةُ من أهْل الإسلام لا تُعْبَد في الأرض»، فما زال يَهْتِف بربِّه، مادًّا يديْه مستقبلَ القِبلة، حتى سقط رِداؤه عن مَنْكبيه، فأتاه أبو بكر فأخذ رِداءه، فألقاه على مَنْكبيه، ثم التَزَمه مِن وَرَائه، وقال: يا نبيَّ الله، كفاك مناشَدَتَك ربَّك، فإنَّه سيُنْجِز لك ما وعَدَك، فأنزل الله -عز وجل-: {إذ تستغيثون ربَّكم فاستجاب لكم أنِّي مُمِدُّكم بألف من الملائكة مُرْدِفين} [الأنفال: 9] فأمدَّه اللهُ بالملائكة، قال أبو زميل: فحدثني ابن عباس، قال: بينما رجلٌ من المسلمين يومئذ يشتَدُّ في أَثَر رَجُلٍ من المشركين أمامه، إذ سَمِع ضربةً بالسَّوْط فَوْقَه وصَوْت الفارس يقول: أقدِم حَيْزُوم، فنَظَر إلى المشرك أمامه فخَرَّ مُسْتَلْقيًا، فنظر إليه فإذا هو قد خُطِمَ أنفُه، وشُقَّ وجهُه، كضرْبة السَّوْط فاخْضَرَّ ذلك أجمعُ، فجاء الأنصاري، فحدَّث بذلك رسولَ الله -صلى الله عليه وسلم-، فقال: «صدَقْتَ، ذلك مِن مَدَدِ السماء الثالثة»، فقَتَلوا يومئذ سبعين، وأَسَروا سبعين، قال أبو زميل، قال ابن عباس: فلمَّا أَسَروا الأُسارى، قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لأبي بكر وعمر: «ما تَرَوْن في هؤلاء الأُسارى؟» فقال أبو بكر: يا نبي الله، هم بنو العَمِّ والعَشِيرة، أَرَى أن تَأْخُذ منهم فِدْيَةً فتكون لنا قوَّةً على الكفار، فعسى اللهُ أنْ يهديَهم للإسلام، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «ما تَرى يا ابنَ الخطَّاب؟» قلت: لا واللهِ يا رسول الله، ما أرى الذي رأى أبو بكر، ولكني أرى أنْ تُمَكِنَّا فَنَضْرب أعناقَهم، فتُمَكِّنْ عليًّا من عَقِيل فيضرب عنقَه، وتُمَكِّنِّي من فلان نسيبًا لعمر، فأضرب عنُقه، فإن هؤلاء أئمةُ الكفر وصَناديدُها، فهَوِيَ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ما قال أبو بكر، ولم يَهْوَ ما قلتُ، فلمَّا كان من الغَدِ جئتُ، فإذا رسولُ الله -صلى الله عليه وسلم- وأبو بكر قاعدين يبكيان، قلتُ: يا رسول الله، أخبرني مِن أي شيء تبكي أنت وصاحبُك؟ فإن وجدتُ بكاءً بكيْتُ، وإن لم أجد بكاء تَباكيْتُ لِبُكائكما، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: " أبكي للذي عُرِضَ على أصحابك مِن أخذِهم الفِداء، لقد عُرِضَ عليَّ عذابَهم أدْنى مِن هذه الشجرة -شجرةً قريبةً من نبي الله صلى الله عليه وسلم- وأنزل الله -عز وجل-: {ما كان لِنَبِيٍّ أن يكون له أَسرى حتى يُثْخِنَ في الأرض} [الأنفال: 67] إلى قوله {فكلوا مما غَنِمْتُم حلالا طيِّبا} [الأنفال: 69] فأحلَّ الله الغنيمةَ لهم.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: بەدىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا قارىدى، ئۇلارنىڭ سانى مىڭ ئىدى، ساھابىلىرى ئۈچ يۈز ئون توققۇز كىشى ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ، ئىككى قولىنى سوزۇپ، ئاللاھ تائالاغا يۇقىرى ئاۋازدا: «ئى ئاللاھ! ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇندىسىلا، ۋەدە قىلغانلىرىنى بەرسىلە، ئەگەر ئىسلام ئەھلىدىن بولغان مۇشۇ جامائەت ھالاك بولۇپ كەتسە، زېمىندا سىلىگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ» دەپ ئىككى قولىنى سوزۇپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارىغا رىداسى مۈرىسىدىن چۈشۈپ كەتكىچە يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدى، ئەبۇبەكرى كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىنى ئېلىپ، دولىسىغا قويغاندىن كىيىن، كەينى تەرىپىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پەرۋەردىگارلىرىغا قىلغان ئىلتىجالىرى يېتەرلىك بولدى، ئاللاھ تائالا سىلىگە قىلغان ۋەدىسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ،- دېدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: {ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ: «سىلەرگە ئارقىمۇ ـ ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى} [ئەنپال سۈرىسى: 9-ئايەت]، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەرىشتىلەر بىلەن ياردەم بەردى. ئەبۇ زەمىل مۇنداق دېدى: ئىبنى ئابباس ماڭا ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇ كۈندە مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشى ئالدىدىكى مۇشرىكنى ئىز بېسىپ قوغلاۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۈستى تەرەپتىن قامچا ئاۋازى ۋە بىر چەۋەندازنىڭ «تىز چاپ! ھەيزۇم» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئالدىدىكى مۇشرىككە قارىسىا، ئۇ ئوڭدىسىغا يېتىپتۇ، قامچا زەربىسىدىن ئۇنىڭ بۇرنى ماخچايغان، يۈزى يېرىلغان ئىكەن، ئەنسارى كىلىپ بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «راست ئېيتتىڭ، ئۇ ئۈچىنچى ئاسماندىن كەلگەن ياردەم» دېدى، مۇسۇلمانلار شۇ كۈندە مۇشرىكلاردىن يەتمىشنى ئۆلتۈرۈپ، يەتمىشنى ئەسىرگە ئالدى. ئەبۇ زەمىل مۇنداق دېدى، ئىبنى ئابباس مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئەسىر ئالغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرگە: «بۇ ئەسىرلەر ھەققىقدە پىكرىڭلار قانداق؟ دېدى، ئەبۇبەكرى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلار تاغىلىرىنىڭ بالىلىرى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، مېنىڭچە: ئۇلاردىن پىدىيە ئالسىلىرى، كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇشتا بىزگە كۈچ بولىدۇ، ئاللاھ تائالا كىيىن ئۇلارنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىپ قىلىشى مۇمكىن،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى خەتتابنىڭ ئوغلى! سەن قانداق قارايسەن؟» دېدى، مەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ قارىشىم ئەبۇبەكرىنىڭ قارىشىغا ئوخشىمايدۇ، لېكىن مېنىڭچە: بىزگە تاپشۇرسىلا، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئالساق، ئۇقەيلنى ئەلىگە بەرسىلە، كاللىسىنى ئالسۇن، ماڭا پالانى تۇققۇنۇمنى بەرسىلە، ئۇنىڭ كاللىسىنى مەن ئالاي، بۇلار كۇپىرنىڭ چوڭلىرى ۋە كاتىۋاشلىرى،- دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرىنىڭ پىكرىنى ياقتۇردى، مېنىڭ پىكرىمنى ياقتۇرمىدى. ئۆمەر مۇنداق دېدى: ئەتىسى ئەتتىگەندە كەلسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ بەكرى يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ، مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ ھەمراھلىرى بىلەن نېمە ئۈچۈن يىغلىلا؟ ماڭا دەپ بەرسىلە، ئەگەر يىغلىيالىسام مەنمۇ يىغلاي، يىغلىيالمىسام سىلەرگە يىغلىشىپ بېرەي،- دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەمراھلىرىڭغا ئۇلاردىن پىدىيە ئالغانلىقىدىن يۈزلەنگەن نەرسە مېنى يىغلاتتى، ماڭا ئۇلارنىڭ ئازاۋى مۇشۇ دەرەختىنمۇ يېقىن جايدا كۆرسىتىلدى،- دېدى، - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن يەردە بىر دەرەخ بار ئىكەن- ، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: {پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلىكنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىدىيە ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۆمىنلەر! سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار، (ئى جىھاد قىلغۇچىلار جامائەسى!) غەنىيمەت ئالغان نەرسەڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) دىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر} [ئەنپال سۈرىسى: 67 ~ 69 ئايەتكىچە]، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا غەنىمەتنى ھالال قىلىپ بەردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لمَّا كانت غزوة بدر نظر رسولُ الله -صلى الله عليه وسلم- إلى المشركين وهم ألف رجل، وأصحابه ثلاث مائة وتسعة عشر رجلًا، فعلم قلة أصحابه بالنسبة إلى المشركين، فاستقبل نبيُّ الله صلى الله عليه وسلم القبلةَ، ثم رفع يديه، فجعل يدعو ويرفع صوته بالدعاء ويقول: «اللهمَّ أَنْجِزْ لي ما وعدتَني، اللهم آتِ ما وعدتَني، اللهمَّ إنْ تَهْلك هذه العِصابةُ من أهل الإسلام لا تُعْبَد في الأرض» أي: اللهم حقِّق لي ما وعدتني وانصر المسلمين على الكفار؛ فإنك إن أهلكت هؤلاء المسلمين، فلن تُعبد في الأرض. فظل يدعو رافعًا يديه مستقبل القبلة حتى سقط رداؤه من على كتفيه، فأتاه أبو بكر فأخذ رداءه، فوضعه على كتفيه، ثم احتضنه مِن ورائه، وقال: يا نبيَّ الله، كفاك دعاءك لربك، فإنَّه سيحقق لك ما وعدك، فأنزل الله -عز وجل-: {إذ تستغيثون ربَّكم فاستجاب لكم أنِّي مُمِدُّكم بألف من الملائكة مُرْدِفين} [الأنفال: 9] أي: إذ تستجيرون بالله وتطلبون منه النصر فاستجاب لكم وأمدكم بألف من الملائكة متتابعين.
ثم أخبر ابن عباس أنه بينما رجل من المسلمين من الأنصار يجري خلف رجل من المشركين ليقتله، إذ سمع صوت ضربة بالسوط وصوت فارس يقول: «أقدِم حَيْزُوم»، فنظر فوجد المشرك قد سقط صريعًا، ووجد في وجهه أثر ضربة السوط في أنفه، وانشقاقًا في وجهه، فحدَّث الأنصاري رسولَ الله -صلى الله عليه وسلم- بما حدَث، فأخبره رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أن ذلك ملَك من ملائكة السماء الثالثة، وحيزوم هذا اسم لفرس هذا الملك، فقَتَلوا يومئذ سبعين، وأَسَروا سبعين من المشركين.
فلمَّا أَسَروا هؤلاء الأسرى، قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لأبي بكر وعمر: ماذا نفعل في هؤلاء الأسرى؟ فقال أبو بكر: يا نبي الله، هؤلاء أقرباؤنا وبنو عمِّنا، فأرى أن تأخذ منهم مالًا وتطلق سراحهم فيكون هذا المال عونًا لنا على قتال الكفار، فعسى اللهُ أنْ يهديَهم للإسلام. وقال عمر: لا واللهِ يا رسول الله، لا أوافق على رأي أبي بكر، ولكني أرى أن نقتلهم وتجعل كل واحد منا يقتل قريبه من هؤلاء الأسرى؛ لأنهم قادة الكفر ورؤوس الضلالة. فمال رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إلى رأي أبي بكر، ولم يمل إلى رأي عمر.
وبعد هذا بيوم جاء عمر فوجد رسولَ الله -صلى الله عليه وسلم- وأبا بكر قاعدين يبكيان، فقال عمر: يا رسول الله، أخبرني مِن أي شيء تبكي أنت وصاحبُك؟ فإن وجدتُ بكاءً بكيتُ، وإن لم أجد بكاء تكلفت البكاء وشاركتكما البكاء، فأخبره رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أنه يبكي؛ لأن الله عرض    العذاب على من قال بقبول الفداء من الأسرى، وأن عذابهم قد عُرِضَ أقرب من هذه الشجرة -وأشار إلى شجرة قريبة منه صلى الله عليه وسلم- وأنزل الله -عز وجل-: {ما كان لنبي أن يكون له أسرى حتى يُثْخِنَ في الأرض} [الأنفال: 67] إلى قوله {فكلوا مما غنمتم حلالا طيِّبا} [الأنفال: 69] أي: ما ينبغي ولا يليق به إذا قاتل الكفار الذين يريدون أن يطفئوا نور الله, ويسعون لإبادة دينه، أن يتسرع إلى أسرهم وإبقائهم لأجل الفداء الذي يحصل منهم، وهو عرض قليل بالنسبة إلى المصلحة المقتضية إبادتهم وإبطال شرهم، فما دام لهم شر وقوة، فالأوفق أن لا يؤسروا، فإذا بطل شرهم وضعفوا، فحينئذ لا بأس بأخذ الأسرى منهم وإبقائهم، ثم أحل الله لهم الأموال التي يأخذونها من الكفار قهرًا.
576;ەدىر ئۇرىشى بولغان ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا قارىدى، ئۇلارنىڭ سانى مىڭ ئىدى، ساھابىلىرى ئۈچ يۈز ئون توققۇز كىشى ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا نىسبەتەن ساھابىلىرىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ، يۇقىرى ئاۋازدا: «ئى ئاللاھ! ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇندىسىلا، ۋەدە قىلغانلىرىنى بەرسىلە، ئەگەر بۇ مۇسۇلمانلارنى ھالاك قىلسىلىرى، زېمىندا سىلىگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ»، (يەنى: ئى ئاللاھ! ماڭا قىلغان ۋەدىلىرىنى ئەمىلىيەتكە چېقارسىلا، مۇسۇلمانلارغا كاپىرلارغا قارشى ياردەم بەرسىلە، بۇ مۇسۇلمانلارنى ھالاك قىلىۋەتسىلە، زېمىندا سىلىگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ) دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ، كىيىمى مۈرىسىدىن چۈشۈپ كەتكىچە يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدى، ئەبۇبەكرى كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رىداسىنى ئېلىپ مۈرىسىگە قويغاندىن كىيىن، كەينى تەرىپىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پەرۋەردىگارلىرىغا قىلغان ئىلتىجالىرى يىتەرلىك بولدى، ئاللاھ تائالا سىلىگە قىلغان ۋەدىسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بىرىدۇ،-دېدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: {ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ: «سىلەرگە ئارقىمۇ-ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى} [ئەنپال سۈرىسى: 9-ئايەت]، يەنى: سىلەر ئاللاھقا يالۋۇرۇپ، يادەم تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ، ئارقىمۇ-ئارقا چۈشىدىغان مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بەردى. ئاندىن ئىبنى ئابباس مۇنداق دېدى: ئەنسارىلاردىن بىر مۇسۇلمان بىر مۇشرىكنىڭ كەينىدىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يۈگىرىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئۈستى تەرەپتىن قامچا بىلەن ئۇرغان ئاۋازنى ۋە بىر چەۋەندازنىڭ «ھەيزۇم! ئالغا» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى، قاراپ، ھىلىقى مۇشرىكنىڭ يىقىلىپ ياتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدا قامچا ئىزىنى، يۈزىدە يىرىقنى بايقىدى، ئەنسارى كىلىپ بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئاسماننىڭ پەرىشتىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ھەيزۇم ئۇنىڭ ئېتىنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، مۇسۇلمانلار شۇ كۈندە مۇشرىكلاردىن يەتمىشنى ئۆلتۈرۈپ، يەتمىشنى ئەسىرگە ئالدى، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئەسىر ئالغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرگە: «بۇ ئەسىرلەرنى قانداق قىلىمىز؟»دېدى، ئەبۇ بەكرى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز، تاغىمىزنىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭچە، ئۇلاردىن پۇل ئېلىپ قويىۋەتسەك، بۇ پۇلنىڭ بىزگە كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇشتا ياردىمى بولىدۇ، بەلكىم ئاللاھ تائالا ئۇلارنى كىيىنچە ئىسلامغا ھىدايەت قىلىشى مۇمكىن،- دېدى، ئۆمەر مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئەبۇ بەكرىنىڭ قارىشىغا قوشۇلمايمەن، مېنىڭچە: ئۇلارنى ئۆلتۈرەيلى، بىزدىن ھەر بىرەيلەن ئەسىرلەردىن ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى ئۆلتۈرسۇن، چۈنكى ئۇلار كۇپىرنىڭ يىتەكچىلىرى، ئازغۇنلۇقنىڭ باشلىرى،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەرنىڭ سۆزىنى ياقتۇرماي، ئەبۇبەكرىنىڭ سۆزىگە قېتىلدى. ئۆمەر ئەتىسى كىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ بەكرى يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ ھەمراھلىرى بىلەن نېمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقلىرىنى ماڭا دەپ بەرسىلە، ئەگەر يىغلىيالىسام مەنمۇ يىغلاي، يىغلىيالمىسام سىلەرگە يىغلىشىپ بېرەي،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ ئەسىرلەردىن پىدىيە قوبۇل قىلىش پىكرىدە بولغانلارغا بولىدىغان ئازابنى توغرىلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئازاۋى ماڭا بۇ دەرەختىنمۇ يېقىن جايدا كۆرسىتىلگەنلىكى ئۈچۈن يىغلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن يەردە بىر دەرەخ بار ئىكەن-ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: {پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلىكنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىدىيە (يەنى تۆلەم) ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۆمىنلەر! سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر،ئاللاھنىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار،(ئى جىھاد قىلغۇچىلار جامائەسى!) غەنىيمەت ئالغان نەرسەڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) دىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر} [ئەنپال سۈرىسى: 67~69-ئايەتكىچە]، يەنى: پەيغەمبەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنى يوقىتىشقا تىرىشىدىغان، نۇرىنى ئۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان كاپىرلارنى ئەسىرگە ئىلىپ، ئۇلاردىن كېلىدىغان ئازغىنە تۆلەم ئۈچۈن ئۇلارنى ھايات قالدۇرۇشقا ئالدىرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلارنى يوقىتىپ، يامانلىقىنى تۈگۈتۈشنى تەلەپ قىلىدىغان مەنپەئەتكە نىسبەتەن بەك ئاز نەرسىدۇر، ئۇلارنىڭ يامانلىقى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى داۋاملىشىدىكەن، ئۇلارنى ئەسىر قىلماسلىق ئەڭ ياخشى، ئۇلارنىڭ يامانلىقى يوقىلىپ، ئاجىزلاشسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ، قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كاپىرلاردىن كۈچ بىلەن ئالغان غەنىمەتنى ھالال قىلىپ بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10555

 
Hadith   751   الحديث
الأهمية: لما رجع النبي -صلى الله عليه وسلم- من الخندق، ووضع السلاح واغتسل، أتاه جبريل عليه السلام، فقال: «قد وضعت السلاح؟ والله ما وضعناه، فاخرج إليهم»


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك غازىتىدىن قايتىپ، قورال-ياراقلىرىنى قويۇپ، غۇسلى قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ: «قورالنى قويۇپ بولدۇڭمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز تېخى قورالىمىزنى قويمىدۇق، ئۇلار تەرەپكە ئاتلان» دېدى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: لمَّا رجعَ النبيُّ -صلى الله عليه وسلم- من الخَنْدَق، ووَضَعَ السِّلاحَ واغتسل، أتاه جِبْريلُ -عليه السلام-، فقال: «قد وضعتَ السِّلاحَ؟ واللهِ ما وضَعْناه، فاخرُج إليهم قال: فإلى أيْنَ؟ قال: ها هُنا، وأشار إلى بَنِي قُرَيْظَةَ، فخرج النبيُّ -صلى الله عليه وسلم- إليهم».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك غازىتىدىن قايتىپ، قورال-ياراقلىرىنى قويۇپ، غۇسلى قىلىۋاتقاندا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: قورالنى قويۇپ بولدۇڭمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز تېخى قورالىمىزنى قويمىدۇق، ئۇلارتەرەپكە ئاتلان! دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نەگە؟» دەپ سورىغانىدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: ئاۋۇ تەرەپكە دەپ، بەنى قۇرەيزە تەرەپنى ئىشارەت قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال ئۇلار تەرەپكە ئاتلاندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما رجع النبي -صلى الله عليه وسلم- من غزوة الخندق وهي غزوة الأحزاب، وقد نصره الله على كفار قريش ومن عاونهم، دخل بيته وألقى السلاح، واغتسل من غبار المعركة، فأتاه جبريل -عليه السلام-، وقال له: إنك قد ألقيت السلاح، ولكن الملائكة ما زالت مرتدية له وما ألقته، ثم أمره بالخروج لقتال بني قريظة، وهم طائفة من اليهود حول المدينة، قد نقضوا العهد مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وساعدوا الكفار، فخرج النبي -صلى الله عليه وسلم- بمن معه من الصحابة فقاتلوهم ونصرهم الله على عدوهم.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك غازىتىدىن قايتقاندا (ئۇ بولسا ئەھزاب غازىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ غازاتتا ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرەيش كاپىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياردەم قىلغانلار ئۈستىدىن ياردەم بەرگەن) ئۆيىگە كىرىپ، قورالىنى قويۇپ، جەڭنىڭ چاڭ-توزاڭىدىن غۇسلى قىلىۋاتقاندا، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: سەن قورالنى قويۇپ بولدۇڭ، لېكىن پەرىشتىلەر قورالىنى ئېسىپ، تېخىغىچە قويمىدى،-دېدى، ئاندىن بەنى قۇرەيزە بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن چىقىشقا بۇيرىدى، ئۇلار مەدىنە ئەتراپىدىكى يەھۇدىلاردىن بىر جامائەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۈزگەن شەرتنامىنى بۇزۇپ، كاپىرلارغا ياردەم بەرگەن ئىدى، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان ساھابىلەر بىلەن چىقىپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدى، ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە ئاتا قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10556

 
Hadith   752   الحديث
الأهمية: لو دنا مني لاختطفته الملائكة عضوًا عضوًا


باشتېما:

ئەگەر ئۇ ماڭا يېقىنلاشقان بولسا ئۇنى پەرىشتىلەر پارچە-پارچە قېلىۋەتكەن بولاتتى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-، قال أبو جهل: هل يُعَفِّر محمدٌ وجهَه بين أَظْهُركم؟ قال فقيل: نعم، فقال: واللَّات والعُزَّى لَئِن رأيتُه يفعل ذلك لأَطَأَنَّ على رقبتَه، أو لأُعَفِّرنَّ وجهَه في التراب، قال: فأتى رسولَ الله -صلى الله عليه وسلم- وهو يصلِّي، زَعَم لَيَطَأ على رقبته، قال: فما فَجِئَهم منه إلا وهو يَنْكِصُ على عَقِبَيْه ويتَّقي بيديْه، قال: فقيل له: ما لك؟ فقال: إنَّ بيْني وبيْنه لخَنْدَقًا من نار وهَوْلًا وأجنِحة، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لو دنا منِّي لاخْتَطفَتْه الملائكةُ عُضْوًا عُضْوًا» قال: فأنزل اللهُ -عزَّ وجلَّ- -لا ندري في حديث أبي هريرة، أو شيء بلغه -: {كَلَّا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَيَطْغَى، أَنْ رَآهُ اسْتَغْنَى، إِنَّ إِلَى رَبِّكَ الرُّجْعَى،    أَرَأَيْتَ الَّذِي يَنْهَى، عَبْدًا إِذَا صَلَّى، أَرَأَيْتَ إِنْ كَانَ عَلَى الْهُدَى، أَوْ أَمَرَ بِالتَّقْوَى، أَرَأَيْتَ إِنْ كَذَّبَ وَتَوَلَّى} [العلق: 7]- يعني أبا جهل - {أَلَمْ يَعْلَمْ بِأَنَّ اللَّهَ يَرَى، كَلَّا لَئِنْ لَمْ يَنْتَهِ لَنَسْفَعًا بِالنَّاصِيَةِ، نَاصِيَةٍ كَاذِبَةٍ خَاطِئَةٍ، فَلْيَدْعُ نَادِيَهُ، سَنَدْعُ الزَّبَانِيَةَ، كَلَّا لَا تُطِعْهُ} [العلق: 14]، زاد عبيد الله -أحد الرواة- في حديثه قال: وأمره بما أمره به. وزاد ابن عبد الأعلى -راوٍ آخر-: {فَلْيَدْعُ نَادِيَهُ} [العلق: 17]، يعني قومه.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قېلىنىدۇ، ئەبۇ جەھىل: «ئاراڭلاردا مۇھەممەدنىڭ يۈزى توپىغا مېلىنىشىنى خالامسىلەر؟» دېدى، ئۇلار: «ھەئە» دېيىشتى، ئەبۇ جەھىل: «لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەمكى مۇھەممەدنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەم گەدىنىگە دەسسەيمەن ياكى يۈزىنى توپىغا مىلەيمەن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىگە كېلىپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئەبۇ جەھىل گەدىنىگە دەسسەش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا مېڭىۋىتىپ، تۇيۇقسىز كەينىگە داجىپ ئىككى قولى بىلەن ساقلاندى، «ساڭا نېمە بولدى؟» دەپ سورالغاندا، ئەبۇ جەھىل: مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ئوت لاۋىلداپ تۇرغان ئورەك، قورقۇنۇچ، ۋە قاناتلار پەيدا بولدى» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇ ماڭا يېقىنلاشقان بولسا ئۇنى پەرىشتىلەر پارچە-پارچە قېلىۋەتكەن بولاتتى»، ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا ئايەت نازىل قىلدى: «شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ[6ـ7].(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)[8]. ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟[9ـ10]ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا[11]، ياكى تەقۋادارلىققا بۇيرىغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)[12]    ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)[13]، ئەبۇ جەھىل، ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟[14]ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن، يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز[15-16]. ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17] بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى)نى چاقىرىمىز[18]. (بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن». راۋىلاردىن بىرى بولغان ئۇبەيدۇللاھ ھەدىسىدە: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر قانچە ئىشقا بۇيرىدى. ئابدۇل ئەئلا دېگەن يەنە بىر راۋى: ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17]، يەنى: «ئۆز قەۋمىنى» دېگەن سۆزنى زىيادە قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال أبو جهل ذات يوم لأصحابه: هل يصلي محمد ويسجد على التراب بينكم وعلى مرأى ومسمع منكم؟ فقال أصحابه: نعم. فحلف أبو جهل باللات والعزى لئن رأى محمدًا -صلى الله عليه وسلم- يسجد ليدوسن على رقبته، أو يعفر وجهَه في التراب, فرأى أبو جهل رسولَ الله -صلى الله عليه وسلم- وهو ساجد، فأتاه ليدوس على رقبته، وفجأة رأوا أبا جهل يرجع إلى الخلف مذعورًا، يمد يديه كأنه يدفع بهما شيئًا، فقال له أصحابه: ما لك؟ فأخبرهم أنه عندما همَّ أن يدوس على رقبة محمد -صلى الله عليه وسلم- رأى حفرة من نار بينه وبينه ورأى أجنحةً وأمرًا فظيعًا جعله يخاف خوفًا شديدًا ويهرب إلى الخلف، فأخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- أنه لو اقترب منه أكثر من ذلك لقطعت الملائكة أعضاءه عضوًا عضوًا.
فأنزل اللهُ -عزَّ وجلَّ-: {كَلَّا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَيَطْغَى، أَنْ رَآهُ اسْتَغْنَى، إِنَّ إِلَى رَبِّكَ الرُّجْعَى،    أَرَأَيْتَ الَّذِي يَنْهَى، عَبْدًا إِذَا صَلَّى، أَرَأَيْتَ إِنْ كَانَ عَلَى الْهُدَى، أَوْ أَمَرَ بِالتَّقْوَى، أَرَأَيْتَ إِنْ كَذَّبَ وَتَوَلَّى، أَلَمْ يَعْلَمْ بِأَنَّ اللَّهَ يَرَى، كَلَّا لَئِنْ لَمْ يَنْتَهِ لَنَسْفَعًا بِالنَّاصِيَةِ، نَاصِيَةٍ كَاذِبَةٍ خَاطِئَةٍ، فَلْيَدْعُ نَادِيَهُ، سَنَدْعُ الزَّبَانِيَةَ، كَلَّا لَا تُطِعْهُ} أي: إن الإنسان -والمقصود ههنا أبو جهل- يُسرف في الكفر والمعاصي والظلم إن رأى نفسه غنيًّا، إن إلى ربك يا محمد مرجع هذا الكافر، فيذيقه من أليم عقابه، أرأيت يا محمد أبا جهل الذي ينهاك أن تصلي عند الكعبة، وهو معرض عن الحق، مكذب به، فأي شيء أعجب من هذا؟ أرأيت إن كان محمد على الهدى، وأمر بالتقوى، أرأيت إن كذب أبو جهل بالحق الذي بُعث به محمد، وأدبر عنه، فلم يصدق به, ألم يعلم أبو جهل بأن الله يرى ذلك فيجازيه يوم القيامة؟ لئن لم ينته أبو جهل عن تكذيب محمدٍ وشتمه وإيذائه لنأخذن بمقدم رأسه إلى النار، هذه الرأس صاحبها كاذب خاطىء، فليدع أبو جهل حينئذ أهل مجلسه فليستنصر بهم، فإنه إن دعاهم سندعوا نحن الملائكة الغلاظ الشداد, فلا تطعه يا محمد في ترك الصلاة، وصل لله واقترب إليه بالطاعة.
574;ەبۇ جەھىل بىر كۈنى يارەنلىرىگە: «مۇھەممەد ئاراڭلاردا، سىلەر كۆرىدىغان، ئاڭلايدىغان يەردە ناماز ئوقۇپ، توپىغا سەجدە قىلامدۇ؟» دېدى، ئۇلار: «ھەئە» دېيىشتى، ئەبۇجەھىل لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەم قىلىپ: «ئەگەر مۇھەممەدنىڭ سەجدە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ئۇنىڭ گەدىنىگە دەسسەيمەن ياكى يۈزىنى توپىغا مىلەيمەن» دېدى. بىر كۈنى ئەبۇ جەھىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدە قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ گەدىنىگە دەسسەش ئۈچۈن يېقىنلىشىۋاتقاندا ئۇلار ئەبۇ جەھىلنىڭ ئۇشتۇمتۇت قورقۇپ كەينىگە يانغانلىقىنى، ئىككى قولىنى سوزۇپ بىر نەرسىدىن ساقلانغاندەك قېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، يارەنلىرى ئۇنىڭدىن: [ساڭا نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى، ئەبۇجەھىل ئۇلارغا: مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نىڭ گەدىنىگە دەسسىمەكچى بولغىنىدا ئۆزى بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى قورقۇتۇپ قاچۇرغان ئوتقا تولغان بىر ئورەكنى ۋە قاناتلارنى ۋە قورقۇنۇچلۇق ئىشنى كۆرگەنلىكىنى ئىيتىپ بەردى.    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا خەۋەر بېرىپ: «ئەگەر ئۇ ماڭا يەنە يېقىنلاشقان بولسا پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئەزالىرىنى پارچە، پارچە قىلىۋەتكەن بولاتتى» دېدى. ئاللاھ تائالا ئايەت بۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلدى: «شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ[6ـ7].(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)[8]. ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟[9ـ10]ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا[11]، ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)[12]    ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)[13]،ئەبۇ جەھىل، ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟[14]ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز[15 ـ 16].ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17]    بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز[18].(بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن». ئايەتتىكى ئىنساندىن ئەبۇ جەھىل مەقسەت قېلىنغان، ئۇ ئۆزىنى بىھاجەت دەپ ئويلاپ كۇپردا، ئاسىيلىقتا ۋە زۇلۇمدا ھەددىدىن ئاشتى، «ئى مۇھەممەد! بۇ كاپىرنىڭ بارىدىغان جايى سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىگىدۇر(جەھەننەمگىدۇر)، ئاللاھ ئۇنىڭغا دەرتلىك ئازابىنى تېتىتىدۇ، ئى مۇھەممەد! ماڭا دېگىنە!، ئەبۇ جەھىل ئۆزى ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ، ھەقنى ئىنكار قىلىپ، سېنى كەبىنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇشتىن چەكلەمدۇ؟ بۇنىڭدىن ئەجەپلىنەرلىك ئىش بولامدۇ؟ قارىمامسەن! مۇھەممەد توغرا يولدا، كىشىلەرنى تەقۋادارلىققا بۇيرىسا، ئەبۇ جەھىل مۇھەممەد ئەۋەتىلگەن ھەقنى ئىنكار قىلسا، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىسە، ئۇنىڭغا ئىشەنمىسە، ئەبۇ جەھىل ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، قىيامەت كۈنىدە ئۇنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەبۇ جەھىل ئۆزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىشى، تىللىشى، ئازار يەتكۈزىشى قاتارلىق ناچار قىلمىشىدىن يانسۇن!، بىز ئۇنى كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ جەھەننەمگە تاشلايمىز، مۇشۇ يالغانچى، گۇناھكار كاللىنىڭ ئىگىسى بولغان ئەبۇ جەھىل شۇ ۋاختىدا ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى، قەۋمىنى ياردەم بېرىشكە چاقىرسۇن، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى چاقىرسا، بىزمۇ جەھەننەمنىڭ قوپال، قاتتىق قول پەرىشتىلىرىنى چاقىرىمىز، ئى مۇھەممەد! ئۇ كاپىرغا بۇيسۇنۇپ كەبىدە ناماز ئوقۇشنى تاشلىما، ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن، تائەت-ئىبادەت بىلەن ئاللاھقا يېقىنلاشقىن»

 

Grade And Record التعديل والتخريج
 
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10558

 
Hadith   753   الحديث
الأهمية: هذا الذي تحرك له العرش، وفتحت له أبواب السماء، وشهده سبعون ألفًا من الملائكة، لقد ضم ضمة، ثم فرج عنه


باشتېما:

بۇ ئادەم ئۈچۈن ئەرش تەۋرىگەن، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلغان ۋە ئۇنىڭغا 70 مىڭ پەرىشتە ھازىر بولغان تۇرۇقلۇق، قەبرىدە شۇنداق قاتتىق بىر سىقىلىپ ئاندىن قويۇپ بېرىلدى

