عن جابر بن عبد الله الأنصاري -رضي الله
عنهما- قال: «شَهِدْتُ مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- صلاة الخوف
فَصَفَفْنَا صَفَّيْنِ خلف رسول الله -صلى الله عليه وسلم- والعدو بيننا
وبين القبلة، وكَبَّرَ النبي -صلى الله عليه وسلم- وكَبَّرنا جميعا، ثم ركع
ورَكَعْنا جميعا، ثم رفع رأسه من الركوع ورفعنا جميعا، ثم انحدر بالسجود
والصف الذي يليه، وقام الصَّفُّ الْمُؤَخَّرُ في نَحْرِ الْعَدُوِّ، فلما
قضى النبي -صلى الله عليه وسلم- السجود، وقام الصفّ الذي يليه انْحَدَرَ
الصَّفُّ الْمُؤَخَّرُ بالسجود، وقاموا، تَقَدَّمَ الصَّفُّ الْمُؤَخَّرُ,
وَتَأَخَّرَ الصَّفُّ الْمُقَدَّمُ، ثم ركع النبي -صلى الله عليه وسلم-
وركعنا جميعا، ثم رفع رأسه من الركوع ورفعنا جميعا، ثم انحدر بالسجود،
والصفّ الذي يليه -الذي كان مُؤَخَّرا في الركعة الأولى- فقام الصَّفُّ
الْمُؤَخَّرُ فِي نَحْرِ الْعَدُوِّ، فلما قضى النبي -صلى الله عليه وسلم-
السجود والصف الذي يليه: انْحَدَرَ الصَّفُّ الْمُؤَخَّرُ بالسجود، فسجدوا
ثم سلَّم -صلى الله عليه وسلم- وسَلَّمْنا جميعا، قال جابر: كما يصنع
حَرَسُكُمْ هؤلاء بأُمرائهم».
وذكر
البخاري طرفا منه: «وأنه صلى صلاة الخوف مع النبي -صلى الله عليه وسلم- في
الغزوة السابعة، غزوة ذات الرِّقَاعِ».
جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
بىلەن خەۋپ نامىزىغا قاتناشتىم، بىز رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىدا ئىككى سەپ بولۇپ
تۇردۇق، دۈشمەن بىز بىلەن قىبلە ئارىلىقىدا ئىدى، رەسۇلۇللاھ تەكبىر
ئوقۇدى، ھەممىمىز تەكبىر ئوقۇدۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ رۇكۇ قىلدى، بارلىق
جامائەت رۇكۇ قىلدۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ رۇكۇدىن تۇردى، بىزمۇ ھەم تۇردۇق،
ئاندىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى سەپ سەجدىگە باردى، ئارقىدىكى سەپ
دۈشمەن قارشىسىدا ئۆرە تۇردى، رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى سەپ سەجدىنى
تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇرغاندا، ئارقىدىكى سەپ سەجدىگە باردى، ئۇلار سەجدىدىن
تۇرغاندا، كەينىدىكى سەپ ئالدىغا، ئالدىدىكى سەپ كەينىگە ئۆتۈپ ئورۇن
ئالماشتۇردى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رۇكۇ قىلدى،
بىز ھەممىمىز رۇكۇ قىلدۇق، ئاندىن رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە بىزمۇ
بېشىمىزنى كۆتۈردۇق، ئاندىن رەسۇلۇللا ۋە يىنىدىكى سەپتىكىلەر (بىرىنچى
رەكەتتە ئارقىدا تۇرغانلار) سەجدىگە باردى، ئارقا سەپتىكىلەر دۈشمەن
قارشىسىدا ئۆرە تۇردى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ۋە يىنىدىكى
سەپتىكىلەر سەجدىنى تۈگەتكەندە ئارقا سەپتىكىلەر سەجدىگە باردى، ئۇلار
ھەممىسى سەجدە قىلىپ بولغاندا رەسۇلۇللاھ سالام بەردى، بىزمۇ سالام
بەردۇق»، جابىر: «خۇددى قوغدۇغۇچىلىرىڭلار باشلىقلىرىغا تۇرغاندەك» دېدى.
بۇخارى بۇ ھەدىسنىڭ بىر قىسمىنى رىۋايەت قىلىپ: جابىر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن «زاتۇر رىقا» دېگەن يەتتىنچى قېتىملىق غازاتتا خەۋپ
نامىزى ئوقۇغان» دېگەن