عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما-
«أن رسول الله - صلى الله عليه وسلم - اصْطَنَعَ خَاتَمًا من ذهب، فكان
يجعل فَصَّهُ في باطن كَفِّهِ إذا لَبِسَهُ، فصنع الناس كذلك، ثم إنه جلس
على المنبر فَنَزَعَهُ فقال: إني كنت أَلْبَسُ هذا الخَاتَمَ , وأجعل
فَصَّهُ من داخل, فرمى به ثم قال: والله لا أَلْبَسُهُ أبدا فَنَبَذَ الناس
خَواتِيمَهُمْ».
وفي
لفظ «جعله في يده اليمنى».
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇما بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
ئالتۇندىن بىر تال ئۈزۈك ياساتقان، ئۇنى تاقىغاندا كۆزىنى ئالقىنى تەرەپكە
قىلىۋالاتتى، ساھابىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك ياساتتى. ئاندىن كېيىن بىر
كۈنلەردە رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ ئۈزۈكنى ئېلىۋەتتى ۋە مۇنداق
دېدى: مەن بۇ ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى قولۇمنىڭ ئىچى تەرەپكە قىلىپ تاقايتىم، دەپ
تاشلىۋەتتى ۋە مۇنداق دېدى: ئاللاھ بىلەن قەسەم بۇنداق ئۈزۈكنى ھەرگىز
تاقىمايمەن دېدى. ساھابىلەرمۇ ئۈزۈكلىرىنى تاشلىۋېتىشتى. يەنە بىر
ئىبارىدە: رەسۇلۇللاھ ئۈزۈكنى ئوڭ قولىغا سالغان، دەپ كەلگەن