عن ابن عمر-رضي الله عنهما-، عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «هذا الذي تحرَّكَ له العرشُ، وفُتِحَتْ له أبوابُ السماءِ، وشَهِدَه سبعون ألفًا من الملائكة، لقد ضُمَّ ضَمَّةً، ثم فُرِّجَ عنه».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: بۇ ئادەم ئۈچۈن ئەرش تەۋرىگەن، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلغان ۋە ئۇنىڭغا 70 مىڭ پەرىشتە ھازىر بولغان تۇرۇقلۇق، قەبرىدە شۇنداق قاتتىق بىر سىقىلىپ، ئاندىن قويۇپ بېرىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أثنى النبي -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث على الصحابي الجليل سعد بن معاذ -رضي الله عنه- الذي اهتز له عرش الرحمن فرحًا بقدومه، وفُتحت له أبواب السماء؛ لإنزال الرحمة ونزول الملائكة، وتزيينًا لقدومه وطلوع روحه؛ لأن محل أرواح المؤمنين الجنة وهي فوق السماء السابعة، كما أن من فضائل هذا الصحابي الجليل أن جنازته قد حضرها سبعون ألف مَلَكٍ تعظيمًا له.
ثم بيَّن -صلى الله عليه وسلم- مع ما ذكره من فضل سعد بن معاذ ومكانته العظيمة عند الله أن القبر قد ضمه    ضمة، ثم فرج الله عنه، وهذه الضمة لا أحد ينجو منها أحد, ولو نجا منها أحد لنجا منها سعد كما قال النبي -صلى الله عليه وسلم-.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، ئۇلۇغ ساھابە سەئد ئىبنى مۇئازنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىغا خۇشال بولغانلىقى ئۈچۈن راھمان تائالانىڭ ئەرشى ھەرىكەتلەنگەن ئىدى، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن ۋە پەرىشتىلەرنىڭ چۈشىشى ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ كېلىشىگە روھىنىڭ ئۆرلىشىگە زىننەتلەش ئۈچۈن ئېچىلغانىدى، چۈنكى مۆمىنلەرنىڭ روھلىرىنىڭ ماكانى يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىكى جەننەتتە بولىدۇ. يەنە بۇ ئۇلۇغ ساھابىنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ قاتارىدىن، ئۇنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ جىنازىسىغا يەتمىش مىڭ پەرىشتە قاتناشقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئد ئىبنى مۇئازنىڭ ئاشۇنداق پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ تائالا ھۆزۈرىدىكى ئالى ماقامىنى بايان قىلىپ تۇرۇپ، قەبرىنىڭ ئۇنى قاتتىق بىر سىققانلىقى، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى بوشاتقانلىقىنى بايان قىلدى. دېمەك بۇ سىقىشتىن ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ، ئەگەر بىرەركىم قۇتۇلغان بولسا ئەلۋەتتە سەئد ئىبنى مۇئاز قۇتۇلغان بولاتتى، دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلەپ بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10559

 
Hadith   754   الحديث
الأهمية: ابغني أحجارًا أستنفض بها، ولا تأتني بعظم ولا بروثة


باشتېما:

ماڭا تازىلىق ئۈچۈن تاش ئىزدىگىن، سۆڭەك ۋە تېزەك ئەكەلمىگىن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- أنَّه كان يَحمِل مع النبي -صلى الله عليه وسلم- إدَاوَة لوَضوئِه وحاجَتِه، فَبَيْنَما هو يتْبَعُه بها، فقال: «مَنْ هذا؟» فقال: أنا أبو هريرة، فقال: «ابْغِني أحجارًا أسْتَنْفِض بها، ولا تأتِني بعَظْم ولا بِرَوْثَة». فأتيتُه بأحجار أحْمِلها في طرَف ثوبي، حتى وضعتُها إلى جَنْبه، ثم انصرفتُ حتى إذا فَرَغ مشيْتُ، فقلتُ: ما بالُ العَظْم والرَّوْثَة؟ قال: «هما مِنْ طعام الجِنِّ، وإنه أتاني وَفْدُ جِنِّ نَصِيبين، ونِعْمَ الجن، فسألوني الزَّادَ، فدَعَوْتُ اللهَ لهم أن لا يَمُرُّوا بعَظْم ولا برَوْثة إلَّا وجدوا عليها طعامًا».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرەت ئېلىشى ۋە تازىلىقى ئۈچۈن بىر كىچىك تېرە قاچىدا سۇ كۆتۈرۈپ بىللە باراتتى، بىر كۈنى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ماڭغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم بۇ؟» دېدى، مەن: «مەن ئەبۇ ھۈرەيرە» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ماڭا تازىلىق ئۈچۈن تاش ئىزدىگىن، سۆڭەك ۋە تېزەك ئەكەلمىگىن» دېدى، مەن كىيىمىمنىڭ پېشىگە تاش ئىلىپ كىلىپ، ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدا قويۇپ قايىتتىم، رەسۇلۇللا ئىشىنى تۈگەتكەندە ماڭغاچ: «تېزەك بىلەن سۆڭەكتە نېمە ئۈچۈن بولمايدۇ؟» دەپ سورىدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئىككىسى جىنلارنىڭ يىمەكلىكى، نەسىيبىن شەھىرىدىكى جىنلارنىڭ ئەلچىلىرى مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن، ئۇلار نېمە دېگەن ياخشى جىنلار!، ئۇلار مەندىن ئوزۇقلۇق تەلەپ قىلدى، مەن ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھدىن: ئۇلار بىرەر سۆڭەك ۋە تېزەك تاپسا شۇنى يىمەكلىك قېلىپ بېرىشىنى سورىدىم» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان أبو هريرة -رضي الله عنه- يسير مع النبي -صلى الله عليه وسلم- يحمل إناء فيه ماء لوضوئه -صلى الله عليه وسلم- ولاستنجائه، فأمره -صلى الله عليه وسلم- أن يأتيه بأحجار ليستنجي بها، ولا يأتيه بعظام ولا فضلات حيوان، فأتاه أبو هريرة بأحجار حملها في طرف ثوبه، ووضعها بجانبه ثم انصرف، فلما قضى -صلى الله عليه وسلم- حاجته سأله أبو هريرة عن السبب في أن لا يستنجى بعظام ولا فضلات حيوان؟ فأخبره النبي -صلى الله عليه وسلم- أنهما من طعام الجن، وأن وفدَ جن نصيبين -وهي بلدة مشهورة بين الشام والعراق- قد أتوه -صلى الله عليه وسلم-, وأثنى عليهم النبي -صلى الله عليه وسلم- خيرًا، و أنهم سألوه الطعام، فدعا الله لهم أن لا يمروا بعظام ولا فضلات حيوان إلَّا وجدوا عليها طعامًا، وجاء تقييده في صحيح مسلم: (لكم كل عظم ذكر اسم الله عليه يقع في أيديكم أوفر ما يكون لحما، وكل بعرة علف لدوابكم).
574;ەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تازىلىق قىلىشى ۋە تەرەت ئېلىشى ئۈچۈن تىرە قاچىدا سۇ كۆتۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە باراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىستىنجا قىلىش ئۈچۈن تاش تېرىپ كېلىشكە، سۆڭەك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تېزەكلىرىنى ئەكەلمەسلىككە بۇيرىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە كىيىمىنىڭ پېشىگە تاش تېرىپ ئېلىپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا قويۇپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەبۇ ھۇرەيرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: سۆڭەك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تېزەكلىرىدە تازىلىق قىلماسلىقنىڭ سەۋەبىنى سورىدى؟، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: بۇ ئىككىسى جىنلارنىڭ يېمەكلىكى ئىكەنلىكىنى، ئىراق بىلەن شام ئارىسىدىكى نەسىيبىين شەھىرىدىكى جىنلارنىڭ ئەلچىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلگەنلىكىنى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يىمەكلىك سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھدىن: ئۇلار بىرەر سۆڭەك ۋە تېزەك تاپسا شۇنى يىمەكلىك قىلىپ بېرىشىنى سورىغانلىقىنى ئۇ جىنلارنى ماختاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن. سەھىھ مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇتلەق سۆڭەك دېمەستىن: «ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قېلىنغان ھەر قانداق سۆڭەك سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا يەتسە، ئۇ گۆشى بار ۋاقتىدىكىدىنمۇ گۆشلۈك بولىدۇ، ھەر قانداق تېزەك ئۇلاغلىرىڭلارنىڭ يېمەكلىكى بولىدۇ» دەپ بايان قىلىنغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10563

 
Hadith   755   الحديث
الأهمية: إن الشيطان ليخاف منك يا عمر، إني كنت جالسًا وهي تضرب فدخل أبو بكر وهي تضرب، ثم دخل علي وهي تضرب، ثم دخل عثمان وهي تضرب، فلما دخلت أنت يا عمر ألقت الدف


باشتېما:

شەيتان ھەقىقەتەن سەندىن قورقىدۇ، ئى ئۆمەر!، بۇ قىز داپ چېلىۋاتقاندا مەن ئولتۇرغان ئىدىم، ئەبۇ بەكرى كىرسە چېلىۋەردى، ئەلى كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئوسمان كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى.، سەن كىرىۋىدىڭ، ئى ئۆمەر! ئۇ داپنى تاشلىۋەتتى

عن بريدة -رضي الله عنه-، قال: خرج رسول الله -صلى الله عليه وسلم- في بعض مَغَازيه، فلما انصرف جاءت جاريةٌ سوداءُ، فقالت: يا رسولَ الله إنِّي كنتُ نَذَرْتُ إنْ رَدَّك اللهُ سالِمًا أنْ أضربَ بيْن يديْك بالدُّفِّ وأتغنَّى، فقال لها رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إنْ كنتِ نَذَرْتِ فاضرِبي، وإلَّا فلا». فجَعَلَتْ تَضْرِب، فدخل أبو بكر وهي تضرِب، ثم دخل عليٌّ وهي تضرِب، ثم دخل عثمان وهي تضرِب، ثم دخل عمر فألقتِ الدُّفَّ تحت اسْتِها، ثم قَعَدت عليه، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إنَّ الشيطانَ لَيَخافُ منك يا عمر، إنِّي كنتُ جالسًا وهي تضرِب، فدخل أبو بكر وهي تضرِب، ثم دخل عليٌّ وهي تضرب، ثم دخل عثمان وهي تضرِب، فلمَّا دخلتَ أنت يا عمر ألقتِ الدُّفَّ».

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غازاتلارنىڭ بىرىگە چىقىپ، قايىتقىنىدا بىر قارا چۆرە كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ سېلىنى ئامان-ئېسەن قايتۇرسا، ئالدىلىرىدا داپ چېلىپ، ناخشا ئېيتىشقا نەزىر قىلغان ئىدىم،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «نەزىر قىلغان بولساڭ مەيلى چالغىن، بولمىسا چالمىغىن» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ داپ چېلىشقا باشلىدى، ئەبۇ بەكرى كىرسە، ئۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئەلى كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئوسمان كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئۆمەر كىرگەن ئىدى، ئۇ داپنى ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرۇۋالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شەيتان ھەقىقەتەن سەندىن قورقىدۇ، ئى ئۆمەر!، مەن ئولتۇرسام، بۇ قىز داپ چېلىشقا باشلىدى، ئەبۇ بەكرى كىرسە چېلىۋەردى، ئەلى كىرسىمۇ چېلىۋەردى، ئوسمان كىرسىمۇ چېلىۋەردى، سەن كىرىۋىدىڭ ئى ئۆمەر! ئۇ داپنى تاشلىۋەتتى» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما رجع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- من بعض غزواته سالمًا منتصرًا جاءته جارية سوداء فقالت له: يا رسول الله، إني كنت نذرت إن ردَّك الله من غزوتك سالمًا منصورًا أن أضرب قدامك وفي حضورك بالدف وأُغَنِّي. فقال لها رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: إن كنت نذرتِ فأوفي بنذرك واضربي بالدف، وإن لم تكوني نذرت فلا تفعلي. فجعلت تضرب بالدف، فدخل أبو بكر وهي تضرب، ثم دخل علي وهي تضرب، ثم دخل عثمان وهي تضرب، فلما دخل عمر ألقت الدف تحتها، ثم قعدت عليه؛ لتستره عن عمر هيبة له وخوفًا منه، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: إن الشيطان ليخاف منك يا عمر، إني كنت جالسًا وهي تضرب، فدخل أبو بكر وهي تضرب، ثم دخل علي وهي تضرب، ثم دخل عثمان وهي تضرب، فلما دخلت أنت يا عمر ألقت الدف تحتها، ثم قعدت عليه.
وتحريم المعازف مما أجمع عليه العلماء ودلت عليه نصوص كثيرة، ويستثنى منها الضرب بالدف في المناسبات للنساء، كالأعراس والعياد، وما ورد في هذا الحديث، وهو قدوم الغائب العزيز.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەلۇم بىر جەڭدىن غەلىبە بىلەن، سالامەت قايتىپ كەلگەندە، بىر قارا چۆرە يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەگەر ئاللاھ سىلىنى سالامەت ۋە غەلىبىلىك قايتۇرۇپ كەلسە، ھوزورلىرىدا داپ چېلىپ، ناخشا ئېيتىشقا نەزىر قىلغان ئىدىم،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نەزىر قىلغان بولساڭ، نەزىرەڭگە ۋاپا قىلغىن، ئەگەر نەزىر قىلمىغان بولساڭ ئۇنداق قىلمىغىن» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ داپ چېلىشقا باشلىدى، ئەبۇ بەكرى كىرگەندە، ئۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئەلى كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئوسمان كىرگەندىمۇ چېلىۋەردى، ئاندىن ئۆمەر كىرگەن ئىدى، ئۇنىڭدىن قورقۇپ ۋە ئەيمىنىپ، يوشۇرۇش ئۈچۈن داپنى ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرۇۋالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئۆمەر! شەيتان ھەقىقەتەن سەندىن قورقىدۇ، مەن ئولتۇرسام، بۇ قىز داپ چېلىۋاتاتتى، ئەبۇ بەكرى كىرسە، چېلىۋەردى، ئەلى كىرسىمۇ چېلىۋەردى، ئوسمان كىرسىمۇ چېلىۋەردى، سەن كىرىۋىدىڭ، داپنى ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرۇۋالدى» دېدى. چالغۇ-ئەسۋابلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكى بارلىق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن ئىش بولۇپ، بۇ ھەقتە كۆپ ئايەت-ھەدىسلەر كەلگەن. تويلار، ھېيت-بايراملاردەك ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ۋە بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ھۆرمەتلىك، ئۇتۇقلۇق كىشى كەلگەندە داپ چېلىش يۇقىرىقى ھۆكۈمدىن مۇستەسنادۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10564

 
Hadith   756   الحديث
الأهمية: إذا قرأ ابن آدم السجدة فسجد اعتزل الشيطان يبكي، يقول: يا ويله أمر ابن آدم بالسجود فسجد فله الجنة، وأمرت بالسجود فأبيت فلي النار


باشتېما:

ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە ئايىتىنى ئوقۇپ سەجدە قىلغاندا، شەيتان بىر چەتكە چىقىپ يىغلايدۇ، ۋاي ئىسىت! ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى، جەننەتكە ئېرىشتى، مەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ دوزاخقا ئېرىشتىم دەيدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إذا قَرَأ ابنُ آدم السجدةَ فسجد اعْتَزَل الشيطانُ يبكي، يقول: يا وَيْلَه -وفي روايةٍ: يا وَيْلي- أُمِر ابنُ آدمَ بالسجودِ فسجدَ فله الجنة، وأُمِرتُ بالسجود فأبَيْتُ فَلِيَ النارُ».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە ئايىتىنى ئوقۇپ سەجدە قىلغاندا، شەيتان بىر چەتكە چىقىپ يىغلايدۇ ۋاي ئىسىت! ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى، جەننەتكە ئېرىشتى، مەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ دوزاخقا ئېرىشتىم دەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا قرأ ابن آدم آية من آيات السجدة، التي فيها أمرٌ بالسجود، فسجد امتثالًا لأمر الله، ورغبة في طاعته، انصرف الشيطان من عند القارئ وجعل يبكي متحسرًا على ما فاته من الكرامة, وحصول اللعن والخيبة للحسد على ما حصل لابن آدم، ويقول «يا ويلي أُمِر ابنُ آدم بالسجود، فسجد فله الجنة، وأُمِرتُ بالسجود فأبيت»، أي: يا حزني ويا هلاكي, فقد أمر اللهُ -تعالى- ابن آدم بالسجود فأطاع ربه فسجد فله الجنة، وأمرني بالسجود فامتنعت تكبُّرا فلي النار.
574;ادەم ئەۋلادلىرى قۇرئان كەرىمدە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغان سەجدە ئايەتلىرىدىن بىرنى ئوقۇغان ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ بۇيرىغا بويسۇنۇپ سەجدە قىلىدۇ، شەيتان قۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، ئادەم ئەۋلادلىرى ئېرىشكەن ئىززەتكە ھەسەد قىلىپ، ئۆزى گەردەنكەشلىك سەۋەبىدىن يوقۇتۇپ قويغان ھۆرمەتكە، ئۇچرىغان خارلىق، مالامەتكە ھەسرەتلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ۋاي ئېسىت! ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى، جەننەتكە ئېرىشتى، مەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلىشتىن باش تارتىم، يەنى ۋاي ئىسىت! ئاللاھ ئادەم ئەۋلادلىرىنى سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىپ سەجدە قىلىپ جەننەتكە ئېرىشتى، مېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى، مەن گەردەنكەشلىك قىلىپ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ سەجدە قىلماي دوزاخقا ئېرىشتىم دەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10572

 
Hadith   757   الحديث
الأهمية: حذيفة بن اليمان، قدم على عثمان وكان يغازي أهل الشأم في فتح أرمينية، وأذربيجان مع أهل العراق، فأفزع حذيفة اختلافهم في القراءة


باشتېما:

ھۇزەيفە ئىبنى يامانى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇ ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجاننى پەتھى قىلىش ئۈچۈن شامدا، ئىراقتا مۇسۇلمانلارنى جىھادقا تەشكىللەۋاتقان ئىدى، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشتا ئىختىلاپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۇنى ئەندىشىگە سالدى

عن ابن شهاب أنَّ أنس بن مالك حدثه: أنَّ حُذيفة بن اليَمان قدِم على عثمان وكان يُغازي أهل الشام في فتْح أَرْمِيِنيَّة، وأَذْرَبِيجان مع أهل العراق، فأفْزَع حذيفةَ اختلافُهم في القراءة، فقال حُذيفة لعثمان: يا أمير المؤمنين، أدْرِكْ هذه الأمةَ، قبل أنْ يختلفوا في الكتاب اختلافَ اليهود والنصارى، فأرسل عثمانُ إلى حفصة: «أنْ أرسلي إلينا بالصُّحُف ننسخُها في المصاحف، ثم نردُّها إليك»، فأرسلتْ بها حفصةُ إلى عثمان، فأَمَر زيدَ بن ثابت، وعبدَ الله بن الزبير، وسعيد بن العاص، وعبد الرحمن بن الحارث بن هشام فنسخوها في المصاحف، وقال عثمان للرَّهْط القُرَشيِّين الثلاثة: «إذا اختلفتم أنتم وزيدُ بن ثابت في شيء من القرآن فاكتبوه بِلِسان قُريش، فإنما نزل بِلِسانهم» ففعلوا حتى إذا نسخوا الصُّحُف في المصاحف، رَدَّ عثمانُ الصُّحُفَ إلى حفصة، وأرسل إلى كلِّ أُفُق بمصحف مما نَسَخُوا، وأَمَر بما سواه من القرآن في كلِّ صحِيفة أو مُصحف، أنْ يُحرق.

ئەنەس ئىبنى مالىك ئىبنى شىھابقا مۇنداق ھەدىس بايان قىلىپ بەرگەن، ھۇزەيفە ئىبنى يامانى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇ ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجاننى پەتھى قىلىش ئۈچۈن شام ۋە ئىراقتا مۇسۇلمانلارنى جىھادقا تەشكىللەۋاتقان ئىدى، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشتا ئىختىلاپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۇنى ئەندىشىگە سالدى. ھۇزەيفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: بۇ ئۈممەت قۇرئان كەرىمدە يەھۇدى-ناسارالار كىتابلىرىدا ئىختىلاپ قىلغاندەك ئىختىلاپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى بۇ ھەقتە توغرا يولغا يېتەكلىسىلە، دېگەن ئىدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا ئەبۇ بەكرىنىڭ دەۋرىدە يېزىلغان قۇرئان كەرىمنى كەلتۈرۈپ، ئۇنى كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى. ھەپسە ئۇ قۇرئاننى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەۋەتىپ بەرگەندە، ئوسمان زەيىد ئىبنى سابىت، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر، سەئىد ئىبنى ئاس ئابدۇراھمان ئىبنى ھارىسلارغا بۇ قۇرئاندىن بىر قانچە نۇسخا كۆچۈرۈشكە بۇيرۇپ، قۇرەيشلىك ئۈچ نەپەر كىشىگە ئەگەر سىلەر زەيىد ئىبنى سابىت بىلەن بىر قىرائەتتە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار ئۇنى قۇرەيش شېۋىسى بىلەن يېزىڭلار، چۈنكى قۇرئان شۇلارنىڭ تىلى بىلەن چۈشكەن، دېدى. ئۇلار قۇرئاندىن بىر قانچە نۇسخا كۆچۈرگەندىن كېيىن ئوسمان قول يازمىنى ھەپسەگە قايتۇرۇپ بەردى. كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلارنى بىر تالدىن چوڭ شەھەرلەرگە ئەۋەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى يېزىۋالغان قۇرئانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۋېتىشكە بۇيرۇق قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قدم حُذيفة بن اليَمان -رضي الله عنهما- على عثمان -رضي الله عنه-، وكان عثمان يجهز أهل الشام وأهل العراق لغزو أرمينية وأذربيجان وفتحهما، وكان حذيفة قد سمع اختلاف الناس في قراءة القرآن فبعضهم يقرأ بقراءة أُبي وبعضهم يقرأ بقراءة ابن مسعود حتى كاد أن يحصل بينهم فتنة وتنازع، فأفزع حذيفة هذا الأمر، فأتى عثمان فقال: يا أمير المؤمنين أدرك الناس قبل أنْ يختلفوا في القرآن كما اختلفت اليهود والنصارى في التوراة والإنجيل إلى أن حرَّفوا وزادوا ونقصوا. وكان القرآن حينئذ مجموعًا في الصحف ولم يكن في مصحف، فأرسل عثمان إلى حفصة أم المؤمنين -رضي الله عنها- وطلب إليها أن تبعث إليه بالصحف المكتوب فيها القرآن؛ كي ينسخها في المصاحف ثم يردها إليها، -وهذه الصحيفة التي أخذها من عند حفصة هي التي أمر أبو بكر وعمر بجمع القرآن فيها-, وحينئذ جمع عثمان القرآن في المصحف، والفرق بينه وبين الصحف أن الصحف هي الأوراق المحررة التي جُمع فيها القرآن في عهد أبي بكر -رضي الله تعالى عنه-، وكانت سورًا مفرقة كل سورة مرتبة بآياتها على حدة، لكن لم يرتب بعضها إثر بعض، فلما نُسخت ورُتِّب بعصها إثر بعض صارت مصحفا، ولم يكن مصحفا إلا في عهد عثمان، فأرسلت حفصةُ إلى عثمان بالصحف، فأمر زيدَ بن ثابت، وعبدَ الله بن الزبير، وسعيد بن العاص، وعبد الرحمن بن الحارث بن هشام -رضي الله عنهم- فنسخوا الصحف في المصاحف، وزيد بن ثابت أنصاري والباقون قُرَشيون، وقال عثمان للقُرَشيين الثلاثة: «إذا اختلفتم أنتم وزيدُ بن ثابت في شيء من القرآن فاكتبوه بلسان قُريش، فإنما نزل القرآن بلسانهم» ففعلوا حتى إذا نسخوا الصُّحُف في المصاحف، رد عثمانُ الصُّحُفَ إلى حفصة، وأرسل إلى كلِّ ناحية بمصحف مما نَسَخُوا، وأمر بما سواه من القرآن في كلِّ صحِيفة أو مُصحف، أنْ يُحرق.
726;ۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇ ۋاقىتتا شام ۋە ئىراقتىكى مۇسۇلمانلارنى ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجانغا قارشى جىھادقا تەشكىللەۋاتاتتى، ھۇزەيفە كىشىلەرنىڭ قۇرئان ئوقۇشتا ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقانلىقىنى، بەزىلەر ئۇبەي ئىبنى كەئبنىڭ قىرائەتىدە، بەزىلەر ئىبنى مەسئۇدنىڭ قىرائەتىدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئۆز ئارا تالاش-تارتىش قىلىشىپ، بىر پىتنە چىقىشىدىن ئەندىشە قىلدى، ئۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى مۆئمىنلەرنىڭ خەلىپىسى! مۆمىنلەرنى يەھۇدى-ناسارالار تەۋرات-ئىنجىلدا ئىختىلاپ قىلىشىپ، كەم-ئارتۇق قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەندەك قۇرئاننى ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ساقلاپ قالسىلا دېدى. قۇرئان ئۇ ۋاقىتتا پارچە-پارچە قەغەزلەرگە يېزىلغان بولۇپ، بىر كىتاب قىلىپ تۈپلەنمىگەن ئىدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قۇرئان يېزىلغان ۋاراقچىلارنى بېرىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى بىر قانچە نۇسخا كۆچۈرىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە ئادەم ئەۋەتتى. بۇ قۇرئان يېزىلغان ۋاراقچىلار بولسا ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بۇيرۇپ جەملەتكەن نۇسخسى ئىدى. مۇشۇ ۋاقىتتا ئوسمان قۇرئاننى كىتاپ قىلىپ تۈپلىدى، ئۇ نۇسخا بىلەن ئەمدىلىكتە يېزىپ قالدۇرماقچى بولغان نۇسخىنىڭ پەرقى، ئىلگىركى ئەبۇ بەكرىنىڭ زامانىدا يېزىلغىنى قۇرئان سۈرىلىرى رەتلەنمىگەن، ئەمما ھەر سۈرە ئۆز ئالدىغا ئايەتلىرى بىلەن رەتلەنگەن نۇسخا ئىدى، ئەمدىلىكتە رەتلەنمەكچى بولغىنى ھەر بىر سۈرىلەرنى رەت تەرتىبى بىلەن تىزىپ رەتلەپ چىقىپ، ئۇنى بىر كىتاب شەكلىدە تۈپلەش ئىدى. قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرىلىرى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا ھازىرقى شەكىلدە رەتلەنگەن ئىدى. ھەپسە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قۇرئان سۈرىلىرى يېزىلغان ۋاراقچىلارنى ئەۋەتىپ بەردى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زەيد ئىبنى سابىت، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر، سەئىد ئىبنى ئاس، ئابدۇراھمان ئىبنى ھارىسلارنى بۇ ۋاراقچىلارنى رەتلەپ قۇرئان كەرىمنى كىتاب شەكلىدە يېزىپ چىقىشقا بۇيرۇدى، زەيىد ئەنسارلاردىن، قالغانلار قۇرەيىشلاردىن ئىدى، ئوسمان قۇرەيشلىك ئۈچ نەپەر ساھابىگە: سىلەر زەيد ئىبنى سابىت بىلەن ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، قۇرەيشلىكلەرنىڭ شېۋىسىدە يېزىڭلار، چۈنكى قۇرئان قۇرەيش شېۋىسىدە نازىل بولغان، دېدى. ئۇلار ئەسلى يازمىدىن بىرقانچە نۇسخا كۆچۈرگەندىن كېيىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەسلى يازمىنى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قايتۇرۇپ بەردى ۋە ھەر قايسى ئىقلىملارغا ئۇلار كۆچۈرگەن قۇرئاننى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزلىرى يېزىۋالغان قۇرئان ۋاراقچىلىرىنى كۆيدۈرىۋىتىشكە بۇيرۇدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10575

 
Hadith   758   الحديث
الأهمية: من قال: أستغفر الله الذي لا إله إلا هو الحي القيوم وأتوب إليه، غفرت ذنوبه، وإن كان قد فر من الزحف


باشتېما:

كىمكى "ئەستەغپىرۇللاھ ئەللەزى لائىلاھە ئىللاھۇۋەل ھەييۇل قەييۇم ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيھى" دېسە، ھەتتا ئۇ كىشى جەڭدىن قېچىشتەك چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ

عن زيد مولى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «من قال: أَسْتَغْفِرُ الله الذي لا إله إلا هو الحَيَّ القيَّومَ وأتوب إليه، غُفرت ذنوبه، وإن كان قد فَرَّ من الزَّحْف».

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئازاد گەردىسى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «"كىمكى ئەستەغپىرۇللاھ ئەللەزى لائىلاھە ئىللاھۇۋەل ھەييۇل قەييۇم ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيھى" دېسە، ھەتتا ئۇ كىشى جەڭدىن قېچىشتەك چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من قال: أَسْتَغْفِرُ الله الذي لا إله إلا هو الحَيَّ القيَّومَ وأتوب إليه غُفر له ذنبه وإن كان قد فَرَّ من قتال الكفار، ومن المعلوم أن الفِرَار من الزَّحْف هو أحد المُوبِقات السَّبع التي جاءت في حديث: (اجتنبوا السَّبع المُوبقات، ومنها: الفِرَار من الزَّحْف)، ويكون المعنى مستقيمًا: إذا كان المقصود أنه تاب من جميع الذُّنوب، ومنها: الفِرَار من الزَّحَف، وإلا فإن مجرد الاستغفار والإنسان باقٍ على الذَّنب لا ينفع وإنما ينفع ذلك مع التوبة من الذَّنْب.
603;ىمكى "ئەستەغپىرۇللاھ ئەللەزى لائىلاھە ئىللاھۇۋەل ھەييۇل قەييۇم ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيھى" دېسە، ھەتتا ئۇ كىشى جەڭدىن قېچىشتەك چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئۇرۇشتىن قېچىش بولسا سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغان يەتتە تۈرلۈك ھالاكەتكە تاشلايدىغان چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھالاكەتكە تاشلايدىغان يەتتە تۈرلۈك چوڭ گۇناھدىن يىراق بولۇڭلار، جەڭدىن قېچىشمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن» دېگەن، ھەدىسنىڭ توغرا چۈشەندۈرۈلۈشى: بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت ئۇ كىشى بارلىق گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلدى، جەڭدىن قېچىشمۇ شۇ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. پەقەت ئاغزىدا ئىستىغپار ئېيتىپ قويۇپ گۇناھنى داۋام قىلىۋەرسە بۇنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ھەقىقى مەنپەئەت قىلىدىغىنى سادىر قىلغان گۇناھىغا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە ئىستىغپار ئېيتىشتىن ئىبارەتتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10576

 
Hadith   759   الحديث
الأهمية: الفجر فجران: فأما الفجر الذي يكون كذنب السرحان فلا تحل الصلاة فيه ولا يحرم الطعام، وأما الذي يذهب مستطيلا في الأفق فإنه يحل الصلاة، ويحرم الطعام


باشتېما:

تاڭ يورۇش ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىلى بورىنىڭ قۇيرۇقىدەك ئېگىزدىن پەسكە سوزۇلغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بامدات نامىزىنى ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس، روزا تۇتقۇچى سوھۇرلۇقنى يەۋەرسە بولىدۇ، ئەمما ئوپۇقتا توغرىسىغا سوزۇلغان ئاقلىق بولسا ھەقىقى تاڭ ئاتقانلىق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نامازنى ئوقۇش دۇرۇس، سوھۇرلۇقنى توختۇتۇش كېرەك

عن جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: الفجر فَجْرَانِ: فأما الفَجْر الذي يكون كَذَنَبِ السِّرْحَانِ فلا تَحِلُّ الصلاة فيه ولا يٌحْرِّم الطعام، وأما الذي يذهب مُسْتَطِيلًا فِي الأُفُق فإنه يُحِلُّ الصلاة، ويُحْرِّم الطعام.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: تاڭ يورۇش ئىككى خىل بولىدۇ: بىر خىلى بۆرىنىڭ قۇيرۇقىدەك بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بامدات نامىزىنى ئوقۇشقا بولمايدۇ، سوھۇرلۇق تاماق چەكلەنمەيدۇ، ئەمما ئۇپۇقتا ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان بولسا ناماز ئوقۇلسا بولىدۇ، سوھۇرلۇقنى توختۇتۇش كېرەك

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قسم النبي -صلى الله عليه وسلم- الفجر من حيث الحكم إلى قسمين:
الفجر الأول: ويقال له الفجر الكاذب، يرتفع في السماء كالعمود، فهو كذنب السرحان؛ لأن ذَنَبه يمتد مرتفعا، فهو يشبه ذَنب الذئب في امتداده إلى أعلى الأفق، ثم إنه يذهب وتعقبه ظُلمة، فهذا الفجر لا تَحل فيه الصلاة، أي صلاة الفجر ويَحل فيه الأكل والشرب للصائم، أي لمن بَيَّت نية الصوم؛ لأنه ليس الفجر الحقيقي الذي تَحل به صلاة الفجر ويمتنع فيه الصائم من الأكل والشرب.
والفجر الثاني: ويقال له الفجر الصادق، هو الذي يكون مستطيلا، أي: ممتدا في الأفق من الشمال إلى الجنوب، ولا ظُلمة بعده، بل يَزداد نُوره شيئا فشيئا، حتى ينتشر في الأُفق، فهذا الذي تَحل فيه صلاة الفجر ويحرم فيه الأكل والشرب على الصائم.
والفرق بين الفجرين من حيث الزَّمن يتفاوت، يطول أحيانا، ويقصر أحيانا، ولا يظهر الكاذب أحيانا.
وخلاصة الفروق بين الفجرين: أن الفجر الصادق يمتد من الشمال إلى الجنوب، والكاذب بالعكس.
الثاني: الفجر الصَّادق لا ظُلمة بعده، والكاذب تتبعه ظُلمة.
الثالث: الصَّادق نُوره متصل بالأفُق، وهذا مُنفصل.
وهذه الفروق الثلاثة من الناحية الكونية القَدرية، أما من الناحية الشرعية العملية، فإن الفجر الكاذب لا تَحل فيه الصلاة، أي: صلاة الفجر ويَحل فيه الأكل والشُّرب لمن عَزم على الصوم، أما الفجر الصادق بالعكس، فتَحل فيه الصلاة أي: صلاة الفجر ويحرم الأكل والشرب على الصائم.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ھۆكۈم جەھەتتىن تاڭ سەھەرنى ئىككىگە بولگەن، بىرىنچىسى يالغان تاڭ، بۇ ۋاقىتتا تاڭ نۇرى ئاسمانغا تۈۋرۈكتەك تىك كۆتۈرلۈپ پەيدا بولىدۇ، ئۇ بۆرىنىڭ قۇيرىقىغا ئوخشاش بولىدۇ، چۈنكى بۆرىنىڭ قۇيرۇقى تۈۋرۈكتەك تىك سوزۇلىدۇ، تاڭ نۇرى ئۇپۇق يۇقىرىسىغا كۆتۈرلۈشتە بۆرىنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇ نۇر ئۇزۇن تۇرمايلا يوقۇلۇپ ئارقىدىنلا قاراڭغۇلۇق قايتا پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتا بامدات نامىزىنى ئوقۇشقا بولمايدۇ، روزا تۇتقۇچى يىيىش، ئىچىشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن، روزا تۇتقۇچى سوھۇرلۇقنى توختىدىغان ۋاقىت ئەمەس. ئىككىنچىسى راس تاڭ دېيىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تاڭنىڭ نۇرى جەنۇبتىن شىمال تەرەپكە سوزۇلغان بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ، بەلكى بارا-بارا تاڭ نۇرى يورۇپ كېڭىيىشكە باشلايدۇ، مانا بۇ ۋاقىتتا بامدات نامىزى ئوقۇشقا بولىدۇ، روزا تۇتقۇچىنىڭ يىيىش ۋە ئىچىشى چەكلىنىدۇ. بۇ ئىككى تاڭ نۇرىنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت پەرىقلىق بولۇپ، گاھى ئۇزۇن گاھى قىسقا بولىدۇ، گاھىدا يالغان تاڭ پەقەت كۆرۈلمەيدۇ. بۇ ئىككى تاڭ نۇرىنىڭ ئاساسلىق پەرىقلىرى تۆۋەندىكىدەك: 1-راس تاڭ جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلىدۇ، ئەمما يالغان تاڭ تۆۋەندىن يۇقىرىغا سوزۇلغان بولىدۇ. 2- راس تاڭدىن كېيىن قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ، يالغان تاڭدىن كېيىن قاراڭغۇلۇق پەيدا بولىدۇ. 3- راس تاڭنىڭ نۇرى ئۇپۇققا تۇتىشىدۇ، ئەمما يالغاننىڭ نۇرى ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ ئۈچ پەرىق تەبىئەت جەھەتتىكى تاڭ ئېتىشنىڭ بەلگىلىرى، شەرىئەت جەھەتتىن يالغان تاڭ ئاتقاندا بامدات نامىزى ئوقۇشقا بولمايدۇ، روزىنى نىيەت قىلغان كىشى سوھۇرلۇق يەۋەرسە بولىدۇ. راس تاڭ ئاتقاندا بامدات نامىزى ئوقۇشقا بولىدۇ، روزىنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ ئۇ ۋاقىتتا يەپ-ئىچىشى چەكلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10609

 
Hadith   760   الحديث
الأهمية: رأيت بلالا خرج إلى الأبطح فأذن فلما بلغ حي على الصلاة، حي على الفلاح، لوى عنقه يمينا وشمالا، ولم يستدر


باشتېما:

بىلالنىڭ سايلىققا چىقىپ ئەزان ئوقۇپ، «حي على الصلاة حي على الفلاح» غا كەلگەندە بەدىنىنى ئايلاندۇرماي، بوينىنى ئوڭ-سول تەرەپكە بۇرىغانلىقىنى كۆردۈم

عن أبي جحيفة -رضي الله عنه- قال: رأيت بلالًا يؤذِّن ويدور ويتبع فاه هاهنا، وهاهنا، وإصبعاه في أُذنيه، ورسول الله صلى الله عليه وسلم في قُبَّةٍ له حمراء -أُراه قال: من أَدَمٍ- فخرج بلال بين يديه بِالعَنَزَةِ فركزها بِالبَطْحَاءِ، «فصلى إليها رسول الله صلى الله عليه وسلم، يمر بين يديه الكلب والحمار، وعليه حُلَّةٌ حمراء»، كأني أنظر إلى بَرِيقِ ساقيه. وفي رواية: رأيت بلالًا خرج إلى الأبطح فأذَّن فلما بلغ حي على الصلاة، حي على الفلاح، لوى عنقه يمينا وشمالا، ولم يستدِر.

ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن بىلالنىڭ چۆگىلەپ تۇرۇپ، ئېغىزىنى ئوڭ-سول تەرەپلەرگە قارىتىپ ۋە ئىككى بارمىقىنى قۇلىقىغا سېلىپ ئەزان توۋلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تېرىدىن تىكىلگەن بىر قىزىل چېدىرنىڭ ئىچىدە ئىدى، شۇ ئەسنادا بىلال سايلىققا چىقىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا بىر تال نەيزىنى سانجىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى سۈترە قىلىپ ناماز ئوقۇدى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدىن ئىت، ئېشەكلەر ئۆتىۋېرەتتى، رەسۇلۇللاھ قىزىل تون كېيگەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ پاقالچىقىنىڭ ئاقلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. يەنە بىر رىۋايەتتە: بىلال سايلىققا چىقىپ ئەزان ئوقۇدى، «حي على الصلاة حي على الفلاح» غا كەلگەندە بوينىنى ئوڭ-سول تەرەپلەرگە بۇرايتتى، ئەمما ئايلانمايتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- نازلاً في الأبطح في أعلى مكة، فخرج بلال بفضل وَضُوءِ النبي -صلى الله عليه وسلم-، وجعَلَ الناس يتبركون به، وَأذَّن بلال.
قال أبو جحيفة: فجعلت أتتبع فم بلال، وهو يلتفت يميناً وشمالا عند قوله "حي على الفلاح"؛ ليسمع الناس، حيث إن الصيغتين حث على المجيء إلى الصلاة.
ثم رُكِزت لرسول الله -صلى الله عليه وسلم- رمح قصيرة؛ لتكون سترة له في صلاته، فصلى الظهر ركعتين.
ثم لم يزل يصلى الرباعية ركعتين حتى رجع إلى المدينة، لكونه مسافراً.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىنىڭ ئۈستى تەرپىدىكى ئەبتەھ دېگەن جايغا چۈشكەن ئىدى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارىتىدىن ئېشىپ قالغان سۈيىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، ساھابىلەر بۇ سۇنى تەۋەرۈك بىلىپ ئېلىشقا باشلىدى، بىلال ئەزان توۋلىدى. ئەبۇ جۇھەيپە دەيدۇ: مەن بىلالنىڭ ئېغىزىغا دېققەت قىلدىم، ئۇ: «ھەييى ئەلەسسالاھ، ھەييى ئەلەلفەلاھ» دېگەندە كىشىلەرگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئوڭ-سول تەرەپكە قارايتى، چۈنكى بۇ ئىككى جۈملە كىشىلەرنى نامازغا كىلىشكە قىزىقتۇراتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نامازدا سىۈترە بولۇشى ئۈچۈن قىسقا بىر نەيزە تىكلەندى، رەسۇلۇللاھ پىشىن نامىزىنى ئىككى رەكئەت ئوقىدى، مۇساپىر بولغانلىقتىن مەدىنىگە قايتقانغا قەدەر تۆت رەكىئەتلىك نامازلارنى ئىككى رەكئەت ئوقىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10618

 
Hadith   761   الحديث
الأهمية: من قال حين يسمع النداء: اللهم رب هذه الدعوة التامة، والصلاة القائمة، آت محمدا الوسيلة والفضيلة، وابعثه مقاما محمودا الذي وعدته، حلت له شفاعتي يوم القيامة


باشتېما:

كىمكى ئەزاننى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئى مۇشۇ مۇكەممەل چاقىرىقنىڭ، ئادا قىلىنماقچى بولغان نامازنىڭ رەببى! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەسىلە ۋە پەزىلەتنى ئاتا قىلغىن، ئۇنى سەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان مەدھىيەگە لايىق مەقام بىلەن شەرەپلەندۇرگىن دېسە، قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىشىم ۋاجىپ بولىدۇ.

عن جابر-رضي الله عنه- مرفوعًا: «من قال حين يَسْمَع النِّدَاء: اللَّهُم ربِّ هذه الدَّعْوَة التَّامة، والصَّلاة القَائمة، آتِ محمدا الوَسِيلَة والفَضِيلة، وابْعَثْه مَقَامًا محمودًا الَّذي وعَدْتَه، حلَّت له شَفَاعَتِي يوم القيامة».

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەزاننى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئى مۇشۇ مۇكەممەل چاقىرىقنىڭ، ئادا قىلىنماقچى بولغان نامازنىڭ رەببى! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەسىلە ۋە پەزىلەتنى ئاتا قىلغىن، ئۇنى سەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان مەدھىيەگە لايىق مەقام بىلەن شەرەپلەندۇرگىن دېسە، قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىشىم ۋاجىپ بولىدۇ.»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: يقول النبي -صلى الله عليه وسلم-: "من قال حين يَسْمَع النِّدَاء" أي من قال هذه الصيغة المأثورة من الدعاء عند فراغ المؤذن من الأذان وانتهائه منه؛ لما رواه مسلم من حديث عبدالله بن عمرو بن العاص؛ أنَّه سَمعَ رسولَ الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: "إذَا سمعتم المؤذِّن، فقولوا مثل ما يقول، ثمَّ صَلُّوا عليَّ، ثمَّ سَلُوا اللهَ لي الوسيلة.."، وعليه: فيكون الدعاء بعد الفَراغ من الترديد بعد المؤذن.   
"الدَّعْوَة التَّامة" الأذان، سُمى دَعوة؛ لما فيه من دَعوة الناس إلى الصلاة، والتامة: أي الكاملة؛ لاشتمالها على عقائد الإيمان من التوحيد والتصديق بالرسالة المحمدية، فأوله تَكبير، وفيه الشهادتان اللتان هما الرُّكن الأول من أركان الإسلام، ثم فيه الدَّعوة إلى الصلاة، ثم خَتمه بالتكبير أيضًا.
"والصلاة القائمة"، ولها معنيان: 1. التي ستُقام. 2. التي لن تغيِّرها مِلَّةٌ ولا نَسخ، فهي قائمةٌ دائمة، ما دامت السمواتُ والأرض.   
"الوَسِيلَة" ما يتقرب بها إلى الغَير، فالوَسِيلة إلى الله -تعالى- ما تَقرب به عَبده إليه بعمل صالح. والمراد بها هنا: المَنْزلة العالية في الجنَّة، كما جاء مصرحًا به في صحيح مسلم من حديث عبدالله بن عمرو بن العاص -رضي الله عنهما- وفيه : (إذا سمعتم المؤذن، فقولوا... ثم سَلُوا الله لي الوَسِيلَة؛ فإنها مَنْزِلة في الجنَّة لا تَنبغي إلا لعِبد من عباد الله ، وأرجو أن أكون أنا هو).
   "والفَضِيلة" هي مرتَبَةٌ زائدة على سائر الخلق، والمعنى: فَضِّل محمدًا على سائر خَلْقِك.
"وابعثه مقاما محمودا" يعني: يوم القيامة حين يُبعث الناس من قبورهم، فهو مقام يُحمد عليه يوم القيامة.
والمقامُ المحمود: يُطْلَقُ على كلِّ ما يجلب الحَمد من أنواع الكرامات، والمراد به هنا: الشَّفاعةُ العُظمَى في فَصْل القضاء، حيث يحمده فيه الأوَّلون والآخرون، وذلك بأن الخلائق يوم القيامة إذا طال عليهم المَحشر، وشَقَّ عليهم الوقوف، فإنهم يأتون إلى آدم فيسألونه أن يَشفع لهم عند ربهم؛ ليُخلصهم مما هم فيه، فيعتذر، ثم يأتون نوحا -عليه السلام- فيعتذر، وهكذا إبراهيم وموسى وعيسى -عليهم أفضل الصلاة وأتم التسليم-، ثم يأتون محمدا -صلى الله عليه وسلم- فيقول: (أنا لها)، فيسجد ويلهم بمحامد، ثم يقال له: ارفع رأسك، وسَل تعط، فيسأل الشفاعة، ويُفرج عنهم بشفاعة نبينا محمد -صلى الله عليه وسلم-.
"الَّذي وعَدْتَه" أي: وعَدَه بالشَّفاعة العُظمى حين يَفصل الله بين الخلائق، قال -تعالى-: (وَمِنَ اللَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِ نَافِلَةً لَكَ عَسَى أَنْ يَبْعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامًا مَحْمُودًا) [ الإسراء: 79 ].
وعسى: إذا جاءت في القرآن فهي واجبة.
"حلَّت له شَفَاعَتِي" أي: ثَبتت ووجَبت له شفاعة النبي -صلى الله عليه وسلم-، واستحقها بدعائه هذا، وأدركته يوم القيامة، فيشفع له النَّبي -صلى الله عليه وسلم- بإدخالِ الجنَّة بغير حساب، أو برفع الدَّرجَات، أو النجاة من النار.
"يوم القيامة" سُمي بذلك: لما يقوم فيها من الأمور العظام، التي منها قيامُ الخلائقِ مِنْ قبورهم، وقيامُ الأشهادِ على العباد، وقيامُ النَّاس في الموقف، وغير ذلك.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئەزاننى ئاڭلىغاندا، يەنى كىمكى دۇئادىن ھەدىستە بايان قىلىنغان مۇشۇ سۆزلەرنى مۇئەززىن ئەزاننى ئاخىرلاشتۇرۇپ بىكار بولغاندا دېسە، ئىمام مۇسلىمدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاستىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ئەگەر ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ دېگىنىنى دەڭلار، ئاندىن ماڭا دۇرۇت ئېيتىڭلار، ئاندىن مەن ئۈچۈن ۋەسىلە سوراڭلار...بۇ دۇئا مۇئەززىن ئەزاننى قايتىلاپ بىكار بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. مۇكەممەل چاقىرىق؛ ئەزان چاقىرىق دەپ ئاتالدى، ئۇنىڭدا كىشىلەرنى نامازغا چاقىرىش بار، مۇكەممەل دەپ ئاتىلىشى: ئىمان ئەقىدىسى، تەۋھىد ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكىنى تەستىقلاشتىن ئىبارەت مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئەزاننىڭ ئەۋۋىلى تەكبىر، ئۇنىڭدا ئىسلامنىڭ ئاۋۋالقى رۇكنى بولغان ئىككى شاھادەت بار، ئاندىن نامازغا چاقىرىق ئاخىرى يەنە تەكبىر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ئوقۇلغۇچى ناماز دېگەن سۆز ئىككى تۈرلۈك مەنانى ئىپادىلەيدۇ: بىرىنچى: ھازىر ئوقۇلىدىغان ناماز، ئىككىنچىسى: ھېچقانداق بىر مىللەت ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدىغان، ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتەلمەيدىغان ئاسمان-زېمىننىڭ مەۋجۇت بولىشى بىلەن دائىم ئوقۇلىدىغان نامازدىن ئىبارەت، ۋەسىلە دېگەن غەيرىگە يېقىنلىشىدىغان نەرسە بولۇپ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە بولغان ۋەسىلە دېگەن بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەردىن ئىبارەت، بۇ يەردە ۋەسىلىدىن: جەننەتتىكى ئالى ئورۇن مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ مەنا ئىمام مۇسلىمدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاستىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئوچۇق بايان قىلىنغان، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ئەگەر ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ دېگىنىنى دەڭلار، ئاندىن ماڭا دۇرۇت ئېيتىڭلار، ئاندىن مەن ئۈچۈن ۋەسىلە سوراڭلار، چۈنكى ۋەسىلە جەننەتتىكى بىر ئورۇن بولۇپ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىرلا بەندىگە بېرىلىدۇ، شۇ بەندىنىڭ مەن بولۇپ قىلىشىمنى ئارزۇ قىلىمەن.» پەزىلەت دېگەن: باشقا كىشىلەردىن يۇقىرى بولغان ئالاھىدە مەرتىۋە بولۇپ، بۇنىڭدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى باشقا كىشىلەردىن ئارتۇق قىلغىن دېگەن بولىدۇ، قىيامەت كۈنى كىشىلەر قەبرىدىن قوزغىلىپ ھېساب مەيدانىغا توپلانغاندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ماختىلىنىدىغان مەرتىۋىگە يەتكۈزگىن، ماختىلىنىدىغان مەرتىۋە دېگەن: ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ تۈرلىرىدىن بولغان ماختىلىنىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە ئېشلىتىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن ھۆكۈم قىلىنىدىغان ۋاقىتتىكى چوڭ شاپائەت مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ماختايدۇ، قىيامەت كۈنىدە كىشىلەرنىڭ ھەشىر مەيدانىدا تۇرىشى ئۇزۇن بولۇپ كېتىدۇ، ئۇزۇن تۇرۇش ئۇلارغا قېيىن بولىدۇ، ئۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن شاپائەت تىلەشنى ۋە مۇشۇ قىيىنچىلىقتىن خالاس قىلىشنى ئۆتىنىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۆزۈر ئېيتىدۇ، ئاندىن ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىدۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزۈر ئېيتىدۇ، شۇنداق قىلىپ كىشىلەر ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قېشىغىمۇ كېلىدۇ، ئاندىن كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «مەن بۇنىڭغا ھەقلىق» دەپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ سەجدە قىلىدۇ، ئۇنىڭغا گۈزەل مەدھىيىلەر ئىلھام قېلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا: بېشىڭنى كۆتۈر، سورىغىن بېرىلىسەن، دېيىلىدۇ. ئۇ كىشىلەرگە شاپائەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى ئاسان بولىدۇ، سەن ۋەدە قىلغان كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا بېرىشنى ۋەدە قىلغان چوڭ شاپائەتنى بەرگىن، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر» ئىسرا سۈرىسى 79-ئايەت. ئۇنىڭغا مەن شاپائەت قىلىمەن يەنى ئۇ كىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى بېكىتىلىنىدۇ، مۇشۇ دۇئا بىلەن شاپائەتكە ھەقلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ پەزىلىتىنى قىيامەت كۈنىدە تاپىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ نېمەتلىرى چەكسىز جەننەتكە كىرىشىگە ياكى مەرتىۋېسىنىڭ ئۈستۈن بولىشىغا ياكى دوزاختىن قۇتۇلىشىغا شاپائەت قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە دەپ ئاتىلىشى، ئۇ كۈندە چوڭ ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ قەبرىسىدىن تۇرىدىغانلىقى، كىشىلەرگە گۇۋاھ بولىدىغان گۇۋاھچىلارنىڭ تۇرىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ ھېساب ئورنىدا تۇرۇشى قاتارلىق ئىشلار بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10635

 
Hadith   762   الحديث
الأهمية: لا يقبل الله صلاة حائض إلا بخمار


باشتېما:

ئاللاھ بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ رومالسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ

عن عائشة -رضي الله عنها- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- أنه قال: «لا يَقْبَل الله صلاة حَائض إلا بِخِمَار».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاللاھ بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ رومالسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لا يجوز للمرأة البَالغة العاقلة أن تُصلي بغير خِمار، أي كاشفة لرأسها وعُنقها، فإن صلَّت كذلك فإن صلاتها باطلة؛ لقوله -صلى الله عليه وسلم-: (لا يقبل الله) ونفي القَبول المُراد به هنا : نفي الصحة والإجزاء.
والمقصود بالحائض هنا: المرأة البَالغة التي بَلغت سِنَّ المحيض بأية علامة من علامات البلوغ، وهي: الحيضُ، أو نزولُ المنيِّ، أو نَباتُ شَعْر العَانة، أو بإتمام خمسة عشر عاماً، وعَبَّر بالحيض؛ لاختصاصه بالنساء؛ ولأنه هو الغالب، وليس المقصود به مَن هي مُتَلَبِّسة بالحيض؛ لأن المرأة ممنوعة من الصلاة في زمن الحيض؛ لثُبوت السُّنة بذلك وإجماع العلماء.
576;الاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ھۇشى جايىدا ئايالنىڭ رومالسىز (يەنى: بېشى ۋە بوينى ئوچۇق) ناماز ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق ناماز ئوقۇسا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە بىنائەن «ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى بىكار بولىدۇ، قوبۇل بولماسلىق بۇ يەردە توغرا ئەمەس، يىتەرلىك ئەمەس،- دېگەن مەنىدە. ھەدىستىكى ھەيىزدار دېگەن سۆزدىن: قورامىغا يەتكەنلىك ئالامەتلىرىدىن بىرى ئارقىلىق ھەيىز يېشىغا يەتكەن ئايال مەقسەت قىلىنغان. بالاغەتكە يېتىش ئالامەتلىرى: ھەيىز كۆرۈش، مەنى چىقىش، جىنسى يولغا تۈك ئۈنۈش، 15 ياشقا تولۇش قاتارلىقلار. ئاياللارغا خاس ئىش بولغانلىقى، ئاياللارنىڭ بالاغەتكە يېتىشى كۆپىنچە ھەيىز كۆرۈش بىلەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەيىز دەپ ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھەيىز كۆرۈۋاتقان ئايال مەقسەت قىلىنمىغان، چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ھەيىز ۋاقتىدا ناماز ئوقۇشى چەكلىنىدۇ، بۇ ئېنىق ھەدىس كەلگەن ۋە ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن مەسىلە   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10637

 
Hadith   763   الحديث
الأهمية: كنا مع النبي -صلى الله عليه وسلم- في سفر في ليلة مظلمة، فلم ندر أين القبلة، فصلى كل رجل منا على حياله، فلما أصبحنا ذكرنا ذلك للنبي -صلى الله عليه وسلم-، فنزل: (فأينما تولوا فثم وجه الله)


باشتېما:

بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بىلەن قاراڭغۇ بىر كېچىدە سەپەردە بولدۇق، قىبلە قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، ھەركىم ئۆزى بىلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇدى، تاڭ ئاتقاندا بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھقا بايان قىلغىنىمىزدا بۇ ئايەت نازىل بولدى: «قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلار، ئاللاھنىڭ يۈزى شۇ تەرەپتىدۇر، يەنى: سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسىدۇر» سۈرە بەقەرە

عن عامر بن رَبِيعة -رضي الله عنه- قال: كنَّا مع النبي -صلى الله عليه وسلم- في سَفَر في لَيلة مُظْلِمَةٍ، فلم نَدْرِ أين القِبْلَة، فصلى كُلُّ رَجُلٍ مِنَّا على حِيَالِه، فلمَّا أَصْبَحْنَا ذَكرنا ذلك للنبي -صلى الله عليه وسلم-، فنزل: ﴿فأينما تولوا فثم وجه الله﴾ [البقرة: 115].

ئامىر ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەربىلەن قاراڭغۇ كېچىدە بىر سەپەردە بولدۇق، قىبلە قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، ھەركىم ئۆزى بىلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇدى، تاڭ ئاتقاندا بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھقا دېدۇق. شۇ ۋاقىتتا بۇ ئايەت نازىل بولدى: «قايسى تەرەپكە يۈزلەنمەڭلار، ئاللاھنىڭ يۈزى شۇ تەرەپتىدۇر، يەنى: سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسىدۇر» سۈرە بەقەرە 115- ئايەت

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- مع أصحابه في سَفر وكانت الليلة مُظلمة، ولم يتيقنوا جهة القِبْلة، فصلَّوا باجتهادهم، فلما أصبحوا إذا هُم قد صلُّوا إلى غير القِبْلَة، فأخبروا النبي -صلى الله عليه وسلم- بذلك؛ فأنزل الله -تعالى-: (ولله المشرق والمغرب فأينما تولوا فَثَمَّ وجْهُ الله) [ البقرة : 115 ].
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەر بىلەن قاراڭغۇ بىر كېچىدە سەپەردە بولدى، قىبلىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلمىگەنلىكتىن، ھەركىم ئۆزى جەزىم قىلغان تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇدى، تاڭ ئاتقاندا ئۇلارنىڭ نامازنى قىبلىگە قاراپ ئوقۇمىغانلىقى بىلىندى. ئۇلار بۇ ۋەقەنى رەسۇلۇللاھقا بايان قىلغاندا بۇ ئايەت نازىل بولدى: «قايسى تەرەپكە يۈزلەنمەڭلار ئاللاھنىڭ يۈزى شۇ تەرەپتىدۇر، يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسىدۇر» سۈرە بەقەرە 115- ئايەت   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10641

 
Hadith   764   الحديث
الأهمية: ما بين المشرق والمغرب قبلة


باشتېما:

كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسى قىبلىدۇر

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «ما بَيْن المَشْرِق والمَغْرِب قِبْلة».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسى قىبلىدۇر»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى حديث: "ما بَيْن المَشْرِق والمَغْرِب قِبْلة" هذا بيان منه -صلى الله عليه وسلم- أن ما بين جِهة المَشرق والمغرب قِبْلة للمصلين، وهذا خطاب لأهل المدينة ومن وافقهم في الجهة؛ لأنهم يقعون شمالي الكعبة، فالقبلة بالنِّسبة لأهل المدينة ومن حاذاهم من أهل الشام، وأهل جهة الشمال يستقبلون ما بين المشرق والمغرب، يعني تكون وجهتهم إلى الجنوب حيث الكعبة، واليمن وما والاها من جهة الجنوب يتوجهون إلى الشمال بين المشرق والمغرب، أما أهل المشرق والمغرب فتكون القبلة بالنِّسبة لهم ما بين الشمال والجنوب؛ لأن الجِهات الأصلية أربع: الشمال، الجنوب، الشرق، الغرب، فإذا كان المصلَّي عن الكعبة شرقاً أو غرباً    كانت قبلته ما بين الشمال والجنوب، وإذا كان عن الكعبة شمالاً أو جنوباً كانت قبلته ما بين المشرق والمغرب .
وهذا من تيسير الله تعالى على عباده؛ لأنه لو طلب منهم أن يستقبلوا عين الكعبة مطلقا ما صحَّت صلاة أحد، فالانحراف اليسير عن القبلة في حَق بَعُد عنها ولم يَرها غير مؤثر ما لم يَستدبر الكعبة أو يَجعلها على جَنْبه فلا تصح في هذه الحال.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسى قىبلىدۇر دېگەن سۆز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ناماز ئوقۇغۇچىلارغا قىلىنغان بايان بولۇپ، بۇ مەدىنە ئەھلى ۋە قىبلىسى ئۇلارغا مۇۋاپىق كىلىدىغان كىشىلەرگە قىلىنغان خىتاب، چۈنكى ئۇلار كەبىنىڭ شىمال تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ، قىبلە مەدىنە ئەھلىگە ئۇلارنىڭ باراۋىرىدىكى شام ئەھلى ۋە شىمال تەرەپتىكى كىشىلەر بولسا كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسىدىكى تەرەپكە يۈزلىنىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ يۈزلىنىشى كەبىگە نىسبەتەن جەنۇپ تەرەپ بولىدۇ، يەمەن ۋە ئۇلارغا يانداشقان جەنۇپ تەرەپتىكى كىشىلەر كۈن چىقىش بىلەن كۈن پېتىش ئارىسىدىن شىمالغا يۈزلىنىدۇ، ئەمما كۈن پېتىش بىلەن كۈن چىقىش تەرەپتىكى كىشىلەر، ئۇلارنىڭ قىبلىسى ئۇلارغا نىسبەتەن جەنۇپ بىلەن شىمالنىڭ ئارىسى بولىدۇ، چۈنكى ئەسلى تەرەپ شىمال، جەنۇپ، شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت تۆت تەرەپتۇر، ناماز ئوقۇغۇچى كەبىنىڭ شەرق ياكى غەرپ تەرىپىدە بولسا ئۇ كىشىنىڭ قىبلىسى شىمال بىلەن جەنۇپ ئارىسىدا بولىدۇ، ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچى كەبىنىڭ شىمال ياكى جەنۇپ تەرىپىدە بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قىبلىسى كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، بۇمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىدىندۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن كەبىنىڭ ئۆزىگە يۈزلىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ھېچ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمىغان بولاتتى، كەبىنى كۆرمەي يىراقتا بولغان كىشى كەبىگە تولۇق كەينىنى قىلماي ياكى يېنىچە تۇرماي پەقەت ئازراق قىيپاش كەتسە بۇ ئۇنىڭ نامىزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئەگەر كەبىگە كەينى بولۇپ قالسا ياكى كەبە بىر يېنىغا توغرا كەلسە بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى قىبلىگە يۈزلەنمىگەن بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10642

 
Hadith   765   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يصلي على راحلته، حيث توجهت فإذا أراد الفريضة نزل فاستقبل القبلة


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاغ ئۈستىدە ئالدى قايسى تەرەپكە بولسۇن نەپلە نامازنى ئوقۇۋېرەتتى، پەرز ئوقۇماقچى بولغاندا ئۇلاغ ئۈستىدىن چۈشۈپ، قىبلىگە قاراپ ئوقۇيتتى

عن جابر -رضي الله عنه- قال: «كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يُصلِّي على راحِلَته، حيث تَوَجَّهَت فإذا أراد الفَرِيضة نَزل فاسْتَقبل القِبْلة».

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاغ ئۈستىدە ئالدى قايسى تەرەپكە بولسۇن نەپلە نامازنى ئوقۇۋېرەتتى، پەرز ئوقۇماقچى بولغاندا ئۇلاغ ئۈستىدىن چۈشۈپ، قىبلىگە قاراپ ئوقۇيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- لا يَتكلف النُّزول من فوق راحِلته، بل يصلي عليها، وهذا إذا كان في سَفَر، ويؤيده ما رواه ابن عمر وغيره أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان يُصلي في السَّفر على راحِلته، حيث تَوَجَهت به. رواه البخاري، فإذا كان -صلى الله عليه وسلم- على راحلته، فإنه يُصلي حيث كان وجْه رِكَابه، سواء كان في جَهة القبلة أو غير جهة القِبلة، فإذا كانت الصلاة مفروضة، وهي الصلوات الخمس فإنه يَنزل عن دَابته، ويصلي على الأرض مُستقبلًا القِبْلة، وفي حديث ابن عمر -رضي الله عنهما-: (ولم يكن يَصْنَعُه -أي الصلاة على الدَّابة- في المكْتُوبة) متفق عليه.
فصلاة الفريضة لا بد من إيقاعها على الأرض، إلا لعُذر شَرعي كمَطر أو خَوف عدو فلا بأس أن يؤديها على راحِلته، أو مرض فيصليها على سريره جالسًا، وبالأخص إذا خشي خروج وقتها، ويؤيده أدلة التيسير والتخفيف ورفع الحرج عن هذه الأُمَّة ومن ذلك قوله -تعالى-: (لا يكلف الله نفسًا إلا وسعها) وقوله -صلى الله عليه وسلم-: (إذا أمرتكم بأمر فأتوا منه ما استطعتم).
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەر ئۈستىدە بولغاندا ئۇلاغ ئۈستىدىن چۈشمەيلا نامازنى ئوقىۋىرەتتى، ئىبنى ئۆمەر ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان ھەدىس بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ، بۇ ھەدىسىنى بۇخارى مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگە ئۈستىدە تۇرۇپ، تۆگىسى مەيلى قىبلە تەرەپكە ۋە ياكى باشقا تەرەپكە يۈزلەنسۇن، نامىزىنى ئوقىۋىرەتتى. ئەگەر پەرز ناماز، يەنى بەش ۋاق نامازنىڭ بىرى بولسا ئۇلاغدىن چۈشۈپ، قىبلىگە قاراپ ئوقۇيتتى. ئىبنى ئۆمەر رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: «رەسۇلۇللاھ پەرز نامازنى ئۇلاغ ئۈستىدە ئوقۇمىغان» دەپ كەلگەن، بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر. پەرز نامازنى زېمىن ئۈستىدە تۇرۇپ ئوقۇش كېرەك، پەقەت يامغۇر ياكى دۈشمەن قورقۇنچىسىدەك شەرئى ئۆزرىلەردە، بولۇپمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىشتىن ئەنسىرىگەندە ئۇلاغ ئۈستىدە، كېسەللىكتە كارۋات ئۈستىدە ئوقۇسا بولىدۇ، بۇنى شەرىئەتنىڭ ئاسانلاشتۇرۇش، يېنىكلىتىش، بۇ ئۈممەتتىن جاپانى كۆتۈرۋېتىشكە ئالاقىدار دەلىللەرنى تەكىتلەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ» ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ: «مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام كۈچۈڭلەرنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار» دېگەن سۆزلەر ئۇنىڭ دەلىللىرىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10643

 
Hadith   766   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كان إذا سافر فأراد أن يتطوع استقبل بناقته القبلة, فكبر، ثم صلى حيث كان وجَّهه رِكابه


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەرگە چىققان ۋاقتىدا نەپلە ناماز ئۇقۇماقچى بولسا، تۆگىسىنىڭ ئۈستىدىكى ھالەتتە قىبلىگە يۈزلىنىپ ناماز باشلايتتى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلىغى يۈزلەنگەن تەرەپگە قاراپ ناماز ئوقۇيتتى

عن أنس -رضي الله عنه-: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كان إذا سافر فَأراد أن يَتَطَوَّع استقْبَل بِنَاقَتِه القِبْلَة, فكبَّر، ثم صلَّى حيث كان وجَّهَه رِكَابُهُ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دىدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەرگە چىققان ۋاقتىدا نەپلە ناماز ئۇقۇماقچى بولسا تۆگىسىنىڭ ئۈستىدىكى ھالەتتە قىبلىگە يۈزلىنىپ ناماز باشلايتتى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلىغى يۈزلەنگەن تەرەپگە قاراپ ناماز ئوقۇيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- إذا سافر وأراد أن يصلي نافلة استقبل القِبلة بناقته عند تكبيرة الأحرام، ثم يُصلِّي حيث كانت جِهة سَفَرِه.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلغاندا نەپلە ناماز ئۇقۇماقچى بولسا تۆگىسىنى قىبلىگە يۈزلەندۈرۈپ تۇرۇپ تەكبىر ئېيتىپ نامازنى باشلايتتى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلىغى يۈزلەنگەن تەرەپگە قاراپ ناماز ئوقۇۋېرەتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10644

 
Hadith   767   الحديث
الأهمية: إذا وطئ الأذى بخفيه، فطهورهما التراب


باشتېما:

ئەگەر ئاياق بىلەن نىجاسەتكە دەسسەپ سالسا، ئۇنى توپىغا سۈركەپ پاكلىسۇن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إذا وَطِئَ الأَذَى بِخُفَّيْه، فَطَهُورُهُمَا التُّرَاب».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئاياق بىلەن نىجاسەتكە دەسسەپ سالسا، ئۇنى توپىغا سۈركەپ پاكلىسۇن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا لبِس الإنسان خُفًّا أو نَعْلا أو غيرهما مما يَستر القَدم، ثم وطِئَ نَجاسة، ثم تابع المَشْي على النَّعل أو الخُف المُتنجس في مكان طاهر، أو دَلَكه بالتُّراب فقد طهر خفاه، وجازت الصلاة بهما.
574;ەگەر بىر كىشى ئۆتۈك ياكى ئاياق ۋە ياكى قەدىمىنى يېپىپ تۇرىدىغان بىر نەرسە كېيىپ ماڭغاندا بىرەر نىجاسەتكە دەسسەپ سالسا، ئاندىن كېيىن پاك توپىلارغا دەسسەپ ماڭغان بولسا ياكى توپىغا سۈركىۋەتسە ئۇ ئاياقلىرى پاكىز بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10649

 
Hadith   768   الحديث
الأهمية: التسبيح للرجال، والتصفيق للنساء


باشتېما:

تەسبىھ ئەرلەرگە، چاۋاك ئاياللارغا خاس

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعًا: «التَّسْبِيحُ للرجال، والتَّصْفِيق للنساء».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەسبىھ ئەرلەرگە، چاۋاك ئاياللارغا خاس»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "التَّسْبِيحُ للرجال، والتَّصْفِيق للنساء"، وفي رواية لمسلم: (في الصلاة)، والمعنى: أن مَن نَابه شيء في الصلاة، يقتضي إعلامَ غيره بشيء، مِن تنبيه إمامه على خَلَلٍ في الصَّلاة، أو رؤية أعمى يقع في بئر، أو استئذان داخل، أو كون المصلِّي يريد إعلامَ غيره بأمر -فإنَّهُ في هذه الأحوال وأمثالها يُسبِّح، فيقول: "سبحان الله"؛ لإفهام ما يُريد التنبيهَ عليه، وهذا في حق الرَّجل، أما المرأة إذا نَابها شيء في صلاتها، فإنها تُصَفِّق، وكيفيته: أن تَضرب إحدى يديها بالأخرى بأي طريقة، وكل هذا إبعاد للصَّلاة عمَّا ليس منها مِنَ الأقوال؛ لأنَّهَا موضعُ مُنَاجَاة مع الله -سبحانه وتعالى-، فلمَّا دَعت الحاجةُ إلى الكلام، شُرِعَ ما هو مِن جِنْسِ أقوال الصلاة، وهو التَّسبيح.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئەرلەر تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاياللار چاۋاك چالىدۇ، مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «نامازدا» دەپ بايان قىلىنغان، ئۇنىڭ مەنىسى: نامازدا ئىمامدا كۆرۈلگەن خاتالىققا ئاگاھلاندۇرۇش، ياكى ئەما كىشىنىڭ بىر يەرگە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىش، ياكى كىرگۈچىنىڭ رۇخسەت سورىشى، ياكى ناماز ئوقۇغۇچى باشقىلارغا بىرەر ئىشنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلىشى قاتارلىق باشقىلارغا ئۇقتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىرەر ئىش يۈز بەرسە، مۇشۇنداق ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئەھۋاللاردا ئاگاھلاندۇرماقچى بولغان ئىشنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن "سۇبھانەللاھ" دەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، بۇ ئەرلەر ئۈچۈن بولىدۇ، ئەمما ئايال كىشىگە نامىزىدا بىرەر ئىش يۈز بېرىپ قالسا چاۋاك چالىدۇ، ئۇنىڭ شەكلى: قايسى شەكىلدە بولسۇن، بىر قولىنى يەنە بىر قولىغا ئۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىدۇ. مۇشۇنىڭ ھەممىسى نامازدا دېيىلمەيدىغان سۆزلەرنى نامازدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر، چۈنكى ناماز ئاللاھ تائالا بىلەن سىردىشىدىغان ئورۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، نامازدا سۆزلەشكە ئېھتىياجلىق بولغاندا، نامازدا دېيىلىدىغان سۆزلەرنى قېلىش يولغا قويۇلغان، ئۇ بولسىمۇ تەسبىھ ئېيتىشتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10652

 
Hadith   769   الحديث
الأهمية: يا جبريل إني بعثت إلى أمة أميين: منهم العجوز، والشيخ الكبير، والغلام، والجارية، والرجل الذي لم يقرأ كتابًا قط


باشتېما:

ئى جىبرىئىل! مەن ساۋاتسىز ئۈممەتكە ئەۋەتىلدىم، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاجىز، ياشانغان، قۇل، دېدەك ۋە پەقەت خەت ئوقۇپ باقمىغان كىشىلەر

عن أبي بن كعب -رضي الله عنه-، قال: لَقِيَ رسولُ الله -صلى الله عليه وسلم- جبريلَ، فقال: «يا جبريلُ إنِّي بُعِثتُ إلى أُمَّة أُمِّيِّين: منهم العجوزُ، والشيخُ الكبيرُ، والغلامُ، والجاريةُ، والرجلُ الذي لم يقرأْ كتابًا قطُّ» قال: يا محمدُ إنَّ القرآنَ أُنْزِل على سبعة أَحْرُف.

ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى جىبرىئىل بىلەن ئۇچراشقاندا: ئى جىبرىئىل! مەن ساۋاتسىز ئۈممەتكە ئەۋەتىلدىم، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاجىز، ياشانغان، قۇل، دېدەك ۋە پەقەت خەت ئوقۇپ باقمىغان كىشىلەر،- دېدى، جىبرىئىل: ئى مۇھەممەد! قۇرئان يەتتە شىۋە بىلەن چۈشۈرۈلدى،- دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لقي رسول الله صلى الله عليه وسلم جبريل فقال: يا جبريل إني بُعثت إلى أمة أميين، لا يحسنون القراءة ولو أقرأتهم على لغة واحدة لا يقدرون عليها; لأن منهم من جرى لسانه على الإمالة أو الفتح، ومنهم من يغلب على لسانه الإدغام أو الإظهار، ونحو ذلك، ومع هذا منهم المرأة العجوز والشيخ الكبير، وهما عاجزان عن التعلم للكبر، ومنهم الصبي والفتاة الصغيرة، وهما غير متمكنين من القراءة للصغر، ومنهم الرجل المتوسط الذي لم يقرأ كتابًا قط، فقال جبريل بعد أن راجعه النبي -صلى الله عليه وسلم-: «يا محمد إن القرآن أُنزل على سبعة أحرف» فليقرأ كل واحدٍ بما يسهل عليه منها، وقد اختلف العلماء في تعيين الحروف السبعة اختلافاً كثيراً، والمقصود بها -فيما يظهر والله أعلم- أوجه من أوجه لغة العرب، فالقرآن نزل على هذه الوجوه للتخفيف في أول الأمر؛ لأن العرب كانوا متفرقين وكانوا مختلفين وكانوا متنابذين وكل له لغته، ويكون عند هذه القبيلة ما ليس عند القبيلة الأخرى، ولكن لما جمع بينهما الإسلام, واتصل بعضهم ببعض, وذهب ما بينهم من العداوة والشحناء بسبب الإسلام, وعرف كل ما عند الآخرين من اللغة, قام عثمان بن عفان -رضي الله عنه- فجمع الناس على حرف واحد من الأحرف السبعة؛ وأحرق ما سوى ذلك؛ حتى لا يحصل الاختلاف.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىبرىئىل بىلەن ئۇچراشقاندا مۇنداق دېدى: ئى جىبرىئىل! مەن ساۋاتسىز ئۈممەتكە ئەۋەتىلدىم، ئۇلار خەتنى ياخشى ئوقۇيالمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا قۇرئاننى بىر شىۋىدە ئوقۇڭلار دېسەم ئوقۇيالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تىلى ئىمالە ياكى زەۋەرگە ئادەتلەنگەن، يەنە بەزىلەرنىڭ تىلى ئىدغام ياكى ئىزھارغا كۆنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قېرى موماي، بوۋايلار بار، بۇلارنىڭ تەلىم ئېلىشى قېيىن، يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك ئوغۇل-قىزلار بار، بۇلارمۇ ھەم كىچىكلىكىدىن تەلىم ئېلىشقا قادىر ئەمەس، بىر قىسىم ئوتتۇر ياش خەت ئوقۇپ باقمىغان كىشىلەرمۇ بار، دېدې، ۋە رەسۇلۇللاھ بۇنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىغاندىن كىيىن جىبرىئىل: ئى مۇھەممەد! قۇرئان يەتتە شىۋە بىلەن چۈشۈرۈلدى، ھەر بىر كىشى ئۆزىگە ئاسان شىۋە بىلەن ئوقۇسۇن، دېگەن. ئالىملار يەتتە شىۋىنى بەلگىلەشتە كۆپ بەس-مۇنازىرە قىلغان. ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىنىڭ ئەڭ كۈشلۈكى، ئۇ «ھەرىپ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ئەرەب شىۋىلىرى، دېگەن كۆز قاراش. قۇرئان كەرىم دەسلەپتە نازىل بولغاندا ئەرەبلەرگە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن بۇ شىۋىلەر بىلەن نازىل بولغان. چۈنكى ئەرەبلەر ئۆز ۋاقتىدا بىر-بىرى بىلەن جىدەل-ماجرا، تالاش-تارتىش بىلەن ئىدى، ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا شىۋە، لەھجىسى بار ئىدى، بىر قەبىلىنىڭ شىۋىسىدا بار سۆز يەنە بىرىنىڭ شىۋىسىدە يوق ئىدى. ئىسلام دىنى كېلىپ ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلىرى ياخشى بولغان، ئىسلام دىنى سەۋەپلىك ئارىدىكى ئاداۋەت، دۈشمەنلىك يوقالغان، ئۇلارنىڭ تىللىرىمۇ بىر-بىرىگە يېقىنلاشقان. شۇ ۋاقىتتا ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بارلىق ئەرەبلەرنى بىر شىۋە، بىر لەھجىگە بىرلىككە كەلتۈرگەن. قۇرئان ئوقۇشتا يەنە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولماسلىقى ئۈچۈن، قۇرەيش شىۋىسىنى ئاساس قىلىپ، قالغان بارلىق شىۋىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە باشقا شىۋىلەردە يېزىلغان ئايەتلەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10836

 
Hadith   770   الحديث
الأهمية: كان نبي الله -صلى الله عليه وسلم- إذا أنزل عليه الوحي كرب لذلك وتربد وجهه


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھيى نازىل بولغاندا قېيىنچىلىقتا بولۇپ، چىرايىمۇ ئۆزگىرەتتى

عن عبادة بن الصامت -رضي الله عنه-، قال: «كان نبيُّ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- إذا أُنْزِلَ عليه الوحيُ كُرِبَ لذلك وتَرَبَّدَ وجهُه».

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھيى نازىل بولغاندا قېيىنچىلىقتا بولۇپ، چىرايىمۇ ئۆزگىرەتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- إذا نزل عليه الوحي أصابه الكرب والشدة لذلك وتغير وجهه؛ لثقل نزول الوحي وصعوبة حصوله، وقد كان -صلى الله عليه وسلم- يهتم بأمر الوحي أشد الاهتمام، ويهاب مما يطالَب به من حقوق العبودية والقيام بشكر الله -تعالى- ويعظم أمر الله -تعالى وخبره.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھيى نازىل بولغاندا قېيىنچىلىق ۋە جاپا تارتىپ، چىرايىمۇ ئۆزگىرەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەھيىنىڭ ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى، بەندىلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئادا قىلىش، ئاللاھ تائالاغا لايىقىدا شۈكۈر ئېيتىشتەك ئىشلاردىن ئەنسىرەيتى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە خەۋىرىنى ئۇلۇغ بىلەتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10841

 
Hadith   771   الحديث
الأهمية: اغسل الطيب الذي بك ثلاث مرات، وانزع عنك الجبة، واصنع في عمرتك كما تصنع في حجتك


باشتېما:

خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتكىن، چاپىنىڭنى سېلىۋەتكىن، ئۆمرە قىلغاندا ھەجدە قىلغانغا ئوخشاش پائالىيەت قىلغىن

عن صفوان بن يَعْلَى: أنَّ يَعْلَى قال لعمر -رضي الله عنه-: أَرِني النبيَّ -صلى الله عليه وسلم- حِين يُوحَى إليه، قال: «فبيْنَما النبي -صلى الله عليه وسلم- بالجِعِرَّانة، ومعه نَفَرٌ من أصحابه، جاءه رجل فقال: يا رسول الله، كيف ترى في رجل أحْرَم بعمرة، وهو مُتَضَمِّخٌ بطِيب, فسكت النبيُّ -صلى الله عليه وسلم- ساعة، فجاءه الوحْي، فأشار عمر -رضي الله عنه- إلى يَعْلَى، فجاء يَعْلَى وعلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ثوْب قد أُظِلَّ به، فأَدخَل رأسه، فإذا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- مُحْمَرُّ الوجه، وهو يَغِطُّ، ثم سُرِّيَ عنه، فقال: «أين الذي سأل عن العمرة؟» فأُتي برجل، فقال: «اغسل الطِّيبَ الذي بِكَ ثلاث مرات، وانزِعْ عنك الجُبَّة، واصنع في عُمرتك كما تصنعُ في حَجَّتك» قلت لعطاء: أراد الإنقاء حين أمره أن يغسل ثلاث مرات؟ قال: «نعم».

سەپۋان ئىبنى يەئلادىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، يەئلا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ماڭا ئۇنىڭغا ۋەھىي چۈشىۋاتقان ۋاقىتتا كۆرسەتكىن دېدى، راۋى دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەئرانە دېگەن جايدا بولغاندا ئەتراپىدا ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ساھابىلار بار ئىدى، بىر ئادەم كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىر كىشى ئۆمرىگە ئېھرام كېيىپ، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن بولسا، سىلىچە قانداق بولىدۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەلۇم ۋاقىت جىم تۇردى، ئۇنىڭغا ۋەھىي كەلدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەئلاغا ئىشارەت قىلدى، يەئلە كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كېيىم بىلەن سايىدىتىلغان ئىدى، يەئلا كىيىمنىڭ ئېچىگە بېشىنى كىرگۈزۈپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزلىرى قىزارغان، ئېغىر تىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ۋەھىي چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۆمرە توغرىسىدا سورىغان كىشى قېنى؟دېدى ئۇ كىشى كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتكىن، چاپىنىڭنى سېلىۋەتكىن، ئۆمرە قىلغاندا ھەجدە قىلغانغا ئوخشاش پائالىيەت قىلغىن» دېدى، مەن ئەتاغا: ئۇ كىشىنى ئۈچ قېتىم يۇيۇشقا بۇيرىغاندا پاكىزە بولۇشنى مەقسەت قىلغانمۇ؟ دېسەم، ھەئە دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال يعلى بن أمية لعمر-رضي الله عنهما-: أخبرني عن النبي -صلى الله عليه وسلم- إذا جاءه الوحي لأراه في أثناء ذلك وأتعرف على كيفية نزوله عليه. فبينما النبي -صلى الله عليه وسلم- بالجعرانة -وهو موضع بين مكة والطائف، يحرم منه مريد العمرة لمن كان بمكة- إذ جاءه رجل فأخبره أنه أحرم بعمرة وهو متلطخ بالطيب في ثوبه وبدنه فماذا يفعل؟ فسكت النبي -صلى الله عليه وسلم- عن إجابته، ولم يجبه فورًا بعد سؤاله، فجاءه الوحي فأشار عمر بيده ليعلى لكي يحضر عند النبي -صلى الله عليه وسلم- ويرى كيفية نزول الوحي عليه، فجاء يعلى وكان على رأس رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ثوب قد أُظِل به، فأدخل رأسه من تحت الثوب، فرأى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- محمر الوجه، تتردد أنفاسه بصوت مسموع، ثم انقطع عنه نزول الوحي فهدأت نفسه. فقال للرجل: كرر غسل الطيب الذي بك ثلاث مرات، فأمره بإزالة أثر الطيب عن بدنه وثوبه، وأمره بخلع الجبة لأنها مخيط، وأن يصنع في عمرته كما يصنع في حجته من اجتناب الطيب وغيره؛ لأن محظورات الحج والعمرة واحدة.
610;ەئلا ئىبنى ئۇمەييە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلگەندە ماڭا خەۋەر قىلغىن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ۋەھىي چۈشۈۋاتقان ۋاقىتتا كۆرۈشنى ۋە ۋەھىينىڭ قانداق چۈشىدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككە بىلەن تائىپ ئارىسىدىكى مەككە ئەھلى ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغاندا ئېھرام كىيىدىغان جەئرانە دېگەن جايدا تۇرغان ۋاقتىدا بىر كىشى كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئېھرام كىيگەنلىكىنى، كىيىمى ۋە بەدىنىگە خۇشپۇراق نەرسىلەرنى سۈرتكەنلىكىنى ئەمدى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سوئالنى سورىغاندىن كېيىن دەرھال جاۋاپ بەرمەي بىرئاز جىم تۇردى، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي نازىل بولدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەئلاغا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ۋەھىينىڭ قانداق چۈشىدىغانلىقىنى كۆرگىن دەپ ئىشارەت قىلدى، يەئلا كەلگەن ۋاقتىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بېشى ئۇنىڭغا سايە چۈشۈرۈش ئۈچۈن دالدا قىلغان بىر كىيىمنىڭ ئېچىدە ئىدى، يەئلا كىيىمنىڭ ئاستىدىن بېشىنى كىرگۈزدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى يۈزى قىزارغان، تىز-تىز نەپەس ئېلىپ ھاسىراۋاتقان ھالەتتە كۆردى، ئاندىن ۋەھىي ئۈزۈلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تىنچلاندى، سوئال سورىغان ئادەمگە: «سۈرتكەن خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋېتىشنى، كىيىمى ۋە بەدىنىدىكى خۇشبۇي نەرسىلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى، ئۇچىسىغا كەيگەن كىيىمىنى سېلىۋېتىشنى، ھەجدە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن چەكلەنگەنگە ئوخشاش ئۆمرىدىمۇ شۇنداق قىلىشنى» بۇيرىدى، چۈنكى ھەج بىلەن ئۆمرىنىڭ چەكلىمىلىرى ئوخشاشتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10844

 
Hadith   772   الحديث
الأهمية: لا تكتبوا عني، ومن كتب عني غير القرآن فليمحه، وحدثوا عني ولا حرج، ومن كذب علي متعمدًا فليتبوأ مقعده من النار


باشتېما:

مەن سۆزلىگەن سۆزلەرنى يازماڭلار، كىمكى مەندىن قۇرئان ئايىتىدىن باشقا سۆزلەرنى يازغان بولسا ئۇنى ئۆچۈرىۋەتسۇن. مەن سۆزلىگەن ھەدىسلەرنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرسەڭلار گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى مەندىن قەستەن يالغاننى سۆزلەيدىكەن، دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلىسۇن

عن أبي سعيد الخدري أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «لا تكتبوا عني، ومَن كتب عني غيرَ القرآن فَلْيَمْحُه، وحدِّثوا عنِّي ولا حَرَج، ومَن كذب عليَّ -قال همام: أحسِبه قال: مُتعمِّدًا- فَلْيَتَبوَّأ مَقْعَدَه مِن النار».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سۆزلىگەن سۆزلەرنى يازماڭلار، كىمكى مەندىن قۇرئان ئايىتىدىن باشقا سۆزلەرنى يازغان بولسا ئۇنى ئۆچۈرىۋەتسۇن، مەن سۆزلىگەن ھەدىسلەرنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرسەڭلار گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى مەندىن قەستەن يالغاننى سۆزلەيدىكەن، دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلىسۇن» ھەدىس راۋىلىرىدىن بىرى بولغان ھەممام ئىبنى مۇنەببىھ قەستەن يالغان سۆزلىگەن بولسا دېدىمىكى دەپ ئويلايمەن دەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نهى النبي -صلى الله عليه وسلم- أصحابه أن يكتبوا عنه شيئًا، ومن كتب عنه شيئًا غير القرآن فليمحه، ثم أذن لهم أن يحدثوا عنه ولا إثم عليهم في ذلك، شريطة أن يتحروا الصدق فيما ينقلونه عنه -صلى الله عليه وسلم-، وحذرهم بأن من كذب عليه متعمدًا فجزاؤه نار جهنم.
والنهي عن كتابة الحديث منسوخ؛ وذلك أنه -صلى الله عليه وسلم- نهى عنه في أول الأمر, فلأن الأحاديث تكثر وقد يفوت الحفظ شيئًا منها أجاز الكتابة, وقد قال -صلى الله عليه وسلم- في خطبته: «اكتبوا لأبى شاه» لما استكتبه، وجاء عنه -صلى الله عليه وسلم- أنه أذن لعبد الله بن عمرو في الكتابة, وقد أمر -صلى الله عليه وسلم- أمته بالتبليغ، فإذا لم يُكتب ذهب العلم, وقيل: إن هذا النهي إنما هو لكتابة الحديث مع القرآن فى صحيفة واحدة لئلا يختلط به، فيشتبه على القارئ, وقيل: إنّه خاصّ بوقت نزول القرآن خشية التباسه بغيره, ثم أذن فيه بعد ذلك.
والاحتمال الأول وهو النسخ أقرب.
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئۆزى سۆزلىگەن نەرسىلەرنى يېزىشتىن چەكلىگەن، قۇرئاندىن باشقا نەرسىلەرنى يازغان بولسا ئۆچۈرۈۋېتىشكە بۇيرىغان، ئاندىن ئۇلارغا ئۆزىدىن ھەدىس بايان قىلىشقا رۇخسەت قىلغان، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلغاندا سەھىھ بولغان ھەدىسلەرنى تاللاپ يەتكۈزسە گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى شەرت قىلغان، ئۇلارنى ئۆزىگە قەستەن يالغان سۆزلەشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ بۇنىڭ جازاسىنىڭ جەھەننەمدە كۆيۈش بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن، ھەدىسنى يېزىشتىن چەكلىگەن چەكلىمە كېيىن ئەمەلدىن قالغان، ئۇنداق بولىشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ ئەۋۋىلىدە ھەدىسنى يېزىشتىن چەكلىگەن، ھەدىس كۆپ بولۇپ ئۇنىڭ بەزىسىنى ياد قىلىپ بولالمايدىغان بولغاندا يېزىشقا رۇخسەت قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن:«ئەبۇ شاھقا يېزىپ بېرىڭلار» چۈنكى ئۇ كىشى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈنمۇ يېزىشقا رۇخسەت قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئۆزىدىن ھەدىسنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان، ئەگەر يازمىسا ئىلىم كېتىپ قالاتتى. بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ھەدىسنى يېزىشتىن چەكلەشتىكى مەقسەت بولسا، ھەدىسنى قۇرئان بىلەن بىر ۋاراقچىغا يازسا قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ ئارىلىشىپ كېتىپ، كېيىن ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتۇر. بەزى ئۆلىمالار: چەكلىمە قۇرئان نازىل بولىۋاتقان دەۋرىگە خاس، قۇرئاننىڭ باشقا سۆزلەرگە ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن چەكلىگەن، كېيىن رۇخسەت قىلغان دەيدۇ، بىرىنچى ئېھتىماللىق؛ چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا يېقىنراقتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10849

 
Hadith   773   الحديث
الأهمية: بئس ما لأحدهم أن يقول نسيت آية كيت وكيت، بل نسي واستذكروا القرآن، فإنه أشد تفصِّيًا من صدور الرجال من النعم


باشتېما:

بىراۋنىڭ «پالانى-پالانى ئايەتنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم» دېيىشى نېمىدېگەن يامان؟! ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنتۇلدۇرۇلغان، شۇڭا قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىىدىن چارۋىلار باغلاقتىن قاچقاندىنمۇ تىز قاچىدۇ

عن عبد الله بن مسعود -رضي الله عنه- قال: قال النبي -صلى الله عليه وسلم-: «بِئْسَ ما لأحَدِهم أنْ يقول نَسِيتُ آيةَ كَيْتَ وكَيْتَ، بل نُسِّيَ، واستذكِروا القرآن، فإنه أشدُّ تَفَصِّيًا مِن صدور الرِّجال من النَّعَم».

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بىراۋنىڭ پالانى-پالانى ئايەتنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم، دېيىشى نېمىدېگەن يامان؟! ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنتۇلدۇرۇلغان. شۇڭا قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىىدىن تۆگە باغلاقتىن قاچقاندىنمۇ تىز قاچىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث ذم النبي -صلى الله عليه وسلم- الذي يقول: نسيت آية كذا وكذا؛ لأن ذلك يُشعر بالتساهل في القرآن والتغافل عنه، ولكنه «نُسِّيَ» أي: عوقب بوقوع النسيان عليه لتفريطه في معاهدته واستذكاره, ثم أمر النبي -صلى الله عليه وسلم- بالمواظبة على تلاوة القرآن واستذكاره ومدارسته، فهو أشد انفلاتًا من الصدور من الإبل, وخص الإبل بالذكر لأنه أشد الحيوانات الإنسية نفورًا، وفي تحصيل الإبل بعد استمكان نفورها صعوبة.
576;ۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ «پالانى ۋە پالانى ئايەتلەرنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم» دېگەن كىشىنى سۆككەنلىكى بايان قىلىنغان، چۈنكى بۇ ئىش قۇرئان كەرىمگە سەل قاراپ، ئۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ كىشى قۇرئانغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، تەكرارلاشقا سۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنتۇلدۇرۇلۇش بىلەن جازالاندى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرئاننى ئىزچىل تىلاۋەت قىلىشقا، تەكرارلاشقا، دەرسلىك قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىدى. ئۇ: «قۇرئان كەرىم كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن تۆگە قاچقاندىنمۇ بەك قاچىدۇ» دېدى، تۆگە ھايۋانلار ئىچىدە قاچقاق، قېچىپ كەتكەندە ئۇنى تۇتۇپ كېلىش قېيىن ھايۋان بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10850

 
Hadith   774   الحديث
الأهمية: اقرؤوا القرآن ما ائتلفت قلوبكم، فإذا اختلفتم فقوموا عنه


باشتېما:

قۇرئان كەرىمنى قەلبىڭلار مايىل بولغاندا ئوقۇڭلار، قەلبىڭلار مايىل بولمىغاندا قۇرئان ئوقۇشتىن تۇرۇپ كىتىڭلار

عن جندب بن عبد الله -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «اقرؤوا القرآنَ ما ائْتَلَفت قلوبُكم، فإذا اختلفْتُم فقوموا عنه».

جۇندۇپ ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىمنى قەلبىڭلار مايىل بولغاندا ئوقۇڭلار، قەلبىڭلار مايىل بولمىغاندا (يەنى چۈشىنىشتە ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار) قۇرئان ئوقۇشتىن تۇرۇپ كىتىڭلار»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: اقرؤوا القرآن ما دامت قلوبكم مجتمعة عليه، فإذا اختلفتم في فهم معانيه فتفرقوا عنه؛ لئلا يتمادى بكم الاختلاف إلى الشر, ويحتمل أن يكون المعنى: تمسكوا بالمحكم منه، فإذا عرض المتشابه الذي هو موجب للاختلاف فأعرضوا عن الخوض فيه، كما يحتمل أن يكون المراد: الأمر بالقراءة ما دامت القلوب مقبلة، فإذا سئمت وملت تركت إلى وقت النشاط والإقبال، كما وقع مع الأمر بنظير ذلك في الصلاة.
والاحتمال الأول أقرب.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: قەلبىڭلار قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈش ۋە ئوقۇشقا مايىل بولغاندا ئوقۇڭلار، قەلبىڭلار قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈش ۋە ئوقۇشقا مايىل بولمىغان ۋاقىتتا، مايىل بولماسلىقنىڭ يامانلىققا ئېلىپ بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇشتىن تۇرۇپ كىتىڭلار، بۇنىڭ بىر مەنىسى: قۇرئان كەرىمدىن ھۆكمى ئېنىق بولغان ئايەتلەرگە چىڭ ئېسىلىڭلار، ئىختىلاپقا ئېلىپ بارىدىغان مۇتەشابىھ ئايەتلىرى كەلسە، ئۇنىڭغا چوڭقۇر چۆكۈشتىن يېراق بولۇڭلار دېگەن بولىدۇ. يەنە بىر مەنىسى: قەلبىڭلار قۇرئان ئوقۇشقا يۈزلەنگەندە ئوقۇڭلار، زېرىكىش ۋە مايىل بولماسلىق ھالەتلىرى بولۇپ قالسا، تۇرۇپ كېتىپ جۇشقۇن ۋە قەلبىڭلار مايىل بولغاندا ئوقۇشقا يۈزلىنىڭلار دېگەن بولىدۇ. نامازدىمۇ ئىش مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ، دەسلەپكى مەنىسىنىڭ توغرا بولۇش ئىھتىمالغا يىقىندۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10852

 
Hadith   775   الحديث
الأهمية: بهذا أمرتم؟ أو بهذا بعثتم؟ أن تضربوا كتاب الله بعضه ببعض؟ إنما ضلت الأمم قبلكم في مثل هذا، إنكم لستم مما هاهنا في شيء، انظروا الذي أمرتم به، فاعملوا به، والذي نهيتم عنه، فانتهوا


باشتېما:

مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇڭلىمۇ؟ ياكى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتىلدىڭلىمۇ؟ ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سوقۇشتۇرامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر مۇشۇنداق ئېزىپ كەتكەن، سىلەر بۇ يەردىكىلەردىن ھېچنىمىدە يوق، بۇيرۇلغان ئىشقا قاراپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار، چەكلەنگىنىڭلاردىن يېنىڭلار

عن عبد الله بن عمرو -رضي الله عنهما-: أنَّ نَفَرًا كانوا جُلوسًا بباب النبي -صلى الله عليه وسلم-، فقال بعضُهم: ألم يَقُلِ اللهُ كذا وكذا؟ وقال بعضُهم: ألم يَقُلِ اللهُ كذا وكذا؟ فسمِعَ ذلك رسولُ الله -صلى الله عليه وسلم-، فخرج كأنَّما فُقِئَ في وجهِه حَبُّ الرُّمَّان، فقال: «بهذا أُمِرْتُم؟ أو بهذا بُعِثْتم؟ أنْ تَضْربُوا كتابَ اللهِ بعضَه ببعض؟ إنَّما ضَلَّتِ الأُمَمُ قبلكم في مثل هذا، إنَّكم لستُم ممَّا هاهنا في شيء، انظروا الذي أُمِرتم به، فاعملوا به، والذي نُهِيتُم عنه، فانتهوا».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر توپ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكى يېنىدا ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى: ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق، مۇنداق دېمىدىمۇ؟ دېسە، يەنە بەزىلىرى: ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق، مۇنداق دېمىدىمۇ؟ دەپ ئۇلارغا رەددىيە بېرەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ سىرتقا چىقتى، چىرايى ئانار دانچىسىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇلارغا: «سىلەر مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇڭلىمۇ؟، ياكى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتىلدىڭلىمۇ؟، ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سوقۇشتۇرامسىلەر؟، سىلەردىن ئىلگىركى ئۇممەتلەر مۇشۇنداق ئېزىپ كەتكەن، سىلەر بۇ يەردىكىلەردىن ھېچنىمىدە ئەمەس، بۇيرۇلغان ئىشقا قاراپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار، چەكلەنگىنىڭلاردىن يېنىڭلار» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان جماعة من الصحابة جالسين عند باب النبي -صلى الله عليه وسلم-، فاختلفوا في مسألة، وفي بعض الروايات أنهم اختلفوا في القدر، فجعل بعضهم يستدل على قوله بآية من كتاب الله، وجعل الآخرون يستدلون بآية من كتاب الله، فسمع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ذلك, فخرج عليهم وقد غضب واحمر وجهه احمرارًا شديدًا, كأنما عُصِر حب الرمان في وجهه -صلى الله عليه وسلم-، وقال لهم: هذا الاختلاف والجدال والتنازع في القرآن ومعارضة القرآن بعضه ببعض، هل هو المقصود من خلقكم؟ أو هو الذي أمركم الله به؟ يريد أنه ليس بشيء من الأمرين، فليس هناك حاجة إليه، وأخبرهم أن سبب ضلال الأمم قبلهم في مثل هذا الأمر، ثم أرشدهم إلى ما فيه صلاحهم ونفعهم فقال: ما أمركم الله به فافعلوه وما نهاكم عنه فانتهوا عنه، هذا هو الذي خُلقتم من أجله، وهذا الذي فيه نفعكم وصلاحكم.
587;اھابىلاردىن بىر جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، بىر مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالدى، بەزى رىۋايەتتە ئۇلار تەقدىر توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى دېيىلگەن، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئايەت بىلەن دەلىللىدى، باشقىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئايەت بىلەن دەلىللىدى، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېرتقا چىقتى، غەزەبلەنگەنلىكتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى قېزىرىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى ئۇنىڭ چىرايى ئانارنىڭ دانچىسىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇلارغا: «سىلەرنى يارىتىشتىكى مەقسەت قۇرئاننى بىر-بىرىگە قارشىلاشتۇرۇش، قۇرئان ئايەتلىرىدە تالاش-تارتىش، جىدەل ۋە ئىختىلاپ قىلىشمۇ؟، ئاللاھ سىلەرنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟، بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھىچبىرى يوق، ھەم بۇنىڭغا ئىھتىياجمۇ يوق دەپ، ئاندىن ئۇلارغا: ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ ئېزىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇنداق ئىشلار ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى ۋە ئۇلارنى ئۆزىلىرىگە پايدىسى بار، مەنپەئەتلىك ئىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ سىلەرنى قىلىشقا بۇيرىغان ئىشنى قىلىڭلار، سىلەرنى چەكلىگەن ئىشتىن يېنىڭلار، سىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان، بۇ سىلەرگە پايدىسى ۋە مەنپەئەتى بار ئىش» دېدى   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10853

 
Hadith   776   الحديث
الأهمية: إذا صلى أحدكم إلى شيء يستره من الناس، فأراد أحد أن يجتاز بين يديه، فليدفعه فإن أبى فليقاتله؛ فإنما هو شيطان


باشتېما:

سىلەرنىڭ بىرىڭلار كىشىلەرنى توسۇپ تۇرىدىغان بىر نەرسىنى سەتىر قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا بىرەر كىشى سەتىر بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدىن مېڭىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنى ئۆتكۈزمەستىن ئېتىرىۋەتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن، شۈبھىسىزكى ئۇ شەيتاندۇر

عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه مرفوعًا: «إذا صلَّى أَحَدُكُم إلى شيء يَسْتُرُهُ مِنَ النَّاس، فأَرَاد أحَد أن يَجْتَازَ بين يديه، فَلْيَدْفَعْهُ، فإن أبى فَلْيُقَاتِلْهُ؛ فإنما هو شيطان».
وفي رواية: «إذا كان    أَحَدُكُمْ يُصَلِّي فلا يَدَعْ أحدا يمُرُّ بين يديه، فإنْ أبى فَلْيُقَاتِلْهُ؛ فإن معه القَرِينَ».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار كىشىلەرنى توسۇپ تۇرىدىغان بىر نەرسىنى سەتىر قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا بىرەر كىشى سەتىر بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدىن مېڭىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇكىشىنى ئۆتكۈزمەستىن ئېتىرىۋەتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن، شۈبھىسىزكى ئۇ شەيتاندۇر. يەنە بىر رىۋايەتتە: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئالدىدىن بىرەر كىشىنى ئۆتكىلى قويمىسۇن، ئەگەر ئۇنىمىسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن شەيتان بىرگىدۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا دخلَ المصلي في صلاته، وقد وضع أمامه سترة؛ لتستره من الناس، حتى لا ينقصوا صلاته بمرورهم بين يديه، وأقبل يناجي ربه، فأراد أحد أن يجتاز بين يديه، فليدفع بالأسهل فالأسهل، فإن لم يندفع بسهولة ويسر؛ فقد أسقط حرمته، وأصبح معتدياً، ويجوز وقف عدوانه بالمقاتلة بدفعه باليد؛ فإن عمله هذا من أعمال الشياطين، الذين يريدون إفساد عبادات الناس، والتلبيس عليهم في صلاتهم.
606;امازخان نامازغا تۇرغاندا كىشىلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نامىزىنىڭ ساۋابىنىڭ كەمىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر نەرسىنى سەتىر قىلىپ ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىشقا يۈزلەنگەن بولسا، كىشىلەردىن بىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشنى مەقسەت قىلسا مۇلايىملىق بىلەن ئۇ كىشىنى ئېتىرىۋىتىپ ئالدىدىن ئۆتكۈزمىسۇن، ئەگەر ئۇ ئۇنىماستىن ئۆتۈشكە تەمشەلسە، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى يوقىتىپ، ھەددىدىن ئاشقۇچى بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى قول بىلەن قاتتىق ئېتىرىپ توسۇش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ بۇ قىلمىشى كىشىلەرنىڭ ئىبادەتلىرىنى بۇزۇشنى، ئۇلارنىڭ نامازلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋىتىشنى مەقسەت قىلىدىغان شەيتاننىڭ ئىشىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10871

 
Hadith   777   الحديث
الأهمية: نهى النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يصلي الرجل مختصرا


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇغۇچىلارنى نامازدا قولىنى بىلىگە قويۇپ تۇرۇشتىن چەكلىگەن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-، قال: «نهى النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يصلي الرَّجُلُ مُخْتَصِرًا».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ناماز ئوقۇغۇچىلارنى نامازدا قولىنى بىلىگە قويۇپ تۇرۇشتىن چەكلىگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نهى النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يصلي المرء وهو جاعل يده على خاصرته.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇغۇچى كىشىنى نامازدا قولىنى بىلىگە قويۇپ تۇرۇشتىن چەكلىگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10874

 
Hadith   778   الحديث
الأهمية: أميطي عنا قرامك هذا، فإنه لا تزال تصاويره تعرض في صلاتي


باشتېما:

بۇ پەردىڭىزنى ئېلىۋېتىڭ, ئۇنىڭدىكى سۈرەتلەر نامازدا دېققىتىمنى چېچىۋاتىدۇ

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- قال: كان قِرَام لعائشة سَترت به جانب بَيتها، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: «أَمِيطِي عنَّا قِرَامَكِ هذا، فإنه لا تَزال تصاوِيُره تَعْرِض في صلاتي».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىنىڭ بىر تەرىپىگە تارتىدىغان بىر پەردىسى بار ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بۇ پەردىڭىزنى ئېلىۋېتىڭ، ئۇنىڭدىكى سۈرەتلەر نامازدا مېنىڭ دېققىتىمنى چېچىۋاتىدۇ» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان لعائشة -رضي الله عنها- ثوب رقيق من صُوف ذِي ألوان ونُقوش, تستر به فَتحة كانت في حُجرتها, فأمرها النبي -صلى الله عليه وسلم- بإزالته ووضّح لها سبب ذلك وأن نقوشه وألوانه لا تزال تظهر أمام عينيه في الصلاة فخاف أن تشغله عن كَمَال حضُور القلب في الصلاة، وتَدَبّر أذكارها وتلاوتها ومَقَاصِدها من الانقياد والخضوع لله -تعالى-.
574;ائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھوجرىسىنىڭ پەنجىرسىنى ياپىدىغان رەڭلىك، كەشتىلەنگەن نىپىز بىر يۇڭ پەردىسى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەنى ئۇنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇپ، ئۇ پەردىنىڭ رەڭلىرى ۋە نەقىشلىرى نامازدا رەسۇلۇللاھنىڭ كۆز ئالدىغا كىلىۋىلىپ، نامازدا تولۇق كۆڭلىنى قويىشىغا، زىكىرلىرىنىڭ، تىلاۋىتىنىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىغا ۋە نامازنىڭ بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش غايىلىرىغا تەسىر يەتكۈزىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۇنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10881

 
Hadith   779   الحديث
الأهمية: أولئك قوم إذا مات فيهم العبد الصالح، أو الرجل الصالح، بنوا على قبره مسجدا، وصوروا فيه تلك الصور، أولئك شرار الخلق عند الله


باشتېما:

ئاشۇلار ئۆزئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى سىلەر كۆرگەن ئاشۇ سۈرەتلەردەك مەسچىتكە سىزىپ قوياتتى، ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدۇر

عن عائشة - رضي الله عنها-، أن أمَّ سَلَمَة، ذَكَرَت لرسول الله -صلى الله عليه وسلم- كَنِيسة رأتْهَا بأرض الحَبَشَةِ يُقال لها مَارِيَة، فذَكَرت له ما رأَت فيها من الصُّور، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «أولئِكِ قوم إذا مات فيهم العَبد الصالح، أو الرُّجل الصَّالح، بَنُوا على قَبره مسجدا، وصَوَّرُوا فيه تلك الصِّور، أولئِكِ شِرَار الخَلْق عند الله».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندا كۆرگەن مارىيە ئىسىملىك بىر چېركاۋنى تىلغا ئېلىپ ئۇ چېركاۋدا ئۆزى كۆرگەن سۈرەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسۋىرلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇلار ئۆزئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى سىلەر كۆرگەن ئاشۇ سۈرەتلەردەك مەسچىتكە چۈشۈرۈپ قوياتتى، ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
تخبر عائشة -رضي الله عنها- أن أمَّ سَلَمَة -رضي الله عنها- لما كانت بأرض الحَبَشة رأت كَنِيسة فيها صور، فَذَكرت له -صلى الله عليه وسلم- ما رأَت    فيها من حسن الزخرفة والتصاوير؛ تعجبًا من ذلك، ومن أجل عظم هذا وخطره على التوحيد؛ رفع النبي -صلى الله عليه وسلم- رأسه، وبيّن لهم أسباب وضع هذه الصور؛ لتحذير أمته مما فعل أولئك، وقال: إن هؤلاء الذين تذكرين كانوا إذا مات فيهم الرجل الصالح بنوا على قبره مسجدًا يصلون فيه، وصورُوا تلك الصور، وبيَّن أن فاعل ذلك شر الخلق عند الله -تعالى-؛ لأن فعله يؤدي إلى الشرك بالله -تعالى-.
574;ائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەبەشىستان زېمىنىغا ھىجرەت قىلىپ بارغاندا رەسىملەر بىلەن بىزەلگەن بىر چىركاۋنى كۆرگەن، ئۇنىڭدىكى تام سۈرەتلەردىن ۋە بىزەكلەردىن ھەيران قېلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەسلەپ بەرگەن ۋە بۇ ئىشلارنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسىگە زىيىنى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنداق ئىشلاردىن مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ سۈرەتلەرنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، بېشىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا مۇنداق دېگەن: ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ياخشى كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا مەسچىت سېلىپ ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن تام رەسىمى قىلىپ سىزىۋالاتتى. بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ناچار ئىنسانلاردۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇ قىلمىشلىرى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10887

 
Hadith   780   الحديث
الأهمية: بعث رسول الله -صلى الله عليه وسلم- خيلًا قِبَل نجد، فجاءت برجل من بني حنيفة يقال له: ثمامة بن أثال، سيد أهل اليمامة، فربطوه بسارية من سواري المسجد


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەجدە تەرەپكە ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇلار قايتىشىدا يەمامە ئەھلىنىڭ كاتىۋىشى بەنى ھەنىيفە قەبىلىسىدىن بولغان سۇمامە ئىبنى ئاسالنى تۇتىۋىلىپ، مەسچىتنىڭ تۈرۈكلىرىنىڭ بىرىگە باغلاپ قويدى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-، قال: بعث رسول الله -صلى الله عليه وسلم- خيلا قِبَلَ نَجْدٍ، فجاءت برجل من بني حَنِيفة يُقَالُ لَهُ: ثُمَامَةُ بْنُ أُثَالٍ، سَيِّدُ أَهْلِ اليَمَامَةِ، فَرَبَطُوهُ بِسَارِيَةٍ مِنْ سَوَارِي المسجد، فخرج إليه رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فقال: «مَاذَا عِنْدَك يا ثمامة؟» فقال: عندي يا محمد خير، إِنْ تَقْتُلْ تَقْتُل ذَا دَمٍ، وَإِنْ تُنْعِمْ تُنْعِمْ عَلَى شَاكِر، وإن كنت تريد المال فَسَلْ تُعْطَ مِنْهُ مَا شِئْتَ، فَتَرَكَهُ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- حتى كان بعد الغد، فقال: «ما عندك يا ثمامة؟» قال: ما قلت لك، إن تنعم تنعم على شاكر، وإن تقتل تقتل ذا دم، وإن كنت تريد المال فسل تعط منه ما شئت، فتركه رسول الله -صلى الله عليه وسلم- حتى كان من الغد، فقال: «ماذا عندك يا ثمامة؟» فقال: عندي ما قلت لك، إن تنعم تنعم على شاكر، وإن تقتل تقتل ذا دم، وإن كنت تريد المال فسل تعط منه ما شئت، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «أَطْلِقُوا ثمامة»، فَانْطَلَقَ إِلَى نَخْلٍ قَرِيبٍ مِنَ المَسْجِدِ، فاغتسل، ثم دخل المسجد، فقال: أشهد أن لا إله إلا الله، وأشهد أن محمدا عبده ورسوله، يا محمد، والله، مَا كَانَ عَلَى الْأَرْضِ وَجْهٌ أَبْغَضَ إِلَيَّ مِنْ وَجْهِكَ، فَقَدْ أَصْبَحَ وَجْهُكَ أَحَبَّ الْوُجُوهِ كُلِّهَا إِلَيَّ، والله، ما كان مِن دِين أبغَضَ إليَّ مِن دِينَك، فأصبح دينُك أحبَّ الدِّين كُلِّه إليَّ، والله، ما كان من بلد أبغض إلي من بلدك، فأصبح بلدُك أحبَّ البلاد كلها إليَّ، وإنَّ خَيلَك أخَذَتنِي وأنا أُرِيد العمرة فمَاذَا تَرَى؟ فبشَّره رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وأمره أن يَعْتَمِر، فلمَّا قدِم مكَّة قال له قائل: أصَبَوْت، فقال: لا، ولكنَّي أسْلَمت مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، ولا والله، لا يأتِيكم مِن اليمامة حبة حنطة حتىَّ يأْذَنَ فيها رسول الله -صلى الله عليه وسلم-.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەجدە تەرەپكە ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇلار قايتىشىدا يەمامە ئەھلىنىڭ كاتتىۋېشى بەنى ھەنىيفە قەبىلىسىدىن بولغان سۇمامە ئىبنى ئاسالنى تۇتۇۋېلىپ، مەسچىتنىڭ تۈرۈكلىرىنىڭ بىرىگە باغلاپ قويدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قېشىغا چېقىپ: ئى سۇمامە! سەن مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: ئى مۇھەممەد! مەن سېنى ياخشىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ، قىساس تەلەپ قىلىنىدىغان كىشىنى ئۆلتۈرىسەن، ئەگەر ياخشىلىق قىلىپ قويۇپ بەرسەڭ ياخشىلىقىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ، ئەگەر مال تەلەپ قىلماقچى بولساڭ سورىغىن نېمىنى خالىساڭ شۇ بېرىلىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە قويۇپ چېقىپ كەتتى، ئەتىسى ئۇنىڭ قېشىغا چېقىپ: ئى سۇمامە! سەن مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: مەن ساڭا ئېيتقان: ئەگەر ياخشىلىق قىلىپ قويۇپ بەرسەڭ ياخشىلىقىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ، قىساس تەلەپ قىلىنىدىغان كىشىنى ئۆلتۈرىسەن، ئەگەر مال تەلەپ قىلماقچى بولساڭ سورىغىن نېمىنى خالىساڭ شۇ بېرىلىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە قويۇپ چېقىپ كەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە ئەتىسى ئۇنىڭ قېشىغا چېقىپ: ئى سۇمامە! سەن مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: مەن ساڭا ئېيتقان: ئەگەر ياخشىلىق قىلىپ قويۇپ بەرسەڭ ياخشىلىقىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ، قىساس تەلەپ قىلىنىدىغان كىشىنى ئۆلتۈرىسەن، ئەگەر مال تەلەپ قىلماقچى بولساڭ سورىغىن نېمىنى خالىساڭ شۇ بېرىلىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سۇمامەنى قويۇپ بىرىڭلار دېدى، سۇمامە مەسچىتكە يېقىن جايدىكى خورمىلىققا بېرىپ يۇيۇنۇپ ئاندىن مەسچىتكە كېرىپ: ھەقىقەتەن ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، ئى مۇھەممەد! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، زېمىن يۈزىدە ماڭا سېنىڭدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان كىشى يوق ئىدى، ھازىر سەن زېمىن يۈزىدە ماڭا ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈلىدىغان كىشىگە ئايلاندىڭ، سېنىڭ دىنىڭدىن بەكرەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان دىن يوق ئىدى، ھازىر سېنىڭ دىنىڭ ماڭا ھەممە دىنلاردىن بەك ياخشى كۆرۈلىدىغان دىنغا ئايلاندى، ماڭا سېنىڭ شەھرىڭدىن بەكرەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان شەھەر يوق ئىدى، ھازىر سېنىڭ شەھىرىڭ ماڭا ھەممە شەھەرلەردىن بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان شەھەرگە ئايلاندى، مەن ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىققان ئىدىم، يولدا سېنىڭ ئاتلىق قوشۇنۇڭ مېنى تۇتۇۋالدى، سېنىڭچە ئەمدى مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟دېدى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولدى ۋە ئۇنى مەككىگە بېرىپ ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىدى، سۇمامە مەككىگە كەلگەن ۋاقتىدا، بەزىلەر ئۇنىڭغا: دىندىن چىقىپ كېتىپسەن دېگەندە، ئۇ: ياق مەن دىندىن چىقىپ كەتمىدىم، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە مۇسۇلمان بولدۇم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رۇخسەت قىلمىغىچە سىلەرگە يەمامە تەرەپتىن بىر تالمۇ ئاشلىق دانچىسى كەلمەيدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان قد أرسل فرساناً إلى نجد بقيادة محمد بن مسلمة في العاشر من محرم سنة ست من الهجرة؛ ليقاتلوا أحياء بني بكر الذين منهم بنو حنيفة، فأغاروا عليهم، وهزموهم، وأسروا ثمامة بن أثال وأتوا به إلى المدينة، وربطوه إلى سارية من سواري المسجد النبوي، فقال له النبي -صلى الله عليه وسلم-: "ما عندك" أي: ماذا تظن أني فاعل بك، "قال: عندي خير" أي لا أظن بك، ولا أؤمل منك إلا الخير، مهما فعلت معي.
قول ثمامة: "إن تقتل تقتل ذا دم" أي: إن تقتلني فهناك من يأخذ بالثأر لأني سيد في قومي، وقيل: معناه إن تقتلني فذلك عدل منك، ولم تعاملني إلَّا بما أستحق؛ لأني مطلوب بدم، فإن قتلتني قتلتني قصاصاً، ولم تظلمني أبداً
وأما "وإن تُنْعِمْ تنعم على شاكر" أي: وإن تحسن إليَّ بالعفو عني، فالعفو من شيم الكرام، ولن يضيع معروفك عندي؛ لأنك أنعمت على كريم يحفظ الجميل، ولا ينسى المعروف أبداً.
وفي قول ثمامة -رضي الله عنه-: "وإن كنت تريد المال" يعني وإن كنت تريد أن افتدي نفسي بالمال "فسل منه ما شئت" ولك ما طلبت.
وبعد هذه المحاورة ما كان من النبي -صلى الله عليه وسلم- إلا أن "تركه حتى كان من الغد، قال له: ما عندك يا ثمامة؟ قال: ما قلت لك" يعني فتركه مربوطاً إلى السارية حتى كان اليوم الثاني فأعاد عليه سؤاله الأوّل، وأجابه ثمامة بنفس الجواب الأوّل، ثم تركه اليوم الثالث، وأعاد عليه النبي -صلى الله عليه وسلم- السؤال، وأجابه ثمامة بالجواب نفسه، فلما كان اليوم الثالث، أمر النبي -عليه الصلاة والسلام- فقال: "أطلقوا ثمامة" أي فكُّوه من رباطه.
فما كان من ثمامة إلى أن "انطلق إلى نخل قريب من المسجد" أي فذهب إلى ماء قريب من المسجد "فاغتسل ثم دخل المسجد فقال: أشهد أن لا إِله إِلَّا الله" أي وأعلن إسلامه ونطق بالشهادتين، وهذه رواية الصحيحين: أن ثمامة اغتسل من تلقاء نفسه وليس بأمر النبي -صلى الله عليه وسلم-.
ثم عبّر ثمامة -رضي الله عنه- عن شعوره نحو النبي -صلى الله عليه وسلم-، ونحو دينه الحنيف، ونحو بلده الحبيب المدينة النبوية، فقال -رضي الله عنه-: ما كان هناك وجه أكرهه مثل وجهك فقد أصبح وجهك لما أسلمت أحب الوجوه إليَّ، حيث تحول البغض والكراهية إلى محبة شديدة لا تعدلها أي محبة أخرى.
   "والله ما كان من دين أبغض إليَّ من دينك، فأصبح دينك أحب الدين إليَّ" وهكذا عاطفة الإيمان حين تخالط بشاشته القلوب.
"والله ما كان من بلد أبغض إليَّ من بلدك، فأصبح بلدك أحب البلاد إليَّ"؛ لأن محبتي لك دفعتني إلى مزيد الحب لبلادك.
ثم قال: "وإن خيلك أخذتني وأنا أريد العمرة، فماذا ترى" أي فهل تأذن لي في العمرة "فبشره" بغفران ذنوبه كلها، وبخيري الدنيا والآخرة" وأمره أن يعتمر، فلما قدم مكة قال له قائل: صبوت "أي خرجت من دين إلى دين" قال: لا والله، ولكني أسلمت مع محمد رسول الله "أي ولكني تركت الدين الباطلَ ودخلت في دين الحق" ولا والله لا يأتيكم من اليمامة حبة حنطة حتى يأذن بها رسول الله "أي: حتى يأذن رسول الله في إرسالها إليكم، فانصرف إلى اليمامة، وكانت ريف مكة، فمنع الحنطة عنهم حتى جهدت قريش، وكتبوا إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يسألونه بأرحامهم أن يكتب إلى ثمامة، ففعل -صلى الله عليه وسلم-.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجىرىيىنىڭ ئالتىنچى يىلى مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنىدە مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنىڭ قوماندانلىقىدا نەجدە تەرەپكە بەنى بەكىر قەبىلىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتىدۇ، بەنى ھەنىيفە قەبىلىسىمۇ شۇ ئەتراپتا ئىدى، ساھابىلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى ۋە بەنى ھەنىيفەنىڭ كاتتىلىرىدىن بولغان سۇمامە ئىبنى ئاسالنى ئەسىر ئېلىپ مەدىنىگە ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلار سۇمامىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ تۈرۈكلىرىدىن بىرىگە باغلاپ قويىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئى سۇمامە! سەن مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: مەن سېنى ماڭا ياخشىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ قىساس تەلەپ قىلىنىدىغان بىر كىشىنى ئۆلتۈرىسەن، چۈنكى مەن قەبىلە باشلىقى دەيدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەگەر مېنى ئۆلتۈرسەڭ بۇ سېنىڭ توغرا ئىش قىلغىنىڭ بولىدۇ، مەن شۇنىڭغا لايىق، چۈنكى مەن سەن تەرەپتىن ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇلغان ئادەم، مېنى ئۆلتۈرسەڭ مېنى قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن بولىسەن، ماڭا زۇلۇم قىلغان بولمايسەن، ئەگەر ماڭا ياخشىلىق قىلىپ مېنى قويۇۋەتسەڭ، سېنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ، چۈنكى سەن كىشىلەرنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى بىلىدىغان ئېسىل بىر كىشىنى قويۇۋەتكەن بولىسەن، ئەگەر مېنى قويۇپ بەرگەننىڭ بەدىلىگە مال پىدىيە ئېلىشنى خالىساڭ، خالىغاننى سورا، ساڭا سورىغىنىڭ بېرىلىدۇ دەيدۇ، بۇ قىسقىغىنە سۆھبەتتىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە قويۇپ قويۇپ، ئەتىسى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى سۇمامە! مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلاۋاتىسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: مەن ساڭا ئېيتقان دەيدۇ، يەنى ئۇ ئىككىنچى كۈنىگىچە تۈرۈككە باغلاقلىق تۇرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئالدىنقى كۈنى سورىغاننى سورايدۇ، ئۇمۇ ئالدىنقى كۈنىگە ئوخشاش جاۋاپ بېرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە قويۇپ قويۇپ ئۈچىنچى كۈنى يەنە شۇ سوئالنى سورىغاندا، سۇمامە ئالدىنقى كۈنىگە ئوخشاش جاۋاپ بېرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سۇمامەنى قويۇپ بىرىڭلار دەيدۇ، سۇمامە مەسچىتكە يېقىن جايدىكى خورمىلىققا بېرىپ، ئۇ يەردىكى سۇدا يۇيۇنۇپ ئاندىن مەسچىتكە كېرىپ: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق دەپ شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ بۇخارى بىلەن مۇسلىمنىڭ رىۋايىتى بولۇپ: سۇمامە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزلىگىدىن يۇيۇنۇپ كەلگەن، ئاندىن سۇمامە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا دىنى ۋە سۆيۈملۈك شەھرى بولغان مەدىنە شەھىرىگە بولغان قارىشى-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: زېمىندا ماڭا سەندىنمۇ بەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان كىشى يوق ئىدى، مەن مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سەن ماڭا ھەممە كىشىلەردىن بەك ياخشى كۆرۈلىدىغان بولدۇڭ، ساڭا بولغان ئۆچلۈك، ياقتۇرماسلىق ھېچقانداق بىر ياخشى كۆرۈش ئۇنىڭغا باراۋەر كەلمەيدىغان بىر سۆيگۈ-ياخشى كۆرۈشكە ئۆزگەردى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سېنىڭ دىنىڭدەك ماڭا ئۆچ كۆرۈلىدىغان بىر دىن يوق ئىدى، ھازىر سېنىڭ دىنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان دىنغا ئايلاندى. (ئىمانى تۇيغۇ قەلبنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئورۇنلاشقاندا شۇنداق بولىدۇ) ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ماڭا سېنىڭ شەھرىڭدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان بىر شەھەر يوق ئىدى، ھازىر سېنىڭ شەھىرىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان شەھەرگە ئايلاندى، چۈنكى مېنىڭ ساڭا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىم، مېنىڭ سېنىڭ شەھىرىڭنى تېخىمۇ زىيادە ياخشى كۆرۈشۈمگە تۈرتكە بولدى، ئاندىن سۇمامە: مەن ئەسلىدە ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ چىققان ئىدىم، سېنىڭ ئاتلىق قوشۇنۇڭ مېنى تۇتۇپ كەلدى، مېنىڭ ئۆمرە قىلىشىمغا رۇخسەت قىلامسەن؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى ۋە دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقى بىلەن خوش خەۋەر بەردى ۋە ئۇنى ئۆمرە قىلىپ كېلىشكە بۇيرىدى، سۇمامە مەككىگە كەلگەن ۋاقتىدا، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا: سەن ئۆز دىنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ باشقا دىنغا كىرىپسەن دېدى، سۇمامە: ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن دىندىن چىقمىدىم لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە مۇسۇلمان بولدۇم، پەقەت باتىل بولغان دىننى تەرك قىلدىم، ھەق دىنغا كىردىم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىنى سىلەرگە ئاشلىق ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلمىغۇچە سىلەرگە يەمامەدىن بىر تال دانمۇ كەلمەيدۇ دەپ، يەمامىگە قايتىپ كەتتى، يەمامە بولسا مەككىگە ئاشلىق كېلىدىغان رايۇنلاردىن بىرى ئىدى، ئۇ يەردىن مەككە خەلقىگە ئاشلىق كېلىش چەكلەندى ھەتتا قۇرەيشلەر ئاچارچىلىقتا قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ، سۇمامىگە مەككىگە ئاشلىق ئەۋەتىپ بېرىش توغرىسىدا خەت يېزىشنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10888

 
Hadith   781   الحديث
الأهمية: أنشدك الله، أسمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: أجب عني، اللهم أيده بروح القدس؟ قال: اللهم نعم


باشتېما:

ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن سورايمەن، رەسۇلۇللاھنىڭ: مېنىڭ ئورنۇمدا كاپىرلارغا رەددىيە بەرگىن. ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا (ھەسسانغا) جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچ ئاتا قىلسىلا دېگىنىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟ ئەبۇ ھۇرەيرە: شۇنداق ئاڭلىغانتىم، دېدى

عن أبي هريرة أنَّ عمر مرَّ بِحَسَّان -رضي الله عنهم- وهو يَنْشُدُ الشِّعر في المسجد، فَلَحَظَ إليه، فقال: قد كُنْتُ أَنْشُد، وفيه من هو خير مِنْك، ثمَّ الْتَفَتَ إلى أبي هريرة، فقال: أَنْشُدُكَ الله، أَسَمِعْتَ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «أَجِبْ عَنِّي، اللَّهُمَّ أَيِّدْهُ بروح الْقُدُسِ»؟ قال: اللهمَّ نعم.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەسسان ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا، ئۇ شېئىر ئوقۇۋاتاتتى، ئومەر ئۇنىڭغا كايىش نەزىرى بىلەن قارىدى. ھەسسان: مەن مەسچىتتە سەندىنمۇ ياخشى كىشى بار ھالدا شېئىر ئوقۇيتتىم دەپ، ئەبۇ ھۇرەيرەگە قارىدى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن سورايمەن، رەسۇلۇللاھنىڭ: مېنىڭ ئورنۇمدا كاپىرلارغا رەددىيە بەرگىن. ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا (ھەسسانغا) جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچ ئاتا قىلسىلا دېگىنىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟ ئەبۇ ھۇرەيرە: شۇنداق ئاڭلىغانتىم، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن حسان -رضي الله عنه- كان ينشد الشعر في المسجد، بينما كان عمر -رضي الله عنه- هناك، فنظر إليه عمر نظرة استنكار، فلما رأى حسان منه ذلك، قال له: كنت أنشد الشعر في المسجد وفيه من هو خير منك.
ثم "استشهد أبا هريرة" أي سأله أداء الشهادة التي يعلمها عن إنشاده الشعر في المسجد بحضور رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، وإقرار النبي -صلى الله عليه وسلم- له على ذلك وتشجيعه له على إنشاد الشعر فقال:
"أَنشُدَك الله" أي أسألك بالله وأستحلفك به، "هل سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: يا حسان أجب عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- "أي: أجب شعراء المشركين بشعرك واهجهم به؛ دفاعاً عن النبي -صلى الله عليه وسلم-، ونصرة لدينه، وهل سمعته يقول: "اللهم أيده بروح القدس" أي: قوِّه بجبريل، وسخره له فيلهمه الشعر الذي يقع على أعداء الإِسلام وقع السهام؟ قال أبو هريرة: "نعم" أي: سمعتك تنشد الشعر أمامه فِي المسجد، وسمعته يقول ذلك.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ھەسسان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتتە شېئىر ئوقۇۋاتاتتى، شۇ ۋاقىتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا كايىش نەزىرى بىلەن قارىدى، ھەسسان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەرنىڭ ئۆزىگە كايىش نەزىرى بىلەن قارىغانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا: مەن مەسچىتتە سەندىنمۇ ياخشى كىشى بار ھالەتتە شېئىر ئوقۇيتتىم دەپ، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولۇشقا، ئۆزىنىڭ مەسچىتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بار سورۇندا شېئىر ئوقۇغانلىقىنى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى قوللاپ رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى ۋە يەنە شېئىر ئوقۇشقا ئۈندىگەنلىكىگە شاھىت بولۇشنى سوراپ: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن سورايمەن رەسۇلۇللاھتىن مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭ، ئى ھەسسان! مېنىڭ ئورنۇمدا كاپىرلارنىڭ شائىرلىرىغا رەددىيە بەرگىن. ئۇلارنى شېئىر ئارقىلىق سۆكۈپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىپ ئۇنى مۇداپىئە قىلغىن. ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا (ھەسسانغا) جىبرئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچ ئاتا قىلسىلا، ئۇنىڭغا دىن دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدىغان شېئىرلارنى ئىلھام قىلسىلا دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭ دېگەندە، ئەبۇ ھۈرەيرە شۇنداق ئاڭلىغان ئېدىم. سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىدا شېئىر ئوقۇغان ئىدىڭ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10889

 
Hadith   782   الحديث
الأهمية: من سمع رجلا ينشد ضالة في المسجد فليقل: لا ردها الله عليك؛ فإن المساجد لم تبن لهذا


باشتېما:

كىمكى مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن نەرسىسىنى سوراۋاتقان كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭغا: ئاللاھ يوقاپ كەتكەن نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن دېسۇن، چۈنكى مەسچىت بۇنىڭ ئۈچۈن ياسالمىغان

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «من سمِع رجُلا يَنْشُدُ ضَالَّةً في المسجد فليقُل: لا رَدَّهَا الله عليك، فإنَّ المساجد لم تُبْنَ لهذا».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن نەرسىسىنى سوراۋاتقان كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭغا: ئاللاھ يوقاپ كەتكەن نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن دېسۇن، چۈنكى مەسچىت بۇنىڭ ئۈچۈن ياسالمىغان»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أرشد حديث أبي هريرة -رضي الله عنه- إلى أن من طلب بالمسجد شيئا ضائعا من بهيمة الأنعام، أن يقال له: (لا ردها الله عليك) أو (لا وجدت) -كما في رواية -، وهذا زجرٌ له عن ترك تعظيم المسجد.
ثم جاء التعليل النبوي لهذا الزجر لمن نشد ضالته بالمسجد، وهذا في قوله -عليه الصلاة والسلام-: (فإن المساجد لم تبن لهذا): أي وإنما بُنِيَت لذكر الله -تعالى- والصلاة والعلم والمذاكرة في الخير ونحو ذلك، ولما وضع هذا المُنْشِد الشيء في غير محله ناسب الدعاء عليه بعدم الوجدان؛ معاقبة له بنقيض قصده وترهيبا وتنفيرا من مثل فعله.
وفي الجملة فالحديث من قبيل الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، ويشترط له شروطه، وإذا دعا عليه بذلك فإن انزجر وكف فذاك، وإلا كرره.
574;ەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بۇ ھەدىس مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن چارۋىلىرىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان كىشىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا: ئاللاھ ساڭا يوقاپ كەتكەن نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن ياكى يوقاپ كەتكەن نەرسەڭنى تاپالمىغايسەن دېيىشنى تەلىم بېرىدۇ، بۇمۇ ئۇ كىشىگە مەسچىتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلىقى ئۈچۈن قويۇلغان چەكلىمىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن نەرسىسىنىڭ سوراشتىن چەكلەشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ، مەسچىت بۇنىڭ ئۈچۈن ياسالمىغان دەيدۇ، يەنى مەسچىت دېگەن ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش، ناماز ئوقۇش، ئىلىم-مەرىپەت ئۈگۈنۈش ۋە باشقا ياخشىلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ياسالغان، يوقاپ كەتكەن نەرسىنى مەسچىتتە سۈرۈشتۈرگۈچى بولسا ئىشنى ئۆز ئورنىدا قىلمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىگە يوقاپ كەتكەن نەرسىسىنى تاپالمىسۇن دەپ دۇئا قىلىش مۇناسىپ بولغان، مۇشۇنداق ئىش قىلغۇچىلارنى چەكلەش ۋە ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆز مەقسىدىنىڭ قارشىسى بىلەن جازالاش مۇۋاپىقتۇر. ئومۇمەن ھەدىس ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇنىڭمۇ شەرتلىرى بولىدۇ، ئۇ كىشىگە مۇشۇنداق دۇئا قىلىنسا ئۇ كىشىمۇ بۇ قىلمىشىدىن چەكلىنىپ، قول ئۈزىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا مەزكۇر قىلمىشنى تەكرار قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10890

 
Hadith   783   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: إذا رأيتم من يبيع أو يبتاع في المسجد، فقولوا: لا أربح الله تجارتك، وإذا رأيتم من ينشد فيه ضالة، فقولوا: لا رد الله عليك


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ: «ئەگەر سىلەر مەسجىدتە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقان بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ: تىجارىتىڭگە پايدا ئاتا قىلمىغاي دەڭلار. ئەگەر بىرەر ئادەمنىڭ مەسجىدتە يوقاپ كەتكەن نەرسىلىرىنى ئېلان قىلىپ ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىگەي دەڭلار»دېگەن.

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-، أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: إذا رَأَيْتُم مَن يَبِيع أو يَبْتَاعُ في المسجد، فقولوا: لا أَرْبَحَ اللَّهُ تِجَارَتَكَ، وإذا رأيتم مَنْ يَنْشُدُ فيه ضَالَّة، فقولوا: لاَ رَدَّ الله عليك.

ئەبۇ ھۈرەيرە رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەر مەسجىدتە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقان بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ تىجارىتىڭگە پايدا ئاتا قىلمىغاي دەڭلار. ئەگەر بىرەر ئادەمنىڭ مەسجىدتە يوقاپ كەتكەن نەرسىلىرىنى ئېلان قىلىپ ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىگەي دەڭلار» دېگەن.

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: (إذا رأيتم من يبيع أو يبتاع) أي: يشتري (في المسجد): وحذف المفعول يدل على العموم، فيشمل كل ما يباع ويشترى.
فمن كانت هذه حاله فقد أرشد -عليه الصلاة والسلام- أن يزجر ويقال لكل منهما -البائع والمشتري- باللسان جهرا    (لا أربح الله تجارتك): دعاء عليه، أي: لا جعل الله تجارتك ذات ربح ونفع، وفيه إيماء وإشارة إلى قوله -تعالى-: {فما ربحت تجارتهم} [البقرة: 16]، ولو قال لهما معا: لا أربح الله تجارتكما جاز؛ لحصول المقصود.
وتعليل هذا الزجر لكون المسجد سوق الآخرة فمن عكس وجعله سوقا للدنيا فحَرِّي بأنه يدعى عليه بالخسران والحرمان؛ معاقبة له بنقيض قصده، وترهيبا وتنفيرا من مثل فعله، فيكره ذلك بالمسجد تنزيها.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر سىلەر مەسجىدتە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقان بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ تىجارىتىڭگە پايدا ئاتا قىلمىغاي دەڭلار، دەپ تەلىمات بېرىش ئارقىلىق مەسجىدنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئۇنتۇپ، مەسجىدنى بازارغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىتىن چەكلەش مەقسەتتۇر. چۈنكى مەسجىد ئاخىرەتنىڭ بازىرىدۇر. كىم ئۇنى دۇنيانىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇۋالسا، ئۇنى جازالاش ۋە ئۇنداق ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە ئىشلىرىنىڭ راۋاج تاپماسلىقى ۋە زىيان تارتىشقا دۇئا قىلىنىشقا ھەقلىقتۇر. مەسجىدتە سودا-سېتىق قىلىش مەكرۇھ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10891

 
Hadith   784   الحديث
الأهمية: اللهم باعد بيني وبين خطاياي كما باعدت بين المشرق والمغرب، اللهم نقني من خطاياي كما ينقى الثوب الأبيض من الدنس، اللهم اغسلني من خطاياي بالثلج والماء والبرد


باشتېما:

ئى ئاللاھ! خاتالىقلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى خاتالىقلىرىمدىن ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغاندەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! مېنى خاتالىقلىرىمدىن قار، سۇ ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا كَبَّر في الصلاة، سَكَت هُنَيَّة قبل أن يقرأ، فقلت: يا رسول الله بِأبي أنت وأمِّي أَرَأَيْتَ سُكُوتَكَ بين التَّكبير والقِراءة، ما تقول؟ قال "أقول: اللّهُم بَاعِد بَيْنِي وبَيْنَ خَطاياي كما بَاعَدْت بين المَشْرِق والمِغرب، اللَّهم نَقِّنِيَ من خطاياي كما يُنَقَّى الثوب الأبيض من الدَّنَس، اللَّهم اغْسِلْنِي من خَطَاياي بالثَّلج والماء والبَرد".

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا تەكبىر ئېيىتقاندا قىرائەت قىلىشتىن ئىلگىرى بىر ئاز جىم تۇراتتى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئارىلىقىدا جىم تۇرغانلىرىدا نېمە دەيلا؟ دېدىم، رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى خاتالىقلىرىمدىن ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغاندەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! مېنى خاتالىقلىرىمدىن سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن، دەيمەن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا كَبَّر في الصلاة" يعني: إذا أتى النبي -صلى الله عليه وسلم- بتكبيرة الإحرام، وهي ركن لا تنعقد الصلاة إلا بها؛ "سَكَت هُنَيَّة قبل أن يقرأ" يعني: بعد أن يُكبِّر تكبيرة الإحرام: يسكت سكوتًا يسيرًا قبل أن يقرأ فاتحة الكتاب.
"فقلت: يا رسول الله بِأبي أنت وأمِّي" أي: أفديك بأبي وأمِّي وأجعلهما فداءك فضلاً عن غيرهما.
"أَرَأَيْتَ سُكُوتَكَ بَيْن التَّكبير والقِراءة، ما تقول؟" يعني: أخبرني عن سُكوتك بين تَكبيرة الإحرام والقِراءة ما تقول؟
"قال: أقول:" يعني: أقول دعاء الاستفتاح وهو.
"اللّهُم بَاعِد بَيْنِي وبَيْنَ خَطاياي كما بَاعَدْت بين المَشْرِق والمغرب" والمعنى: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- سأل ربَّه أن يُباعد بينه وبَيْن خطاياه؛ كما باعد بَيْن المَشْرِق والمَغْرِب، والمراد بهذه المُبَاعدة: إما محو الخطايا السابقة، وترك المؤاخذة بها، وإما المنع من الوقوع فيها، والعِصمة منها، بالنسبة للآتية.
والتعبير بالمُباعدة بَيْن المَشْرِق والمَغْرِب هو غاية ما يُبالغ فيه الناس، فالناس يبالغون في الشيئين المتباعدين إما بما بين السماء والأرض، وإما بما بين المشرق والمغرب.
"اللَّهم نَقِّنِيَ من خطاياي كما يُنَقَّى الثوب الأبيض من الدَّنَس" يعني: أزل عني الخطايا، وامحها عني كما يُغسل الثوب الأبيض إذا أصابه الدَّنس فيرجع أبيض، وإنما خُصَّ الثوب الأبيض بالذِّكر؛ لأنَّ الوَسَخ يَظهر فيه، زيادة على ما يظهر في سَائر الألوان.    
"اللَّهم اغْسِلْنِي من خَطَاياي بالثَّلج والماء والبَرد" لما كانت الذُّنوب لها حرارة وحرقة في القلب، وهي سبب لحرارة العَذاب، ناسَب أن تُغسل بما يبردها ويُطفئ حرارتها، وهو الثَّلج والماء والبَرد.
فهذا دعاء في غاية المُناسبة في هذا المقام الشريف، موقف المناجاة، لأن المصلى يتوجه إلى الله تعالى في أن يمحو ذنوبه وأن يبعد بينه وبينها إبعاداً لا يحصل معه لقاء، كما لا لقاء بَيْن المَشْرِق والمَغْرِب أبداً، وأن يزيل عنه الذنوب والخطايا ويُنقيه منها، كما يزال الوَسَخ من الثوب الأبيض الذي يظهر أثر الغُسل فيه، وأن يَغسله من خطاياه ويُبَرِّد لهِيبها وحرها بهذه المُنْقِيات الباردة: الماء، والثلج، والبَرد، وهذه تشبيهات في غاية المطابقة.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازغا تەكبىر ئېيتقاندا، يەنى نامازنى باشلاش تەكبىرىنى(ئۇ پەرز بولۇپ، ناماز ئۇنىڭسىز توغرا بولمايدۇ) ئېيتقاندىن كىيىن، پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى بىر ئاز جىم تۇراتتى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، يەنى: باشقا نەرسىنى قويۇپ ئاتا-ئانامنى سىلىگە پىدا قىلىمەن، تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئارىلىقىدا جىم تۇرغانلىرىدا نېمە دەيلا؟ يەنى: ناماز باشلاش تەكبىرى بىلەن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش ئارىسىدا دەيدىغان سۆزلىرىدىن خەۋەر بەرسىلە؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى باشلاش دۇئاسىنى ئوقۇيمەن دېدى: «ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىلىقىنى يىراق قىلغاندەك يىراق قىلغىن» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىدىن، ئۆزى بىلەن خاتالىقلىرىنىڭ ئارىسىنى خۇددى مەغرىب بىلەن مەشرىقنىڭ ئارىسىنى يىراق قىلغاندەك يىراق قىلىشىنى سورىدى، بۇ يىراقلىقتىن بولغان مەقسەت: ياكى ئىلگىركى خاتالىقلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، جازالاشنى تەرك قىلىش ياكى خاتالىققا چۈشۈپ قىلىشتىن چەكلەپ، كېيىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقتىن ساقلاشتىن ئىبارەت. مەغرىب بىلەن مەشرىقنىڭ ئارىسىدەك دەپ يىراقلىق بىلەن ئىپادىلەش بولسا، ئىنسانلار يېتىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، كىشىلەر ئارىسى يىراق بولغان ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا ياكى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىسى ياكى مەغرىب بىلەن مەشرىقنىڭ ئارىسى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. «ئى ئاللاھ! مېنى خاتالىقلىرىمدىن ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغاندەك تازىلىغىن» كىرلاشقان ئاق كىيىم يۇيۇلۇپ، پاكىز بولۇپ ئەسلىگە قايتقاندەك، مېنىڭمۇ خاتالىقلىرىمنى ئۆچۆرىۋەتكىن، يوق قىلغىن، بۇ يەردە ئاق كىيىمنى كەلتۈرۈشى، باشقا رەڭگە نىسبەتەن ئاق كىيىمدە كىر-قاسماقلار بەك ئوچۇق كۆرۈنىدۇ. «ئى ئاللاھ! خاتالىقلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن» گۇناھلارنىڭ قەلبنى كۆيدۈرىدىغان، ئازاب ھارارىتىنىڭ سەۋەبى بولغان ھارارىتى بولغاچقا، گۇناھنىڭ ھارارىتىنى ئۆچۈرىدىغان ۋە سوۋۇتىدىغان قار، سۇ ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇيۇش شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدۇ. بۇ مۇناجات ئورنى بولغان بۇ شەرەپلىك ئورۇنغا ئەڭ مۇناسىپ بولغان دۇئادۇر، چۈنكى ناماز ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۆچۈرۈشى، ئۆزى بىلەن خاتالىقلارنىڭ ئارىسىنىڭ خۇددى مەغرىب بىلەن مەشرىقنىڭ ئۇچرىشىشى ئەبەدىي مۇمكىن بولمىغاندەك يىراق قىلىپ، ئۇچرىشىش ھاسىل بولماسلىقى، يۇغاندىن كېيىن ئاق كىيىمدىن كىر يوقالغاندەك، ئۆزىدىن گۇناھ-خاتالىقلارنى يوقىتىشى، خاتالىقلىرىنىڭ يالقۇنى ۋە ھارارىتىنى سوۋۇتۇش ئۈچۈن قار، مۇز ۋە مۆلدۈردەك سوغۇق تازىلىغۇچىلار بىلەن يۇيۇشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىدۇ، بۇ بىر-بىرىگە مۇناسىپ كەلگەن ئەڭ يۇقىرى شەكىلدىكى ئوخشىتىش ھېسابلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10904

 
Hadith   785   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا قام من الليل كبر، ثم يقول: سبحانك اللهم وبحمدك وتبارك اسمك، وتعالى جدك، ولا إله غيرك


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە تۇرغان ۋاقتىدا تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن: «ئى ئاللاھ! سېنى ماختاش بىلەن بىرگە پاك دەپ ئىتىقاد قىلىمەن، سېنىڭ ئىسمىڭ بەرىكەتلىك، ئۇلۇغلۇقۇڭ يۈكسەك، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» دەيىتتى

عن أبي    سعيد الخُدْرِي -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا قام من الليل كَبَّر، ثم يقول: «سُبْحَانك اللَّهم وبحَمْدِك وتبارك اسْمُك، وتعالى جَدُّك، ولا إله غَيْرك»، ثم يقول: «لا إله إلا الله» ثلاثا، ثم يقول: «الله أكبر كبيرا» ثلاثا، «أعُوذُ بالله السَّميع العليم من الشَّيطان الرَّجيم من هَمْزِه، ونَفْخِه، ونَفْثِه»، ثم يقرأ.

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە تۇرغان ۋاقتىدا تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن: «ئى ئاللاھ! سېنى ماختاش بىلەن بىرگە پاك دەپ ئىتىقاد قىلىمەن، سېنىڭ ئىسمىڭ بەرىكەتلىك، ئۇلۇغلۇقۇڭ يۈكسەك، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» دەيىتتى، ئاندىن: «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق» دەپ ئۈچ قېتىم، «ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈك» دەپ ئۈچ قېتىم دەپ، «ھەممىنى ئاڭلاپ، بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ بىلەن قوغلاندى شەيتاننىڭ زىيانكەشلىكى، ۋەسۋەسىسى ۋە سېھىرلىشىدىن پاناھلىق تىلەيمەن» دەپ، ئاندىن قىرائەتنى باشلايتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا قام من اللَّيل كَبَّر" أي: كبر تكبيرة الإحرام، وهي رُكن لا تنعقد الصلاة إلا بها "ثم يقول: سُبْحَانك اللَّهم" أي: أنَزهك عمَّا لا يَليق بك، وبجلالك يا ربِّ، وما تستحقه من التَّنزيه عن كل نقص وعيب.
"وبحَمْدِك" ثناء على الله سبحانه وتعالى وشكر له على هذا التوفيق، أي: فلولا توفيقك وهدايتك لم أُسبحك، فهو اعتراف من العَبد بفضل الله تعالى، واعتراف منه بعجزه لولا توفيق الله -سبحانه وتعالى-.    
"وتبارك اسْمُك" من البركة، وهي الكَثرة والاتساع، والمعنى: كثر وكَمُل واتسع، وكثرت بركاته في السَّموات والأرض، وكل ذلك تنبيه على اختصاصه سبحانه بالخيرات.
"وتعالى جَدُّك" الجَدُّ: العَظمة، أي: ارتفعت وعلَت عظمتُك، وجلت فوق كلِّ عظمة، وعلا شأنُك على كلِّ شأن، وقهر سلطانُك على كلِّ سلطان، فتعالى جدُّه تبارك وتعالى أن يكون معه شَريك في المُلك أو الرُّبوبية أو الألوهية، أو في شيء من أسمائه وصفاته، لذا قال بعدها: "ولا إله غَيْرك" لا معبود بحق سواك، فأنت المستحق للعبادة، وحدك لا شريك لك، بما وصَفت به نفسك من الصفات الحميدة، وبما أسْدَيْتَه من النعم الجسيمة.   
فهذا الاستفتاح فيه الثَّناء على الله تعالى وتنزيهه عن كلِّ ما لا يليق به، وأنَّه تبارك وتعالى منزَّهٌ عن كلِّ عَيب ونقص.
وهو أحد أدعية الاستفتاحات الواردة في الباب والأفضل أن يأتي بهذا تارة وبغيره تارة، حتى يجمع بين أدلة السُّنة من غير إهمال لبعضها.
   ومن تلك الصيغ أن يقول: "لا إله إلا الله ثلاثًا" يعني: يكرر قول: "لا إله إلا الله" ثلاث مرات.
ومعنى: "لا إله إلا الله" لا معبود حق إلا الله، قال -تعالى-: {ذَلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ هُوَ الْبَاطِلُ} [الحج: 62]
   ثم يقول: "الله أكبر كبيرًا ثلاثًا" أي أنه سبحانه أكبر من كل شيء.
ثم بعد أن يستفتح صلاته يستعيذ بالله من الشَّيطان الرَّجِيم بقوله:
"أعُوذُ بالله السَّميع العليم" ومعناه: ألتجئ وأعتصم وألوذ بالله السَّميع العليم.
"من الشَّيطان" المُتمرد العَاتي، من شياطين الجِّن والإنس، "الرَّجيم" المَرْجُوم المَطرود، والمُبْعَد عن رحمة الله، فلا تسلِّطه علي بما يضرني، في ديني ودنياي، ولا يصدني عن فعل ما ينفعني، في أمر دِيني ودُنْيَاي، فمَن استعاذ بالله -تعالى-، فقد أوى إلى رُكن شديد، واعتصم بحول الله وقوته، من عَدوه الذي يريد قطعه عن ربِّه، وإسقاطه في مَهَاوي الشَّر والهلاك.
"من هَمْزِه" هو الجُنُون والصَّرع، الذي يَعْتَري الإنسان؛ لأن الشَّيطان قد يصيب الإنسان بالجنون، فشرعت الاستعاذة منه.
"ونَفْخِه" الكِبْر؛ لأنَّ الشيطان ينفخ في الإنسان بوسوسته، فيَعْظُم في عَين نفسه، ويَحقِر غيره عنده، فتزداد عظمته وكبرياؤه.
   "ونَفْثِه" هو السِّحر، وهو شَر السحرة، فإنَّ النَّفَّاثات في العُقد هنَّ السَّواحِر، اللاتي يعقدن الخيوط، وينفثن على كل عقدة، حتى ينعقد ما يردن من السحر.
"ثم يقرأ "أي: يقرأ القرآن وأوله فاتحة الكتاب.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە تۇرغان ۋاقتىدا تەكبىر ئېيتاتتى» يەنى: نامازنى باشلاش تەكبىرىنى ئېيتاتتى، ئۇ پەرز بولۇپ، ناماز مۇشۇ تەكبىر بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن: ئى ئاللاھ! ساڭا لايىق بولمايدىغان، ئۇلۇغلۇقۇڭغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان ھەرقانداق ئەيىپ-نۇقسان، كەمچىللىكتىن «سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن»، سېنى ماختايمەن» بۇ ئاللاھ تائالانى بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا مەدھىيلەشتىن ئىبارەت، يەنى: ئى ئاللاھ! سەن مۇۋەپپەق قىلمىساڭ، ھىدايەت قىلمىساڭ مەن سېنى پاك دەپ ئىتىقاد قىلالمايتتىم، بۇ بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلمىسا ئۆزىنىڭ ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى ئېپادىلىشىدۇر.«سېنىڭ ئىسمىڭ بەرىكەتلىك» سېنىڭ بەرىكىتىڭ كۆپ ۋە ئاسمان-زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ياخشىلىقلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا خاس ئىكەنلىكىگە ئەسكەرتىش. «سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ ھەممىدىن ئۈستۈن» ھەر قانداق ئۇلۇغلۇقنىڭ ئۈستىدە، ئۇلۇغلۇقۇڭ ھەممە نەرسىدىن يۇقىرى، ھۆكۈمرانلىقىڭ ھەممە ھۆكۈمرانلىقنى بويسۇندۇردى، ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقى ئالىدۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقتىمۇ، پەرۋەردىگارلىقتىمۇ ۋە ئىلاھلىقتىمۇ ياكى ئىسىم-سۈپەتتىمۇ ھېچ شېرىكى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرىدا: «سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» يەنى: سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، سەن ئۆزۈڭ سۈپەتلىگەن ئېسىل سۈپەت، باشقىلارغا ئاتا قىلغان ئالى نېمەت بىلەن ئىبادەتكە لايىقسەن. بۇ ناماز باشلاشتا ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەش، ئاللاھنى لايىق بولمايدىغان نەرسىلەردىن پاكلاش بولۇپ، ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ-نۇقساندىن پاك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان، بۇ مۇشۇ باپتا كەلگەن ناماز باشلاش دۇئالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەۋزىلى بىر قېتىم بۇنى، يەنە بىر قېتىم باشقىسىنى ئوقۇپ، بەزىسىگە سەل قارىماي ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىنى جۇغلاشتۇر، ناماز باشلاش دۇئالىرىدىن يەنە: «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق» يەنى: ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوق، دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاش، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «(بۇ قۇدرەت) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) باتىلدۇر، ئاللاھ (ھەممە نەرسىدىن) ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر» ھەج سۈرىسى 62-ئايەت. ئاندىن «ئاللاھ ھەممىدىن كاتتىدۇر» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەش بىلەن نامازنى باشلايدۇ، «ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچى ئاللاھ بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغان، ھەددىدىن ئاشقۇچى ئىنسان ۋە جىندىن بولغان شەيتانلارنىڭ دىن-دۇنيالىق ئىشلىرىمدا مېنى پايدىلىق بولغان ئىشلاردىن چەكلەپ، ماڭا زىيان يەتكۈزۈشىدىن پاناھ تىلەيمەن» كىم ئاللاھدىن پاناھ تىلىسە، كۈچلۈك بىر ياردەمگە ئېرىشكەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن ئۆزىنى ھالاك قېلىشنى، يامانلىققا ئىتتىرىشنى، ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتىدىن ئۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ياۋۇز دۈشمەندىن ساقلىنىپ قالىدۇ. شەيتاننىڭ ھۇشسىزلاندۇرىشىدىن، تەكەببۇرلاشتۇرۇپ، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان قىلىپ قويۇشىدىن، سېھىر قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن». ئاندىن قۇرئان ئايىتىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، قىرائەتنىڭ بېشىنى پاتىھە سۈرىسىدىن باشلايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10905

 
Hadith   786   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يستفتح الصلاة بالتكبير، والقراءة بـ {الحمد لله رب العالمين}، وكان إذا ركع لم يشخص رأسه، ولم يصوبه ولكن بين ذلك


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى باشلىغاندا تەكبىر ئېيتىپ قىرائەتنى «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين» بىلەن باشلايتتى، رۇكۇ قىلغاندا دۇمبىسىنى بەك تۆۋەنمۇ قىلماي بەك ئىگىزمۇ قىلماي ئورتىھال تۇتاتتى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- «يَسْتَفْتِح الصلاة بالتَّكبير، والقِراءةَ بـ {الحَمْدُ لله ربِّ العَالمين}، وكان إذا ركع لم يُشْخِص رأسه، ولم يُصَوِّبْه ولكن بَيْنَ ذلك، وكان إذا رفع رأَسه من الرُّكوع لم يَسجد، حتى يَسْتَوِيَ قائما، وكان إذا رفع رأسه من السَّجْدَة، لم يَسجد حتى يَسْتَوِيَ جالسا، وكان يقول في كل ركعتين التَّحِيَّةَ، وكان يَفْرِش رِجْلَه اليُسْرَى وَيَنْصِبُ رِجْلَهُ اليُمْنَى، وكان يَنْهَى عن عُقْبَةِ الشَّيطان، ويَنْهَى أن يَفْتَرِشَ الرَّجل ذِرَاعَيْهِ افْتِرَاشَ السَّبُعِ، وكان يَخْتِم الصلاة    بالتَّسْلِيم».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى باشلىغاندا تەكبىر ئېيتىپ قىرائەتنى «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين» بىلەن باشلايتتى، رۇكۇ قىلغاندا دۇمبىسىنى بەك تۆۋەنمۇ قىلماي بەك ئىگىزمۇ قىلماي ئورتاھال تۇتاتتى، رۇكۇدىن تۇرغاندا تەمكىن تۇرۋېتىپ ئاندىن سەجدە قىلاتتى، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەمكىن تۇرىۋېتىپ ئاندىن سەجدە قىلاتتى، ھەر ئىككى رەكەتتە بىر تەشەھھۇدتا ئولتۇراتتى،تەشەھھۇدتا ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ سول پۇتىنى ياتقۇزۇپ ئولتۇراتتى، رەسۇلۇللاھ شەيتاننىڭ ئولتۇرۇشىدىن توسقان«ئىككى پۇتىنىڭ دۇمبىسىنى يەرگە قىلىپ پۇتنىڭ ئالقىنىدا ئولتۇرۇش» ۋە يەنە سەجدە قىلغاندا ئىككى بىلەكنى يەرگە چاپلاپ سەجدە قىلىشتىن توستى، رەسۇلۇللاھ نامازنى سالام بىرىش بىلەن تۈگىتەتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
تصف عائشة -رضي اللَه عنها- بهذا الحديث الجليل صلاة النبي -صلى الله عليه وسلم-؛ نشرًا للسنة وتبليغًا للعلم، بأنه كان يفتتح الصلاة بتكبيرة الإحرام، فيقول: (الله أكبر).
ويفتتح القراءة بفاتحة الكتاب، التي أولها (الحمد لله رب العالمين).
وكان إذا ركع بعد القيام، لم يرفع رأسه ولم يخفضه، وإنما يجعله مستوياً مستقيماً.
وكان إذا رفع من الركوع انتصب واقفاً قبل أن يسجد.
وكان إذا رفع رأسه من السجدة، لم يسجد حتى يستوي قاعداً.
وكان يقول بعد كل ركعتين إذا جلس: "التحيات لله والصلوات.. الخ".
وكان إذا جلس افترش رجله اليسرى وجلس عليها، ونصب رجله اليمنى.
وكان ينهى أن يجلس المصلي في صلاته كجلوس الشيطان، وذلك بأن يفرش قدميه على الأرض وظهر قدميه للأرض، ويجلس على عقبيه، أو ينصب قدميه، ثم يضع أليتيه بينهما على الأرض، كما ينهى أن يفترش المصلي ذراعيه في السجود كافتراش السبع، وكما افتتح الصلاة بتعظيم الله وتكبيره، ختمها بالسلام على الحاضرين من الملائكة والمصلين، ثم على جميع عباد اللَه الصالحين، والأولين والآخرين، فعلى المصلي ملاحظة هذا العموم في دعائه.
576;ۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئۈگەتكەن ۋە تەلىم بەرگەن نوقتىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھ نامازنى تەكبىرەتۇل ئىھرام «ئاللاھۇ ئەكبەر» بىلەن باشلايتتى، قىرائەتتىن سۈرە پاتىھەنى «ئەلھەمدۇ لىللاھ» نى باشتا ئوقۇيتتى، قىيامدىن كېيىنكى رۇكۇدا دۇمبىسىنى بەك توۋەنمۇ بەك ئۈستۈنمۇ قىلمايتتى، بەلكى تۈز ۋە ئوتتۇرسىدا قىلاتتى، سەجدىگە بېرىشتىن ئىلگىرى، رۇكۇدىن تۇرغاندا رۇس ۋە تىك، تەمكىن تۇراتتى، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەمكىن ئولتۇرماي سەجدە قىلمايتتى، ھەر ئىككى رەكەتتىن كېيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا بۇ زىكرىنى دەيتتى: پۈتكۈل ئۇلۇغلاش قىلىندىغان بارلىق ئىبادەتلەر، ۋە بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر. تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ سول پۇتىنى يېيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى، نامازدا شەيتان ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇشتىن توسقان، ئۇ بولسىمۇ، ئىككى پۇتىنىڭ دۇمبىسىنى يەرگە قىلىپ، پۇتنىڭ ئالقىنى ۋە تاپىنىدا ئولتۇرۇش، ياكى ئىككى پۇتىنى تىكلەپ كاسىنى يەرگە چاپلاپ ئولتۇرۇش. يەنە نامازخاننى ئىككى بىلىكىنى خۇددى يىرىتقۇچىلار يەرگە چاپلىغاندەك چاپلاپ سەجدە قىلىشتىن توسقان. ناماز ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە بۈيۈك بىلىش بىلەن باشلىنىپ، پەرىشتىلەرگە، ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋە بارلىق تەقۋادار مۇسۇلمانلارغا، ئىلگىرى ۋە كېيىنكىلەرگە سالام بىرىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، نامازخان كۆپچىلىككە قىلىنغان بۇ دۇئانى مۇلاھىزە قىلىش كېرەك   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10906

 
Hadith   787   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كان يرفع يديه حذو منكبيه إذا افتتح الصلاة


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى باشلىغاندا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ قولىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى

عن ابن عمر -رضي الله عنهما- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كان يَرفع يَديه حَذو مَنْكِبيه إذا افتتح الصلاة، وإذا كَبَّر للركوع، وإذا رفع رأسه من الركوع، رفَعَهما كذلك أيضا، وقال: سمع الله لمن حَمِدَه، ربَّنَا ولك الحَمد، وكان لا يَفعل ذلك في السُّجود.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى باشلىغاندا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ قولىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇغا تەكبىر ئېيتقاندا ۋە رۇكۇدىن بىشىنى كۆتۈرگەندىمۇ شۇنداق كۆتۈرەتتى، ۋە «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە، رەببەنا لەكەلھەمدۇ» دەيتتى، سەجدىدە ئۇنداق قىلمايتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- إذا افتتح الصلاة بالتكبير يرفع يديه حتى تَصيرا مُقابل منكبيه، مُحَاذِيين لهما تمامًا.
وكذلك كان -صلى الله عليه وسلم- يرفع يديه عند الشروع في الركوع وعند شروعه في الرفع منه.
فهذه ثلاثة مواضع يستحب فيها رفع اليدين حَذو المِنْكَبين.
وكان يقول عند الرفع من الركوع: سمع الله لمن حمده، ربنا ولك الحمد، فيجمع بين التسميع والتحميد، وهذا خاص بالإمام والمنفرد، أما المأموم فيقول: ربنا ولك الحمد؛ لمجيء السنة بذلك كما في الصحيحين من حديث أنس -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- أنه قال : (وإذا قال: سمع الله لمن حمده؛ فقولوا: ربنا ولك الحمد).
وكان لا يرفع يديه عند الهوي إلى السجود ولا في الرَّفع منه، ويؤيده رواية البخاري الأخرى: (ولا يفعل ذلك حين يَسجد ولا حين يرفع رأسه من السجود).
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى باشلىغاندا قولىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرۈپ، دەل مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىدا قىلاتتى، رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندىمۇ شۇنداق قولىنى كۆتۈرەتتى. بۇ ئۈچ ئورۇندا قولنى مۈرە باراۋېرىدە كۆتۈرۈش مۇستەھەب. رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە، رەببەنا لەكەلھەمدۇ» دەپ ھەمدۇ بىلەن تەسبىھنى بىرگە قىلاتتى. بۇ ئىمام بىلەن يالغۇز ئوقۇغان كىشىگە خاس، ئەمما ئىقتىدا قىلغۇچى: «رەببەنا ۋەلەكەل ھەمد» دەيدۇ. بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ئىمام: «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە، دېگەندە، سىلەر: رەببەنا لەكەلھەمدۇ دەڭلار» دېگەن. سەجدىگە بارغاندا ۋە سەجدىدىن باش كۆتۈرگەندە قولىنى كۆتۈرمەيتى، بۇنىڭغا بۇخارى رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىس دەلىل بولىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەجدىگە بارغاندا، سەجدىدىن باش كۆتۈرگەندە قولىنى كۆتۈرمەيتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10907

 
Hadith   788   الحديث
الأهمية: صليت مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، ووضع يده اليمنى على يده اليسرى على صدره


باشتېما:

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئۇ ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قىلىپ، مەيدىسىگە قويدى

عن وائل بن حجر-رضي الله عنه- قال: «صلَّيت مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، ووضع يَدَه اليُمْنَى على يَدِه اليُسْرى على صَدْرِه».

ۋائىل ئىبنى ھەجەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە دەيدىكى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئۇ ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قىلىپ، مەيدىسىگە قويدى

Esin Hadith Caption Arabic


"ووضع يَدَه اليُمْنَى على يَدِه اليُسْرى"
   إذا أطلقت اليَد، فالمراد بها: الكَف، وهو المراد هنا.
   ويؤيده ما أخرجه أبو داود والنسائي بلفظ: "ثم وضع يده اليُمنى على ظهر كفه اليُسرى والرُّسْغ والساعد".
الرُّسْغ: المَفْصِل بَين السَاعد والكَف.
"على صَدْرِه" يعني: وضع يَده اليُمنى على اليُسرى وجعلهما على صَدره أثناء قيامه في الصلاة. Esin Hadith Caption Uyghur


«ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويدى» ئەگەر قول دېگەن سۆز ئايرىم كەلسە، ئۇنىڭدىن ئالقان مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ يەردىمۇ ئالقان مەقسەت قىلىنغان. بۇ گەپنى، ئەبۇ داۋۇت ۋە نەسائى قاتارلىق ئىماملار كەلتۈرگەن ھەدىسلەر كۈچلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدا: «ئاندىن، ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئالقىنىنىڭ دۈمبىسى، بېغىشى ۋە بىلىكىگە قويدى». بېغىش، دېگەن: بىلەك بىلەن ئالقاننىڭ ئارىلىقىدىكى بوغۇم. مەيدىسىگە، دېگەن: ئۇ نامازدا قىيامدا تۇرغاندا، ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئۇ ئىككىسىنى مەيدىسىگە قويغان ھالەتتە قىيامدا تۇرغانلىقىنى كۆرسۈتىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى خۇزەيمە"سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10909

 
Hadith   789   الحديث
الأهمية: أيها الناس، إنه لم يبق من مبشرات النبوة إلا الرؤيا الصالحة، يراها المسلم، أو ترى له، ألا وإني نهيت أن أقرأ القرآن راكعا أو ساجدا


باشتېما:

ئەي كىشىلەر! ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىكنىڭ بېشارەتلىرىدىن مۇسۇلمان كىشى كۆرىدىغان ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرىلىدىغان ياخشى چۈشلا قالدى، دىققەت قىلىڭلار!، مەن رۇكۇ قىلغان ۋە سەجدە قىلغان ھالەتتە قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەندىم

عن ابن عباس -رضي    الله عنهما- قال: كَشف رسول الله -صلى الله عليه وسلم- السِّتَارة والناس صُفوف خَلف أبي بَكر، فقال: «أيها الناس، إنه لم يَبْق من مُبَشِّرَاتِ النُّبُوَّةِ إلا الُّرؤيا الصَّالحة، يَراها المُسلم، أو تُرى له، ألا وإنِّي نُهِيت أن أقْرَأ القرآن راكِعا أو ساجِدا، فأما الرُّكوع فعظِّموا فيه الرَّب -عز وجل-، وأما السُّجود فَاجْتَهِدُوا في الدُّعاء، فَقَمِنٌ أن يُستَجاب لكم».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: كىشىلەر ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە سەپ تۈزۈپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەلەڭزىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: ئەي كىشىلەر! ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىكنىڭ بېشارەتلىرىدىن مۇسۇلمان كىشى كۆرىدىغان ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرىلىدىغان ياخشى چۈشلا قالدى، دىققەت قىلىڭلار!، مەن رۇكۇ قىلغان ۋە سەجدە قىلغان ھالەتتە قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەندىم. رۇكۇ قىلغاندا پەرۋەردىگارىڭلارنى ئۇلۇغلاڭلار، سەجدىدە كۆپ دۇئا قېلىشقا تېرىشىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ئىجاۋەت قىلىنىشقا بەك لايىقتۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كَشف رسول الله -صلى الله عليه وسلم- - السِّتر الذي يكون على باب البيت والدَّار والناس صُفوف خَلف أبي بَكر -رضي الله عنه- يصلُّون جماعة، ولم يتمكن من الصلاة بهم بسبب مرض النبي -صلى الله عليه وسلم- فأمر أبا بَكر أن يُصلِّي بالناس.
فقال: "أيها الناس، إنه لم يَبْق من مُبَشِّرَاتِ النُّبُوَّةِ إلا الُّرؤيا الصَّالحة" فبعد موت النبي -صلى الله عليه وسلم- وانقطاع الوَحي لم يبق إلا الرُّؤيا الصالحة، أي الحَسنة أو الصحيحة المطابقة للواقع، فيراها أهل الإيمان فيستبشرون ويسرون بها ويزادون ثباتا على ثباتهم، وكونها من النبوة؛ لأن النبي -صلى الله عليه وسلم- مكث في أول نبوته يرى الرؤيا فتقع كفلق الصبح، فهي من أجزاء نبوته -عليه الصلاة والسلام-.
وقوله: " إلا المُبَشِّرَاتُ " التَّعبير بالمُبَشِرَاتِ: جرى على الغالب، وإلا فإن من الرُّؤيا ما تكون إنذارًا من الله وهي صادقة يُريها الله المؤمن رفقاً به ليستعد لما يقع قبل وقوعه.
فعلى هذا تكون الرؤيا الصَّالحة، إما بِشَارة للمؤمن أو تنبيه له عن غَفْلَة.
وقوله: "يَراها المُسلم، أو تُرى له" معناه: سَواء رآها المُسلم بنفسه أو رآها غيره له.
وقوله: "ألا وإنِّي نُهِيت أن أقْرَأ القرآن راكِعا أو ساجِدا" معناه: أن الله تعالى نهى نبيه -صلى الله عليه وسلم- أن يقرأ القرآن في حال الركوع أو السُّجود، وما نُهي عنه -صلى الله عليه وسلم- فالأصل أنَّ أمَّته تبعٌ له إلا بدليل يدل على خصوصيته -صلى الله عليه وسلم-، هذا إذا قَصد التِّلاوة في ركوعه أو سجوده، أي: قصد قراءة القرآن أما إذا قصد الدعاء فلا حرج عليه، وفي الحديث : (وإنما لكل امْرى ما نوى).
والحكمة من النَّهي -والله أعلم- أن الرُّكوع والسُّجود هما حالتا ذُل وخُضوع، ثم إن السُّجود يكون على الأرض فلا يَليق بالقرآن أن يُقرأ في مثل هذه الحال.     
وقوله: "فأما الرُّكوع فعظِّموا فيه الرَّب عز وجل" أي قولوا: سبحان ربي العظيم، ونحوه من التسبيحات والتمجيدات الواردة في الركوع.
وقوله: "وأما السُّجود فَاجْتَهِدُوا في الدُّعاء" يعني: ينبغي للمصلِّي أن يُكثر من الدُّعاء حال السُّجود؛ لأنه من المواضع التي يُستجاب فيها الدعاء، وقد ثبت في مسلم عنه -صلى الله عليه وسلم- أنه قال: (أقرب ما يكون العَبد من ربِّه وهو ساجد فأكثروا الدعاء)، لكن مع قول: سبحان ربي الأعلى؛ لأنه واجب.
وقوله: "فَقَمِنٌ أن يُستَجاب لكم" أي حَريٌّ أن يُستجاب لدعائكم؛ لأن أقرب ما يكون العَبد من ربِّه وهو ساجد، ومحل استحباب إطالة الدُّعاء وكثرته: إذا كان الإنسان يُصلي منفردا أو في جماعة يستحبون الإطالة.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە سەپ تۈزۈپ، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۆيىنىڭ مىلەڭزىسىنى ئاچتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۇلارغا ناماز ئوقۇپ بېرەلمەي، ئەبۇ بەكرىنى كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىغان ئىدى، ئۇ: «ئەي خالايىقلار! ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىكنىڭ بېشارەتلىرىدىن ياخشى چۈشلا قالدى،-دېدى، يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ، ۋەھيى ئۈزۈلگەندىن كېيىن پەقەت رېئاللىققا مۇۋاپىق بولغان ياخشى چۈشلا قالدى، بۇ چۈشنى ئىمان ئەھلى كۆرۈپ، خوش بىشارەت ئالىدۇ، خۇرسەن بولۇپ، ئىمانى يەنىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ، بۇنداق بولىشى: چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا كۆرگەن چۈشلىرى تاڭنىڭ يورىقىدەك ئوچۇق نامايەن بولاتتى، شۇڭا چۈش پەيغەمبەرلىكنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. «بىشارەتلىرى» دېگەن سۆز كۆپىنچە ئەھۋالغا قاراپ ئېيتىلغان، چۈنكى بەزى راست چۈشلەر ئاللاھ تەرىپىدىن مۇئمىنگە كۆيۈنۈپ، بىرەر ئەھۋال يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى تەييارلىق قىلىۋىلىشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇشمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ ئاساسەن ياخشى چۈش مۆمىن ئۈچۈن بىشارەت بولىدۇ ياكى غەپلەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ. «ئۇ چۈشنى مۇسۇلمان كۆرىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرىلىدۇ» يەنى: مەيلى چۈشنى ئۆزى كۆرسۇن ياكى باشقىلار ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسۇن ئوخشاش. «دىققەت قىلىڭلار! مەن رۇكۇ قىلغان ۋە سەجدە قىلغان ھالەتتە قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەندىم» يەنى: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى رۇكۇ ياكى سەجدە ھالىتىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن چەكلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چەكلەنگەن ئىشلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بولمىسىلا، ئۈممەتمۇ بۇ ئىشتىن چەكلىنىدۇ، رۇكۇ ياكى سەجدىدە قۇرئان ئوقۇشنى مەقسەت قىلىنسا چەكلىنىدۇ، ئەمما دۇئا مەقسەت قىلىنسا چەكلەنمەيدۇ، ھەدىستە: «ھەر كىشى ئۈچۈن مەقسەت قىلغان ئىشى بولىدۇ» دېيىلگەن. چەكلەشتىكى ھېكمەت: -ئاللاھ تائالانى ھەممىنى بىلگۈچىدۇر- رۇكۇ ۋە سەجدە خارلىق ۋە بويسۇنۇش ھالەتلىرىدۇر، زېمىنغا سەجدە قىلغان ھالەتتە قىرائەت قىلىش قۇرئانغا لايىق ئەمەس. «رۇكۇدا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاڭلار» يەنى: رۇكۇدا ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان «سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم» گە ئوخشاش ئاللاھنى پاكلايدىغان ۋە ئۇلۇغلايدىغان دۇئالارنى قىلىڭلار. «سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىشقا تېرىشىڭلار» يەنى: ناماز ئوقۇغۇچى سەجدە ھالىتىدە دۇئانى كۆپ قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بەندىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى سەجدە قىلغان ھالىتى، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار» دېگەن، لېكىن:«سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا» دېگەن دۇئا بىلەن بىللە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ دۇئا ۋاجىپتۇر. «سىلەر ئۈچۈن ئىجابەت قىلىنىشقا لايىق» يەنى: چۈنكى بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن ۋاقتى سەجدە قىلغان ھالىتى بولىدۇ. دۇئانى ئۇزۇن ۋە كۆپ قىلىش ياخشى بولىدىغان ۋاقىت ئىنسان يالغۇز ياكى ئۇزۇن دۇئانى ياخشى كۆرىدىغان جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغان ۋاقىتتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10922

 
Hadith   790   الحديث
الأهمية: كانت صلاة رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وركوعه، وإذا رفع رأسه من الركوع، وسجوده، وما بين السجدتين، قريبا من السواء


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى رۇكۇسى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدىكى ئولتۇرىشى ئاساسەن بىر -بىرىگە يېقىن ئىدى

عن الحكم قال: غَلَب على الكُوفة رجُل -قد سَمَّاه- زَمَنَ ابن الأشْعَث، فأمر أبَا عُبيدة بن عبد الله أن يصلِّي بالناس، فكان يصلِّي، فإذا رَفع رأسه من الرُّكوع قام قَدْر ما أقُول: اللَّهُم ربَّنا لك الحَمد، مِلْءَ السَّماوات ومِلْءَ الأرض، ومِلْءَ ما شِئت من شَيء بعد، أهْل الثَّناء والمَجد، لا مانع لما أعْطَيت، ولا مُعْطِي لما مَنعت، ولا يَنفع ذَا الجَدِّ مِنْك الجَدِّ. قال الحَكم: فَذَكَرت ذلك لعَبد الرَّحمن بن أبي ليلى فقال: سمعت البَرَاء بن عَازب يقول: «كانت صلاة رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وركُوعه، وإذا رفع رأسه من الرُّكوع، وسُجوده، وما بَيْن السَّجدتين، قريبًا من السَّوَاء» قال شُعبة: فذَكَرْتُه لِعَمرو بن مُرَّة فقال: قد رأيت ابن أبي ليلى، فلم تَكن صلاته هكذا.

ھەكەم ئېيتتى: كۇپە شەھرىگە زەمەن ئىبنى ئەشئەس ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتىدا، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى ئابدۇللاھنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىدى، ئۇ كىشى رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە: "پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەر تولغىچە ۋە سەن ياراتقان ۋە يارىتىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سانىچە ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن، سەن مەدھىيلەش ۋە ئۇلۇغلاشقا لايىقسەن، سەن بەرگەننى توسىۋالغۇچى يوق، سەن توسقاننى بەرگۈچى يوق، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ" دېگەن دۇئانى ئوقۇغان مىقداردا تۇراتتى، ھەكەم مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئىشنى ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەبى لەيلاغا سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: مەن بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى بولسا رۇكۇسى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرىشى ئاساسەن بىر-بىرىگە يېقىن ئىدى» ، شۇئبە مۇنداق دېدى: "مەن بۇ سۆزنى ئەمرۇ ئىبنى مۇررەگە دېسەم، ئۇ كىشى: مەن ئىبنى ئەبى لەيلانى كۆرگەن، ئۇنىڭ نامىزى بۇنداق ئەمەس ئىدى دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "غَلَب على الكُوفة رجُل -قد سَمَّاه- زَمَنَ ابن الأشْعَث فأمر أبَا عُبيدة بن عبد الله أن يصلِّي بالناس".
وهذا الرُّجل هو مَطر بن ناجِية كما سَمَّاه في الرواية الثانية وأبو عُبيدة هو بن عبد الله بن مسعود -رضي الله عنه-.
" فكان يصلِّي، فإذا رَفع رأسه من الرُّكوع قام قَدْر ما أقُول: اللَّهُم ربَّنا لك الحَمد "وهذا القَدْر واجب من واجبات الصلاة، أما الزيادة عليه: " مِلْء السماوات.."، فمُستحبة؛ لقوله -صلى الله عليه وسلم-: (إذا قال الإمام سَمِع الله لمن حَمِدَه فقولوا ربَّنا لك الحمد).
ومعنى : "اللهُمَّ ربَّنا لك الحَمد" الدعاء والاعتراف، أي: ربَّنا استجِب لنَا, ولك الحَمد على هدايتك وتوفيقك لنا.
"مِلْءَ السَّماوات ومِلْءَ الأرض" يُراد بذلك تعظيم قدرها، وكثرة عَددها، والمعنى: أنَّك يا ربَّنا مستحقٌّ لهذا الحَمد، الذي لو كان أجسامًا، لملأ ذلك كله.
"ومِلْء ما شِئت من شيء بَعد" أي مما لا نعلمه من مَلَكُوتك الواسع.
"أهْل الثَّناء والمَجد" أي: أنك يا ربَّنا مستحق للثَّناء، والثَّناء: المَدْح، والمَجد: هو العَظمة والسُّلطان ونهاية الشَّرف، فالذي يستحق المَدْح والتَّعظيم المُطلق هو الله -عز وجل-.
   "لا مانع لما أعْطَيت" أي: لا مانع لما أردت إعطاءه.
   "ولا مُعْطِي لما مَنعت" أي: لا مُعطي من أرَدت حَرمانه من العَطاء بِحكمتك وعَدْلِك.
"ولا يَنفع ذَا الجَّدِّ مِنْك الجَدِّ" الجّدُّ: الغِنَى والحَظ؛ أي: لا يَنفع صاحب الغِنى عندك غِناه وحَظه، فلا يُعيذه من العَذاب، ولا يُفيده شيئًا من الثَّواب، وإنَّما النَّافع ما تعلَّقت به إرادتك فحسب.   
   "قال الحَكم: فذكرت ذلك لعَبد الرحمن بن أبي ليلى فقال: سمعت البَراء بن عَازب يقول: «كانت صلاة رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وركُوعه، وإذا رفع رأسه من الرُّكوع، وسجوده، وما بَيْن السَّجدتين، قريبا من السَّوَاء".
والمعنى: أن صلاته -صلى الله عليه وسلم- كانت مُتقاربة في مقدار أركانها وإن كان بينها فَرق يسير، فإذا أطال القيام أطال الرُّكوع بحيث يكون قريبا من قيامه وهكذا بقية الأركان، وإذا خَفَّف القيام، خَفَّف الرُّكوع بحيث يكون قريبا من قيامه وهكذا بقية الأركان.   
وهذا الحديث محمول على بعض الأحوال، وإلا فقد كان يطول -عليه الصلاة والسلام- أحيانا، وعلى هذا: يكون هذا الحديث جَرى في بعض الأوقات.
وحاصله: أن صلاة النبي -صلى الله عليه وسلم- كانت متقاربة في مِقدارها، فكان ركوعه ورفعه من الرُّكوع وسجوده وجلوسه بين السَّجدتين قريبا من الاستواء في المِقدار، وإنما كان يُطيل القيام للقراءة في بعض الأوقات.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: كۇپە شەھىرىگە زەمەن ئىبنى ئەشئەس ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتىدا، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى ئابدۇللاھنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىدى، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى "مەتەر ئىبنى ناجىيە "بولۇپ، ئىككىنچى بىر رىۋايەتتە مۇشۇنداق ئاتىغان، ئەبۇ ئۇبەيدە بولسا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى، ئۇ كىشى ناماز ئوقۇغان ۋاقىتتا رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرسە: "پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا كۆپلەپ ھەمدىلەر بولسۇن"دېگەن مىقداردا تۇردى ۋە مۇشۇ مىقتاردا دۇئا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئارتۇق : "پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەر تولغىچە ۋە سەن ياراتقان ۋە يارىتىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سانىچە ھەمدۇسانا ئېيتىمەن..."دېگەن دۇئانى ئوقۇش مۇستەھەب بولىدۇ، بۇ توغۇرسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىمام سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدە دېسە يەنى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ھەمدۇ سانا ئېيتقاننى ئاڭلىغۇچىدۇر دېسە، سىلەر: پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا كۆپلەپ ھەمدىلەر بولسۇن"دەڭلار دېگەن، پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا كۆپلەپ ھەمدىلەر بولسۇن"دېگەن ھەم دۇئا ھەم ئېتىراپ قىلىشتۇر، يەنى ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ تىلىكىمىزنى ئىجابەت قىلغىن، سەن بىزنى ھىدايەت قىلغان ۋە ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلغانلىق ئۈچۈن ساڭا كۆپلەپ ھەمدىلەر بولسۇن، ئاسمانلار ۋە زېمىن تولغىچە دېگەن سۆز ئارقىلىق ئېيتىلىدىغان ھەمدە _سانانىڭ مىقدارىنىڭ كاتتىلىقى ۋە سانىنىڭ كۆپلىكى مەقسەت قىلىنىدۇ،بۇنىڭ مەنىسى: ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن مۇشۇنداق مەدھىيلەشكە لايىقسەن، ئەگەر بۇ مەدھىيلەر جىسىم بولغان بولسا ئەلۋەتتە ئاشۇنىڭ ھەممىسىنى توشقۇزاتتى دېگەنلىكتۇر، سەن ياراتقان ۋە يارىتىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سانىچە ھەمدۇ_سانا ئېيتىمەن، يەنى سېنىڭ كەڭرى پادىشاھلىقىڭدا بىز بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ سانىچە ھەمدۇ _سانا ئېيتىمەن، سەن مەدھىيلەش ۋە ئۇلۇغلاشقا لايىقسەن، يەنى سەن ئى پەرۋەردىگارىمىز! مۇتلەق شان_شەرەپ، ماختاش_مەدھىيلەرنىڭ ساھىبى سەن، سېنىڭ شان_شەرىپىڭ چەكسىزدۇر، سەن بەرگەننى توسىۋالغۇچى يوق، يەنى سەن بېرىشنى مەقسەت قىلساڭ ئۇنى توسىۋالغۇچى يوق، سەن توسقاننى بەرگۈچى يوق، يەنى سەن ئۆزۈڭنىڭ ئادىللىقىڭ ۋە ھېكمىتىڭ بىلەن چەكلەشنى مەقسەت قىلساڭ، سەن چەكلىگەننى بەرگۈچى يوق، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ" يەنى، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى، ئابرويى ئەسقاتمايدۇ، ئۇنى سېنىڭ ئازابىڭدىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئەجىر_ساۋاپتىن بىر نەرسىنى كۆپەيتىپ بېرەلمەيدۇ، پايدا_مەنپەئەت پەقەت سېنىڭ ئىرادەڭگە ئالاقىدار بولىدۇ، ھەكەم مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئىشنى ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەبى لەيلاغا سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: مەن بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى بولسا رۇكۇسى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرىشى ئاساسەن بىر_بىرىگە يېقىن ئىدى» يەنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ رۇكنىنىڭ(پەرىزلىرىنىڭ) ئارىسى ئازراق پەرق بولسىمۇ مىقداردا يېقىن ئىدى، قىيامدا ئۇزۇن تۇرغان بولسا، رۇكۇنىمۇ قىيامغا يېقىن ھالەتتە ئۇزۇن قىلاتتى، نامازنىڭ قالغان پەرزلىرىنىمۇ شۇنداق قىلاتتى، قىيامنى يەڭگىل قىلسا، رۇكۇنىمۇ قىيامغا يېقىن بولغان ھالەتتە يەڭگىل قىلاتتى، نامازنىڭ قالغان پەرزلىرىنىمۇ شۇنداق قىلاتتى،بۇ ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ بەزى ھالەتلىرىنى بايان قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ۋاقىتلار نامازنى بەك ئۇزۇن ئوقۇيتتى، بۇ ھەدىسمۇ بەزى ۋاقىتتا ئوقۇلغان نامازنى ئىپادىلەيدۇ، سۆزنىڭ خۇلاسىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى ئاساسەن مىقداردا بىر-بىرىگە يېقىن ئىدى، رۇكۇ قىلىشى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرىشى مىقداردا بىر_بىرىگە يېقىن ئىدى، بەزى ۋاقىتتا قىيامدا قىرائەتنى ئۇزۇن قىلاتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10924

 
Hadith   791   الحديث
الأهمية: أمرت أن أسجد على سبعة أعظم على الجبهة، وأشار بيده على أنفه واليدين والركبتين، وأطراف القدمين ولا نكفت الثياب والشعر


باشتېما:

مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ، قولى بىلەن بۇرنى، ئىككى قولى، ئىككى تىزى ۋە ئىككى قەدىمىنىڭ ئەتراپىغا ئىشارەت قىلدى ۋە كىيىمنى تۈرىۋالماسلىق، چاچنى بانتىلىۋالماسلىق كېرەك، دېدى

عن ابن عباس -رضي الله عنهما- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «أمِرْت أن أسْجُد على سَبْعَة أعَظُم على الجَبْهَة، وأشار بِيَده على أنْفِه واليَدَين والرُّكبَتَين، وأطْرَاف القَدَمين ولا نَكْفِتَ الثِّياب والشَّعر».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ، قولى بىلەن بۇرنى، ئىككى قولى، ئىككى تىزى ۋە ئىككى قەدىمىنىڭ ئەتراپىغا ئىشارەت قىلدى ۋە كىيىمنى تۈرىۋالماسلىق، چاچنى بانتىلىۋالماسلىق كېرەك»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى حديث :"أمِرْت أن أسْجُد" وفي رواية "أُمرنا"، وفي رواية: "أَمَر النبي -صلى الله عليه وسلم-"؛ والثلاث الروايات كلها للبخاري، والقاعدة الشرعية أنَّ ما أُمِرَ به النبي -صلى الله عليه وسلم- فهو أمرٌ عامٌّ له ولأمته؛ "على سَبْعَة أعَظُم" أي: أمِرت أن أسجد على سَبعة أعْضَاء، فالمراد بالأعَظُم: أعضاء السُّجود كما جاء مفسرا في الرواية الأخرى، ثم فسَّرها بقوله:
"على الجَبْهَة" أي أُمِرت بالسُّجود على الجَبَهة، مع الأنْف كما يدل عليه قوله: "وأشار بِيَده على أنْفِه"، أي أشار إلى أنْفِه ليُبَيِّن أنَّهما عُضو واحد.
"واليَدَين" أي وعلى باطِن الكَفَّين، كما هو المُراد عند الإطلاق، "والرُّكبَتَين وأطْرَاف القَدَمين" أي: وأُمِرت أن أسْجُد على الرُّكبتين وعلى أطراف أصابِع القَدَمَين وفي حديث أَبي حُميد السَّاعدي -رضي الله عنه- في باب صفة الصلاة بلفظ: (واسْتَقبل بأصابع رِجْلَيه القِبْلَة) أي وهو ساجد.
"ولا نَكْفِتَ الثِّياب والشَّعر" والكَفْت: الجَمع والضَّم، والمعنى: لا نَضُم ولا نَجمع الثِّياب والشَّعر من الانتشار عند الرُّكوع والسُّجود، بل نترك الأمر على حاله حتى يقعا على الأرض ليَسجد بجميع الأعضاء والثِّياب والشَّعر.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم يەنە بىر رىۋايەتتە: سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇق، يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇيرىدى دېيىلگەن، بۇ ئۈچ يول بىلەن كەلگەن رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇخارىنىڭ رىۋايىتى، شەرئى پرىنسىپتا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇيرىغان بىر ئىش ئومۇم بولۇپ ئۆزى ۋە ئۈممىتىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، يەتتە ئەزاغا يەنى يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، بۇنىڭدىن سەجدە قىلىنىدىغان يەتتە ئەزا مەقسەت قېلىنىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە بۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان، پىشانىگە يەنى بۇرۇن بىلەن پىشانىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ بۇرۇن بىلەن پېشانىنىڭ بىر ئەزا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن، ئىككى قول يەنى ئىككى ئالقاننىڭ ئىچى، ئىككى تېز ۋە ئىككى پۇتنىڭ ئەتراپى يەنى ئىككى تېز ۋە ئىككى قەدەمنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئەتراپى بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئەبۇ ھۈمەيد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نامازنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدىكى بابتا بايان قىلىنغان ھەدىستە: «سەجدە قىلغان ھالەتتە پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە يۈزلەندۈردى» دېيىلگەن، رۇكۇ قىلغان ۋە سەجدە قىلغاندا كىيىمنى تۈرىۋالماسلىق ۋە چاچنى چۇۋۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ بانتىلىۋالماسلىققا بۇيرۇلدۇق، بارلىق ئەزالىرىمىز، كىيىملىرىمىز ۋە چاچلىرىمىز بىلەن سەجدە قىلىش ئۈچۈن سەجدە قىلىدىغان ۋاقتىمىزدا ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇلدۇق   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10925

 
Hadith   792   الحديث
الأهمية: إذا سجدت فضع كفيك، وارفع مرفقيك


باشتېما:

سەجدە قىلغان ۋاقىتتا ئىككى ئالقىنىڭنى قويغىن، ئىككى جەينىكىڭنى كۆتۈرگىن

عن البَرَاء بن عَازب -رضي الله عنهما- مرفوعًا: «إذا سَجَدت فضَع كفَّيك وارْفَع مِرْفَقَيْك».

بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «سەجدە قىلغان ۋاقىتتا ئىككى ئالقىنىڭنى قويغىن، ئىككى جەينىكىڭنى كۆتۈرگىن»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث إذا سَجَدت على الأرض فَمَكِّن كفَّيك من الأرض وارفع الذِّراعين من الأرض مع مُجَافاة الجَنْبَين؛ لأنه أشبه بهيئة المتواضع وأبْعد عن هيئة الكُسَالى ومُشابهة الحيوانات، فإن المُنبسط يشبه سِباع الحيوانات، حال افتراشها ويُشعر حاله بالتهاون بالصلاة وقِلَّة الاعتناء بها، والإقبال عليه، وفي حديث ميمونة -رضي الله عنها- عند مسلم: "كان -صلى الله عليه وسلم- يُجَافي يديه فلو أن بهيمة أرادت أن تَمر لمَرت".
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: سەن زېمىندە سەجدە قىلغان ۋاقتىڭدا، ئىككى ئالقىنىڭنى زېمىنغا قويغىن، ئىككى جەينىكىڭنى كۆتۈرۈپ، ئىككى بېقىنىڭدىن يىراق تۇتقىن، بۇ كەمتەرلىك ھالىتىگە ئوخشايدۇ، ھورۇنلۇق ھالىتى ۋە ھايۋانلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن يىراقتۇر، چۈنكى ئىككى جەينىكىنى يەرگە چاپلىۋىلىش، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاپ قالغانلىق ھېسابلىنىدۇ، ئىككى بىلىكىنى يەرگە چاپلىۋالغاندا ئۇ كىشىنىڭ ھالى نامازغا ھورۇنلۇق قىلغۇچىنىڭ، نامازغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ۋە قەلبى بىلەن يۈزلەنمەيدىغان كىشىنىڭ ھالىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئىمام مۇسلىم مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدە قىلغاندا ئىككى جەينىكىنى ئىككى بېقىنىدىن يىراق قىلاتتى، ئەگەر كىچىك قوزىلار جەينىكىنىڭ ئاستىدىن ئۆتمەكچى بولسا ئۆتەلەيتتى» دېيىلگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10927

 
Hadith   793   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان إذا ركع فرج أصابعه وإذا سجد ضم أصابعه


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغاندا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ھىم تۇتاتتى

عن وائل بن حجر -رضي الله عنه-: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان إذا ركع فَرَّجَ أصابِعَه وإذا سَجد ضَمَّ أصَابِعه.

ۋائىل ئىبنى ھۇجىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغاندا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ھىم تۇتاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "كان إذا ركع فَرَّجَ أصابِعَه وإذا سَجد ضَمَّ أصَابِعه" أي: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان في الرَّكوع يقبض على رُكبتيه بِكَفَّيه ويفرِّج بين أصابعه؛ لأن ذلك أمكَن من الرُّكوع، وأثبت لحصول تَسوية ظهره برأسه.
وأما في السجود فيضع كفَّيه على الأرض، ويضمَّ أصابعه فيلصق بعضها ببعض؛ ليحصل بذلك كمال استقبال القِبْلَة بها، وهو أعْوَن على تحملها أثناء السُّجود.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: رۇكۇ قىلغاندا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ھىم تۇتاتتى، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغاندا ئىككى ئالقىنى بىلەن ئىككى تېزىنى چىڭ تۇتۇپ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، بۇنداق قىلىش بىلەن رۇكۇدا ئۇچىسى بىلەن بېشىنى باراۋەر قىلىپ مۇستەھكەم تۇرغىلى بولىدۇ، سەجدە قىلغاندا بولسا ئىككى ئالقىنىنى يەرگە قوياتتى، بارماقلىرىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە چاپلاپ ئارىسىنى ھىم قىلاتتى، بۇنىڭ قىبلىگە مۇكەممەل يۈزلىنىشكە ۋە سەجدە قىلىش جەريانىدا جىسمىنى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولاتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10928

 
Hadith   794   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- ,إذا كان في وتر من صلاته لم ينهض حتى يستوي قاعدا


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىنىڭ ھەر رەكىتىدە راۋۇرۇس ئولتۇرمىغىچە ئورنىدىن تۇرمايتتى

عن مالك بن الحويرث -رضي الله عنه-: أنه رأى النبي -صلى الله عليه وسلم- يصلي, فإذا كان في وِتْرٍ من صلاته لم ينهض حتى يستوي قاعداً.

مالىك ئىبنى ئەلھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىنىڭ ھەر رەكىتىدە راۋۇرۇس ئولتۇرمىغىچە ئورنىدىن تۇرمايتتى، دەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان من هديه -عليه السلام- إذا قام    من الركعة الأولى    إلى الثانية ومن الثالثة إلى الرابعة لم يقم حتى يستقر جالساً جلسة خفيفة ثم قام، وتسمى هذه الجلسة بجلسة الاستراحة، وقد رواها عنه -عليه السلام- جمع من الصحابة.
576;ىرىنچى رەكئەتتىن ئىككىنچى رەكئەتكە ۋە ئۈچىنچى رەكئەتتىن تۆتىنچى رەكئەتكە تۇرىدىغان ۋاقىتتا دەرھال تۇرماستىن، يېنىك ئولتۇرۇۋىتىپ، ئاندىن تۇرۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولۇپ، بۇ ئارام ئېلىش ئولتۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق ئولتۇرغانلىقىنى كۆپلىگەن ساھابىلار رىۋايەت قىلغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10931

 
Hadith   795   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا قعد يدعو، وضع يده اليمنى على فخذه اليمنى، ويده اليسرى على فخذه اليسرى، وأشار بإصبعه السبابة، ووضع إبهامه على إصبعه الوسطى، ويلقم كفه اليسرى ركبته


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندا ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، باش بارمىقىنى ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، سول ئالقىنى بىلەن سول تىزىنى تۇتاتتى

عن عبد الله بن الزُّبير -رضي الله عنهما- قال: «كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا قَعد يَدْعُو، وضع يَده اليُمْنَى على فخِذِه اليُمْنَى، ويَده اليُسْرَى على فخِذِه اليُسْرَى، وأشَار بِإِصْبَعِهِ السَّبَّابَة، ووضَع إبْهَامَه على إِصْبَعِهِ الوُسْطَى، ويُلْقِم كَفَّه الْيُسْرَى رُكْبَتَه».

ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھۇتتا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندا ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، باش بارمىقىنى ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، سول ئالقىنى بىلەن سول تىزىنى تۇتاتتى»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا قَعد يَدْعُو" يعني: جلس للتَّشهد، يؤيده حديث ابن عمر -رضي الله عنهما-: (كان إذا قَعَد للتَّشهد، وضع يَده اليُسْرَى على رُكْبتَهِ اليُسْرَى..)، رواه مسلم.
والتَّشهد هو قراءة: "التَّحيات لله والصلوات والطَّيبات، السَّلام عليك أيها النَّبي ورحمة الله وبركاته، السَّلام علينا وعلى عباد الله الصالحين.."، وسُمي دُعاء لاشتماله على الدعاء؛ فإن قوله: "السَلام عليك"، "والسَلام علينا" دعاء.
قوله: "وضع يَده اليُمْنَى على فَخِذِه اليُمْنَى، ويَده اليُسْرَى على فخِذِه اليُسْرَى"، أي: أنه إذا جلس للتَّشهد بَسط يَده اليُمنى على فَخِده اليُمنى واليُسرى كذلك؛ والحكمة في وضعها عند الرُكبة أو على الرُّكبة أو الفَخِذ مَنْعُها من العَبث، ووضع اليَد على الفَخِذ لا يُخالف وضعها على الرُّكبة؛ لأن من لازم وضع اليَد على الفَخذ أن تصل أطراف الأصابع إلى الرُّكبة، وفي رواية وائل ابن حُجْر -رضي الله عنه- عند النسائي وغيره أن النبي -صلى الله عليه وسلم-: "وضع كَفَّه اليُسرى على فَخِذه ورُكبته اليُسرى، وجعل حَدَّ مِرفقه الأيمن على فَخِذه اليُمنى" وقوله -رضي الله عنه-: "وجعل حَدَّ مِرفقه الأيمن على فَخِذه اليُمنى"، فإذا جعل المصلِّي حدَّ مرفقه على فخذه فإنه بلا شك أن أطراف الأصابع تصل إلى الرُّكبة.
قال النووي -رحمه الله-: "قد أجمع العلماء على استحباب وضعها عند الرُّكبة أو على الرُّكبة، وبعضهم يقول بعطف أصابعها على الرُّكبة، وهو معنى قوله: "ويلقم كَفه اليُسرى رُكْبَتَه".
وقوله: "وضع يَده" المُراد باليَد هنا: من أطراف الأصابع إلى المرفقين، وظاهر الحديث: سواء كان ذلك في التَّشهد الأول أو الثاني.
قوله: "وأشَار بِإِصْبَعِهِ السَّبَّابَة" السَّبَّابة هي: الأصْبِع التي تَلي الإبْهَام، وسُمَّيت بالسَّبَّابة؛ لأنَّه يُشار بها عند السَّبِّ، وتسمى أيضًا بالمُسَبِّحة؛ لأنه يُشير بها إلى توحيد الله -تعالى- وتَنزيهه، وهو: التَّسبيح، والإشارة بالإصبع السَّبَّابة عند التَّشهد سُنة، ثبت بذلك الأحاديث الصحيحة، والسنة أن يشير بها من حِين قَعوده للتَّشهد إلى أن يَفرغ منه؛ لظاهر حديث الباب، فإن قوله: "كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا قَعد يَدْعُو، وضع يَده اليُمْنَى على فخِذِه اليُمْنَى، ويَده اليُسْرَى على فخِذِه اليُسْرَى، وأشَار بِإِصْبَعِهِ السَّبَّابَة..".
وفي مسلم -أيضاً- من حديث عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما-: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كان إذا قَعد في التَّشهد وضع يَده اليُسرى على رُكْبَتِه اليُسْرَى، ووضع يَده اليُمنى على رُكبته اليُمنى، وعَقَد ثلاثة وخمسين وأشار بالسَّبَّابة".
ومثله: حديث وائل بن حُجْر -رضي الله عنه- عند أبي داود وفيه :" ثم جلس فافترش رِجله اليُسرى، ووضع يَده اليُسرى على فخذه اليسرى، وحَدَّ مِرفقه الأيمن على فَخذه اليَمنى، وقَبِض ثنتين وحَلَّق حَلَقة، ورأيته يقول هكذا، وحَلَّق بِشْرٌ الإبْهَام والوُسْطَى وأشار بالسَّبَّابة".
قال ابن حَجر -رحمه الله-: "من أول جلوسه للتَّشَهد كما دلت عليه الرِّوايات الأخرى"، وبهذا أفتى الشيخ ابن باز -رحمه الله- واللجنة الدائمة.
قوله: "ووضَع إبْهَامَه على إِصْبَعِهِ الوُسْطَى" يعني: حَلَّق بالإبْهَام والوسْطى وأشار بالسَّبَّابة.
قوله: "وأشَار بِإِصْبَعِهِ" يعني: يُشير بالسَّبَابة؛ وذلك بأن يجعلها قائمة في جميع الأحوال المتقدمة؛ والحكمة في الإشارة بها إلى أن المَعبود -سبحانه وتعالى- واحد؛ ليجمع في توحيده بين القول والفعل والاعتقاد.
وفي حديث ابن عمر مرفوعا في مسند الإمام أحمد: "لهي أشدُّ على الشيطان من الحديد".
قوله: "وأشَار بِإِصْبَعِهِ" ظاهر الحديث: أنه لا يُحركها؛ لأن الإشارة غير التحريك.
قوله: "ويُلْقِم كَفَّه الْيُسْرَى رُكْبَتَه" أي: يدخل رُكْبَته في راحَة كَفِّه اليُسرى ويقبض عليها، حتى تَصير رُكبته كاللُّقمة في يده.
والحال الثانية: أن يبسط يده اليُسرى على رُكبته من غير قَبض كما في حديث ابن عمر -رضي الله عنه- في مسلم: "أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان إذا جلس في الصلاة وضع يديه على رُكبتيه... ويده اليُسْرى على رُكبته باسطها عليها"، وبناء عليه: تكون سُنة وضع اليدين عند التشهد وردت على وجهين، وبأيهما أخذ فقد أصاب السُّنَّة، والأولى والأفضل أن يفعل هذا تارة وهذا تارة؛ عملا بجميع ما ثبت عنه -صلى الله عليه وسلم-.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندا» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇت ئۈچۈن ئولتۇرغاندا، سول قولىنى سول تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى» دېگەن ھەدىس كۈچلەندۈرىدۇ. تەشەھھۇد دېگەن بۇ دۇئانى ئوقۇشتۇر: «سۆز بىلەن، بەدەن بىلەن ۋە مال-مۈلۈك بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر ئاللاھقا خاستۇر. ئامانلىق، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلىگە بولسۇن، ئى پەيغەمبەر!. ئامانلىق بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە بولسۇن». بۇ سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۈممەتكە بولغان تىلەكنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن دۇئا دەپ ئاتالدى. «تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى» قولىنى يوتىسىنىڭ ياكى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىشىدىن بولغان ھېكمەت ئۇنى بىكارچىلىقتىن توسۇشتۇر، قولىنى يوتىسىنىڭ ياكى تىزىنىڭ ئۈستىدە قويۇشتا زىتلىق يوق، چۈنكى قولىنى يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويغاندا بارماقلىرىنىڭ ئۈچى يوتىسىنىڭ ئەتراپىغا يېتىدۇ، نەسائى ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سول ئالقىنىنى سول يوتىسى ۋە سول تىزىنىڭ ئۈستىگە، ئوڭ جەينىكىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قىلاتتى»، ناماز ئوقۇغۇچى جەينىكىنى يوتىسىغا قىلسا، ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچى چوقۇم تېزىغا يېتىدۇ. نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئۆلىمالار ئالقىنىنى تېزىغا ياكى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى، بەزىلەر قول بارماقلىرىنىڭ تىزغا يېتىشىنى ئېيتتى، بۇ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سول ئالقىنى بىلەن تېزىنى تۇتاتتى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى. «قولىنى قوياتتى» دېگەن سۆزدىن بولغان مەقسەت: بارماقلارنىڭ ئۇچىدىن جەينەككىچە بولغان ئارىلىق كۆزدە تۇتىلىدۇ، ھەدىسنىڭ ئىپادىسىدىن: بۇ بىرىنچى تەشەھھۇتتا بولسىمۇ ياكى ئىككىنچى تەشەھھۇتتا بولسىمۇ ئوخشاش. باش بارماقنىڭ يېنىدىكى كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، بۇ بارماقنىڭ كۆرسەتكۈچ بارماق دەپ ئاتىلىشى: ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئۇنىڭ بىلەن ئىشارە قىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك تەسبىھ ئېيتقۇچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە پاكلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ، ئۇ تەسبىھ ھېسابلىنىدۇ. تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان، باپتا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە سۈننەت: تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندىن باشلاپ تەشەھھۇت ئاخىرلاشقىچە ئىشارەت قىلىشتۇر. ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندا ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى» دېيىلگەن. مۇسلىمنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا سول قولىنى سول تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، ئوڭ قولىنى ئوڭ تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، ئەللىك ئۈچنى چېگىپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى» دېگەن. بۇنىڭ ئوخشىشىنى ئەبۇ داۋۇد ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا سول پۇتىنى ياياتتى، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىدە، ئوڭ جەينىكىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىدە قىلاتتى، ئىككى بارمىقىنى تەگكۈزۈپ يۇمۇلاق قىلاتتى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردۈم دەپ، باش بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۇچىنى يۇمۇلاق قىلىپ، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلدى» دېگەن. ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "باشقا رىۋايەتلەر بايان قىلغاندەك تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندىن باشلاپ شۇنداق قىلغان"، شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ ۋە دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىمۇ مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەن. ھەدىستىكى «باش بارمىقىنى ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۈستىگە قويدى» دېگىنى: باش بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى يۇمۇلاق قىلىپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلدى، دېمەكتۇر، يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدە بارماقنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىشتىن بولغان مەقسەت: ھەقىقى ئىبادەت قىلىنغۇچى بىر دەپ، ئاللاھنى بىر بىلىشتە سۆز، ھەرىكەت ۋە ئېتىقادنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. مۇسنەد ئەھمەدتە ئىبنى ئومەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «بۇنداق قىلىش شەيتانغا تۆمۈردىنمۇ قاتتىقراق»دېيىلگەن. «بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلدى» دېگەندىن بارمىقىنى ھەرىكەتلەندۈرمىگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ، ئىشارەت دېگەن ھەرىكەت ئەمەس. «سول قولى بىلەن سول تېزىنى چېڭ تۇتاتتى» يەنى: تېزىنى سول ئالقىنىنىڭ ئېچىگە كىرگۈزۈپ، چېڭ تۇتاتتى، ھەتتا تىزى قولىدىكى لوقمىدەك بولاتتى. ئىككىنچى خىل ھالەت: تېزىنى چېڭ تۇتماستىن، سول قولىنى سول تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇشتۇر، مۇسلىم ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا، ئىككى قولىنى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، سول قولىنى سول تىزىنىڭ ئۈستىگە ياياتتى»دېيىلگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن: تەشەھھۇتتا ئىككى قولىنى قويۇش توغرىسىكى سۈننەت ئىككى خىل يول بىلەن بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ قايسىسىنى تۇتسا سۈننەتكە ئەمەل قىلغان بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە تەڭ ئەمەل قىلىپ، بىر قېتىم ئۇنى، يەنە بىر قېتىم بۇنى قېلىش كېرەك   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10941

 
Hadith   796   الحديث
الأهمية: إن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- تَفَلَ في رجل عمرو بن معاذ حين قطعت رجله، فبرأ


باشتېما:

ئەمرۇ ئىبنى مۇئازنىڭ پۇتى كېسىلىپ كەتكەندە ئۇنىڭ پۇتىغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈفلەپ قويىۋىدى، تېزلا ساقىيىپ كەتتى

عن بريدة -رضي الله عنه- قال: «إنَّ رسولَ الله -صلى الله عليه وسلم- تَفَلَ في رِجْل عمرو بن مُعاذ حِين قُطِعتْ رِجْلُه، فبَرأَ».

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: ئەمرۇ ئىبنى مۇئازنىڭ پۇتى كېسىلىپ كەتكەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ پۇتىغا سۈفلەپ قويىۋىدى، تېزلا ساقىيىپ كەتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما قُطعت رجل عمرو بن معاذ -رضي الله عنه- بصق النبي -صلى الله عليه وسلم- فيها من ريقه الطاهر، فشُفي وعوفي بإذن الله، وهذه معجزة ظاهرة للنبي -صلى الله عليه وسلم-.
574;ەمرۇ ئىبنى مۇئازنىڭ پۇتى كېسىلىپ كەتكەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ پۇتىغا سۈفلەپ قويىۋىدى، ئۇنىڭ پۇتى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن تېزلا ساقىيىپ كەتتى، مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ روشەن مۆجىزىسىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10953

 
Hadith   797   الحديث
الأهمية: مسح رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يده على وجهي ودعا لي، فعاش مائة وعشرين سنة وليس في رأسه إلا شعيرات بيض


باشتېما:

ئاللاھنىڭ ئەلچىسى قولى بىلەن يۈزۈمنى سىلاپ، ماڭا دۇئا قىلدى. ئۇ بىر يۈز يىگىرمە يىل ياشىدى، ئۇنىڭ بېشىدا بىر نەچچە تالدىن باشقا ئاق چاچ يوق ئىدى

عن أبي زيد بن أخْطَب -رضي الله عنه- قال: «مَسَح رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يده على وجْهِي ودَعا لي» قال    عَزْرَةُ: إنه عاش مائة وعشرين سنَة وليس في رأسه إلا شُعيْرات بِيض.

ئەبۇ زەيد ئىبنى ئەختەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولى بىلەن يۈزۈمنى سىلاپ، ماڭا دۇئا قىلدى». ئەزرە مۇنداق دېدى: ئۇ بىر يۈز يىگىرمە يىل ياشىدى، ئۇنىڭ بېشىدا بىر نەچچە تالدىن باشقا ئاق چاچ يوق ئىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
مسح رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يده على وجه أبي زيد بن أخطب الأنصاري -رضي الله عنه-، ودعا له، وفي رواية أخرى للحديث أنه دعا    له بهذا الدعاء: «اللهم جمِّله، وأدِم جماله» أي: اللهم اجعله جميلًا، واجعل جماله دائمًا معه طول عمره، يقول عزرة وهو أحد رواة الحديث: إن أبا زيد الأنصاري عاش مائة وعشرين سنة وليس في رأسه إلا شعرات قليلة بيضاء، وفي رواية: أنه كان منبسط الوجه، ليس فيه تجاعيد ولا انكماش، وظل ذلك إلى حين وفاته، وذلك كله ببركة دعائه -صلى الله عليه وسلم- ومسحه على وجهه.
574;اللاھنىڭ ئەلچىسى قولى بىلەن ئەبۇ زەيد ئىبنى ئەختاب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۈزىنى سىلاپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلدى. ھەدىسنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە ئۇنىڭغا: «ئى ئاللاھ! ئۇنى گۈزەل قىلغىن ۋە گۈزەللىكىنى داۋاملاشتۇرغىن» دەپ دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان، يەنى: ئى ئاللاھ! ئۇنى گۈزەل قىلغىن، گۈزەللىكىنى ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى ھاياتىغىچە داۋاملاشتۇرغىن. ھەدىس رىۋايەتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەزرە: ئەبۇ زەيد ئەنسارى بىر يۈز يىگىرمە يىل ياشىدى، ئۇنىڭ بېشىدا ئازغىنىدىن باشقا ئاق چاچ يوق ئىدى،- دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇنىڭ يۈزى پاقىراپ تۇرىدىغان، قورۇق ۋە داغ-سەپكۈن يوق بولۇپ، بۇ ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر شۇنداق تۇردى، بۇنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى سىلاپ، دۇئا قىلغانلىقىنىڭ بەرىكىتى بىلەن بولدى،- دېيىلگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10955

 
Hadith   798   الحديث
الأهمية: ما رَمِدْتُ ولا صُدِعتُ منذ مسح رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وجهي، وتفل في عيني يوم خيبر حين أعطاني الراية


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر كۈنى ماڭا بايراقنى بەرگەندە يۈزۈمنى سۈرتۈپ، كۆزۈمگە تۇكۇرۇكىنى سۈرۈپ قويغاندىن بېرى كۆزۈممۇ ۋە بېشىممۇ ئاغرىپ باقمىدى

عن علي بن أبي طالب -رضي الله عنه- قال: «ما رَمِدْتُ ولا صُدِعْتُ منذ مَسَحَ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وجْهي، وتَفَل في عيْنِي يوم خَيْبر حِين أعْطاني الرَّايَة».

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر كۈنى ماڭا بايراقنى بەرگەندە يۈزۈمنى سۈرتۈپ، كۆزۈمگە تۇكۇرۇكىنى سۈرۈپ قويغاندىن بېرى كۆزۈممۇ ۋە بېشىممۇ ئاغرىپ باقمىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان علي بن أبي طالب يشتكي من ألم في عينه، -بسبب الرمد- في غزوة خيبر، فدعاه النبي -صلى الله عليه وسلم-، فمسح وجهه وبصق في عينه فشُفي بإذن الله، ثم أعطاه الراية، وفتح الله عليه حصن خيبر، ويخبر علي -رضي الله عنه- أنه ما أصابه الرمد ولا الصداع منذ أن مسح النبي -صلى الله عليه وسلم- وجهه، وبصق في عينه في غزوة خيبر، وهذه معجزة ظاهرة للنبي -صلى الله عليه وسلم-.
574;ەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەيبەر غازىتىدا كۆز ئاغرىقىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى چاقىرىپ يۈزىنى سۈرتۈپ، كۆزىگە تۈكۈرۈكىنى سۈرىۋىدى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ساقايدى، ئاندىن ئۇنىڭغا بايراقنى تۇتقۇزدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا خەيبەر پەتھىسىنى بەردى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى يۈزىنى سۈرتۈپ، تۈكۈرۈكى بىلەن كۆزىنى سۈرۈپ قويغاندىن بېرى كۆزىمۇ ۋە بېشىمۇ ئاغرىپ باقمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېنىق مۆجىزىلىرىدىن بىرى ئىدى   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئەبۇ يەئلا"مۇسنەد ئەبۇ يەئلا" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10956

 
Hadith   799   الحديث
الأهمية: كنت عند قتادة بن ملحان حين حضر، فمر رجل في أقصى الدار، قال: فأبصرته في وجه قتادة، قال: وكنت إذا رأيته كأن على وجهه الدهان


باشتېما:

قەتادە ئىبنى مىلھان سەكراتقا چۈشكەندە مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىدىم، ھويلىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىن بىر كىشى ئۆتتى، مەن قەتادىنىڭ يۈزىگە قارىسام ئۇنىڭ يۈزى مايلاپ پاقىرتىۋەتكەندەك كۆرۈندى دەيدۇ

عن أبي العَلاء بن عُمير -رضي الله عنه-، قال: كنتُ عند قَتادة بن مِلْحان حين حُضِر، فمرَّ رجل في أقْصى الدَّار، قال: فأبْصرْتُه في وجْهِ قتادة، قال: وكنتُ إذا رأيتُه كأنَّ على وجْهِه الدِّهان، قال: «وكان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- مَسَح على وجْهِه».

ئەبۇ ئەئلا ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: قەتادە ئىبنى مىلھان سەكراتقا چۈشكەندە مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىدىم، ھويلىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىن بىر كىشى ئۆتتى، مەن قەتادىنىڭ يۈزىگە قارىسام، ئۇنىڭ يۈزى مايلاپ پاقىرتىۋەتكەندەك كۆرۈندى دەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان أبو العلاء بن عُمير عند قتادة بن مِلْحان -رضي الله عنه- حين جاءه الموت، فمر رجل في مكان بعيد من الدار، فرآه أبو العلاء في وجه قتادة، فكان وجهه كالمرآة، وكان إذا رآه كأن وجهه قد طُلي بالدهن لصفائه ولمعانه وإشراقه، وذلك لأن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- مسح على وجه قتادة، فمن ذلك حصل له هذا الصفاء والإشراق ببركة مسح النبي -صلى الله عليه وسلم- على وجهه.
574;ەبۇ ئەلا ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەتادە ئىبنى مىلھان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەكراتقا چۈشكەندە يېنىدا ئىدى، شۇ ۋاقىتتا ھويلىنىڭ چەت تەرىپىدىن بىر كىشى ئۆتتى، بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ئەلا قەتادىنىڭ يۈزىنى ئەينەكتەك سۈزۈك كۆردى، ئۇنىڭ چېرايى نۇرلۇق، پارقىراق ۋە سۈزۈكلۈكتە ماي سۈرتكەندەك پارقىرايتتى، بۇنىڭ سەۋەبى: بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەتادىنىڭ يۈزىنى سىلىغان، قەتادىنىڭ يۈزىنىڭ پارقىرىشى ۋە سۈزۈكلۈكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى سىلىغانلىقىنىڭ بەرىكىتىدىن ھاسىل بولغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10958

 
Hadith   800   الحديث
الأهمية: لما غسل النبي -صلى الله عليه وسلم- ذهب يلتمس منه ما يلتمس من الميت، فلم يجده، فقال: بأبي الطَّيِّب، طبت حيًّا، وطبت ميتًا


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يۇيغاندا مىيىتتا كۆرىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئىزدەپ تاپالماي: دادام خۇشپۇراق زاتقا پىدا بولسۇن! ھاياتلىرىدا خۇشپۇراق ئىدىلە، ۋاپات بولغاندىمۇ خۇشپۇراق بولدىلا،-دېدى

عن علي بن أبي طالب -رضي الله عنه-، قال: لما غَسَّل النبيَّ -صلى الله عليه وسلم- ذَهَبَ يَلْتَمِسُ منه ما يُلتمس مِن الميِّت، فلم يَجِدْه، فقال: «بأبي الطيِّب، طِبتَ حيًّا، وطِبتَ ميتًا».

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى يۇيغاندا مىيىتتا كۆرىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئىزدەپ تاپالماي: دادام خۇشپۇراق زاتقا پىدا بولسۇن! ھاياتلىرىدا خۇشپۇراق ئىدىلە، ۋاپات بولغاندىمۇ خۇشپۇراق بولدىلا،-دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما غسَّل عليٌّ النبي -صلى الله عليه وسلم- نظر هل يجد من النبي -صلى الله عليه وسلم- ما يجده من سائر الأموات من خروج البول أو الغائط أو ما شابه ذلك؟ فقد يحصل هذا للميت نتيجة لاسترخاء المفاصل، فلم يجد شيئًا من ذلك، فقال علي: أفديك بأبي يا رسول الله، أنت الطيب، طيب وأنت حي، وطيب وأنت ميت.
574;ەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېيىتىنى يۇيۇش ئۈچۈن يېنىغا كەلگەندە، باشقا ئادەتتىكى كىشىلەردىن چىقىدىغان چوڭ-كىچىك تەرەت ۋە ھەر خىل پۇراقتەك نەرسىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىدە بارمىدۇ دەپ قارىغان، چۈنكى مېيىتنىڭ مۇسكۇللىرى بوشۇشۇش نەتىجىسىدە ئادەم بەدىنىدىن ھەر خىل نەرسىلەر كېلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئەلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىدىن بۇنداق نەرسىلەرنى تاپالمىغان ۋە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دادام سىلىگە پىدا بولسۇن! سىلى ھەر زامان خۇشپۇراق، ھاياتلىرىدا خۇشپۇراق ئىدىلە، ۋاپاتلىرىدىمۇ خۇشپۇراق بولدىلا! دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10962

 
Hadith   801   الحديث
الأهمية: قال لي رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «اقترب مني»، فاقتربت منه


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ ماڭا «يېقىنلاشقىن» دېگەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ يىنىغا كەلدىم

عن أبي زيد الأنصاري -رضي الله عنه- قال: قال لي رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «اقتَرِب منِّي»، فاقتربتُ منه، فقال: «أَدْخِلْ يدك فامْسَح ظهري» ، قال: فأدْخلتُ يدي في قميصه، فمسَحتُ ظهْره، فَوَقَع خاتَم النبوة بين إصبعي، قال: فسُئل عن خاتَم النبوة، فقال: «شَعْرات بيْن كتِفيْه».

ئەبى زەيد ئەنسارىدىن رىۋايەت قىلىنىشچە، رەسۇلۇللاھ ماڭا: «يېقىنلاشقىن» دېگەن ئىدى، مەن يېقىنلاشتىم. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: «قولۇڭنى دۈمبەمگە كىرگۈزۈپ، دۈمبەمنى سىلىغىن» دېدى. مەن قولۇمنى رەسۇلۇللاھنىڭ كۆينىكىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ دۈمبىسىنى سىلىدىم. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھنىڭ دۈمبىسىدىكى پەيغەمبەرلىك بەلگىسى بارمىقىمنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدى. كېيىن ئۇ پەيغەمبەرلىك بەلگىسى ھەققىدە سورالغاندا: «ئىككى تارغىقىنىڭ ئارىسىدىكى كەپتەرنىڭ تۇخۇمىدەك بەلگە ئۈستىدىكى بىر قانچە دانە تۈكلەر ئىدى» دەپ جاۋاب بەردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال رسول الله لأبي زيد الأنصاري -صلى الله عليه وسلم-: اقترب مني. فلما اقترب منه قال له: أدخل يدك في قميصي فامسح ظهري. فأدخل يده في قميصه -صلى الله عليه وسلم- فمسح ظهره، فوقع خاتم النبوة بين إصبعيه، فسُئل أبو زيد الأنصاري عن خاتم النبوة: ما هو؟ فقال: شعرات بين كتفيه -صلى الله عليه وسلم-.
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ زەيد ئەنسارىغا: ماڭا يېقىنلاشقىن دېدى، ئۇ كىشى يېقىنلاشقان ۋاقتىدا، رەسۇلۇللاھ: «قولۇڭنى دۈمبەمگە كىرگۈزۈپ، دۈمبەمنى سىلىغىن» دېدى. مەن قولۇمنى رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ دۈمبىسىنى سىلىدىم. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھنىڭ دۈمبىسىدىكى پەيغەمبەرلىك بەلگىسى بارمىقىمنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدى. كېيىن ئۇ پەيغەمبەرلىك بەلگىسى ھەققىدە سورالغاندا: «ئىككى تاغىقىنىڭ ئارىسىدىكى كەپتەرنىڭ تۇخۇمىدەك بەلگە ئۈستىدىكى بىر قانچە دانە تۈكلەر» دەپ جاۋاب بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10964

 
Hadith   802   الحديث
الأهمية: آخر نظرة نظرتها إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كشف الستارة والناس صفوف خلف أبي بكر -رضي الله عنه-


باشتېما:

ئاخىرىقى قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قارىغان ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەردىنى قايرىپ، كىشىلەرنىڭ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارقىسىدا سەپ تۈزۈپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى

عن أنس -رضي الله عنه- قال: «آخِرُ نَظْرة نَظَرْتُها إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كَشَف السِّتارة والناسُ صُفوف خَلْف أبي بكر -رضي الله عنه-، فأراد أبو بكر أنْ يَرْتَدَّ، فأشار إليهم أَنِ امكثُوا وأَلْقى السِّجْفَ، وتُوفِّي مِن آخِرِ ذلك اليوم، وذلك يومَ الإثنين».

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاخىرىقى قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قارىغان ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەردىنى قايرىپ كىشىلەرنىڭ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارقىسىدا سەپ تۈزۈپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەينىگە يېنىشقا تەمشىلىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جايىڭلاردىن قوزغالماڭلار دەپ قول ئىشارىسى قىلىپ پەردىنى چۈشۈرىۋەتتى، ئاشۇ كۈنى دۈشەنبە بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ كۈنى كەچتە ۋاپات بولدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
آخر مرة نظر فيها أنس بن مالك إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- أنه -صلى الله عليه وسلم- كشف الستارة التي بين حجرته وبين المسجد، فرأى الناس يصلون خلف أبي بكر في صفوف، فتنبه أبو بكر لذلك وظن أن النبي -صلى الله عليه وسلم- يريد أن يخرج للصلاة، فأراد أن يتأخر ويصلي في الصف؛ ليأتي النبي -صلى الله عليه وسلم- ويصلي بالناس، فأشار إليهم النبي -صلى الله عليه وسلم- آمرًا لهم بأن يظلوا في أماكنهم ويتموا صلاتهم، ثم أغلق الستارة مرة أخرى، وتوفي النبي -صلى الله عليه وسلم- من آخر ذلك اليوم، وهو يوم الإثنين.
574;ەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاخىرىقى قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قارىغان ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيى بىلەن مەسچىتنىڭ ئارىسىدىكى پەردىنى قايرىپ كىشىلەرنىڭ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە سەپ تۈزۈپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى نامازغا چىقىدىكەن دەپ ئويلاپ كەينىگە يېنىشقا تەمشىلىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئورنۇڭلاردىن قوزغالماي نامىزىڭلارنى تامام قىلىڭلار دەپ بۇيرۇق شەكىلدە قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ پەردىنى چۈشۈرىۋەتتى، بۇ دۈشەنبە كۈنى بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ كۈنى كەچتە ۋاپات بولدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10976

 
Hadith   803   الحديث
الأهمية: لما مات النبي -صلى الله عليه وسلم- قالوا: أين يدفن؟ فقال أبو بكر: في المكان الذي مات فيه


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، ساھابىلار: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەيەرگە دەپنە قىلىنىدۇ؟ دېيىشتى، ئەبۇبەكرى: «ۋاپات بولغان جايغا دەپنى قىلىنىدۇ» دېدى

عن عائشة -رضي الله عنها-، قالت: لما مات النبيُّ -صلى الله عليه وسلم- قالوا: أين يُدْفنُ؟ فقال أبو بكر: في المكان الذي مات فيه.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، ساھابىلار: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەيەرگە دەپنە قىلىنىدۇ؟ دېيىشتى، ئەبۇبەكرى: ۋاپات بولغان جايغا دەپنى قىلىنىدۇ،- دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما مات النبي -صلى الله عليه وسلم- اختلف الصحابة في المكان الذي يدفنونه فيه، فقال أبو بكر الصديق: ادفنوه في المكان الذي مات فيه. وفي بعض الروايات: أن أبا بكر سمع النبي -صلى الله عليه وسلم- يقول: إنه لم يمت نبي من الأنبياء إلا في المكان الذي يحب أن يُدفن فيه.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دەپنە قىلىدىغان ئورۇن توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىپ قالغاندا، ئەبۇبەكرى سىددىق: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋاپات بولغان ئورنىغا دەپنى قىلىڭلار! دېدى. بەزى رىۋايەتلەردە: ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «پەيغەمبەرلەردىن ھەر بېرى ئۆزى دەپنە قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدىغان ئورۇندا ۋاپات بولدى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى سەئەد"تەبەقات كۇبرا" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10980

 
Hadith   804   الحديث
الأهمية: إن موسى كان رجلًا حَيِيًّا ستيرًا، لا يرى من جلده شيء استحياء منه، فآذاه من آذاه من بني إسرائيل


باشتېما:

مۇسا ھەقىقەتەن ئىنتايىن ھايالىق، ھايا قىلغانلىقىدىن بەدىنىنىڭ ھېچ يېرى كۆرۈنمىگۈدەك ياپىدىغان كىشى ئىدى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن ئۇنىڭغا ئازار بەرگەنلەر شۇ سەۋەپتىن ئازار بەردى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: "إنَّ موسى كان رجُلا حَيِيًّا سَتِيرًا، لا يُرى من جِلْده شيء استحياء منه، فآذاه مَن آذاه مِن بني إسرائيل فقالوا: ما يَسْتَتِر هذا التَّستُّر، إلا من عيْب بجلده: إما بَرَص وإما أُدْرة، وإما آفة، وإنَّ الله أراد أن يُبرِّئه مما قالوا لموسى، فَخَلا يوما وَحْده، فَوَضَع ثيابه على الحَجَر، ثم اغتسل، فلما فَرَغ أقْبَل إلى ثيابه ليأخذها، وإن الحَجَر عدا بثوبِهِ، فأخَذَ موسى عصاه وطَلَب الحَجَر، فجعل يقول: ثوبي حَجَر، ثوبي حَجَر، حتى انتهى إلى مَلَإ من بني إسرائيل، فرأوه عُرْيانا أحسن ما خلق الله، وأَبْرَأه مما يقولون، وقام الحَجَر، فأخَذ ثوبه فلَبِسه، وطَفِق بالحجر ضربا بعصاه، فوالله إن بالحجر لنُدْبا مِنْ أَثَر ضَرْبِه، ثلاثا أو أربعا أو خمسا، فذلك قوله: {يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ آذَوْا مُوسَى فَبَرَّأَهُ اللَّهُ مِمَّا قَالُوا وَكَانَ عِنْدَ اللَّهِ وَجِيهًا}" [الأحزاب: 69].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسا ھەقىقەتەن ئىنتايىن ھايالىق، ھايا قىلغانلىقىدىن بەدىنىنىڭ ھېچ يىرى كۆرۈنمىگۈدەك ھالدا ياپىدىغان كىشى ئىدى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن ئۇنىڭغا ئازار بەرگەنلەر شۇ سەۋەپتىن ئازار بەردى»، ئۇلار: ئۇ ئاق كېسەل ياكى يەل پوداقلىق ياكى تىرىسىنىڭ بىر ئەيىپى بولغاچقىلا مۇشۇنداق يىپىنىدۇ،-دەپ سۆز تارقىتىشتى، ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ پىتنىسىدىن پاكلاشنى ئىرادە قىلدى. بىر كۈنى مۇسا ئەلەيھىسسالام يالغۇز كىلىپ، كىيىمىنى سىلىپ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە قويۇپ يۇيۇندى، يۇيۇنۇپ بولۇپ كىيىمنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندە، تاش ئۇنىڭ كىيىمى بىلەن دومىلىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسىنى ئېلىپ: «ھەي تاش! كىيىمىم، ھەي تاش! كىيىمىم» دەپ تاشنى قوغلاپ، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان بىر جامائەتنىڭ يېنىغا كىلىپ قالدى، ئۇلار ئۇنى ئاللاھ ياراتقان ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يالىڭاچ كۆرۈشتى، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارنىڭ سۆز چۆچىكىدىن ئاقلىدى، تاش توختىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام دەرھال كىيىمىنى ئېلىپ كىيىپ، تاشنى ھاسىسى بىلەن ئۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، تاشتا ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۇرغان ئىزىدىن ئۈچ ياكى تۆت ياكى بەش ئىز بار، ئاشۇ ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىدۇر: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى». سۈرە ئەھزاب 69-ئايەت

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان نبي الله موسى -عليه السلام- رجلًا كثير الحياء، يحب الستر والصون، لا يجعل أحدًا يرى شيئا من جلده استحياء منه، فآذاه بنو إسرائيل فقالوا: ما يستتر هذا التستُّر، إلا من عيب بجلده: إما بَرَص، وهو بياض يظهر في الجلد، وإما أُدْرة، وهي نفخة في الخصية، وإما عيب آخر، أو من مرض، وإنَّ الله أراد أن يُبرئه وينزهه مما قالوا، فانفرد موسى يومًا وحده، فوضع ثيابه على حجر، ثم اغتسل، فلما انتهى من اغتساله أقبل إلى ثيابه ليأخذها، فوجد الحجر قد جرى بثوبه، فأخذ موسى عصاه وجرى عريانًا وراء الحجر ليأخذ ثيابه، وجعل يقول: رد إليَّ ثوبي يا حجر. حتى مر على جماعة من بني إسرائيل، فرأوه عريانا أحسن ما خلق الله، وعلموا أنه ليس به مرض ولا عيب، وبرأه الله مما يقولون، وأدرك موسى الحجر، فأخذ ثوبه فلبسه، وجعل يضرب الحجر بعصاه، حتى إن بالحجر آثارًا باقية من ضرب موسى له إما ثلاثة آثار أو أربعة أو خمسة، وهذا الأذى الذي آذاه بنو إسرائيل لنبي الله موسى نزل فيه قوله -تعالى-: {يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ آذَوْا مُوسَى فَبَرَّأَهُ اللَّهُ مِمَّا قَالُوا وَكَانَ عِنْدَ اللَّهِ وَجِيهًا} [الأحزاب: 69]. أي: احذروا أن تكونوا مؤذين للنبي -صلى الله عليه وسلم- كما آذى بنو إسرائيل موسى -صلى الله عليه وسلم- فأظهر الله براءته مما قالوه فيه، وكان موسى صاحب جاه ومنزلة عند الله -تعالى-.
574;اللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بەك ھايالىق كىشى بولۇپ، ھايا قىلغانلىقتىن بەدىنىدىن بىرەر يېرىنى بىرەرسىگە كۆرسەتمەي ئوراپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ بەزىسى ئۇنىڭغا ئازار بېرىپ: ئۇ ياكى تېرىسىدە ئاق كىسەل ياكى يەل پوداقلىق ياكى بىرەر ئەيىپ ياكى كېسەل بولغاچقا مۇشۇنداق ئورۇنۇپ يۈرۈيدۇ،- دەپ سۆز-چۆچەك قىلىشتى. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى كىشىلەرنىڭ بۇ پىتنىسىدىن ئاقلاشنى ئىرادە قىلدى. بىر كۈنى مۇسا ئەلەيھىسسالام يالغۇز كېلىپ، كىيىملىرىنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە قويۇپ يۇيۇندى، يۇيۇنۇپ بولۇپ كىيىمنى ئېلىش ئۈچۈن تاشنىڭ يېنىقا كەلگەندە تاشنىڭ كېيىمىنى بىلەن دومىلاپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسىنى ئېلىپ، يالىڭاچ ھالەتتە تاشنىڭ كەينىدىن: ھەي تاش! كېيىمىمنى قايتۇرۇپ بەرگىن، دەپ توۋلاپ يۈگۈرۈپ، ھەتتا ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتتى، ئۇلار ئۇنى يالىڭاچ ھالىتىدە ئاللاھ ياراتقان ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە كۆرۈپ، ئۇنىڭدا كېسەلمۇ ۋە ئەيىپمۇ يوقلىقىنى بىلىشتى، ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىدىن پاكلىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام تاشقا يىتىشىۋىلىپ، دەرھال كىيىمىنى ئېلىپ كەيدى ۋە تاشنى ھاسىسى بىلەن ئۇرۇپ كەتتى. تاشتا ھەقىقەتەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇشىدىن قىلىپ قالغان ئۈچ ياكى تۆت ياكى بەشچە ئېزلار بار. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن بۇ ئازار توغرىسىدا نازىل بولغان: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى»، سۈرە ئەھزاب 69-ئايەت. يەنى: سىلەر ئىسرائىل ئەۋلادلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئازار بەرگەندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئازار بېرىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزىدىن پاكلىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئابرۇيلۇق ۋە مەرتىۋىلىك كىشى ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10992

 
Hadith   805   الحديث
الأهمية: ما من بني آدم مولود إلا يمسه الشيطان حين يولد، فيستهل صارخًا من مس الشيطان، غير مريم وابنها


باشتېما:

ھەر قانداق ئادەم بالىسى تۇغۇلغاندا شەيتان ئۇنى تۇتىدۇ، بالا شەيتاننىڭ تۇتىشىدىن قاتتىق يىغلايدۇ، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ سىرتىدا

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: سمعتُ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «ما مِن بَني آدم مَوْلودٌ إلا يَمَسُّه الشيطانُ حِين يُولَد، فيَسْتَهِلُّ صارخصا مِن مَسِّ الشيطان، غير مريم وابنها» ثم يقول أبو هريرة: {وإنِّي أُعِيذُها بك وذُرِّيَّتَها من الشَّيطان الرَّجِيمِ}.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەر قانداق ئادەم بالىسى تۇغۇلغاندا شەيتان ئۇنى تۇتىدۇ، بالا شەيتاننىڭ تۇتىشىدىن قاتتىق يىغلايدۇ، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ سىرتىدا» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كل مولود يولد يطعنه الشيطان في جنبه، فيرفع صوته بالبكاء ويصرخ عقب الولادة مباشرة بسبب ذلك الطعن الذي طعنه الشيطان، إلا مريم وابنها عيسى -عليهما السلام-، فإن الله عصمهما منه عند الولادة، لدعوة أم مريم إذ قالت: {وإنِّي أُعِيذُها بك وذُرِّيَّتَها من الشَّيطان الرَّجِيمِ} فاستجاب الله دعوة أم مريم، فحفظ مريم وابنها عيسى من نخس الشيطان المطرود من رحمة الله -تعالى-، ولم يكن لمريم ذرية غير عيسى -عليه السلام-، وهذا المس أو الطعن من الشيطان على حقيقته، وليس معناه طمع الشيطان في إغواء الإنسان كما قال بعض المعتزلة، بل يجب الإيمان بهذا على حقيقته، كما هو مذهب أهل السنة والجماعة.
726;ەرقانداق بالا تۇغۇلغاندا شەيتان ئۇنىڭ بىقىنىغا نوقۇيدۇ، بالا تۇغۇلۇپلا شەيتاننىڭ ئاشۇ نوقىشىدىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ۋاقىراپ يىغلايدۇ، پەقەت مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، مەريەمنىڭ ئانىسى ئۆز ۋاقتىدا: {مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن} دېگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئىككىسىنى شەيتاننىڭ نوقىشىدىن ساقلاپ قالغان، ئاللاھ تائالا مەريەمنىڭ ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىيسانى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ نوقىشىدىن ساقلاپ قالدى. مەريەمنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پەرزەنتى بولمىغان ئىدى. شەيتاننىڭ بۇ تۇتىشى ياكى نوقىشى ھەقىقى بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى بەزى مۇئتەزىلىلەر دېگەندەك ئىنساننى ئازدۇرۇش تەمەسىدە بولۇش ئەمەس، بەلكى بۇنىڭغا ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە رېئاللىقتىكى نوقۇش مەنىسىدە ئىشىنىش ۋاجىپ بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10994

 
Hadith   806   الحديث
الأهمية: لا ينبغي لعبد أن يقول: أنا خير من يونس بن مَتَّى


باشتېما:

بىرەر بەندە مېنى يۇنۇس ئىبنى مەتتادىن ياخشى دېسە بولمايدۇ

عن ابن عباس -رضي الله عنهما- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «لا يَنْبغي لِعَبْدٍ أنْ يقول: أنا خيرٌ مِن يونس بن مَتَّى» ونسبه إلى أبيه.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «بىرەر بەندە مېنى يۇنۇس ئىبنى مەتتادىن ياخشى دېسە بولمايدۇ» دەپ، ئۇنى ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن تىلغا ئالغانلىقىنى رىۋايەت قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لا يجوز لأحد أن يقول: إنه أفضل من يونس بن متَّى -عليه السلام-، ومتَّى هو أبوه وليس أمه كما يظن بعض الناس، ويونس بن متَّى نبي كريم من أنبياء الله -تعالى- الذين جاءوا بالهدى والنور؛ لإخراج الناس من الظلمات. وقد قال النبي -صلى الله عليه وسلم- ذلك تواضعًا؛ لأنه من المعلوم أنه -صلى الله عليه وسلم- أفضل ولد آدم، أو أنه قال ذلك قبل علمه بأنه أفضل البشر، وخص يونس -عليه السلام- بهذا القول؛ لما يخشى على من سمع قصته أن يقع في نفسه تنقص له، فبالغ -صلى الله عليه وسلم- في ذكر فضله؛ لسد هذه الذريعة، وقد روى قصته السدي عن ابن مسعود وغيره: أن الله بعث يونس إلى أهل نينوى -وهي من أرض الموصل- فكذبوه، فوعدهم بنزول العذاب في وقت معين، وخرج عنهم مغاضبًا لهم، فلما رأوا آثار ذلك خضعوا لله وتضرعوا، وآمنوا فرحمهم الله، وكشف عنهم العذاب، وذهب يونس، وركب سفينة فأوشكت على الغرق، فاقترعوا فيمن يطرحونه فوقعت القرعة عليه ثلاثًا، فطرحوه، فابتلعه الحوت {فَنَادَى فِي الظُّلُمَاتِ أَن لاَ إِلَهَ إِلا أَنتَ سُبحَانَك إِنِي كُنتُ مِنَ الظَّالِمينَ} فاستجاب الله له، وأمر الحوت بطرحه على ساحل البحر، وأنبت الله عليه شجرة من يقطين تظله.
576;ىرەرسىنىڭ رەسۇلۇللاھنى يۇنۇس ئىبنى مەتتادىن ئەۋزەل دېيىشى توغرا بولمايدۇ، مەتتا بەزى كىشىلەر گۇمان قىلغاندەك يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئاتىسى يۇنس ئىبنى مەتتا ئىنسانلارنى زۇلمەتلەردىن چىقىرىش ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نۇر ئېلىپ كەلگەن ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن ئېسىل بىر پەيغەمبەردۇر. رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزنى كەمتەرلىك يۈزسىدىن دېگەن، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى ئىكەنلىكى مەلۇم ياكى بۇ سۆزنى ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن ئىلگىرى دېگەن. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئۇنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكى كىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پەزىلىتىنى ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە تىلغا ئالغان. سۇدى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى ئىبنى مەسئۇد ۋە باشقىلاردىن مۇنداق رىۋايەت قىلدى: ئاللاھ يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى نەيناۋا - ئىراقنىڭ موسىل شەھىرىگە توغرا كېلىدۇ - ئاھالىسىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، ئۇلار ئۇنى يالغانغا چىقاردى، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى مۇئەييەن ۋاقىتتا ئازاب چۈشىدىغانلىق بىلەن ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن غەزەپلىنىپ چىقىپ كەتتى، ئۇلار ئازابنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرگەندە ئاللاھقا يىلىنىپ يالۋۇرۇپ، ئىمان ئېيتىشتى، ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلىپ، ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرىۋەتتى. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام كىتىپ، بىر كىمىگە چۈشتى، كىمە چۆكۈپ كەتكىلى تۇرغاندا ئۇلار دېڭىزغا تاشلايدىغان كىشى ئۈچۈن چەك تاشلاشتى، چەك ئۈچ قېتىم يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغا چىققاندىن كىيىن، ئۇلار يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى دېڭىزغا تاشلىدى، بىر كىت يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى يۇتىۋەتتى، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم! سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، سەن پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم، دەپ نىدا قىلدى»، ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئايىنى ئىجابەت قىلىپ، كىتكە ئۇنى دېڭىز ساھىلىغا تاشلاشقا بۇيرىدى ۋە ئۇنىڭغا سايە تاشلاپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىر كاۋا دەرىخىنى ئۆستۈرۈپ بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 10997



© EsinIslam.Com Designed & produced by The Awqaf London. Please pray for us